NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 10:41:22

8-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

8-يانۋار ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1209 ئەتراپىدا. چارشەنبە كۈنى ياۋرۇ رايۇنىنىڭ س پ ئاي كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىن ناچار چىقتى ھەمدە ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ ئايرىۋاشلاش قىممىتى 9  يىلدىن بۇيانقى تۈۋەن نوقتىنى ياراتتى، يەنە كىلىپ ئامرىكىنىڭ ئا د پ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرسەتكۈچى دوللارنىڭ 92 لىق مۇھىم ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشىگە ياردەم قىلدى ھەمدە ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ 2015-يىلى ئۆسۈم قوشۇش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى، ئالتۇن باھاسى ئۈچ كۈنلۈك ئۆسۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 1210 ئەتراپىغا چۈشتى. لېكىن نىفىت باھاسىنىڭ قاتتىق چۈشۈشى ۋە ياۋرۇپادىكى ئۆزگۈرۈشنىڭ تەسىرى بازارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالتۇنغا تېرەك پەيدا قىلدى.



بۈگۈن مەبلەق سالغۇچىلار ياۋرۇ رايۇنىنىڭ پارچە سېتىش كۆرسەتكۈچى ۋە ئامرىكا ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ.



ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  


تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە باھا بىز ئالىدىغان نوقتا ئەتراپىغا  كەلمىدى.
بۈگۈنكى تەھلىل

1212 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ،زىيان 1217،نىشان 1207~1202

1198 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ، زىيان 1193،نىشان 1203~1208

1222 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ،زىيان 1227،نىشان 1217~1212

1185 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ، زنيان 1180،نىشان 1190~1195



بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  241   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.22  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 8-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى