ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 10:55:41

ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە

ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە
ئەنۋەر ئۆمەر

     بىزنىڭ مەھەللىدە بىر كىشى بولۇپ، تىجارىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى دادىسىغا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ سودا قىلسا، كىچىك ئوغلى كەپسىزلىك قىلىپ ھېلى دادىسى ئۆيدە قويۇپ قويغان پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ زىيان سالسا، ھېلى ئانىسىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ سېتىپ خەجلىۋېلىپ خاپا قىلاتتى. دېگەندەك، بۇ بالىنىڭ 20 ياشقىچە دادىسىغا بالا بولۇپ بىر تىيىنلىق خۇشلۇقى كەلمەي، ساپلا خاپىلىقى كېلەتتى. بىچارە دادا ئوغلىنىڭ ھېلى خەققە بوغۇلۇپ قالغان قەرزىنى تۆلىسە، ھېلى ئوغلىنى ناشايان ئىشلارنى قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقاتتى... بۇ بالا ئادەم ھەيران قالغۇدەك كەپسىز ئىدى.
   ئەنە شۇ كۈنلەردە ئويلىمىغان يەردىن قوشنامنىڭ چوڭ ئوغلى قاتناش ھادىسىسى بىلەن قازا قىلىپ كەتتى. قوشنام ئېغىر قايغۇ ئىچىدە ئوغلىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى تەييار قىلدى، يۇيۇپ-تاراپ تۇپراق بېشىغا ئېلىپ چىقتۇق. بىز مېيىتنى قەبرە ئالدىغا ئەكېلىپ گۆرگە ئەكىرىدىغان چاغدا، قوشنام بىزنى توختىتىۋېلىپ، يېنىدىكى كەپسىز ئوغلىغا ئاكىسى ياتىدىغان گۆرنىڭ ئويۇلۇشىنىڭ ياخشى-ناچار يېرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىشنى بۇيرۇدى. بىز ھەممەيلەن ئادەتتە يېڭى قېزىلغان گۆرگە مېيىتنى ئەكىرىشتىن بۇرۇن يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى گۆرگە چۈشۈپ يېتىپ بېقىپ، گۆرنىڭ قېزىلىشىنى كۆزىتىپ چىقىدىغان بولغاچقا، يىگىتكە يول بەردۇق.
دادا سىرتتا تۇرۇپ ئوغلىغا گۆردە راۋۇرۇس يېتىپ بېقىشنى تاپىلىدى. يىگىتتىن پۇت-قولىنى سۇنۇپ ياتقانلىق سۆزى چىققاندىن كېيىن، قوشنام تاشقارقى گۆرگە ئۆزى سەكرەپ چۈشۈپ، باشقىلارنى ئالدىرىتىپ ياردەمگە چاقىرىپ ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋەتتى.
بىز ھەيران بولۇپ ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغۇچە گۆرنىڭ ئاغزى ئېتىلىپ توپا يۆلىنىپ بولغانىدى. شۇ چاغدا تولىمۇ بىچارە ئاۋازدا يېلىنغان سادا كېلىشكە باشلىدى. قوشنام ئوغلىنىڭ يېلىنىشلىرىغا قۇلاق سالماي، تاش گۆرنىمۇ تاقىۋېتىشنى بۇيرۇدى. بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق، ئارىدا بىر-ئىككىيلەن سالاغا چۈشكەن بولسىمۇ، قوشنامنىڭ كەسكىن قارشىلىقى ئالدىدا ئامالسىز قالدۇق.
شۇ ۋاقىتتا قوشنامنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن قوشنىلار ئالدىراپ قالدى ۋە بالىدىن ۋەدە ئېلىشقا باشلىدى.
گۆر ئىچىدىن تولىمۇ بىچارە يېلىنىش-يالۋۇرۇش ئاھاڭىدا دادىدىن ئەپۇ سوراپ قىلغان ۋەدىلەر ئاڭلاندى. كۆپچىلىك يىگىتكە بىردەك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى جېكىلەپ، تولىمۇ تەستە قوشنامنى ماقۇلغا كەلتۈرۈپ گۆرنى ئاچتۇق.
يىگىت ھۆڭرەپ يىغلاپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋەتتى. ئۇنىڭ بەزگەكتەك لاغىلداپ تىترىشىدىن قارىغاندا، تولىمۇ قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.
مانا شۇنىڭدىن كېيىن يىگىتنىڭ دادىسىنى رەنجىتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىمىدىم. قوشناممۇ مېنىڭ سوئالىمغا شۇ ئىشتىن كېيىن ئوغلىنىڭ تۈزىلىپ باشقىچە ئادەم بولۇپ كەتكەنلىكىنى دەپ بەردى.
  گاھىدا ئويلاپ قالىمەن، بەزى داۋخو ئادەملەرگە چىرايلىق مۇئامىلە، ياخشى سۆزدىن كۆرە، تەھدىت، زوراۋانلىقنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ قالغان «ئۇلار مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ» دېگەن ئۇقۇمنى يوق قىلىپ، گېزى كەلسە «مەندىن كېچەلەيدىكەن» دېگەن ئەنسىزلىك تۇيغۇسىنى سېلىپ يېتەكلىسە ئۈنۈمى بولىدىغان ئوخشايدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 11:00:35

ئامېرىكىنىڭ بىر  كىشىلىك كىنۇسى بولىدىغان، «تىرىك كۆمۈش» دەپ، شۇنى ئەسلىتىپ قويدى .

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 14:26:43

نىمە دىگەن ۋەھشى

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 14:37:09

راست بولغان ئىشمۇ بۇ؟ ھېلىمۇ ساق چىقىپتۇ گۆردىن، ساراڭ بوپ قالغان بولسا قانداق قىلا بولغىيتى، يا تۇنجۇقۇپ قالغان بولسا.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 14:38:07

گەرچە تېرىك كومۇتىۋېلىش خەۋپى بولمىغان ھالەتتىمۇ، قاراڭغۇ گورگە كىرىپ يېتىپ بېقىش خېلى زور غەيرەتنى تەلەپ قىلىدىغان قورقۇنۇچلۇق بىر ئىش.:funk:

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 15:49:59

بۇ راس يۇز بەرگەن ۋەقەمۇ قانداق؟
بەت: [1]
: ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە