ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 11:11:50

كىنو ؛ پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە(تولۇق قىسمى ، خەنزۇچە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 11:18  

  تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيىسى ئىشلىگەن، ئابدۇكىرەم ئابلىز قاتارلىقلار رول ئالغان  «پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە » دىگەن كىنو cctv6 كىنو قانىلىدا قويۇلدى .

    http://v.youku.com/v_show/id_XODY2ODQ3MTc2.html
   يوۇكۇدىن كۆرۈش ئادىرىسى http://v.youku.com/v_show/id_XODY2ODQ3MTc2.html

uyhur007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 12:53:43

ناھايتى ياخشى يوللاپسىز تاپالماي قالغانتىم بۇ كىنونى

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 13:06:05

مەنمۇ تاپالماي قالغان بەك ياخشى يوللاپسىز.
ئۇيغۇرچىسىنىمۇ تاپقىلى بولارمۇ؟

uyhur007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 13:19:02

مۇشۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچىسى يوقمىدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 15:10:20

  ئۇيغۇرچىسىنى كىنوخانىدا قويامدىكى ، بەلكىم پات ئارىدا چىقىپ قىلىشى مومكىن

choice يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 17:16:31

uyhur007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 13:19 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچىسى يوقمىدۇ

ئۇيغۇرچىسىغا ئارتىسلار ئۆزى ئاۋاز بېرىپ شۇنداق تەبئىي چىقىپتىكەن، مۇمكىن بوسا كىنوخانىغا بېرىپ كۆرۈڭ، چوقۇم رازى بوپ قالىسىز، تۈنۈگۈن مەركىزى تېلۋىزيە ئىستانسىنىڭ 6-يۈرۈش كىنو قانىلىدا خەنزۇچىسىنى بەرگەن ئىدى، بىر ئاز كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدىلا كىنوخانىدا ئۇيغۇرچىسىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن يەنىلا ئۆز تىلىدا كۆرسە بولغىدەك دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىنغۇ يوقتىن ياخشى، كىنو ناھايىتى قىزىقارلىق ئىشلىنىپتۇ، ئۇيغۇرچىدە كۆرسڭىز تىلى تېخىمۇ يۇمۇرلۇق ئىكەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 19:02:23

choice يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 17:16 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچىسىغا ئارتىسلار ئۆزى ئاۋاز بېرىپ شۇنداق تەبئى ...

   ئابدىكىرىم ئابلىز مۇشۇ كىنوغا ئىشلىگەن رەپ ناخشا خەنزۇچىسىدا يوق ئىكەنغۇ ، ئۇيغۇرچىسىدا چىقامدۇ ؟
پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە فىلىمىنىڭ ناخشىسى

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 20:01:28

ئۇيغۇرچە ناخشىنى خەنچە ئېيتسا ئاجايىپ چىقىپ قالىدىكەن....

سەنگې لىمۇ دېگەننى ئاڭلاپ بەك كۈلۈپتىمە {:92:} خېلى كەلتۈرۈپتۇ.

فىلىم ئارىسىدا ئۇيغۇرچە دىئالوگمۇ بار، شۇ يەرلەرمۇ خېلى قىززىق چىقىپتىكەن، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىسىنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ قالدىم.

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 22:35:43

ئاساسلىقى دىئالوگقا تايىنىدىغان بۇنداق كىنونى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ تىلىدا كۆرسە ئۇنىڭدىن كىيىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ .

ئۇيغۇرچىسى كىنوخانىدا قويۇلغىلىمۇ 4-5ئاي بولغاندۇ .
كىنونىڭ ۋەقەلىكىنىڭ بىشى ياخشى باشلىنىپتىكەن ، ئاخىرىغا بارغانسىىرى تەرەققىياتى تەبىئىي ئەمەس ،زورمۇ زور بولۇپ قاپتىكەن .

choice يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 08:06:52

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 15:10 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچىسىنى كىنوخانىدا قويامدىكى ، بەلكىم پات ئارىد ...

كىنوخانىلاردا قويۇلىۋاتىدۇ، نەچچە ئايلار بوپ قالدى، دىئالوگلاردىكى يەرلىك شىۋە پۇراقلار ۋە يوشۇرۇن مەنالارنى يەنىلا ئۆز تىلىدا كۆرۈپ ھوزۇرلانسا ياخشى بولىدىكەن،كىنونىڭ بېىشىدىلا ناھايىتى قىسقا زامانىۋى ئۇسۇل كۆرۈنۈشلىرى چىقىدىكەن، لېكىن مەن ناخشىنى ئانچە پەرق قىلالمىدىمغۇ، شارائىت يار بەرسە كىنوخانىدا كۆرۈڭ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 09:24:43

بەك كېسىلىپ كەتتىمۇ يا:lol

alijan0900 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 12:17:19

خانساراي  كىنو تىياتىر  خانىسىدا   قويىلىۋاتىدۇ

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:40:00

قاپلانباي دېگەندەك ئاساسىي دىئالوكلۇق گەپ سۆزلەرنى ئۆز تىلىدا كۆرگەن ياخشى..
ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ.
ئۇيغۇرلاردىكى گەپدانلىق، تەنە گەپ ، ئاچچىق گەپلەرنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلسا.... ئەھمىيىتى يوق....
چۈنكى ئۇنداق تىل بايلىقى پەقەت بىزدىلا بار..
بەت: [1]
: كىنو ؛ پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە(تولۇق قىسمى ، خەنزۇچە)