sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 01:34:58

(سىرداش تېۋىپ) كىسىلىڭىزگە دىئاگىنۇز قويدۇرغاندا دىققەت قىلىڭ !!!

                                                                                         
                 

        (سىرداش تېۋىپ) كىسىلىڭىزگە دىئاگىنۇز قويدۇرغاندا  دىققەت قىلىڭ !!! ]
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مىسرانىم مۇنبىرىدىكى دوستلار  ، ياخشى تۇرۇپسىزلەرمۇ؟ كەمىنە سىرداش تېۋىپتىن سىزلەرگە  ئالىي ئېھتىرام !!!  كەمىنە سىرداش تېۋىپ تۆۋەندە ئۇيغۇر تېبابەت دىئاگىنۇز قۇيۇش ئۇسۇلى ۋە دوختۇرخانىلاردىكى سايمانلار ئارقىلىق دىئاگىنۇز قۇيۇش ئۇسۇللىرى  توغرىسىدىكى ئەمەلىي تەجىربىلىرىم ۋە ئۇستازلىرىمنىڭ بۇ توغرىسىدىكى بەزى قاراشلىرىنى مۇجەسسەملەپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچىمەن .     مەن تۆۋەندە بىر ماقال تەمسىلنى دەپ بۇلۇپ  ئاندىن باشلاشنى لايىق كۆردۈم !
    يەنى <<كۆرگەندىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ  >>
   ئىلىم -پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋاستىلىرى مەيدانغا كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇر تېبابەت دىئاگىنۇز قۇيۇش ئىلمى  ئاز تۇلا سەل قارىلىرىغان تەكشۈرۈش دىئاگىنۇز قۇيۇش ۋاستىسىگە ئايلىنىپ  قالدى .   نەتىنجىسىگە  ئىشەنچ بىلەنلا  ئەمەس يەنە  پاكىت ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش ، شۇنداقلا كىسەللەرنىڭ ئاجىزلىقتىن مۇرەككەپلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلغان بىر جەمىيەت كىسەللەرگە سايمان ئارقىلىق دىئاگىنۇز قۇيۇشنى تەقەززا قىلغان ئىدى .   لىكىن بۇ سايمان ئارقىلىق تەكشۈرگەن نەرسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە بۇلىدىغانلىقىنى زادى قانچىلىك ئادەم بىلىدۇ دەيسىز ؟؟؟؟؟؟ 
  كىسەل كۈرۈش جەريانىدا بىمارلار ئەكەلگەن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن  ئاغزاكى مەسلەھەتى  بىلەن كىسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ ماس كەلمەسلىكى مىنى بۇ تېمىنى يېزىشقا ئۈندىگەنىدى ، ئەمەلىيەتتىمۇ ئىلگىرى مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەرمۇ مىنى مانا مۇشۇنداق بىر ماقالىنى يېزىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەقەززا قىلغانىدى .ئەمدى بىر نەچچە كىسەللىك مىساللىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي  بولمىسا  بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش سەل مۈجمەل بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن !
  1. ئادەتتە دوختۇرخانىلاردا يۈرەك سانجىقى دەپ دىئاگىنۇز قويغان بىر بىمارنىڭ  تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرگەندە يۈرەك سانجىقىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىنجىسىدە ئايان بولماسلىقىمۇ  تەكشۈرۈش سايمانلىرىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ  بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنىڭ بىر تىپىك دەلىلى .  
2. مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى شۇنداق  ئېنىق بولغان بىر بىمارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەزى بېزى ياللۇغى   چىقماسلىقى يەنە بىر نەچچە ئاي  ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن كىسەللىك ئېغىرلاشقاندا  تەكشۈرتسە مەزى  بېزى ياللۇغى  چىقىشى .
  3.  ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارىدا كۈرۈلىدىغان  كىچىك +3           ۋە   چوڭ  +3      نىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كىسەلنىڭ ئەمەلىي دىئاگىنۇزىدا چىققان نەتىنجىنىڭ يۇقۇملۇق ۋە يۇقۇمسىز ئەھۋاللىرىغا سەل قاراپ   چوڭ مەسىلە يوق دەپ داۋالاش ئېلىپ بارماي ، كىسىلىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش .يۇقارقىغا ئوخشاش مىساللار يەنە بار بۇلۇپ ، ھەممىسىنى سۆزلەش ماقالە مەزمۇنىنىڭ ئۇزىراپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا  مۇشۇ مىساللارنىلا كەلتۈرۈشنى لايىق كۆردۈم !
   4. ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ پىرسەنتىنى تەكشۈرۈشتە نەتىنجىسى  %0  چىققان بىمارنى سىزگە ئەمدى دۇرا تەسىر قىلمايدۇ دەپ كىسىپلا ئېيتىۋېتىپ بۇ بىمارلاردا مەڭگۈلۈك  روھىي ئازاپلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەپچى بۇلۇش! يەنى  ئەمەلىيەتتە بولسا  ئۇرۇق نىسبىتى %0  چىققان بىمارلارنىڭ بەزىلىرىگە ئۇرۇق كۆپەيتىش مەقسىتىدە دۇرا قىلغاندا ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار دىگەندەك  ئۇرۇق نىسپىتىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرىلىشى قاتارلىق  مىساللار بىزنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دىئاگىنۇز ئۇسۇلىغىمۇ ئەھمىيەت بىرىشىمىز زۆرۈرمۇ قانداق دىگەن مەسىلىنى ئويلىنىپ بېقىشىمىزنى تەكىتلەيدۇ!ئەمدى ئاساسلىق مەقسەتكە كەلسەك بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم كىسەللەرگە دىئاگىنۇز قويدۇرغان ۋە داۋالاتقان چېغىڭلاردا دىئاگىنۇزنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى ئېنىقلاپ ئاندىن داۋالاش ئېلىپ بارالىساڭلار كىيىن  ئېغىرلاپ كەتكەندە ئاندىن داۋالىتىمەن  دەپ  داۋالاش چىقىمى ۋە روھىي زەربىگە ئۇچراشتىن  ساقلانغىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. يەنى يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس    دىگەندەك دىمەكچىمەن !!!   
     يۇقارقى ئېيتقانلىرىم ئۇمۇمىيۈزلۈك  ئىش  ئەمەس ، لىكىن  كىلىنكىلىق ئەمەلىيەت  جەريانىدا  كۆز ئالدىمىزدا ئۇچرايدىغان  مەسىلىلەر بولغاچقا بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتتۈم   . تورداشلارنىڭ بۇلاردىن ئىجابىي  ھالەتتە پايدىلىنىشىنى ئۈمىد  قىلىمەن . يۇقارقى مىساللاردىن تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئۇنداق يۇقىرى بۇلىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنىمۇ ئاز تۇلا چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ!  ! تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا كىسەللىك رەسمىي شەكىللىنىپ  مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە چىقىدۇ، لىكىن تۇمۇر ئەھۋالىدا  بىمارنىڭ ئەمەلىي روھىي كەيپىياتى ۋە كىسەللىك ئالامەتلىرى بولسا كۆپىنچە سۇزۇلما خارەكتىرلىك كىسەللەردە خېلى بۇرۇنلا ئىپادىلىنىدۇ !
  ئەگەر بۇنى چۈشەنمىگەن كىشى بولسا كىسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندا  ھە ئەمدى كىسەل بوپتىمەندە دەپ داۋالاشنى باشلايدۇ ، بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن كىچىككەن بۇلىدۇ !!!   ئۇيغۇر تېبابەت دىئاگىنۇز ئۇسۇلى سۇ كەلگۈچە  توغان تۇتۇش كىرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ!گىپىم سەل قاملاشمىغان بولسىمۇ مەزمۇنىنىڭ تىگىگە يىتىپ ئەمەلىي تۇرمۇشىڭلارغا تەدبىقلاپ يۇقارقى مىكرو ماقالەم تېخىمۇ ساغلام، ئىناق بولغان ئائىلە قۇرۇشۇڭلارغا ئازراق بوڭلسىمۇ كۈچ قوشسا كەمىنە سىرداش تېۋىپ بەخىتلىكمەن !!!
    مەنبە: ئەلداۋا ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى  تور ئادىرسىمىز : www.aldawa.cn  
   ئەرلەر كىسەللىكلىرى ۋە ئانانىزىم بىمارلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشى ۋە سىرداش دوستى     سىرداش تېۋىپ
   تېببىي مەسلەھەت سوراش تېلفۇنى ۋە ئۈندىدار : 15199470737
   دوستۇم!  كىسىلىڭىزدىن ساقىيىشقا ئىشەنچنىڭ بولغىنى كىسىلىڭىزنىڭ يېرىمىنىڭ ساقايغىنى !!!

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 15:09:02

مېنىڭ باجامنىمۇ توقسۇ ناھىيىلىك چاۋرۇبەي دوختۇرخانىسىدا ۋە بىر قانچە نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلاردا ئۇرۇق نىسبىتى 10% دەپ چىقىرىپتىكەن.پەرزەنىت كۆرەلمەيسىز دەپتىكەن. بىر ئايدىن كىين 6 يىلدىن بېرى بويىدا قالمىغان ئايالىنىڭ بويىدا قېلىپ ھازىر بالىسى تۇغۇلۇپ بولدى.

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 16:26:16

مىنىڭ كومپىيوتۇرۇمدا مەسلە بارمۇ ياكى تىمىدىمۇ ؟

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 16:36:08

مىسرانىمدىكىلەرگە يازغان تېمىكەندە، مىنىڭ ئىشىم يوقكەن....

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 18:56:39

torqicom يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 16:26 static/image/common/back.gif
مىنىڭ كومپىيوتۇرۇمدا مەسلە بارمۇ ياكى تىمىدىمۇ ؟

بۇ  كومپىيۇتىردا نورمالكەن بولمىسا!
بەت: [1]
: (سىرداش تېۋىپ) كىسىلىڭىزگە دىئاگىنۇز قويدۇرغاندا دىققەت قىلىڭ !!!