KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 15:10:22

ئىنسانلارنىڭ «ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش»تىكى 10چوڭ كەشپىياتى

ئىنسانلارنىڭ «ئۆزىنى  مۇكەممەللەشتۇرۇش»تىكى  10چوڭ  كەشپىياتى

1-        يالغان چىش (مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىر )
ئىتسىسكانلار تۇنجى بولۇپ ئالتۇن چىش سالدۇرغانلار بولۇپ، رىم ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يالغان چىش  سالدۇرغان. ئالتۇن چىشتىن باشقا، دۇختۇرلار يەنە پىل چىشى، كالا مۇڭگىزى، ياغاچتىن ياسالغان يالغان چىش ھەمدە  ئادەملەر چىشىدىن پايدىلىنىپ چىش سالغان. 19-ئەسىردىن كېيىن ساپال چىش بارلىققا كەلگەن.
2-        يالغان پۇت-قول (مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىر)
قەدىمقى گىرېتسىيەلىك تارىخشۇناس شىلودود ياغاچتىن ياسالغان تۇنجى يالغان پۇت  ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە تاسما  قىسقۇچ بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلغان تۆمۈر ئىلمەك ۋە ياغاچ پارچىسىدىن ياسالغان يالغان قول بارلىققا كەلگەن . فىرانسىيەلىك تاشقى  كىسەللىكلەر دۇختۇرى ئامبىلۋاس 1552-يىلى تىز بوغۇمى بار بولغان يالغان پۇتنى لاھىيلەپ چىققان.
3-        ئاۋدىفون (1878-يىل)
ئىنژىنېر ۋېرنا سېمىس دۇنيىادىكى تۇنجى ئاۋدىفۇننى (ئاڭلاشقا ياردەم بىرىدىغان ئاپپىرات) كەشىپ قىلدى. بۇ ئۈسكۈنە پەقەتلا ئاۋازنى كۈچەيتىپ، تىڭشىغۇچقا يەتكۈزۈپ بىرەتتى. بىراق ھازىر تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان ئاۋاز كۈچۈرىدىغان ئۆزەك بولسا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان سىگنالنى ئېلىكتېر قۇتۇبىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، قۇلاق قىسمىنىڭ نېرۋىللىرىنى غىدىقلىيالايدۇ.
4-        سۈنئى قان تۇمۇر (1882-يىلى)
ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەنگىلىيەلىك گىرىك ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى خىزمەتدىشى دوكتور جالېر سۆڭەك ۋە ئەينەكتىن ياسالغان كىچىك ئورام ۋە قۇش پىيىنى قان تومۇرنىڭ ئورنىدا سىناپ كۆرگەن. لىكىن تىبابەت ئەمەلىيىتىدە تاكى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە، ئامېركا ئىئانە قىلىنغان ۋېنا قان تومۇردىن پايدىلىنىپ،«بىيۇلىگىيەلىك يالغان پۇت-قول» ياساپ  چىققاندىن  كىيىن، ئاندىن پۈتكۈل قان تومۇرنى ئالماشتۇرۇش ئۇپراتسىيەسى كېڭەيتىلىشكە باشلىغان. نۆۋەتتە، بىمارلارنىڭ غول ھۈجەيرىسى ئارقىلىق سۈنئىي قان تومۇر يىتىشتۇرۇلمەكتە.
5-        سۈنئىي بوغۇم (1890-يىلى)
گېرمانىيەلىك سېمىس توڭلىس.گرۇك پىل چىشىدىن ياسالغان سۈنئىي بۇغۇمنى كەشىپ قىلىپ، ئەمەلىيەتتە مۇۋەپپىقىيەتلىك قوللانغان.1946-يىلى فىرانسىيەلىك رېيد ئاكا- ئۇكۇلار پىروپىل قەۋىتىدىن سۆڭەك ياساپ چىقىپ، بۇغۇم ئالماشتۇرۇش ساھاسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان، بىراق ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سۈنئىي بۇغۇملار پولىئېتىلېندىن ياسىلىدۇ.
6-        سۈنئىي بۆرەك (1953-يىلى)
ئامېركىلىق يوھان ئابېر كەشىپ قىلغان قاننى دىئالىزلاش ئەسۋابى سۈنئىي بۆرەكنىڭ ئىپتىدائى شەكلى بۇلۇپ قالغان . سۈنئىي بۆرەك بىمارلار  قان بېسىمىنىڭ ئېنېرگىيەگە ئىرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
7-        سۈنئىي يۈرەك (1953-يىلى )
ئامېركىلىق تاشقى  كىسەللىكلەر دوختۇرى يوھان بىمارلارنىڭ بەدەن ئالاھىلىكىگە ئاساسەن سۈنئىي يۈرەكنىڭ تۇنجى مودىلىنى كەشىپ قىلىپ، ئوپېراتسىيەدە مۇۋەپپىقىيەتلىك قوللانغان.2010-يىلى يۈرەك تاشقى كىسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ ۋىراجى لىئۇ بوكلىيا پۈتۈن ئاپتۇماتىك سۈنئىي يۈرەك  ياساپ  چىققان.
8-        ئېلىكتىرىك قول (2007-يىلى )
تاچى بىيۇ تېخنىكا شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى ئېلېكتىرىك قولنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، بۇ ئېلېكتىرىك قول ھەر خىل جىسىملارنى تۇتالايدىغان بۇلۇپ، قول بارماقلىرى ئايرىم-ئايرىم ھەركەتلىنەلەيدۇ.
9-        ئېلىكتىرىك كۆز (2012-يىلى )
Second sight شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «ئارگۈس-2» سۈنئىي كۆز سىمسىز ئانتىنا ھەمدە كامېرا ۋە ئۆزەك ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە كۆزئەينەكتىن تۈزۈلگەن. كامېرا قۇبۇل قىلغان سىگناللار بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، كۆزنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى ۋە كۆرۈش نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلايدىغان رېتسېپتورغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر جىسىملارنى تەخمىنەن پەرق ئېتەلەيدۇ، ھەتتا چوڭ ھەرىپلەرنى ئوقۇيالايدۇ.
10-        سۈنئىي بەدەن (2013-يىلى)
2013-يىلى ئامېركا ئېلىكتېرىك نېرۋا تېخنىكا سىستېمىسى شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى brain gatr تەقلىد قىلىنغان سىرتقى ئىسكىلىتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، بۇنى پۇتۇنلەي پالەچ  بولۇپ قالغان بىمارلار ئۈچۈن ياسالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىر قۇر كىيىم دېيىشكە بۇلىدۇ. بىمارلارنىڭ چوڭ مىڭىسىگە بىر نىرۋا ئۆزىكى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىيىمدىكى كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىمارلار «ھەركەت قىلىپ» بەزى ئاددىي ئىشلارنى تاماملىيالايدۇ. تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىيىم نۆۋەتتە كىلىنكىلىق سىناق قىلىنماقتا .

مەنبە: خوتەن گىزىتى


بەت: [1]
: ئىنسانلارنىڭ «ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش»تىكى 10چوڭ كەشپىياتى