غېنى سەمەت: ۋەزخان
ۋەزخانغېنى سەمەت
«ئەييۇھانناس!
ئىشتىڭلار ئامۇ – خاس،
ئەر – ئايالۇ، قېرى - ياش.
ئاڭلىمىدىم دېمەڭلا،
ئوبدان قولاق سېلىڭلا...»
مۇشتۇمدەك چېغىمدا
چوڭ مەسجىدنىڭ ئالدىدا
قۇۋان مەدداھ مۇشۇنداق باشلايتتى خالىس لېكسىيەسىنى
تۆكۈلەتتى داستان – قىسسەلەر تۆشۈك قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك
ھەيرانۇ – ھەس قالغانتىم تىلنىڭ گۈزەللىكىدىن
مەرھۇم تەمەسىز ئىدى
يەكتىكى ياراشقان ساقىلىدىنمۇ بەك
ۋەز ئېيتساڭ بولاۋېرىدۇ ھازىر
گاچا بولمىساڭلا
بالا تەربىيەلەش ھەققىدە سۆزلە
دادا بولمىساڭلا
بىرسى سۆزلىمەكتە
يەنە بىرسىمۇ سۆزلىمەكتە
تۇغۇتى قىستىغان چوكاندەك ئالدىراش
تارىخ بىلەن نېمە كارى
ھۆرمەت بىلەن نېمە چاتىقى
رېئاللىقتىكى ئەڭ جىددىي مەسلىنى ھەل قىلماقچى
بارلىق ئىدىيە كىشەنلىرىنى تەلتۈكۈس پاچاقلاپ تاشلىماقچى
دۆۋە – دۆۋە ۋەزخورلار بىر – بىرىگە قۇلاق بېرىشمەي تىڭشىماقتا
ھەپسىدىن قۇتۇلۇشقا تەشنا مەھبۇستەك
شۈنچە قاچساممۇ
مېنى جاھالەتتە قالمىسۇن دەپ
ئاتايىن كېلىپ دەپ بېرىدۇ ئاشۇ ئۇلۇغ دۇردانىلەرنى
بىر ئاغىنەم ياكى باشقا بىر نەرسە
قۇلۇقۇمدىن چاتاق چىقمىغىنىغا مىڭ قەتلە شۈكرى!
ئەي ۋەزخان
چۆنتىكىڭ ئامان بولسۇن!
تىلىڭنى قۇچقاچ چوقىلىۋالمىسۇن!
سەن ئىنكار قىلغان تارىخ سېنى ئەسلەپ سالىدۇ
قۇلاق تۈۋىمدە يەنە شۇ ئاۋاز:
ئەييۇھانناس!
ئىشتىڭلار ئامۇ – خاس...
2015—01-09 ئۈرۈمچى – ئۆي
چىسلا ئەسلى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىدى، خاتا كېتىپتۇ. ئۆزۈر. شىئېردىكى مەزمۇننى ياختۇرغانلىقىم ئۇچۇن بۇ ئىنكاس يېزىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yerimnan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-8 19:36
ئەسكەرتىش :ئەلىگە بېغىشلايمەن
ئېغىر ئالماسسىز؟!:) ھەي قۇۋان مەدداھ …قۇۋان مەدداھ، تۇغما گاچا بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان بولساڭمۇ ،ھىچ بولمىسا ئۆيدىكى خوتۇن بالا چاقىلىرىڭغىلا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسەڭمۇ بوپتىكەن…ھا ھا ھا كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم .نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنىمۇ چۈشەندىم . ھە ھازىرمۇ چاشنى ئۇزۇن قويۇپ يۈرەمسىز ؟ ياخشى چىقىپتۇ.
غېنى ھازىر چېچىنى چۈشۈرۈپ 'راھىپ' بولىۋاپتۇ. satirax يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 20:45 static/image/common/back.gif
تۇغرا گەپكەن ھە شۇ(ج ا پ قىرىسا بۈۋۈم بۇلىدۇ )دىگەن.
ي ...
ئۆزۈڭگە ئوخشاتما ئۇنداق،گۇناھ بۇلىدۇ باشقىلارنى كەلسە-كەلمەس ئوخشىتىۋالساڭ ئۆزۈڭگە:lol :lol :lol تازچاق شائىر بالىلىقتىكى مەدداھلارنى ئېسىگە ئەپقاپتۇدە(كۈلگەن چىراي ئىپادىسى) nijat يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 20:30 static/image/common/back.gif
ياخشى چىقىپتۇ.
غېنى ھازىر چېچىنى چۈشۈرۈپ 'راھىپ' بولىۋ ...
نوم ئىزدەپ يۈرمىگەندۇ ؟
بەت:
[1]