enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 14:59:42

جورجى ئوۋلېر:1984

1984
(رومان)
جورجى ئوۋلېر
ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى

بىرىنچى بۆلۈم
   4-ئاينىڭ ھاۋا ئوچۇق، سوغۇق بىر كۈنى. سائەت مۇنارى 13 قېتىم داڭ ئۇردى. بوران كۈچلۈك ئىدى، ۋېنىستون شىمىس ئىڭىكىنى مەيدىسىگە چاپلاپ يۈزىگە سوغۇق تېگىشتىن مۇداپىيەلەندى. ئۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە غالىبىيەت بىناسىنىڭ ئىشىگىدىن كىرىپ كەتتى، لېكىن كۈچلۈك بوران ئۇچۇرۇپ كەلگەن قۇم-توپىلار يەنىلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىردى.
   ئۇ كارىدورغا كىرىشى بىلەنلا قاينىتىلغان كاپۇستا بىلەن چىرىگەن بورىنىڭ پۇرىقى ئۇرۇلدى. كارىدورنىڭ بىر چېتىدىكى تامغا چوڭلۇقى ئەسلى ئۆي ئىچىگە ماس كەلمەيدىغان بىر رەڭلىك سۈرەت چاپلانغان ئىدى. سۈرەتتىكىسى ئۇزۇنلىقى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان بىر ئەرنىڭ يۈزى بولۇپ، قارىماققا 45 ياشلار چامىسىدا، قويۇق بۇرۇت قويىۋالغان، ئومۇمىي ئوبرازى قوپال بولسىمۇ مۇلايىملىق ئارىلىشىپ كەلگەن كىشى ئىدى. ۋېنىستون پەلەمپەيدىن مېڭىپ چىقتى. ئەڭ ئوڭۇشلۇق كۈنلەردىمۇ لىفىتنىڭ نورمال ماڭغىنىنى ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايتتى، بۈگۈن كۈندۈزدە توك مەنبەسىمۇ ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. «ئاداۋەت ھەپتىلىگى» ھارپىسىدا ھەممىنى تېجەشكە توغرا كېلەتتى. ۋېنىستون 8-قەۋەتتە ئولتۇراتتى، ئۇ گەرچە ئەمدىلا 39 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوڭ پۇت ھوشۇقىنىڭ ۋېنا تومۇرى ئەگرى-بۈگرى بۈرتۈپ چىققاچقا ئاستا مېڭىشقا مەجبۇر ئىدى، يول ئارىلىقىدا تېخى نەچچە قېتىم دەم ئالاتتى. ھەر بىر قەۋەتكە چىققاندا لىفىتنىڭ ئۇدۇلىغا ئېسىلغان ئاشۇ سۈرەتنىڭ سىزگە تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىڭىز. بۇ سۈرەتنىڭ لاھىيىلىنىشى ئالاھىدە بولۇپ مەيلى سىز قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭماڭ ئاشۇ بىر جۈپ كۆز ھامان سىزگە ئەگىشەتتى. سۈرەتنىڭ ئاستىدا مۇنداق چۈشەندۈرۈش بار ئىدى: غوجىئاكاڭ سېنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ.
   ۋېنىستون ئۆز ئۆيىگە پۇت ئاتلىشى بىلەنلا بىر جاراڭلىق ئاۋازنى ئاڭلايتتى، ئۇ قانداقتۇر چۆيۈن ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان سانلارنىڭ رېتىملىق توۋلىنىشى ئىدى. ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تامغا بىر تۆت چاسا تۆمۈر تاختا ئورنىتىلغان بولۇپ، قارىماققا بىر پارچە تۇتۇق ئەينەككە ئوخشايتتى، ھېلىقى ئاۋاز دەل ئاشۇ يەردىن كېلەتتى. ۋېنىستون ئۈز-چاتنى تەڭشەپ ئاۋازنى پەسلەتتى، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش سان- سىفىرلىرىنى يەنىلا ئېنىق ئاڭلىغىلى بولاتتى. بۇ تۆمۈر تاختا دەل «ئېكران» بولۇپ، سۈرەت يۈزىنىڭ يورۇق-قاراڭغۇلىقىنى تەڭشىگىلى بولاتتى، بىراق ئۇنى پۈتۈنلەي ئېتىۋەتكىلى بولمايتتى. ئۇ دەرىزە ئالدىغا كەلدى. ئەسلىدىنلا ۋىجىك كەلگەن ۋېنىستون پارتىيىنىڭ كۆك فورمىسىنى كىيگەندىن كېيىن تېخىمۇ ۋىجىكلەپ كەتكەندەك كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ چېچى سېرىق، يۈزى قىزىل بولۇپ، پەقەت تېرىسى ناچار سوپۇن بىلەن گال تىغ ۋە تېخى باياتىنلا ئېلان قىلىنغان قەھرىتان سوغۇقنىڭ يالىشى بىلەن ئىنتايىن يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى.
   ئۇ ھىم ئېتىلگەن دەرىزىدىن قارىغان بولسىمۇ تالا يەنىلا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. كوچىدا قەغەز پارچىلىرى بىلەن قۇم-توپىلار بوراندا ئۇچۇپ نۇرغۇن چوڭ-كىچىك قۇيۇن ھاسىل قىلغان ئىدى. ھاۋا ئوچۇق، ئاسمان كۆپ-كۆك بولسىمۇ، ئەمما قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان رەڭلىك سۈرەتتىن باشقا ھېچقانداق رەڭنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ بۇرۇتلۇق چوڭ يۈزى ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن سىزگە تىكىلىپ تۇراتتى. ۋېنىستوننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر پارچە سۈرەت بار ئىدى: غوجىئاكاڭ سېنى نازارەت قىلىدۇ. ئۇ بىر جۈپ قاراكۆز خۇددى ئېلېكتىر چىرىقىدەك ئۇدۇل ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى كۆرەتتى. كوچىدىكى بىر پارچە رەڭلىك سۈرەتنىڭ بىر تەرىپى ئاجراپ كەتكەن بولۇپ، شامالدا لەپپەڭشىپ تۇراتتى، سۈرەتنىڭ ئاستىدىكى «ئەنگىلىيە سوتسىيالىزىمى» دېگەن خەتنىڭ قىسقارتىلمىسىمۇ شۇ سەۋەپتىن گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيتتى. يىراقتا بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلان پات-پات كىشىلەرنىڭ ئۆگزىسى ئۈستىدىن خۇددى بىر يوغانباش چىۋىندەك ئۇچۇپ ئۆتۈپ، بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كېتەتتى. ئۇ چارلاش ساقچىلىرىنىڭ تىك ئۇچارى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دەرىزىسىدىن ئۆي ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى كۈزىتەتتى. چارلاش ساقچىلىرىنىڭ قورققۇدەك يېرى يوق، پەقەت ئىدىيە ساقچىلىرىلا جاننى ئالاتتى.
   ۋېنىستوننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئاۋۇ ئېكران تېخىچە توختىماي ۋاتىلداپ تۆمۈر رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە 9- ئۈچ يىللىق پىلاننىڭ ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغانلىقى توغرىسىدىكى سان-سىفىرلارنى مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. ئېكران كۆرسۈتۈشنى بىلىپلا قالماي يەنە قوبۇل قىلالايتتى. پەقەت سىزنىڭ ئۆرە تۇرغان ياكى ئولتۇرغان يېرىڭىز ئېكراننىڭ كۆرۈش دائىرىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە بولسىلا ئۇنداقتا سىزنىڭ بارلىق سۆز-ھەرىكىتىڭىزنى غوجىئاكا بىرنى قويماي قوبۇل قىلىۋالاتتى. ئەلۋەتتە، سىز قاچان ئۇنىڭ سىزنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىڭىز. ئىدىيە ساقچىلىرى زادى قايسى ۋاقىتتا ياكى قانداق ئۇسۇل بىلەن قايسى ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى ئاڭلىدى، ئەڭ ياخشىسى بۇنى ئۆزىڭىز پەرەز قىلىۋېلىڭ. بەلكى ئۇلار ھەر ۋاقىت سىزنى كۈزىتىپ تۇرىدىغاندۇ. ئىشقىلىپ، ئۇلار قاچان خىيالىغا كەلسە شۇ چاغدا سىزگە يېقىنلىشاتتى. سىز ھايات بولسىڭىزلا چوقۇم بۇ پەرەزنى قىلسىڭىز بولىدۇ: سىزنىڭ ھەر بىر گەپ-سۆزىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، قاراڭغۇ جايدىن باشقا ھەرقانداق جايدا سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىز باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. دەسلىپىدە بۇ كۆڭۈلدىكى بىر ئېھتىيات بولسا، بارا-بارا بىر خىل تەبىئىي ئىقتىدارغا ئايلىنىدۇ.
   ۋېنىستون ئېكرانغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇردى. بۇنداقتا بىرئاز بىخەتەر بولاتتى، گەرچە ئۇ، ئادەم دۈمبىسىدىن بەزىدە مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ. غالىبىيەت بىناسىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئۇنىڭ ئىشخانىسى ـــــ ھەقىقەت بۆلۈمى بار بولۇپ، ئۇ تۆت ئەتراپىنى قاراڭغۇلۇق ئوراپ تۇرغان بىر ئاق بىنا ئىدى. بۇ يەر دەل «1-نومۇرلۇق سۇ يولى»دىكى چوڭ شەھەر لوندون ئىدى، بىراق «1-نومۇرلۇق سۇ يولى» ئوكيان مەملىكىتىدىكى نوپۇسى ئەڭ زىچ  3-ئۆلكە ئىدى، بۇنى ئويلاپ ۋېنىستوننىڭ بىرئاز كۆڭلى ئېلىشتى. ئۇ قېتىرقىنىپ ئويلىنىپ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى قېدىرىپ لوندوننىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىنىڭ زادى ھازىرقىغا ئوخشايدىغان-ئوخشىمايدىغانلىقىنى سېلىشتۇرماقچى بولدى. ئۇ چاغدىكى لوندوننىڭ ئۆيلىرى ھەممە يېرى لەپپەڭشىپ ئۆرۈلگىلى ئاران تۇرغان 19-ئەسىر قۇرۇلۇشلىرى بولغىيمىدى؟ ئۆينىڭ 4 ئەتراپىنى چوڭ ياغاچ تۈۋرۈك بىلەن يۆلەپ تۇرىدىغان بولغىيمىدى؟دەرىزىلىرىگە قەغەز تاختا چاپلار بولغىيمىدى؟ ئۆگزىلىرى ئۇزاققىچە رېمۇنتسىز قالاتتىمۇ ياكى تۆمۈر تۈۋرۈك بىلەن تۆمۈر تاختىدىن يېپىلاتتىمۇ؟ گۈللۈكنىڭ قاشالىرى بۇزۇلغان ھالەتتە مايماق-سايماق تۇرامتى؟ ئاۋۇ پارتلىتىلغان يەردىن توپا ئۇچۇپ خارابىلىقنى سۈگەت تاللىرى قاپلىغان بولغىيمىدى، بۇرۇنقى ئەسلى كۆرۈنىشى زادى قانداق ئىدى؟ يەنە ئاۋۇ پارتلىتىپ تۈپ-تۈز قىلىۋېتىلگەن پارچە-پارچە زېمىنغا ھازىر توخۇ كاتىگىدەك كەپە ئۆيلەر سېلىندى، ئىلگىرىكى مەنزىرىسى زادى قانداق ئىدى؟ بىراق ئۇ دىققىتىنى ھەرقانچە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەسلىگەن بولسىمۇ بالىلىق ئەسلىمىلىرى قۇپ-قۇرۇق ئىدى، گويا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھېچقانداق ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ئۇنىڭ ئېنىق سەۋەبى يوقتەك.
   ھەقىقەت بىناسى ياكى ئوكيان دۆلىتىنىڭ يېڭى تىلى بويىچە ئېيتقاندا، ئەقىلدىن ئازدۇرۇش بىناسى كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدىكى باشقا مەنزىرىلەر بىلەن كەسكىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىنا ئىدى. ئاق لاي بىلەن قوپۇرۇلغان مۇنار شەكلىدىكى بىنا خېتىنىڭ ئىگىزلىگى 300 مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، قەۋەتلىرى ئايلانما شەكىلدە ئىگىزلەپ كۆككە تاقىشاتتى. ۋېنىستون ئۆرە تۇرغان جايدىن قارىغاندا ئۈچ جۈملە نەپىس ئويۇلغان پارتىيە شۇئارىنى كۆرەلەيتتى:

ئۇرۇش تېنچلىقتۇر
ئەركىنلىك قۇل قىلىشتۇر
نادانلىق كۈچتۇر

   ھەقىقەت بىناسىدا جەمئىي 6 مىڭ ئېغىز ئۆي بار ئىدى: يەر ئۈستىدە 3 مىڭ ئېغىز، يەر ئاستىدا 3 مىڭ ئېغىز. يەنە لوندوننىڭ 4 ئەتراپىغا جايلاشقان 3 كورپۇس ھەقىقەت بىناسىغا ئوخشايدىغان ھۆكۈمەت بىناسى بار ئىدى. بىنا خەتلىرى بەك يوغان بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان باشقا ئۆيلەر بەكلا كىچىك كۆرىنەتتى. غالىبىيەت بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۆرە تۇرۇپ قارىغاندا بۇ 4 كورپۇس ئىگىز بىنا كۆز ئاستىغىلا يىغىلاتتى. بۇ تۆت تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا: ھەقىقەت بۆلۈمى خەۋەر، كۆڭۈل ئېچىش، مائارىپ ۋە سەنئەتنى؛ تېنچلىق بۆلۈمى ئۇرۇشنى؛ ئىنسانپەرۋەرلىك بۆلۈمى قانۇن ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى؛ خەلقنى بېيىتىش بۆلۈمى ئىقتىسادنى باشقۇراتتى. ھەقىقەت بۆلۈمىنىڭ يېڭى تىلدا قىسقىچە ئاتىلىشىنى يۇقۇرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق، ھازىر باشقا ئۈچ بۆلۈمنىڭ يېڭى تىلدىكى ئاتىلىشىنى تونۇشتۇرىمىز: ناتېنچلىق بۆلۈمى، نائىنسانپەرۋەرلىك بۆلۈمى، نابېيىتىش بۆلۈمى.
  نائىنسانپەرۋەرلىك بۆلۈمى ئەڭ قورققۇنچلۇق، ھەتتا دەرىزىسىمۇ يوق ئىدى. ۋېنستون بۇ يەرگە كىرىپ باقمىغان ئىدى، ھەتتا ئۇ بۇ بىناغا يېرىم كىلومېتىر يېقىن كېلىدىغان دائىرىگىمۇ ئاياق بېسىپ باقمىغان ئىدى. جامائەت ئىشىنى بېجرىشتىن باشقا چەكلەنگەن رايوندىن ھەرگىزمۇ بىر قەدەم ئاتلىيالمايتىڭىز.  ئىچىگە كىردىڭىزمۇ تۆمۈر سىمتور بىلەن قاپلانغان سىرلىق ئوردىغا كىرگەن بولىسىز، ئىسمى-جىسمىغا لايىق تۆمۈر تامدىن باشقا يەنە يوشۇرۇن پىلىموتلۇقلار سېپى بار. يەنى، بۇ بىنانىڭ سىرتىنى قورشىغان قاشا بىلەن چۈشۈرگە قاپقىسىغا تۇتىشىدىغان يولدا يەنە قارا رەڭلىك فورما كىيگەن، ساقچى كالتىكى كۆتۈرگەن، چىرايى يوغان ئورانگوتانغا ئوخشايدىغان قاراۋۇللار 4 ئەتراپنى چارلاپ يۈرەتتى.
   ۋېنىستون مۇنداقلا بۇرۇلۇپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى. ھازىر ئۇ ئېكران ئالدىدا بولغاچقا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالمىسا بولمايتتى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ تار ئاشخانىغا كىردى. بۇ ۋاقىتتا ھەقىقەت بۆلۈمىدىن ئايرىلغاندا ئاشخانىنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى يىيەلمەيتتى، يەنە ئايدىڭكى، ئەتىلىك ناشتىلىق ئۈچۈن تەييارلانغان ئاشۇ كۆكىرىپ كەتكەن يوغان قارا بولكىدىن باشقا ئاشخانىدا باشقا يېمەكلىك يوق ئىدى. ئۇ ئىشكاپ ئۈستىدىن بىر بوتۇلكا رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئالدى،  ئۈستىگە بىر پارچە ئاق ماركا چاپلانغان ئىدى: غالىبىيەت قارىغاي ھارىقى. بۇ نەرسىنىڭ پۇرىقى چىدىغۇسىز ، ياغلىق بولۇپ، خۇددى جۇڭگونىڭ گۈرۈچ ھارىقىغا ئوخشايتتى. ۋېنستون بىر ئىستاكان كەلگۈدەك قۇيدى-دە، ئۇنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى رۇسلىدى، ئاندىن ئاچچىق دورا ئىچكەندەك ئۇنى بىراقلا گېلىغا ئاتتى.
   ئىنكاسمۇ ناھىيىتى تېز قايتتى، مەڭزىگە شۇ ھامان قىزىللىق تېپىپ كۆزىدىن ياش قۇيۇلدى. بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ ئاچچىقلىقىغۇ بىر گەپ، ئۇنى يۇتقاندىن كېيىنكى ئۇ خىل سېزىم گويا باشقىلار تۇيۇقسىز كېلىپ ئارقا مېڭىسىگە رېزىنكە كالتەك بىلەن بىرنى سالغانغا ئوخشايتتى. بىراق ئازراقمۇ ياخشى يېرى يوق دېگىلىمۇ بولمايتتى، قورساق ئىچىنى كۆيدۈرىۋاتقان سېزىم بېسىققاندىن كېيىن دۇنيامۇ بىرئاز ياخشى كۆرىنەتتى. ئۇ بىر قاپ مىجىلغىنىدىن پۈرۈلۈپ كەتكەن، ئۈستىگە «غالىبىيەت تاماكىسى» دەپ خەت يېزىلغان نەرسە ئىچىدىن بىر تال سۇغۇرۇپ ئېلىۋېدى، ئېھتىياتسىزلىقتىن تاماكىنى كۆتۈرىشىگە ئىچىدىكى تاماكىنىڭ ھەممىسى پولغا تۆكۈلۈپ چۈشتى. ئىككىنچى تالنى سۇغۇرغاندا ئۇ ھەسسىلەپ ئېھتىيات قىلدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئېكراننىڭ سول تەرىپىدىكى بىر شىرەنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى-دە، شىرەنىڭ تارتمىسىدىن بىر پەي قەلەم، بىر قۇتا سىيا ۋە بىر قېلىن خاتىرە دەپتەرنى ئالدى. بۇ خاتىرە دەپتەرنىڭ تۈپلىنىشى سىپتا بولۇپ، تېگى قىزىل، مۇقاۋىسى مەرمەر گۈللۈك قەغەز ئىدى.
   ۋېنىستوننىڭ ئۆيىدىكى ئېكران نېمە سەۋەپتىندۇر ئادەتتىكىچە بولمىغان بىر ئورۇنغا ئورنىتىلغان ئىدى. ئادەتتە ئېكران ئىشىكتىن كىرىشتىكى ئۇدۇل تامغا ئورنىتىلاتتى، بۇنداقتا پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۈزەتكىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئېكرانى بولسا دەرىزىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تامغا ئورنىتىلغان ئىدى. تامنىڭ بىر تەرىپىدە تېيىز بىر تەكچە بولۇپ، ئۆينى سالغان ۋاقىتتا كىتاپ ئىشكابى قىلماقچى بولغان بولسا كېرەك. ۋېنىستون ھازىر ئولتۇرغان يەر دەل مۇشۇ تەكچىنىڭ ئالدى ئىدى. ئەگەر ئۇ بەدىنىنى تەكچىگە چىڭ چاپلاپ ئولتۇرسا ئېكراننىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەتتى. غوجىئاكا ئەلۋەتتە يەنىلا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىسىمۇ، لېكىن ھېچبولمىغاندىمۇ ئۇنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتىنى كۆرەلمەيتتى. يەنى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنى ئالاھىدە بولغاچقا ئۇ دەرھال قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلىشقا تەرەددۈتلەندى.
   يەنە بىر سەۋەپ: ئۇ بايىلا تارتمىسىدىن ئالغان خاتىرە دەپتەر. ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق بىر خاتىرە دەپتەر ئىدى، گەرچە قەغىزى ۋاقىت ئۇزىراش سەۋەبىدىن ئازراق سارغىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن سۈپىتى يەنىلا ئالاھىدە پارقىراق ئىدى، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ قىرىق يىل بۇرۇنقى مەھسۇلات ئىدى. ئۇنىڭ پەرىزىچە بولغاندا، ئۇنىڭ تارىخى تېخى 40 يىلدىنمۇ ئۇزۇن بولىشى مۈمكىن. ئۇ شەھەر ئىچىدىكى بىر نامراتلار رايونىدىكى (قايسى رايوندا ئىكەنلىگىنى ھازىر ئۇ ئەسلىيەلمەيدۇ) بىر ھەم مەينەت ھەم قالايمىقان بىر بىراك ماللار ماگىزىنىنىڭ دەرىزىسىدە كۆرگەن ئىدى. ئۇ بىر كۆرۈپلا مەھلىيا بولۇپ قېلىپ دەرھال ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كەلدى. پارتىيە ئەزالىرى پىرىنسىپ بويىچە ئادەتتىكى ماگىزىنلارغا رۇخسەتسىز بارسا بولمايتتى، چۈنكى ئۇ «ئەركىن بازاردا سودىلىشىش»قا باراۋەر ئىدى. لېكىن قائىدە قائىدىنى باشقۇرسىمۇ، ئەمما ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنغىنىنى كەمدىن-كەم كۆرگىلى بولاتتى. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، «ئەركىن بازار»دىن باشقا جايدا نەدىمۇ ئاياق شوينىسى، ساقال تىغى دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولسۇن؟ ۋېنىستون كوچىنىڭ باش-ئايىقىغا جىددى تەرىزدە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن بۇرۇلۇپلا ئۇ ماگىزىنغا يۈگۈرۈپ كىرىپ ئىككى سوم بەش موغا ئۇ خاتىرىنى سېتىۋالغان ئىدى. پۇل تۆلەۋاتقان ۋاقىتتا ئۇ بۇ خاتىرىنى زادى نېمىگە ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ خاتىرىنى ھۆججەت سومكىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، قانداقتۇر بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك كەيپىياتتا ئۆيىگە قايتقان ئىدى. گەرچە ئۇ خاتىرىگە بىر تال خەت چاغلىق نەرسە يازمىغان بولسىمۇ ئۇ ساقلىغان بۇ قۇرۇق خاتىرىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى.
   ئۇنىڭ ھازىر قىلماقچى بولغان ئىشى خاتىرە يېزىش ئىدى. بۇ قانۇنغا خىلاپ ئىش ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇنىڭغا قانۇن بولمىغانىكەن، خىلاپلىق قىلىشمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇ ئىش تەكشۈرۈلۈپ قالسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىگەن تەقدىردىمۇ ئەڭ ئاز دېگەندە 25 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىش جازاسى بېرىلەتتى. ۋېنىستون بىر يېڭى قەلەم ئۇچىنى ئېلىپ ئۇنى قەلەم نەيچىسىگە كىرگۈزۈپ ئورناتتى، ئاندىن ئۇنى ئاغزىغا سېلىپ شوراپ پارقىراق قىسمىنى سۈمۈرىۋالدى. بۇ غاز پېيىدىن ياسالغان سىيا قەلەمنى ئاسارە-ئەتىقە دېيىشكە بولاتتى، ھازىر ئىمزا قويۇشقىمۇ ئانچە كارغا كەلمەيتتى. خاتىرە دەپتەرنىڭ قەغەز سۈپىتى ئىنتايىن سىلىق ۋە پارقىراق بولۇپ، پەي قەلەم بىلەن ئەمەس، پەقەت ھەقىقىي پولات قەلەمنىڭ ئۇچىلا ئاندىن ئۇنىڭغا ماس كېلەتتى. ئۇ بىر ھازا ئوغۇرلۇقچە ھەپىلىشىپ ئاندىن بۇ ئەتىۋارلىق نەرسىنى ئەپلەشتۈردى. ئەمىلىيەتتە ئۇ قولدا خەت يېزىشقا ئادەتلەنمىگەن ئىدى؛ ئىنتايىن قىسقا بولغان باغاقچىدىن باشقا ھۆججەتلەرنى ئۇ ئۈنئالغۇلۇق خەت يېزىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ ھازىر يازماقچى بولغان نەرسىسىنى تەبىئىكى ئۇ خىل ئۈسكىنە بىلەن يېزىشقا بولمايتتى. ئۇ قەلەم ئۇچىنى سىياھقا چىلىدۇ-يۇ، بىر ھازاغىچە ئىككىلەندى. ئۇنىڭ ئىچى-باغرى ئۆرتەلدى، ئۇنىڭ قەلەم ئۇچىنى قەغەزگە سۈركىشى ھەل قىلغۇچ ھەرىكەت ئىدى. ئۇنىڭ خېتى قولاشمىغان ھەم ئۇششاق ئىدى:
        1984-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
بۇ چېسلانى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ دەرمانسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى-دە، ھېچقانداق ئىش نورمال ئەمەستەك ھېس قىلدى. چېسلاغا كېلەيلى، ئۇ راستىنلا بۇ يىلنىڭ 1984-يىل ئىكەنلىگىنى پەقەتمۇ بىلەلمىدى. بىراق ئويلاپ باقسا يېقىن كەلگەندەكمۇ قىلاتتى، چۈنكى ئۆزىنىڭ 39 ياشقا كىرگىنى خاتا ئەمەستەك قىلاتتى، يەنە كېلىپ ئۇ 1944-يىلى ئەمەس، 1945-يىلى تۇغۇلغان ئىدى. بۈگۈن بۇنىڭ  قايسى يىلى يۈز بەرگەن ئىشلىقىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىش ھەقىقەتەن ئوڭايغا توختىمايتتى.
   يەنە بىر قىيىنچىلىق: بۇ خاتىرىنى زادى كىم ئۈچۈن يازىمەن؟ كەلگۈسى ئۈچۈن، تېخى تۇغۇلمىغان ئادەم ئۈچۈن. دەل ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئاۋۇ ھېلىلا قەغەزگە يېزىلىپ تېخى دەلىللەنمىگەن چېسلاغا مەركەزلىشىپ تۇرغاندا، يېڭى تىلدىكى بىر سۆز تۇساتتىن ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى: «ئىككى ياقلىما ئىدىيە». دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئاساسىي مەقسەتكە ناھىيىتى ئالاقىدار ئىكەنلىگىنى  تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى. بىراق سەن قانداق قىلىپ كەلگۈسى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرالايسەن؟ تۈپكى جەھەتتىن بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. كەلگۈسى ئېھتىمال بۈگۈننىڭ تەكرارلانغان نۇسخىسى بولىشى مۈمكىن. دەرۋەقە شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ قىلغان سۆزىنى ئاڭلايدىغان ئادەم بولمايتتى. ئەگەر كەلگۈسى بۈگۈن بىلەن ئوخشىمىسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھازىرقى مۈشكۈل ئەھۋالىنىڭمۇ ھېچقانداق سۆزلىگۈدەك ئەھمىيىتى بولمايتتى.
   ئۇ تېخىچە داڭقېتىپ ئولتۇرغىنىچە كۆزى مىتمۇ قىلىپ قويماي ئالدىدىكى ئاق قەغەزگە تىكىلەتتى. ئېكراندىكى نومۇر ئالمىشىپ شۇ تاپتا قۇلاقنى يارىدىغان ھەربىي ئوركېستېر ئورۇندىلىۋاتاتتى. ئېيتىشقىمۇ غەلىتە، ئۇ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىپلا قالماي، خاتىرىلىمەكچى بولغان ئىشىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل مۇشۇ پەيتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەينى چاغدا ئۇ پەقەت جاسارەت بولسىلا ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى. راستىنلا يازماقچى بولسا بۇ تەس ئەمەس ئىدى، پەقەت ئۇ نۇرغۇن يىلدىن بۇيان كاللىسىدا ھەمىشە پەيدا بولۇپ تۇرغان مونولوگنى قەغەز يۈزىگە خاتىرىلەپ قويسىلا بولاتتى.  بىراق قېرىشقاندەك بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كاللىسى قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قېلىپ بىر جۈملە مونولوگنىمۇ ئېسىگە ئالالمىدى. ئەڭ يامان يېرى، تومۇرى ئەگرى-بۈگرى ئىششىپ چىققان جايىمۇ بۇ چاغدا چىدىغۇسىز قىچىشىپ، تۇتسىلا ئاغرىپ، تۇتقىلىمۇ قويمىدى. ۋاقىت سەۋەپسىزلا ئۆتمەكتە، كۆز ئالدىدىكى ئاق قەغەز، پۇت ھوشۇقى ئۈستىدىكى تېرىسىنىڭ قىچىشىشى، قۇلاقنىڭ يېغىنى يەيدىغان ھەربىي ئوركىستېر ۋە قارىغاي ھارىقىدىن ئازراق كەيپ بولۇپ قالغاندىن باشقا ئۇنىڭدا ھېچقانداق باشقا سېزىم يوق ئىدى.
   تۇيۇقسىز ئۇ ئەسەبىيلىگى تۇتقاندەك قەلىمىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ يېزىپ كەتتى. نېمىلەرنى يازدى، ھەتتا ئۆزىمۇ ئۇنى غۇۋا ھېس قىلدى، خالاس. ئۇنىڭ كىچىك بالىلارنىڭكىدەك ئۇششاق خەتلىرى ئىمىر-چىمىر، گىرامماتىكىسى قالايمىقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەتتا تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇشقىمۇ ئېرىندى.

   1984-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى. تۆنۈگۈن كەچ كىنو كۆردۈم. ھەممىسى ئۇرۇش فىلىمى. قىزىقى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ مەلۇم جايىدىكى لىققىدە مۇساپىرلار بېسىلغان كېمە پارتلىتىۋېتىلگەن ئاشۇ قىسمى ئىكەن. كۆرۈرمەنلەر ناھىيىتى گىروي بىر سېمىز ئادەم تىك ئۇچار ئايرۇپىلان تەرىپىدىن قوغلاپ كېلىنىپ ئوققا تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ جان-جەھلى بىلەن سۇ ئۈزگەن يېرىگە كەلگەندە قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ راسا پۇخادىن چىقتى. ئاۋال ئۇنىڭ سۇ يۈزىدە دىلفىندەك ئۈزگىنىنى كۆرىدىكەنسىز، ئاندىن تىك ئۇچاردىكى پىلىموتنىڭ قارىغا ئېلىش ئەينىكى ئۇنى كۆرىدىكەن، ئارقىدىن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئوقتا ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ ئەتراپىدىكى دېڭىز سۈيى قىزىلغا بويۇلۇپ، بىراقلا بەدىنىدىكى تۆشۈكلەرگە سۇ كىرىپ چۆكۈپ كېتىدىكەن. كۆرۈرمەنلەر ئۇنىڭ چۆكۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەندە قاقاھلاپ كۈلۈشكىنىدىن زالنى كۆتۈرىۋەتتى. بۇ چاغدا لىققىدە بالىلارنى باسقان بىر قۇتقۇزۇش كېمىسى پەيدا بولىدىكەن،  ئۈستىدە تىك ئۇچار چۆرگىلەپ. چىرايى يەھۇدىغا ئوخشايدىغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال تەخمىنەن 3 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ كېمە ئالدىدا ئولتۇرىدىكەن. بالا قورققىنىدىن قىرقىراپ يىغلىغىنىچە بېشىنى ئايالنىڭ كۆكسىگە مەھكەم يوشۇرىۋالىدىكەن، ئايال ئۆزىمۇ قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ كېتىدىكەن، شۇنداقتىمۇ بالىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ ئۇنى بەزلەيدىكەن. ئۇ ئىزچىل بەدىنى بىلەن بالىنى قوغدايدىكەن، خۇددى ئۇنىڭ ئىككى قولى پىلىموتنىڭ ئوقلىرىنى قورۇپ قاچۇرىۋېتەلەيدىغاندەك. تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 20 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر كۆيدۈرگۈچى بومبىنى تاشلىغاندا ئوت يالقۇنى قۇتقۇزۇش كېمىسىنى كۆيىۋاتقان سەرەڭگە قېپىغا ئايلاندۇرىۋېتىدىكەن. ئالاھىدە قىزىقارلىق بىر كۆرۈنۈش باركەن كىچىك بالا قولىنى سۇ ئىچىدە ئاسمانغا قاراپ پۇلاڭلىتىدىكەن تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئالدىدىكى فوتو ئاپىرات خېلىلا يېقىنلاپ كېلىدىكەن  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە ئورۇندىقىدا ئولتۇرغانلار ياخشى دەپ چاۋاك چېلىشتى لېكىن پورېلتارىياتلار ئورۇندىقىدىكى بىر ئايال تۇساتتىن بالىلارنىڭ ئالدىدا بۇنى قويۇشقا بولمايدۇ بۇنى بالىلارنىڭ ئالدىدا قويۇش خاتا دەپ ۋارقىراپ كەتتى كېيىن يەنىلا ئۇنى ساقچىلار ئېلىپ ماڭدى مېنىڭچە ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ كىم پورېلتارىياتنىڭ نېمە دېيىشىنى باشقۇرالايدۇ ئۇلارنىڭ شەكىلۋازلىقىنى غوجىئاكا ھەرگىزمۇ ــــ

   ۋېنىستون يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قەلىمىنى توختاتتى، مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىمۇ نىمىشقىدۇر بىراقلا بۇنچىۋالا قۇرۇق گەپنى يېزىپ كەتكىنىنى بىلمىدى. غەلىتە يېرى، ئۇ قەلىمىگە بويسۇنۇپ خەت يېزىۋاتقان ۋاقىتتا يۇقۇرىدا بايان قىلىنغانغا قەتئىي ئوخشىمايدىغان بىر بۇرۇنقى ئىش تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ قالدى، شۇنداق سۈرەتتەك ئېنىق، خۇددى كونا خاتىرىنى قايتا ۋاراقلىغاندەك ئوچۇق. ئۇ ھازىر چۈشەندىكى، دەل مۇشۇ ئېسى سەۋەپلىك ئۇ بۈگۈن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ خاتىرە يېزىشنى تۇيۇقسىز قارار قىلغانىدى.
   بۇ ئەتىگەن بۆلۈم ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ئىدى ــــ ناۋادا بۇ خىل چۈشىنىكسىز ئىشنىمۇ «يۈز بەرگەن» دېگىلى بولسا.
   تەخمىنەن سائەت 11 غۇ دەيمەن، ۋېنىستوننىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ خاتىرىلەش بۆلىمىدە كۆپچىلىك ئالدىراش ھالدا فوتولابوروتىيەدىن ئورۇندۇقلارنى ئېلىپ چىقىپ چوڭ زالدىكى ئېكراننىڭ ئالدىغا تىزىپ «ئىككى مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» پىروگراممىسىغا قاتنىشىشقا تەييارلاندى. ۋېنىستون ئوتتۇرىدىكى بىر رەتتە ئولتۇراي دەپ تۇرىشىغا، چىرايى ئىنتايىن تونۇش، لېكىن ئەزەلدىن پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىككى ئادەم تۇيۇقسىز كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئايال بولۇپ، ئۇلار دائىم كارىدوردا ئۇچرىشىپ قالاتتى. ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتتى، پەقەت ئۇنىڭ ساختا بۆلۈمدە ۋەزىپىدە ئىكەنلىگىنى بىلەتتى. چۈنكى بەزىدە ئۇ ئۇنىڭ قولىنىڭ ماي يۇقىدا پاسكىنا بولۇپ كەتكەنلىگىنى، ئامبۇر-كۇلۇچ دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەن ئىدى، ئۇ ئۇنى ھېكايە ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسىنى ئاسرايدىغان تېخنىك بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلغان ئىدى. ئۇ تەخمىنەن 27 ياشلاردا، قويۇق قارا چاچلىق، يۈزىدە سەپكۈن بار، ھەرىكىتى تەنھەركەتچىلەردەك چاققان، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جىگەرلىك كۆرىنەتتى. ئۇ بىر ئىنچىكە، ئۇزۇن قىزىل بەلۋاغنى تۇتاش فورمىسىنىڭ ئۈستىدىن قاتمۇ-قات قىلىپ چىڭ باغلىۋېلىپ تولغان ساغرىسىنى تېخىمۇ نامايەن قىلاتتى. ئۇ قىزىل بەلۋاغ ياشلارنىڭ جىنسىيەتكە قارشى ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىسى ئىدى، شۇڭا ئىپپەت بەلۋىقى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ۋېنىستون ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا ئۆچ بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىر يۈرۈش-تۇرۇشى تەبىئىيلا دوگۇرما توپ مەيدانىنىڭ كەيپىياتى، ياكى سوغۇق سۇ مونچىسى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ پىيادە ساياھىتى، ئۇمۇ بولمىسا  ئىدىيىسى ساپ بولغان بارچىنى ئەسلىتەتتى. ۋېنستون دېگۈدەك بارلىق ئاياللارغا ئۆچ ئىدى، بولۇپمۇ ياش، چىرايلىق ئاياللارغا. پارتىيىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغان، پىكىر قىلمايلا بارلىق شۇئارلارغا ئىشىنىدىغان، ئىشتىن سىرت پايلاقچىلىق قىلىدىغان، يېتىمئاقساقال، چېقىمچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ كۆپونچىسى ئاياللاردىن چىقاتتى، بولۇپمۇ ئىنتايىن ياشلىرىنىڭ ئىچىدىن. لېكىن بۇ قارا چاچ، قىزىل بەلۋاغ تاقاپ يۈرىدىغان ئايال ئۇنىڭغا ئالاھىدە خەتەرلىك تۇيۇلاتتى. بىر قېتىم ئۇلار كارىدوردا دوقۇرۇشۇپ قالدى، ئۇ ئۇنىڭغا گويا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئوچۇق كۆرىۋالماقچىدەك كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قارىدى. ئۇ شۇ زامات داڭ قېتىپ قالدى.گەرچە قائىدە بويىچە ئېيتقاندا بۇ ئانچە مۈمكىن بولمايدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن شۇ دەقىقىدە ئۇ ئۇنى ئىدىيە ساقچىسىمىكىن دەپ گۇمانلىنىپ قالدى. شۇندىن كېيىن ئۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يېقىنلاشقان ھامان ئۇ دەككە-دۈككىگە چۈشەتتى، يەنى ۋەھىمە ۋە دۈشمەنلىككە ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل كەيپىياتقا.
   ئىككىنچى چاقىرىلمىغان مېھمان ئوبلىيىن بولۇپ، «ئىچكى پارتىيە»نىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. ۋېنىستون ئۇنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىدا مۇھىم ۋەزىپىدە ئىكەنلىگىنى بىلەتتى، لېكىن ئۇ بەك يۇقۇرىدا بولغاچقىمىكىن ۋېنستون ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئەڭ  ئېشىپ كەتكەندىمۇ يېرىم-يارتا بىلەتتى. چوڭ زالدا ئورۇندۇقلارنى چۆرىدەپ ئەمدى ئولتۇرماقچى بولۇپ تۇرغان كىشىلەر قارا فورما كىيگەن ئىچكى پارتىيە ئەزاسىنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن ھامان جىممىدە بولۇپ قېلىشتى. ئوبلىيىن خاپامباش، بوينى توم، چىراي ئىپادىسىدىن گەرچە يۇمۇرىستىك، خۇشپېئىللىقى چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي كۆرۈنىشى قوپال، ۋەھشىي ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى گەرچە سۈرلۈكلىكتە دەخلى-تەرۇزسىز بولسىمۇ، لېكىن پوزېتسىيىسىدە يەنىلا دوستانىلىق بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆزئەينىكىنى قاڭشىرىغا تاقىغاندىكى قىياپىتى تولىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، سىزمۇ قانداق چۈشەندۈرسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، ئىشقىلىپ، قارىماققا ئىنتايىن مەدەنىي دېيىشكە بولاتتى. ئەگەر سىزمۇ شۇنداق تەسىراتتا بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنىڭ كۆزئەينەك تاقىغاندىكى قىياپىتىنى 18-ئەسىردىكى ئېسىلزادىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ناس قۇتىسىنى مېھمانغا سۇنۇپ بېرىۋاتقاندىكى ھالىتىگە ئوخشىتىۋېرىڭ. ۋېنستون ئۆتكەنكى 11-12 يىل مابەينىدە ئالاھىزەل ئۇنى ئون نەچچە قېتىم كۆرگەندۇ. ئۇنىڭ ئوبلىيىنغا بولغان تەسىراتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ نازۇك ھېسسىيات ھەرگىزمۇ يالغۇز ئۇنىڭ بوكسچىلاردەك قەددى- قامىتى بىلەن مۆتىۋەرلەرچە سالاپىتىنىڭ رۆشەن سېلىشتۇرمىسىنى كۆرگىنى ئۈچۈنلا تۇغۇلمىغان ئىدى. ئاساسلىق سەۋەبى ۋېنىستوننىڭ قەلبىدە مەۋجۇت بولغان بىر ئېتىقاد ئىدى ــــ ياكى ئېتىقاد دېسەك توغرا بولمىسا پەقەتلا بىر ئۈمىد دەيلى ــــ ھەئە، ئۇ ئوبلىيىننىڭ سىياسىي كۆز قارىشىنىڭ پۈتۈنلەي ساداقەتمەن بولۇپ كەتمەسلىگىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا ئەكىس ئېتىپ تۇرغان مەلۇم خىل كەيپىيات سىزنى مۇشۇنداق پەرەز قىلىشقا يېتەكلەيتتى. مۇنداقچە ئېيتساق، ئۇنىڭ چىرايىدا ئەكس ئەتكەن ئىپادىنى ساداقەتمەنلىككە يات،  پۈتۈنلەي ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئىپادىلىنىشى، دەپ ئېيتىشقا بولاتتى. ئىشقىلىپ، بۇ جاناپنىڭ تەقى-تۇرقى سىز ئۇنىڭغا يۈرىكىڭىزنى يېرىپ كۆرسىتىشكە ئەرزىيدىغان ئادەمگە ئوخشايتتى، يەنى دېمەكچىمەنكى، ناۋادا ئېكراننىڭ كۆز-قۇلاقلىرىنى غەلەت قىلىپ ئۇنى يالغۇز جايغا ئاپىرىپ بىردەم پاراڭلاشقىلى بولسا. بىراق ۋېنىستون ئەزەلدىن بۇ پەرىزىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمىدى. ئەمىلىيەتتە ئۇ پۇرسەت تېپىشنى ئويلىغان تەقدىردىمۇ بۇنى ئورۇنداشقا ئامالسىز ئىدى. بۇ چاغدا ئوبلىيىن قول سائىتىگە قاراپ سائەتنىڭ 11 گە ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ يەردە قېپ قېلىپ خاتىرىلەش بۆلۈمىنىڭ «2 مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» نومۇرىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى. ئۇ ۋېنستون ئولتۇرغان رەتتە ۋېنسىتونغا ئىككى ئورۇندۇق ئارىلىق كېلىدىغان جايدا ئولتۇردى، ئۇلارنىڭ ئارىلىقىدا ۋېنىستونغا قوشنا ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ۋىجىك، قىزغۇچ قوڭۇر چاچلىق ئايال ئولتۇردى. ئاۋۇ قارا چاچلىق ئايال بولسا ۋېنىستوننىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردى.
   ئارقىدىن، زالنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى يوغان ئېكراندىن بىر خىل ئىنتايىن يېقىمسىز خىرقىراق ئاۋاز كەلدى،  خۇددى سىلىقلاش مېيى سۈركەلمىگەن يوغان ماشىنا تاراقشىغاندەك. بۇ ئاۋاز ئادەمنىڭ چىشىنى غۇچۇرلىتىپ، مويلىرىنى تىك تۇرغۇزاتتى. «ئىككى مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» نومۇرى باشلاندى.
   بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئېكراندا ئىممانويىل گۇستان ــــ خەلق دۈشمىنىنىڭ چىرايى پەيدا بولدى. تاماشىبىنلار شۇ ھامان ئىسقىرتىپ كەتتى. ئاۋۇ ۋىجىك، قىزغۇچ قوڭۇر چاچلىق ئايال بىرلا چىرقىراپ قورقۇپ كەتكەنلىگى ۋە بىزار بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. گۇستان بىر ئەكسىيەتچى خائىن بولۇپ، خېلى يىللاردىن بۇرۇن (زادى قايسى يىلى بۇنى ھېچكىم ئېسىگە ئالالمايتتى) پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، غوجىئاكا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇراتتى. كېيىن ئۇ ئىنقىلاپقا ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان، كېيىن قانداقتۇر يەنە سىرلىق ھالدا قېچىپ كېتىپ ئەڭ ئاخىرىدا غايىپ بولغان ئىدى. «ئىككى مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» نومۇرى ھەركۈنى ئوخشىمايتتى، لېكىن ھەر قېتىم گۇستان باش پېرسۇناژ بولاتتى. بۇ ۋەتەن ساتقۇچ باش جىنايەتچى ئەڭ دەسلىپىدە پارتىيىنىڭ پاك ئادەملىرىنى بۇلغىغان ئىدى. شۇندىن كېيىن بارلىق پارتىيىگە ئاسىيلىق قىلىش، ۋەتەن ساتقۇچ جىنايى ھەرىكەتلىرى، سۈيقەست، ئاغدۇرمىچىلىق قىلمىشلىرى، بىدئەت تەلىماتلار ۋە ئاسىي ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى بىۋاستە ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىگىنىڭ نەتىجىسى ھېساپلاندى. ئۇ تېخىچە ھايات بولۇپ، مەلۇم بۇلۇڭ-پۇچقاققا يوشۇرۇنۇپ ئۆز سۈيقەستىنى قانات يايدۇرىۋاتاتتى. ئېھتىمال ئۇ باشقا دۆلەتنىڭ تەمىناتىنى ئېلىپ چەتئەلدە تۇرىۋاتقان بولىشى مۈمكىن. ياكى ئوكيان گۇرۇھىنىڭ مەلۇم رايونىغا يوشۇرۇنغان بولىشىمۇ مۈمكىن، ھېچبولمىغاندىمۇ مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈرەتتى.
   ۋېنستون مەيدىسىدە قانداقتۇر بىر نېمە تۇرۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ھەر قېتىم گۇستان ئېكراندا پەيدا بولىشى ھامان مۇرەككەپ ۋە ئازاپلىق ھېسسىياتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. گۇستان يەھۇدىي بولۇپ، يۈزلىرى ئورۇق، بېشىنى يۇمران ئاق چاچ قاپلىغان، ئۆچكە ساقاللىق كىشى ئىدى. بۇ چىراي ئەقىللىق، زەكىي كۆرىنەتتى. لېكىن ئۇنى ھامان تۇغما پەسكەش ئادەمكەن دەپ قالاتتىڭىز. ئۇنىڭ ئاشۇ كۆزئەينىكى ئۇنىڭ ئۇزۇن، قىرلىق قاڭشىرى ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى، بۇمۇ بىر خىل قېرىلىق، گومۇشلۇق تەسىراتى  بېرەتتى. گۇستاننىڭ چىرايى دەرۋەقە ئۆچكىگە ئوخشايتتى، گەپ قىلغاندىكى ئاۋازىمۇ ئۆچكىنىڭكىدەك چىقاتتى. بۇ ئۆچكەيۈز يەنىلا بۇرۇنقى گەپلەرنى قىلىپ پارتىيىنىڭ سىياسەت-ئەھكاملىرىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى. گەرچە مەزمۇنى مۇبالىغە قىلىنغان، لوگىكىسىز، 3 ياشلىق بالا جېنىدا كۆرۈپ يېتەلىگۈدەك بولسىمۇ، لېكىن ئاڭلىسىڭىز ئەقلى كىچىك بالىچىلىك كەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ توزاققا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەي قالمايتتىڭىز. ئۇ غوجىئاكىنى تىللاۋاتىدۇ-دە! پارتىيىنىڭ دېكتاتۇرا سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىشتا پۈتۈن كۈچىنى ئايىمىدى. ئۇندىن باشقا ئۇ دەرھال ياۋرو- ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سۈلھىي شەرتنامىسى تۈزۈش، سۆز ئەركىنلىگى، نەشرىيات ئەركىنلىگى، يىغىلىش ئەركىنلىگى ۋە ئىدىيە ئەركىنلىگى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن يۇقۇرى ئاۋازدا كاركىرىدى: ئىنقىلاپ ئاللىقاچان سېتىۋېتىلدى! ئۇنىڭ سۆز سۈرئىتى تېز بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولۇپ، پارتىيە ناتىقلىرىنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزى ۋە ئۇسلۇبى بىلەن ئاجايىپ ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى. ئۇ سۆزىگە تېخى يېڭى تىلنى قىستۇراتتى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ سانى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۆزلىكتىنمۇ كۆپ ئىدى. سىز گۇستان بۇ سۆزلەرنى پەقەت ئويۇن ئورنىدا دەۋاتىدۇ دەپ قارامسىز؟ سىز ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان چاغدىكى ئارقا كۆرۈنىشىگە قاراڭ: ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە سەپ-سەپ ياۋرو-ئاسىيا ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنى ئۆتمەكتە. بۇلار مۇز تەلەت ئاسىيالىقلارنىڭ چىرايى ئىدى. بىر سەپ قوشۇن ئېكراندا پەيدا بولۇپلا غايىپ بولىشى ھامان يەنە بىر سەپ چىرايى ئۇلاردىن ئانچە قېلىشمايدىغان ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ ھەربىيچە ئۆتۈكى رېتىملىق ئاۋاز قايتۇرۇپ گۇستاننىڭ خىرقىراق ئاۋازىغا تەڭكەش بولغان ئىدى.
   «ئىككى مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» نومۇرى باشلىنىپ تېخى يېرىم مىنۇت بولمايلا چوڭ زالدىكى تەڭدىن تولا كىشى تاقەت قىلالماي ۋارقىراپ-جارقىراشقا باشلىدى. ئۆز-ئۆزىدىن قانائەت قىلغانلىقى ئەكس ئېتىپ تۇرغان ئاۋۇ ئۆچكە يۈز، يەنە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئارقا كۆرۈنۈشتە پەيدا بولغان ياۋرو-ئاسىيا ئارمىيىسىنىڭ ھەيۋەتلىك ئەسكىرىي كۈچىگە ئۇلار تاقەت قىلالمىغان ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، گۇستاننىڭ چىرايىنى كۆرگەندە، ھەتتا ئىسمىنى ئاڭلىسىمۇ تەبىئىيلا ۋەھىمە ۋە غەزەپلىنىش كەيپىياتى تۇغۇلاتتى. ئۇ ياۋرو-ئاسىيا دۆلەتلىرى ياكى شەرقىي ئاسىيا دۆلىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ نەپرەت قوزغايدىغان ئوبيېكىتقا ئايلانغان ئىدى، چۈنكى ئوكيان گۇرۇھى مۇبادا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلسا، يەنە بىر دۆلەت بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتاتتى. لېكىن ئادەمنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، گەرچە گۇستان ھەربىر ئادەم نەپرەتلىنىدىغان ۋە كەمسىتىدىغان مەركەز بولىشىدىن، ئۇنىڭ سەپسەتىلىرى ھەر كۈن- ھەر مىنۇت مۇنبەردە، ئېكراندا، گېزىت-كىتاپلاردا ئىنكار قىلىنىپ، بىت-چىت قىلىنىپ، مەسخىرە قىلىنىپ تۇرىشىدىن قەتئىنەزەر كۆپچىلىككە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى نادانلىق كۆرسىتىلەتتى ــــ قىزىقارلىق يېرى ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئازراقمۇ كېمىيىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈشنى خالايدىغان كالۋالارمۇ ئالدىنقىسى يىقىلسا كېيىنكىلىرى ئورنىغا دەسسەپ چىقىپ تۇراتتى. ئىدىيە ساقچىلىرى ھەركۈنى دېگۈدەك ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى جاسۇسلار ۋە بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارنى قولغا ئېلىپ تۇراتتى. ئۇ بىر غايەت زور سايە قوشۇننىڭ قوماندانى، يەنە ئوكيان گۇرۇھى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا بەل باغلىغان يەر ئاستى تەشكىلاتنىڭ باش ئاتامانى ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى ئېيتىشلارغا قارىغاندا قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئىمىش. يەنە ئېيتىشلارغا قارىغاندا گۇستان باش ئىدىيىسى بىدئەت تەلىمات بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر كىتاپ يازغان بولۇپ، بۇ دۆلەت ۋە چەتئەلدە مەخپىي تارقىلىپ يۈرۈپتىمىش. بۇ كىتاپنىڭ ئىسمى يوق بولۇپ، ناۋادا كىشىلەر تاپماقچى بولسا ئاۋۇ كىتاپ دېسىلا بولىدىكەن. شۇغىنىسى بۇ پەقەت بىر ئەپقاچتى گەپ خالاس. ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىگە ئىش تېپىۋېلىشتىن ساقلىنىمەن دېسە ھەرگىزمۇ قېرىنداشلار ئويۇشمىسى بىلەن ئۇ كىتاپنىڭ نامىنى تىلغا ئالمايتتى.
   «ئىككى مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» نومۇرى ئىككىنچى مىنۇتىغا كىرىشى بىلەنلا كۆپچىلىك تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتى، بەزىلەر پۇت-قوللىرىنى شىلتىغىنىچە توۋلىشىپ ھەم سەكرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ سۈرەن-شاۋقۇنى بىلەن ئېكراندىكى ئاۋۇ ئۆچكە مەرىگەندەك ئاۋازنى بېسىۋالماقچى بولدى. ئاۋۇ قىزغۇچ قوڭۇر چاچلىق ۋىجىك ئايالنىڭ بولسا بۇ چاغدا يۈزلىرى قىزىرىپ، ئاغزى خۇددى دېڭىز سۈيىدە چايقىلىپ قىرغاققا چىقىپ قالغان بېلىقتەك ئېچىلىپ-يېپىلدى. ئوبلىيىننىڭ يۈزلىرىمۇ ئېچىشىپ قىزىرىپ كەتتى. ئۇ ئورۇندۇقتا تىك ئولتۇراتتى، يوغان كۆكرەكلىرى تىترىگىنىدىن بىر كۆتۈرۈلۈپ- بىر پەسىيەتتى، خۇددى يوپۇرۇلۇپ كەلگەن دولقۇننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇۋالماقچى بولغاندەك. ئىزچىل ۋېنىستوننىڭ ئارقا تەرىپىدە ئولتۇرغان قارا چاچلىق ئايال بۇ چاغدا «چوشقا! چوشقا! چوشقا!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى، ئارقىدىن بىر يېڭى تىل لۇغىتىنى كۈچەپ ئېكرانغا قارىتىپ ئاتتى. لۇغەت گۇستاننىڭ قاڭشىرىغا تېگىپ قاڭقىپ كەتتى، لېكىن ئۆچكىنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئاۋاز يەنىلا پەرۋاسىز مەرەۋەردى. ئىنتايىن سەگەكلەشكەن دەقىقىدە ۋېنىستون ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئەگىشىپ توۋلاپلا قالماي يەنە ئايىقىنىڭ پاشنىسى بىلەن ئورۇندۇقنىڭ توغرا ياغىچىنى جان-جەھلى بىلەن تېپىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. «ئىككى مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» نومۇرىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرى ئۇنىڭ سىزنى بۇ نومۇرغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلايدىغان قانۇن-دەستۇرى بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى سىزنى ئۆز ئىختىيارىڭىزغا بويسۇنمايدىغان كەيپىياتقا باشلىشىدا ئىدى. پەقەت سىز ئۇنىڭ ئىچىدە 30 سېكۇنت تۇرسىڭىزلا ھېچقانداق باھانىگە ئېھتىياجلىق بولمايلا تەبىئىيلا ئەسەبىي قورقۇنچ ۋە قىساسخورلۇقتىن يۇقۇملىناتتىڭىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇ چاغدا غەزەپلىنىپ ئادەم ئۆلتۈرگىسى، قىينىغۇسى كېلەتتى ياكى يوغان بازغان بىلەن دۈشمەننىڭ كاللىسىغا ئۇرۇپ كۈكۈم-تالقان قىلغۇسى كېلەتتى. ھەربىر ئادەم خۇددى توك سوقىۋەتكەن كەبى بۇ خىل كۆتۈرەڭگۈ روھنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىرادىسى پۈتۈنلەي بوشىشىپ، ياۋۇز قىياپەتلىك، قىيا-چىيا كۆتۈرگەن ساراڭغىلا ئايلىناتتى. بىراق كۆپچىلىك ھېس قىلغان ئۆچمەنلىك ئابىستىراكىت بولۇپ، گاز چىراقنىڭ يالقۇنىغا ئوخشاش ھەر ۋاقىت نىشاننى ئۆزگەرتىپ تۇراتتى. يالغۇز ۋېنىستونغىلا كەلسەك بىر بۆلۈك ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆچمەنلىك ئوبيېكتى گۇستان بولماستىن بەلكى غوجىئاكا، پارتىيە ۋە ئىدىيە ساقچىلىرى بولاتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئېكراندىكى مەسخىرە قىلىنىۋاتقان ئاشۇ بىدئەت ئۇنسۇرغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلاتتى. بۇ غېرىپ ئادەم شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ قەلبىدە يالغانچىلىققا تولغان دۇنيادىكى بىردىن-بىر ھەقىقەت ۋە ئەقلىيلىكنى قوغدايدىغان سىمۋولغا ئايلانغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كېيىنكى مىنۇتتىكى تەسىراتى كەسكىن ئوخشىماي قالدى. ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرگە ئەگىشىپ گۇستانغا ئارتىلغان بارلىق جىنايى ناملارنى ھەقلىق دەپ قارىدى. بۇ چاغدا غوجىئاكىغا بولغان يوشۇرۇن ئۆچمەنلىگى بىراقلا چوقۇنۇشقا ئۆزگەردى. غوجىئاكىنىڭ ئوبرازى بارا-بارا يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ پولاتتەك قەيسەر، گويا قىيادىكى تاشقا ئوخشاش ئاسىيادىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن كىشىلەر توپىنى توسىدىغان يېڭىلمەس قوغدىغۇچى ئىلاھقا ئايلاندى. بىراق گۇستانچۇ، گەرچە ئۇ تەنھا، ئۆلۈك-تىرىكلىكى يەنىلا گۇمانلىق بولىشىغا قارىماي، ئەمدى ئۇ ئەپسۇن ئوقۇپ مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان جادۇگەردەك كۆرۈندى.
   شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بەزىدە سىز ھەتتا تەبىئىيلا قەلبىڭىزدىكى ئۆچمەنلىك نىشانىنى ئۆزگەرتىشىڭىز مۈمكىن. تۇساتتىن، ۋېنىستون يامان چۈش كۆرىۋېتىپ بېشىنى تۇيۇقسىز كۆتۈرگەنگە ئوخشاش،  ئېكراندىكى ئۆچكە يۈزگە بولغان ئۆچمەنلىگىنى ئارقا تەرىپىدە ئولتۇرغان قارا چاچلىق ئايالغا غەلىبىلىك يۆتكىدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا دەرھال ناھىيىتى رۆشەن گۈزەل تەسەۋۋۇر ئويغاندى. ئۇ رېزىنكە كالتەك بىلەن ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، ئۇ ئۇنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇپ، جازا تۈۋرىكىگە مىخلاپ ئارقىدىن خۇددى يات دىندىكىلەر ئەۋلىيا سىبىستيانغا قىلغانغا ئوخشاش بەدىنىنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلدى. ياكى ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلىپ كۆڭلىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن گېلىغا پىچاق ئۇرغانمۇ بولدى. ھازىر ئۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىگىنىڭ نىمىشقا بۇنچىلىك بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەندى. چۈنكى ئۇ ياش ھەم چىرايلىق بولسىمۇ لېكىن بىر «جىنسىيەتكە قارشى» ئايال ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ئويلىسىمۇ لېكىن بۇنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىگىنى ئېنىق بىلەتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋرىشىم ۋە خۇشبۇي بەللىرى بېرىپ قۇچاقلاشقا جەلپ قىلسىمۇ، ئەمما قاتمۇ-قات باغلىنىپ ھېچكىمنى يېقىن كەلتۈرمەيدىغان ئاۋۇ قىزىل رەڭلىك ئىپپەت بەلۋىقى ئادەمنى قىينايتتى.
   «ئىككى مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» نومۇرى يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. گۇستاننىڭ ئاۋازى راستىنلا ئۆچكىنىڭ مەرىشىگە ئايلىنىپ كەتتى، يەنە كېيىنكى كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ چىرايىمۇ ئۆچكىنىڭ يۈزىگە ئۆزگىرىپ قالدى. ئۆچكەيۈز خىرەلەشكەندىن كېيىن غايەت قورقۇنچلۇق بىر ياۋرو-ئاسىيا ئەسكىرى تاماشىبىنلارغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىپ، قولىدىكى پىلىموتنى سايرىتىۋەتتى. قارىماققا ئۇ راستىنلا ھەر ۋاقىت ئېكراندىن سەكرەپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتى، چۈنكى ئالدىنقى رەتتىكى تاماشىبىنلار قورققىنىدىن ئورۇندىقىدنى ئارقىغا تارتتى. دەل بۇ ۋاقىتتا قۇتقۇزغۇچى ئىلاھ يېتىپ كەلدى، ئاۋۇ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئوبراز غايىپ بولۇپ غوجىئاكىنىڭ چىرايى پەيدا بولدى، ئۇنىڭ قاپقارا چاچ-ساقىلى، ئاجايىپ تەمكىنلىگىدىن چەكسىز كۈچ-قۇدرەت ۋە سۈر-سالاپەت بالقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يۈزى بارغانسېرى يوغىناپ ئېكرانغا پاتمىغىلى تاس قالدى. ھېچكىممۇ غوجىئاكىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدى. ئۇ ناھىيىتى بىر ئاددىيغىنە  بىر نەچچە جۈملە تەسەللى سۆزى بولۇپ، ھەمىشە جەڭ ناھىيىتى كەسكىنلەشكەندە سۆزلىنىدىغان سۆزلەر ئىدى، گەرچە تاق سۆزلەرنى ئىلغا قىلغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن غوجىئاكا سۆزلىسىلا كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچى ئەسلىگە كېلەتتى. غوجىئاكىنىڭ چىرايىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا غايىپ بولۇپ، ئېكراندا پارتىيىنىڭ شۇئارى پەيدا بولدى، ھەممىسى يوغان خەتلىك ئىدى:

ئۇرۇش تېنچلىقتۇر
ئەركىنلىك قۇللۇقتۇر
نادانلىق كۈچتۇر

   لېكىن غوجىئاكىنىڭ چىرايى ئېكراندىن پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتمىگەندەك قىلاتتى، ئەيتاۋۇر كىشىلەرنىڭ كۆز سېزىمى بەك رۆشەن بولۇپ كېتىپ شۇ ھامان باشقا ئوبرازنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتەلمىگەن بولسا كېرەك. قىزغۇچ قوڭۇر چاچلىق ۋىجىك ئايال ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇندۇقتا دۈم ياتقان ھالدا تىترەڭگۈ ئاۋازى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە دۇدۇقلىدى، ئاڭلىماققا «شەپقەتچىم! شەپقەتچىم!» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىككى قولىنى ئېكرانغا ئۇزىتىپ يەنە تارتىۋالدى-دە، يۈزىگە ياقتى. ئۇ ئېنىقلا دۇئا قىلدى.
   بۇ چاغدا پۈتكۈل تاماشىبىنلارنىڭ بوم، ئاستا ھەم مۇناستېردىكى مۇناجاتقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان رېتىملىق ئىنتوناتسىيىسى ياڭرىدى:
-        غوجىئاكا! غوجىئاكا...غوجىئاكا!
   ئۇلار تەكرار-تەكرار توۋلايتتى، ئاۋال «غوجى...» دەپ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن «ئاكا» دەپ توۋلايتتى. بۇ خىل سالماق رېتىمدا توۋلاشقا قانداقتۇر بىرەيلەن يەرنى تېپىپ ئۇدار چىقىرىپ بېرىۋاتقاندەك ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭكىدەك دۇڭ-دۇڭ دۇمباق ئاۋازى قوشۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئاڭلىماققا بىرئاز قوپال. ئۇلار 30 نەچچە سېكۇنت مۇشۇنداق دېكلاماتسىيە قىلدى. ھەر قېتىم كەيپىيات جىددىلەشكەن چاغدا بۇ دېكلاماتسىيىنى ئاڭلىيالايتتىڭىز. ئەلۋەتتە بۇ غوجىئاكىنىڭ شەرەپلىك، ئۇلۇغلىقى ۋە تەڭداشسىز ئەقىل-پاراسىتىگە بولغان بىر خىل ھۆرمەت ئىدى، لېكىن ئەمىلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى گىپنوزلاش، بىر خىل مەقسەتلىك رېتىملىق ئاۋاز بىلەن ئەقلىي ئوي پائالىيىتىنى بېسىش ئۇسۇلى ئىدى. ۋېنىستوننىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ كەتتى. «ئىككى مىنۇتلۇق ئۆچمەنلىك» نومۇرى ۋاقتى ئىچىدە ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆزىنى ئۇنتۇش دەرىجىسىدىكى تەلۋىلىككە غەرق بولماي قالمىدى، لېكىن مەدەنىيەتسىز كىشىلەرلا چىقىرالايدىغان بۇنداق كوللېكتىپ توۋلاش ھەردەم ئۇنى كۈچلۈك ۋەھىمىگە چۆكتۈرەتتى. ئەلۋەتتە، ئۇمۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ توۋلىشى كېرەك، نېمە ئامال؟ ھېسسىياتنى يوشۇرۇش، چىراي ئىپادىسىنى كونترول قىلىش، باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دېيىش، ئومۇمىيخورغا ئەگىشىش بۇ ئاللىقاچان تۇغما ئىنكاسقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ھامان بىر-ئىككى سېكۇنت  ۋاقىت ئىچىدە ئۇ كۆزلىرىنى باشقۇرالماي قالاتتى ھەمدە مۇشۇ سەۋەپلىك ئوي-خىيالى ئاشكارىلىنىپمۇ قالاتتى. دەل چاقماق چېقىلىپ ئۆچكەنچىلىك بولغان مۇشۇ دەقىقىدە باشتا ئېيتىلغىنىدەك ئاۋۇ پەۋقۇلئاددە ئىش يۈز بەردى ــــ ئەگەر راستىنلا مۇشۇ ئىش يۈز بەرگەن بولسا.
   كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوبلويىننىڭ كۆزلىرى بىلەن بىر قېتىم دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئوبلويىن بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپ چۈشۈپ كەتكەن كۆزئەينىكىنى ئوڭشاپ قويۇش ئۈچۈن قاڭشىرىغا تاقاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى تاسادىپ ئۇچرىشىپ قالغان شۇ دەقىقىدە ۋېنىستون بۇنى چۈشەندى ــــ راست، ئۇ ئىنتايىن چۈشەندى: ئوبلويىننىڭ ئوي-خىيالى ئۇنىڭكىگە ئوپ-ئوخشاش ئىدى. ئۇلا بۇ قىسقىغىنە دەقىقىدە ئۆزئارا قەلب سىرىنى يەتكۈزۈشتى. بۇ دەل ئۇلار ئىككىيلەننىڭ ئۆزئارا قۇچاق ئېچىشىپ كۆزلىرى ئارقىلىق قەلب سىرىنى يەتكۈزگىنىگە ئوخشايتتى. «ئىككىمىز بىر سەپتە»، ئوبلىيىن ئۈنسىز ھالدا ئۇنىڭغا شۇنداق دەۋاتقاندەك قىلاتتى: «مەن سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى ئىنتايىن ئوبدان چۈشىنىمەن، بۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى ئىنتايىن كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىڭىزنى، ئۆچ كۆرىدىغىنىڭىزنى، بىزار ئىكەنلىگىڭىزنىمۇ بىلىمەن! بىراق خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىز تەرەپتە». بىراق ئوبلىيىننىڭ بۇ ئەقىل-پاراسىتى پاللىدە كۆرۈنۈپلا شۇ ھامان غايىپ بولدى. ئۇنىڭ چىرايىغا باشقا كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئىپادە قايتىپ كەلدى: تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان.
   بۇ مۇشۇنچىلىك بىر ئىش ئىدى. ۋېنىستونمۇ بۇ ئىشنىڭ زادى يۈز بەرگەن- بەرمىگەنلىگىنى ئاڭقىرالمىدى. بۇنداق ئىشلارنىڭ داۋامى يوق ئىدى. ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ بۇ ئىش پەقەت ئۇنىڭ ئېتىقادىنى قوغدىغانلىق ياكى ئۈمىد ئىدى: ئۆزىدىن بۆلەك يەنە ئۇمۇ ئوخشاشلا پارتىيىنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئېھتىمال يەر ئاستى تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى ئۆسەك سۆزلەر راست بولىشى مۈمكىن، يەنە كېلىپ قېرىنداشلار ئويۇشمىسىدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىش بار ئىدى. گەرچە ئۆلتۈرىلىدىغانلار ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىقرار قىلىدىغانلار ئىقرار قىلىپ، تۇتىلىدىغانلار تۇتۇلغان بولسىمۇ سىز يەنىلا قېرىنداشلار ئويۇشمىسىنىڭ پەقەتلا ئېغىزدىكى گەپ ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلالمايتتىڭىز. ۋېنستون بەزىدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنسە يەنە بەزىدە ئىختىيارسىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن گۇمانلىناتتى.  بۇنداق ئىشلارنى پاكىتلار بىلەن ئەمەس پەقەت بىر قىسىم غىل-پاللا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئالامەتلەر بىلەن پەرەز قىلىشقا بولاتتى. مەسىلەن يېنىڭىزدىكى پاراڭلىشىۋاتقان  كىشىلەردىن تاسادىپ ئاڭلاپ قالغان بىر قىسىم يىپ ئۇچى، ھاجەتخانا تېمىغا يىزىلغان تۇتۇق خەتلەر، ھەتتا بەزىدە ئىككى ناتونۇش بىر يەرگە كېلىپ قالغاندا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا  يامان غەزەزلىك ئىما-ئىشارەتلەر كۆرۈنۈپ قېلىشى مۈمكىن. لېكىن بۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر پەرىزى خالاس، ئېھتىمال تۈپتىن خىيالىي سېزىم بولىشىمۇ مۈمكىن. ئۇ ئوبلىيىنغا بىر قاراپمۇ قويماي ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان كىچىك ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ھەمدە بۇ قېتىمقى قىسقىغىنە كۆز ئۇچرىتىشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنىمۇ قايتا ئارزۇ قىلمىدى. ئۇ قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى ئوبدان بىلەتتى، لېكىن خەتىرىنىڭ چوڭلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. بىر-ئىككى سېكۇنت ئىچىدە ئۇلار ئىللىق كۆز بېقىشتۇردى ھەم ھېكايىمۇ شۇ يەردە ئاخىرلاشتى. گەرچە جەريانى شۇنچىلىك قىسقا بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇھىتنىڭ قىستىشىدا قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغان يىگانە تۇرمۇشىدا ئۇ ئاللىقاچان ئەسلەش قىممىتىگە ئىگە بولغان ئىدى.
   ۋېنستون كەيپىياتى كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئولتۇرۇپ كېكىردى. ئاشقازىنىدىن قارىغاي ھارىقىنىڭ ھىدى ئۆرلىدى.
   ئۇنىڭ نەزىرى قايتىدىن خاتىرە دەپتىرىنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتى. بۇ چاغدا ئۇ دەرمانسىز ھالدا چوڭقۇر خىيالغا پاتقىنى بىلەن ئەمما قولىدىكى قەلىمى ھەرگىز توختاپ قالمىدى. بۇ راستىنلا تۇغما سېزىم بىلەن يېزىلغان خەتلەر بولۇپ، خەت شەكلىمۇ ئۇنىڭ ئەسلىدىكى چۆمۈلە پۇتىدەك مايماق-سايماق، ئۇششاق خەتلىرى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ قەلىمىنىڭ ئۇچى سىلىق،پارقىراق قەغەز ئۈستىدە بىمالال ئويناپ مۇنداق مەردانە خەتلەرنى يازدى، ھەممىسى چوڭ خەتلىك بولۇپ پۈتۈن يېرىم بەتنى ئىگەللەيتتى:

غوجىئاكىنى يوقىتايلى!
غوجىئاكىنى يوقىتايلى!
غوجىئاكىنى يوقىتايلى!
غوجىئاكىنى يوقىتايلى!
غوجىئاكىنى يوقىتايلى!

   ئۇ ئۆزىمۇ ئىختىيارسىز ئالاقزادە بولۇپ تىترەپ كەتتى. ئېيتىشقىمۇ بىمەنە، چۈنكى «غوجىئاكىنى يوقىتايلى» دېگەن بۇنداق گەپلەرنى دېيىش ئەسلىدىن خاتىرە يېزىشتەك بۇنداق ئىشقا سېلىشتۇرغىلى بولغىدەك تېخىمۇ خەتەرلىك ئەمەس ئىدى. گەپ شۇنداق دېيىلگەن بىلەن، بىراق ئۇنىڭ ھەقىقىي غەرىزى  خەت يېزىپ بولغان بىر نەچچە بەتنى يىرتىۋېتىپ پۈتكۈل پىلانىدىن كەسكىن ۋاز كەچمەكچى ئىدى.
   لېكىن ئۇ بۇنداق قىلمىدى، چۈنكى ئۇ يىرتىشنىڭمۇ بىھۇدە ئىشلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ «غوجىئاكىنى يوقىتايلى» دېگەن بۇ خەتنى يېزىشى، ياكى سەۋر-تاقەت قىلىپ يازماسلىقى ئەمىلىيەتتە ئوخشاش بىر ئىش ئىدى. ئۇ خاتىرىنى داۋاملىق يازسىمۇ، ياكى ھازىر يېزىشتىن ۋاز كەچسىمۇ بۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىدىيە ساقچىلىرى ئوخشاشلا ئۇنى تۇتاتتى. ئۇ ئىنتايىن چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئىدى(گەرچە بىر خەتنىمۇ يازمىغان تەقدىردىمۇ)، ئۇ بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۇلار بۇنى «ئىدىيىۋىي جىنايەت» دەپ ئاتايتتى. «ئىدىيىۋىي جىنايەت»نى مەڭگۈ كىشىلەرنىڭ كۆز-قۇلىقىدىن يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايتتى. سىز ئۇنى بىر مەزگىل، ھەتتا بىرنەچچە يىل ئۇلاردىن يوشۇرۇپ قالالىشىڭىز مۈمكىن، لېكىن ھامان بىر كۈنى ئۇلار تەرىپىدىن پاش قىلىناتتىڭىز.
   ئادەم تۇتىدىغان ۋاقىت ھەمىشە ئاخشىمى بولۇپ، ئاساسەن بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولمايتتى. چۈشىڭىزدىن بىر تۈرتۈپلا ئويغىتىپ، يۇغان ئالقان مۈرىڭىزدىن قاماللاپ تۇتۇپ، قولچىراق كۆزىڭىزنى يورۇتقاندا رەھىمسىز چىرايلارنىڭ كارىۋىتىڭىز ئالدىنى چۆرىدەپ تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىڭىز. زور كۆپ ساندىكى دېلولار سوتتىن ئۆتكۈزۈلمەيتتى، تۇتۇلغىنىڭىزنىمۇ ھېچكىم بىلمەيتتى. «ئىدىيىۋىي جىنايەت» ئۆتكۈزگەن ئادەم پەقەت ئاخشىمى يوقاپ كېتەتتى، خالاس. ئىسمىڭىز ئىسىملىك رويخەتتىن غايىپ بولۇپ، سىز قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خاتىرىلەرمۇ بىراقلا ئۆچۈرۈپ تاشلىناتتى. سىزنىڭ دۇنيادا بىر مەزگىل ياشاپ ئۆتكەن بۇ پاكىتىڭىز ئاۋال ئىنكار قىلىناتتى، ئارقىدىن كۆپچىلىكمۇ سىزدەك بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇيتتى. سىز سىقىپ چىقىرىلاتتىڭىز، ھالاك قىلىناتتىڭىز. ئۇلارنىڭ ئادەت سۆزىدە بۇ «پارغا ئايلىنىش» دېيىلەتتى.
   تۇساتتىن ئۇنىڭ ئەسەبىيلىگى تۇتۇپ ھاپىلا-شاپىلا ھەم رەتسىز ھالدا يېزىشقا باشلىدى:
   ئۇلار مېنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ مەن پىسەنت قىلمايمەن ئۇلار بوينۇمنىڭ ئارقىسىغا ئاتىدۇ مەن پىسەنت قىلمايمەن غوجىئاكىنى يوقىتايلى ئۇلار دائىم كىشىلەرنىڭ بوينىغا ئاتىدۇ مەن پىسەنت قىلمايمەن غوجىئاكىنى يوقىتايلى ـــــ

   ئۇ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە سۇنايلىنىپ قەلىمىنى قويدى، ئۆزىمۇ ئازراق ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. بىر مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۇ قايتىدىن روھلىنىپ يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. بىرسى ئىشىكنى چەكتى!
   نېمىدېگەن تېز! ئۇ خۇددى بىر چاشقاندەك جايىدا قىمىر قىلماي ئولتۇردى،  ئۇنىڭدا كىچىككىنە بىر ئۈمىد بار ئىدى: كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئىشىك ئاچقىلى ئادەم بولمىغاندىكىن كېيىن ئۆزىنى سوراپ بۇ يەردىن ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن بۇنىڭ پايدىسى بولمىدى، ئۇ ئەبلەخ بارغانسېرى ئەدەپ ئىشىكنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ھاماقەتلىك ۋاقىتنى ئۇزارتىش ئىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى داپ چالغاندەك دۈكۈلدەپ كەتتى، بىراق يۈزلىرىدە نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئادەتلەنگىنى سەۋەپلىك ھېچقانداق ئىپادە ئەكس ئەتمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سالماق قەدەم بىلەن ئىشىك ئالدىغا كەلدى.

   

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 18:08:04

  بۇ روماننىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، توردىن خەنسۇچىسىنى ئوقۇپ سەۋيەم يىتىشمەي تاشلاپ قويغان.  داۋامىغا تەشنامىز.  جۇلا ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.   
  سىياسى مەسخىرۋازلىقنىڭ پادىشاھى_ جورجى ئوۋلېر{:112:}

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 18:24:33

ئوقۇيغدىغانغا يەنە بىر ئېسىل تېما چىقتى مانا ،

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 19:30:32

ھېلىقى ‹‹ھايۋانلار قورۇقى›› نى يازغان ئادەم شۇمۇ نىمە

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 22:51:26

ساقلىۋالاي

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 09:46:56

كىنوسىمۇ بارغۇ بۇ روماننىڭ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 14:58:55

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 19:30 static/image/common/back.gif
ھېلىقى ‹‹ھايۋانلار قورۇقى›› نى يازغان ئادەم شۇمۇ نىمە
...

动物庄园 شۇ

توردىن ئاختۇرۇپ باقسام بۇ  1984 دىگەن رومان  بۇرۇن چەكلەنگەن ئىكەن. ؟



يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:10:42

ئەنۋەر جۇلا: سىز بۇ روماننى پۈتۈن يوللىسىڭىز، مەنمۇ بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ قويغان رومانلارنى بۇ يەرگە يوللايمەن، جۇمۇ.....رەھمەت!

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:30:47

بۇنىڭ داۋامى قېنى؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:01:39

2
   «غوجىئاكىنى يوقىتايلى» دېگەن بىر نەچچە خەت ناھىيىتى چوڭ يېزىلغان بولۇپ ئۆينىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىغان ئارىلىقتىنمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنچىۋالا ھاماقەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ھە، ئېسىگە كەلدى، سىياھى تېخى قۇرىمىغاچقا قەغەزنىڭ بۇلغىنىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن دەپتەرنى يېپىپ قويغۇسى كەلمىگەنىدى.
   ئۇ چوڭقۇر بىر تىنىۋېلىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ سىرىتتا ئۆرە تۇرغان كىشىنىڭ ئىنتايىن جانسىز، يەتكۈچە ئازاپ تارتقان، چاچلىرى سالپىيىپ، يۈزىگە لىققىدە قورۇق چۈشكەن ئاياللىقىنى كۆرگەن چېغىدا ئاندىن يۈرىكى ئىزىغا چۈشتى.
   - يولداش،- دېدى ئۇ يېلىنغان تەلەپپۇزدا،- مەن سىزنىڭ كىرىپ كەتكىنىڭىزنى ئاڭلاپ ئىشىگىڭىزنى چەككەن ئىدىم، مالال كۆرمەي ئاشخانا ئۆيۈمنىڭ قاچا يۇيۇش ساندۇقىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولارمۇ؟ بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك...
   كەلگۈچى بوسىنىس خانىم بولۇپ بۇ بىنادىكى قوشنىسى ئىدى. «خانىم» دەپ بۇنداق ئاتاشنى پارتىيە رۇخسەت قىلمايتتى، كىم كىمنى چاقىرسا چوقۇم «يولداش» دەپ چاقىرىشى كېرەك ئىدى، بىراق بەزى ئاياللارنى كۆرگەن چېغىڭىزدا ئىختىيارسىز «خانىم» دەپ چاقىرىپ قالىسىز.
   بوسنىس خانىم ئەمدىلا 30 ياش ئەتراپىدا بولغىنىغا قارىماي بەك قېرى كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارغا قارىسىڭىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئىچىگە توپا-چاڭ كۆمۈلۈپ قالغاندەك كۆرىنەتتى. ۋېنستون ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قانالغا كىردى. بۇنداق ئىشتىن سىرتقى رېمۇنتچىلىق خىزمىتى ھەركۈنى نەچچە رەت چىقىپ تۇرغاچقا ئۇنى بەك زېرىكتۈرەتتى. غالىبىيەت بىناسى كونا بىنا، ئەيتاۋۇر 1930-يىلى سېلىنغانغۇ دەيمەن، ھېچكىممۇ بىلمەيتتى، ئىشقىلىپ كۈندىن-كۈنگە خاراپلىشىۋاتاتتى. تام-تورۇسلاردىكى پىلاستېرلارمۇ دائىم سويۇلۇپ چۈشەتتى، تۇرۇبىلارمۇ مۇز توڭلىغان ھامان يېرىلىپ كېتەتتى، قار ياغقان كۈنى ئۆگزىدىن سۇ تامچىلايتتى. قىيىنچىلىقنى يېڭىپ تېجەشچانلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان مەزگىلدە پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىمۇ پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلەتتى. لېكىن، ئومۇميۈزلۈك ماڭغۇزۇلغان تەقدىردىمۇ پار يەنىلا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا ئىسسىيتتى، خالاس. قەيەردىن چاتاق چىقسا پەقەتلا ئۆزىڭىز رېمۇنت قىلاتتىڭىز، بولمايدىكەن ناھىيىتى يىراقتىكى قانداقتۇر بىر نېمە ھەيئىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. بىر دەرىزە ئەينىگىنى سالدۇرۇشقىمۇ ئىككى يىل ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولاتتى.
   - تام ئۆيدە بولغان بولسا سىزنى مالال قىلمىغان بولغىتتىم،- دېدى بوسنىس خانىم دۇدۇقلىغان ھالدا.
   بوسنىس ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇسى ۋېنىستوننىڭكىدىن سەل چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاسكىنا-بىسەرەمجانلىقىمۇ ئوخشىمايتتى. ئۆيدىكى ھەربىر نەرسە كاردىن چىققاندەك ياكى دەسسىۋېتىلگەندەك كۆرىنەتتى، خۇددى ئۆي بايىلا بىر يوغان يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلگەندەك. بۇ ھەقىقەتەن ئوڭتەي-توڭتەي قىلىنىشنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىنىشى ئىدى. دوگۇرما توپ پالىقى، بوكسيۇر پەلىيى، ماكچايغان پۇتبول، تەتۈر ئۆرۈلگەن سېسىق تەر پۇرىقى كالتە ئىچ ئىشتان ... ھەممىسى يەردە قالايمىقان چېچىلىپ ياتاتتى. ئۈستەلدە قاچا-قۇچىلار چېچىلىپ ياتاتتى، يەنە بالىلارنىڭ بەتلىرى يىرتىلغان تاپشۇرۇق دەپتىرىمۇ بار ئىدى. تامغا ياش-ئۆسمۈرلەر ئەترىتى بىلەن ئايغاقچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قىپ-قىزىل بايرىقى ۋە غوجىئاكىنىڭ بىر پارچە پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك سۈرىتى ئېسىلغان ئىدى. ئۆي ئىچىنى قاينىتىلغان كاللەكبەسەينىڭ پۇرىقى بىر ئالغان بولۇپ، بۇنى مۇشۇ بىنادا ئومۇملاشقان پۇراق دېيىشكە بولاتتى. ئوخشىمايدىغىنى، بۇ ئۆيدىكى كاللەكبەسەينىڭ پۇرىقىغا ئالاھىدە كۈچلۈك تەر پۇرىقى سىڭگەن ئىدى. گەرچە بۇنى ئىزاھلاش تەس بولسىمۇ، ئەمما سىز بىر پۇراپلا بۇ تەر پۇرىقىنىڭ ھازىر بۇ ئۆيدە يوق ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىكەنلىگىنى بىلىۋالالايتتىڭىز. يەنە بىر ئۆينىڭ ئىچىدە بىرەيلەن تازىلىق قەغىزىنى تارغاققا ئوراپ ساز قىلىپ، ئېكراندا قويىلىۋاتقان ھەربىي ئوركېستېرغا تەڭكەش قىلىپ چېلىۋاتاتتى.
   -كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنى،- دېدى بوسنىس خانىم بىرئاز جىددىلەشكەن ھالدا ئىشىككە قاراپ،- ئۇلار بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن ئۆيدىن تالاغا چىقىپ باقمىدى. ئەلۋەتتە ...
   بوسنىس خانىم گېپىنى پۈتۈن دەپ بولمايلا گېپىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئامراق ئىدى. قاچا يۇيۇش ساندۇقىغا يىغىلغان يۇندا ئاللىقاچان گىرۋەككە كېلىپ قالغان بولۇپ ئۇنىڭ پۇرىقى كاللەكبەسەينىڭ پۇرىقىدىنمۇ سېسىق ئىدى. ۋېنستون زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇبىنىڭ ئۇلاش ئېغىزىغا قارىدى. ئۇ قولى بىلەن قارا ئىش قىلىشقا ئۆچ ئىدى، بولۇپمۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن بەك قورقۇيتتى، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ توختىماي يۆتىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. بوسنىس خانىم ھېچ ئېلاجسىز ھالدا بىر چەتتە قاراپ تۇردى.
   ئەلۋەتتە، ئەگەر تام ئۆيدە بولغان بولسا بىر نەچچە مىنۇتتىلا ئوڭشاپ بولاتتى،- دېدى ئۇ،- ئۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق، قولى باشقىلارنىڭكىدىن ئەپلىك!
   بوسنىس خانىم تەرىپلىگەن تام دەل ۋېنىستوننىڭ ھەقىقەت بۆلۈمىدىكى خىزمەتدىشى ئىدى. ئۇ سېمىزلىكىگە باقماي ئىنتايىن ئىشچان، دۆت لېكىن تولۇپ-تاشقان سەمىمىي ئادەم ئىدى. ئۇ جاپا ۋە تاپا-تەنىدىن ۋايسىماي ئىشلەۋېرەتتى، پارتىيىنىڭ تەرتىپىدە چىڭ تۇرۇشتا ئىدىيە ساقچىلىرىدىنمۇ ئىشەنچلىك ئىدى. ئۇ بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەمدىلا يېشى ئېشىپ كەتكەنلىگى سەۋەپلىك ياش-ئۆسمۈرلەر ئەترىتىدىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى، ئۇندىن باشقا ئۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ئەترىتىگە كىرىشتىن بۇرۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن يېشىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا بىر يىل ئايغاقچىلىق قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەقىقەت بۆلۈمىدە ئۆز ئۈستىگە ئالغىنى قانداقتۇر بىرەر بىلىمگە ھاجىتى چۈشمەيدىغان قوشۇمچە ۋەزىپە ئىدى، لېكىن باشقا جەھەتتىن ئۇ ناھىيىتى جانلىق ئىدى. مەسىلەن تەنتەربىيە كومېتىتىدا ئۇ ئاساسلىق ئادەم ئىدى. ئۇندىن باشقا ھەرقانداقلىكى ئاممىنى يىغىپ پائالىيەتكە ئويۇشتۇرۇش، مەسىلەن كوممۇنانىڭ دالا سەيلىسى، ئۆزلىگىدىن قوزغىلىپ نامايىش قىلىش، ئامانەت پۇلىنى تېجەش ھەرىكىتىدە چوقۇم ئۇنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسى بولاتتى. ئۇ سىزگە غاڭزىسىنى چىشلىگەن ھالدا ئۆتكەن 4 يىل ئىچىدە ھەركۈنى ئاخشىمى كوممۇنا مەركىزىدە بولغانلىقىنى ماختىنىپ ئېيتىپ بېرەلەيتتى، ئۇ ھەر قېتىم بىر جايغا كەلسە بەدىنىدىكى سېسىق تەر پۇرىقى دەستىدىن كىشىلەر نېرى قاچاتتى ھەم بۇ پۇراق ئوڭايلىقچە تارقىلىپ كەتمەيتتى. ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ ھەركۈنى قانچىلىك ئالدىراش ھەم جاپادا ئۆتىدىغىنىنى بىلىپ قېلىشىڭىزغا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايتتى.
   - سىزدە كۇلۇچ بارمۇ؟- دەپ سورىدى ۋېنستون تۇرۇبىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىدىكى ۋېنتىنىڭ قالپىقىنى تۇتۇپ.
   - كۇلۇچ؟ - دېدى بوسنىس خانىم بوشقىنە ياندۇرۇپ سوراپ،- مەن بىلمەيمەن. بەلكى بالىلار ...
   بالىلار مېھمانخانا ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرگەندە بەتىنكىسى تاراقلاپ كەتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ «ساز»ى توختىماي ياڭرىدى. بوسنىس خانىم كۇلۇچنى ۋېنستونغا بەردى. ئۇ ئاۋال يۇندىنى ئاققۇزۇپ، ئاندىن سەسكەنگەن ھالدا تۇرۇبىغا قاپسىلىپ قالغان تۈكلەرنى چىقىرىۋەتتى. ئۇ قاچا يۇيۇش ساندۇقىدىكى سوغۇق سۇدا قولىنى چايقىۋەتكەندىن كېيىن بۇرۇلۇپ ئۆز ئۆيىگە ماڭدى.
-قولۇڭنى كۆتۈر!- دېگەن بىر قەھىرلىك ئاۋاز جاراڭلىدى.
   ئەسلىدە تولىمۇ چىرايلىق، لېكىن چىراي ئىپادىسىدىن ياۋۇزلىقى چىقىپ تۇرغان بىر 9 ياشلىق ئوغۇل بالا تۇساتتىن تاماق ئۈستىلى ئارقىسىدىن سەكرەپ چىقىپ بىر ئويۇنچۇق تاپانچا بىلەن ئۇنى قورقۇتقان ئىدى. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى ياش كىچىك سىڭلىسىمۇ ئاكىسىنى دوراپ ئوخشاش ھەرىكەت قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ كۆتۈرىۋالغىنى تاپانچا بولماستىن بىر ياغاچ پارچىسى ئىدى. ھەر ئىككىسى كۆك كالتە ئىشتان، كۈلرەڭ كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ بوينىغا قىزىل گالىستۇك تاقىغان ئىدى، بۇ دەل ئايغاقچىلار ئىتتىپاقىنىڭ فورمىسى ئىدى. ۋېنىستون بۇيرۇققا بىنائەن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئىنتايىن بىئارام بولدى. بۇ بالىنىڭ پوزېتسىيىسى نېمىدېگەن قەبىھ-ھە، ھەرگىزمۇ ئويۇن ئوينىغاندەك ئەمەس.
   - ھۇ خائىن!- دېدى بالا ۋارقىراپ،- ئىدىيىۋىي جىنايەتچى! ياۋرو-ئاسىيا دۆلىتىنىڭ جاسۇسى! مەن بىر پاي ئوق بىلەنلا سېنى ئۆلتۈرىمەن! سېنى پارغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن! سېنى تۇز كېنىغا ئاپىرىپ توڭلىتىپ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرىمەن!
   تۇساتتىن، ئاكا- سىڭىل ئىككىسى ئۇنى ئورىۋېلىپ يەنە ئەزۋەيلىدى:
-        خائىن! ئىدىيىۋىي جىنايەتچى!
   ئاكىسى نىمە قىلسا سىڭلىسىمۇ ئۇنى دوراپ ئەگىشەتتى. بۇنىڭدىن راستىنلا ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلەتتى. ۋېنستونغا خۇددى تېزلا چوڭ بولۇش ئالدىدا تۇرغان يولۋاس بالىلىرى ئەركىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئوغۇل بالىنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ھېلىگەرلىككە يېقىن ياۋۇزلۇق، پاتلا ۋېنستوننىڭ كۆتىگە تەپكۈدەك چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك ئېنىق ئىپادە چىقىپ تۇراتتى. بەختكە يارىشا كۆتۈرىۋالغىنى ئويۇنچۇق تاپانچا ئىكەن، دېدى ۋېنستون كۆڭلىدە.
   بوسنىس خانىمنىڭ ئالاقزادە بولغان كۆزلىرى ئۆز بالىسى بىلەن ۋېنستون ئارىسىدا ئەلەڭلەيتتى. مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىقى خېلىلا يورۇق بولۇپ، ۋېنستون بۇ چاغدا بوسنىس خانىمنىڭ  يۈزىدىكى قورۇقلارنىڭ ئىچىدە دەرۋەقە توپا-چاڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدى.
   - چۇرقىراپ بېشىمنى يىدىغۇ،- دېدى بوسنىس خانىم،- چۈنكى بۇلارنى دارغا ئېسىش جازاسىنى كۆرۈشكە ئاپىرىدىغان ئادەم يوق، يا مېنىڭ چولام تەگمىگەن، يا تام ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۈلگۈرەلمىگەن.
   - بىز نىمىشقا دارغا ئېسىش جازاسىنى كۆرگىلى بارالمايمىز؟- دەپ سورىدى ئوغۇل بالا قوپال ھالدا.
   - دارغا ئېسىش جازاسىنى كۆرگىلى ئاپار! دارغا ئېسىش جازاسىنى كۆرگىلى ئاپار!- دېدى قىزچاق ئاكىسىغا بولۇشۇپ غەلۋە قىلىپ.
   ۋېنستوننىڭ ئېسىگە كەلدى، بۈگۈن ئاخشام بىرمۇنچە ياۋرو-ئاسىيا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى باغچىدا دارغا ئېسىلاتتى. بۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشكەن نومۇر بولۇپ، كىچىك بالىلار چوڭلارنىڭ يېتىلىشى بىلەن بېرىپ تاماششا قىلىشقا ئامراق ئىدى. ۋېنستون بوسنىس خانىم بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىگە ماڭىدىغان چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى، لېكىن قانالدا بىر نەچچە قەدەم ماڭمايلا بوينىغا قانداقتۇر بىر نېمە سانچىلدى. بۇ ئاغرىق قىزىتىلغان زىخنى سانچىۋەتكەنگە ئوخشايتتى. ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىۋېدى، بوسنىس خانىم ئوغلىنى سىلكىشلەپ تارتقىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ كىچىك شۇم ئالدىراش ھالدا رەگەتكىسىنى يانچۇقىغا سالدى.
   ئۇ ئەمدىلا ئىشىكنى تاقاي دەۋاتقاندا ئۇ بالا يەنە بولدى قىلماي ھۆرپەيگەن ھالدا تىللىدى:
   -گۇستان!
   لېكىن ئۇنىڭغا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغىنى يەنىلا بوسنىس خانىمنىڭ قانسىز يۈزىدە ئەكس ئەتكەن ئىلاجسىز ئالاقزادىلىك ئىدى.
   ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كىرىپلا تېز سۈرئەتتە ئېكراننىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتتى-دە، ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بوينىنىڭ ئاغرىغان يېرىنى سىلىدى. ئېكراندا قويۇلىۋاتقان مۇزىكا ئاللىقاچان توختاپ ئۇنىڭ ئورنىغا بىر ھەربىي يىغىنچاق، كۈچلۈك، مەمەدان زالىملارچە تەلەپپۇزى بىلەن ئىسلاندىيە ۋە  فائېرو تاقىم ئاراللىرىدا ئەمدىلا پۈتكەن لەيلىمە قەلئەنىڭ قورال-جابدۇقلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىۋاتاتتى.
   بۇنداق ئەتىۋارلىق بالىلارنى بېقىپ بوسنىس خانىم ھەركۈنى ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدىكەن، دەپ ئويلىدى ۋېنىستون. يەنە بىر-ئىككى يىل ئۆتسە ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئانىسىنى نازارەت قىلىپ ئۇنىڭدا گۇمانلىق بىدئەت ئىدىيەنىڭ بار-يوقلىنى كۈزىتىدىدىغان بولىدۇ. ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇنداق: ئىنتايىن قورققۇنچلۇق. تېخىمۇ قورقۇنچلىقى ھۆكۈمەت ئايغاقچىلار ئىتتىپاقىغا ئوخشاش مۇشۇنداق تەشكىلاتلارغا تايىنىدۇ، بالىلارنى ئاتا-ئانىسى باشقۇرالمايدىغان يىرىتقۇچ ھايۋان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ، لېكىن قالتىس يېرى دەل مۇشۇ يەردە: بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار پارتىيەنىڭ قانۇن-ئىنتىزامىغا ھەرگىز ئۆكتە قوپمايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرىلىدۇ. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار پارتىيە ۋە پارتىيىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان بولىدۇ. بايراق كۆتۈرۈپ، ناخشا ئېيتىپ نامايىش قىلىش، دالا سەيلىسى قىلىش، ئويۇنچۇق تاپانچا بىلەن مانىۋېر قىلىش، ئەسەبىيلەرچە شۇئار توۋلاش، غوجىئاكىنى دوراش...مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ خوشال ۋە شەرەپلىك ئويۇنى. ئۇلار قەلبىدىكى غەزەپ يالقۇنىنى تۆۋەندىكى ئوبيېكىتلارغا چاچىدۇ: دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى، چەتئەللىكلەر، خائىنلار، سۈيقەستچى بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلار ۋە ئىدىيە جىنايەتچىلىرى. ئاتا-ئانا بولغۇچىلار 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا ئۆز پەرزەنتلىرىدىن قورقىدۇ، بۇ ئاللىقاچان كۆرە-كۆرە كۆزگە سىڭىپ قالغان ئىشلار. بۇمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، ھەر يەكشەنبە كۈنى دېگۈدەك سىز «تايمىس گېزىتى»دىن مۇنداق خەۋەرلەرنى كۆرەلەيسىز: ئاتا-ئانىسىنىڭ پارىڭىنى يوشۇرۇن ئاڭلىغان بىر شۇمتەك جىنايى قىلمىشقا چېتىلىدىغان بىر پاراڭنى ئاڭلىۋېلىپ ئىدىيە ساقچىلىرىغا چاقتى. ئەلۋەتتە، «تايمىس گېزىتى»نىڭ خەۋەرلىرىدە «ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغان شۇمتەك» دەپ بۇنداق ئاتالمايدۇ، ئەكسىچە چىرايلىق قىلىپ «قەھرىمان كىچىك باتۇر» دەپ ئاتىلىدۇ.
   بوينىنىڭ ئاغرىقى توختىدى، ئۇ يەنە دىققىتى چېچىلغان ھالدا قولىغا قەلەم ئېلىپ خاتىرىلىگۈدەك يەنە نېمە باردۇ، دەپ ئويغا چۆكتى. تۇساتتىن ئۇنىڭ ئېسىگە يەنە ئوبلايىن كەلدى.
   خېلى بۇرۇن ـــــ زادى قانچە يىل بۇرۇن؟ چوقۇم 7 يىل بۇرۇنقى ئىش ـــــ ئۇ چۈشىدە بىر قاراڭغۇ ئۆيگە كىردى. دەل بۇ چاغدا، باشتىن-ئاخىر ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇرغان بىر ئەر زۇۋان سۈردى:
   -كەلگۈسىدە بىز قاراڭغۇلۇق يوق جايدا يۈز كۆرۈشىمىز.
   گەپ قىلغان ئاۋاز بوش بولۇپ، تەرەپباللا ئېيتىلغان دېيىشكە بولاتتى، لېكىن ئاڭلىغان كىشىگە بۇيرۇق قىلىۋاتقاندەك ئەمەس بايانات قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ۋېنستون توختاپ قالماي داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. غەلىتە يېرى چۈشىدە بۇ گەپ ئانچە تەسىر قىلمىغان ئىدى، كېيىن ئۇ بۇ گەپنىڭ ئالاھىدە مەنىسىگە بارا-بارا يەتكەن ئىدى. بۇ چۈشنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئاندىن ئۇ ئوبلايىننى تۇنجى قېتىم كۆرگەن بولغىيمىتى؟ ھازىر ئۇ ئەسلىيەلمىدى. ئۇ يەنە بۇنىڭ ئوبلايىننىڭ ئاۋازى ئىكەنلىگىنى قاچانلاردا تۇنجى قېتىم ھېس قىلغىنىنى ئەسلىيەلمىدى. بۇنىڭدا چاتاق يوق، قاراڭغۇ ئۆيدە ئۇنىڭغا گەپ قىلغىنى دەل ئوبلايىن ئىدى.
   بۈگۈن ئەتىگەن ئۇنىڭ بىلەن كۆز ئۇچراشتۇرغىنى بىلەن ۋېنستون ئوبلايىننىڭ دوست ياكى دۈشمەنلىگىنى تېخىچە جەزىملەشتۈرەلمىدى. ئەمىلىيەتتە بۇمۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس. پەقەت ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ماسلىشىش بولسىلا كۇپايە، بۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات بار-يوقلىقى ياكى سىياسىي ئىدىيىۋىي ئورتاقلىقىدىنمۇ مۇھىم ئىدى. « كەلگۈسىدە بىز قاراڭغۇلۇق يوق جايدا يۈز كۆرۈشىمىز».  بۇ ئۇ ئېيتقان سۆز ئىدى. ۋېنستون ئۆزىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، پەقەت ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ھامان كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
   ئېكراندىكى لەيلىمە قەلئەنى تونۇشتۇرىۋاتقان ھېلىقى ئاۋاز توختىدى. بىر خىل كۈچلۈك كاناي ئۈنى ياڭراپ، بۇرۇختۇم ھاۋانى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. ئارقىدىن بىر قۇلاقنى يارىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
   - دىققەت! كۆپچىلىك دىققەت! بىز ھېلىلا مالابا ئالدىنقى سېپىدىن ھۆججەتلىك فىلىم تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ئارمىيىمىز جەنۇبىي ھىندىستاندا شانلىق جەڭ غەلىبىسى قۇچتى. مەن ھۆكۈمەتنىڭ بايانات قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتىم، ئارمىيىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتتى، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە كۆز ئالدىمىزدىلا. ئەمدى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈڭلار...
   -يامان خەۋەر، دەپ ئويلىدى ۋېنستون. دەرۋەقە، ئارقىدىنلا ياۋرو-ئاسىيا ئارمىيىسىنى قانداق يوقاتقانلىقى توغرىسىدىكى قانلىق خەۋەر بېرىلدى (ئۆلگەن ۋە ئەسىرگە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچىتەتتى)، يەنە بىر ئۇقتۇرۇشمۇ ئېلان قىلىندى: كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ شاكىلات كەمپۈتنىڭ تەقسىملىنىش مىقدارى 30 گىرامدىن 20 گىرامغا چۈشۈرىلىدۇ.
   ۋېنستون يەنە كېكىردى. قارىغاي ھارىقىنىڭ كۈچى غايىپ بولۇپ، پەقەت بىر خىل ماغدۇرسىز سېزىم قېپ قالغان ئىدى. ئېكراندىن ئوكيان دۆلىتىنىڭ دۆلەت مارشى «ھەيۋەتلىك ئوكيان، 吾侪为汝» تارقالدى. بۇ چاغدا ئەسلىدە تىك تۇرۇپ ئاڭلاش كېرەك ئىدى، لېكىن ۋېنستون ئولتۇرغان جاي ئېكران كۆرەلمەيدىغان يەردە بولغاچقا  ھورۇنلۇق قىلدى.  
   «ھەيۋەتلىك ئوكيان،  »دىن كېيىن سەل-پەل يېنىك مۇزىكا قويۇلدى. ۋېنستون ئورنىدىن تۇردى-دە، يەنە دەرىزىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئېكرانغا دۈمبىسىنى قىلدى. ھاۋا يەنىلا ئوچۇق ۋە سوغۇق ئىدى. يىراقتىن راكېتا بومبىنىڭ پارتلىغان ئاۋازى كېلىپ زېرىكىشلىك ئەكس سادا قايتۇراتتى. تەخمىنەن ھەر ھەپتىدە 20-30 دانە راكېتا بومبا لوندونغا چۈشەتتى.
   كوچىدا، شامالنىڭ پۈۋلىشىدىن بىر كۆتۈرۈلۈپ- بىر پەسىيىۋاتقان رەڭلىك سۈرەت يەنە پەيدا بولدى، ھەمدە «ئەنگىلىيە سوتسىيالىزىمى» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيتتى. ئەنگىلىيە سوتسىيالىزىمى، تەڭرىمۇ چېقىلالمايدىغان ئەنگىلىيە سوتسىيالىزىم نەزىرىيىسى ۋە پىرىنسىپى؛ يېڭى تىل، قوش ئىدىيە ۋە تارىخنىڭ ئەۋرىشىملىگى. ئۇ ئۆزىنى قانداقتۇر دېڭىز ئۆسۈملۈكلىرى ئارىسىدا لەيلەۋاتقاندەك، ئۆزىنى تەركىپلىگەن ئالۋاستى دۇنياسىدا ئېزىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ يىگانە غېرىپ ئىدى. ئۆتمۈش ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، كەلگۈسى قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئويلاشقا جاسارىتى يوق ئىدى.

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 15:37:56

بىر ئەلا كەتتى

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:49:21

ھازىر مۇشۇ كىتاب بىلەن ياپونىيەلىك يازغۇچى خىگاشىنو كىيگونىڭ غەمدىن خالاس مىلىچ ماللار دۇكىنى دىگەن كىتابىنى ئوقىۋاتقان .ۋىنىستوننىڭ پۇتۇن ئادىمىيلىك ھىسياتلىرى يۇيىلىپ كەتكەن خوتۇنىنى ئەسلاۋاتقان يېرىغا كەلگەنتىم .
ئەمدى ئۇيغۇرچىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ   ئوقۇيدىكەنمەندە

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 22:42:24

ياخشى تېما... مەن تېخى خەنسۇچىسىنى بۇدا ئەكەلگەن. مۇشۇنىلا ئوقۇي بۇرادەر، داۋاملىق...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 11:31:35

ئۇنچىلىكمۇ قېلىپ كەتمەڭ ئەمدى...

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 00:35:06

:(مۇشۇ رومان تۇلۇق يوللانسا

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 08:36:39

داۋامىنى ئوقىساق بولاتتى!

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 12:52:36

داۋامىنى ئوقۇساق ياخشىتى {:101:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 16:50:09

مۇمكىن بولسا ئاپتورنىڭ تەرجىمھالىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭز،رەھمەت
بەت: [1]
: جورجى ئوۋلېر:1984