ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 10:48:11

ھاياتلىقتىكى سان

ھاياتلىقتىكى سان



  ئادەم بالىلىقتىن ياشلىققا، ياشلىقتىن ئوتتۇرا ياشلققا، ئوتتۇرا ياشلىقتىن قېرىلىققا قەدەم قويىدۇ، بۇ قارىماققا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت، ئەمەلىيەتتە ئۇ تولىمۇ ئىتتىك ئۆتۈپ كىتىدۇ. بۇ جەرياندا خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھاياتلىقنى، ياشاش ــــ يىيىش-ئىچىش، ئىشلەش دېمەكتۇر، دەپ خۇلاسىلەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر مەنە ۋە ئىدىيىنى سۈرۈشتۈرسىڭىز، يا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، يا ئېنىق بىر نېمە دەپ بېرەلمەيدۇ، ھەتتا تىگى يوق خىياللارغا پېتىپ كىتىدۇ. ئۆزۈمگە ئايان، مەن ئۆز قارىشىمدا بەك چىڭ تۇرىۋېلىۋاتقان بۇلۇشۇم مۇمكىن، لېكىن مەن ئاخىرقى ھېسابتا، ھاياتقا باغلىنىشلىق ھەر خىل ئىدىيىلەرگە يېقىنلىشىشقا تەشنا.

  بەزى ئىدىيىلەرنى ئېغىزدا ئىپادىلەپ بەرمەك تەس، ئۇلار ئادەمنىڭ ئىدىيىسى بىلەن باشتىن-ئاخىر بىرلىشىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. ئۇلار دائىم يۇشۇرۇن ھالەتتە تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قۇدرەتلىك يۇشۇرۇن كۈچىنى ھىس قىلىپ تۇرىمىز. يەرشارىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ جۇشقۇن ھاياتلىق بولمىش ئىنسانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى تونۇش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا تولىمۇ قىممەتلىك، ئۇلار بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ بەخىتكە ئېرىشىدۇ.

  مەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەلمىي ماتېرىياللارنى كۆرگەن. ماتېرىياللاردا دىيىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە قاراپ كۈلۈمسىرىشى ئۈچۈن، يۈز قىسىمىنىڭ ئوتتۇزدىن ئارتۇق مۇسكۇللىرىنى ھەركەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن؛ بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە غەيرەت بېرىپ، يەنە بىر ئادەمگە پەس ئاۋازدا:«مەن سېنى سۆيىمەن» دېيىشى ئۈچۈن، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ تال ئالما بېغىشلايدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى سەرپ قىلىنىدىكەن؛ بىر ئادەمنىڭ باشقا بىرى بىلەن تېپىشىپ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇپ ئۆتۈش قارارىغا كېلىشى ئۈچۈن 20يىل ئەتراپىدا كۈتۈشكە توغرا كېلىدىكەن، يەنە 60-70 يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن كۆڭلىنى توختىتىدىكەن. يەنە ئېيىتساق، بىر ئادەم بىر ئۆمۈر ئاققۇزغان تەر ۋە ياشلاردىكى تۇز تەركىبىنى بىر قېتىمدا ئايرىۋېلىپ ئىشلەتسە، نەچچە ئون يۈرۈش تاماققا تېتىتقۇ بولىدىكەن؛ پۇتى ساغلام ئادەم بىر ئۆمۈر ماڭغان يولنى قوشسا، يەر شارىنى 70قېتىمدىن ئارتۇق ئايلىنىپ چىققان بىلەن باراۋەر بولىدىكەن؛ بۇ كەڭ ئالەمدە، بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۇچىرىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى 10 مېليوندا بىر پىرسەنت، دوست بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى 200مېليوندا بىر پىرسەنت، ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى 5 مىليارددا بىر پىرسەنت بولىدىكەن...

  بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئادەمنىڭ ھەم ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ھەم تولىمۇ كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن ئۆزۈمچە ئويلاپ كىتىمەن،ئادەمنىڭ چەكلىك ئۆمرىدە، قانداق قىلغاندا بۇ سانلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلرغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بەلكىم بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىنتىلىشىدۇ.

(گۈلجەننەت)

ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 13:20:44

بىلىپ بىلمەي ئۆزىمىز بىلمىگەن،ئويلاپ باقمىغان بىر ئىشلارغا يوللۇققىنىمىزدا تۇرۇپلا تەلۋە خارەكتىرىمىز بىلەن تەۋەككۇلچىلىق دەۋىلىپ بۇ يولنى بىسىپ قۇيىمىز.

كىيىن بۇنى ئىتىقاد نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ كاللىمىزدىن ئۆتكۈزگەندە قىلغان ياخشى ئىشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىزنىڭ كۆپلىكىنى ئويلاپ قالىمىز.بۇ خىياللارمۇ بەزىدە ئادەمگە بىسىم بولىدىكەن.
بەت: [1]
: ھاياتلىقتىكى سان