Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 00:47:08

[باچكا] دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاكالەتچى زاۋۇتنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 01:19  

دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاكالەتچى زاۋۇتنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات تېخنىكىسى: ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى تاللاشنىڭ تەڭقىسلىقى

جۇڭگو كارخانىچىلىرى ژورنىلىدىن
[ئىزدىنىش تورىدىن باچكا تەرجىمىسى]


9- ئاي، فلەكسچونىكس(Flextronics International Ltd.) نىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مالۇ زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ كۆچۈرۈپ- چېقىشى سەۋەپلىك بىر مەيدان كۆلىمى نەچچە مىڭ كىشلىك ئىش تاشلاش ئېلىپ باردى؛ 10- ئاي، فوكىسكىننىڭ تەييۈەن، گۇيجۇدىكى زاۋۇتىدا ئىشچىلارنىڭ كوللىكتىپ توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئىككى يىل بۇرۇنقى گەۋدىنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن تىركىشىشتىن، ھازىرقى كوللىكتىپ ئەرىز ھەركەتلىرىگىچە، زاۋۇت تارىخىدىكى «تېخنىكا ھۆكۈمرانلىقى» ئېنىقلىمىسى ئۆزلۈكسىز ھالدا «دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت» تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلىنىپ كەلدى.
19- ئەسىر سانائەت ئىنقىلاۋىنىڭ باشقۇرۇش ئۇستازى ئاندىرىۋ يۇرى (Andrew Ure) مۇنداق ئېيتقان: «كاپىتالىستلار تېخنىكىنى ئىگىلىۋالغاندا، ئىشچىلار بويسۇنغۇچىغا ئايلىنىدۇ.» كېيىنكى ئاقما لېنىيە، ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە بۇرۇنقى (eCMMS) شەكلى بۇ ئېنىقلىمىنىڭ ئەمگەكچىلەر ۋە كاپىتالىستلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە تىركىشىشىدە ئىناۋەتلىك بولىدىغانلىقنى ئىسپاتلىرى، بىراق بۈگۈنكى ۋاكالەتچى زاۋۇتلاردىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتىنى زاكاس بىلەن ياسىغۇچى كارخانىلىرى (EMS) بولسا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى.
5 تۈمەن، 10 تۈمەن، ھەتتا 30 تۈمەن ياشنىڭ غايەت زور قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىغا توپلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن بىر يىپىڭى، زور نەرسىدىن ئىبارەت، ئۇ ھېساپسىز جەمئىيەت بايلىقى بىلەن بېقىشقا ئېھتىياجلىق. ماركىس، يۇرى، تايلوردىن دراكېرغىچە... دەۋىر ئۇستازلىرىنىڭ ھەممىسى بۇرۇن بۇ «زور مەخلۇق» تىن بىشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ.
«دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت» دۈچ كەلگەن مەسىلە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، دۇنيا ياساش كەسپىنىڭ ئالمىشىش مەزگىلىدە، يوقىرى ئېقىمدىكى خېرىدارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكىلنىڭ ئۆزگىرىشى ۋاكالەتچى زاۋۇتلارنىڭ تەقدىر ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «ئورتاقلىقى بولسا، بارلىق ۋاكالەتچى زاۋۇتلاردا، ئىش تاشلاش سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە ۋە كۆپ خىللاشماقتا؛ ئوخشىماسلىقى بولسا كۆپچىلىكنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەر خىل.» 10- ئاينىڭ 30- كۈنى شاڭخەيدە، فلەكسچونىكس يەر شارى مۇئاۋىن لېدىرى خۇاڭ يىڭچى «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» ژورنىلىغا شۇنداق دىدى. خۇاڭ بولسا 2005- يىلى فلەكىسچونىكسقا كىرگەن، ئۇنىڭ مول ئادەم بايلىقى باشقۇرۇش تەجرىبىسى بار، بىراق بارغانچە مۇرەككەپ «دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت» ئالدىدا، ئۇ نۇرغۇن ئىشلارنى تۇتۇشنىڭ تەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
زور مەخلۇق قانداق ئۆزگىرىدۇ؟ 20 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش، زاۋۇتنى ئەمگەك كۈچى تېخىمۇ ئەرزان، تېخىمۇ ئاسان يەرگە كۆچۈرۈش كېرەكمۇ؟ ياكى ئەينى يىللاردىكى تېخنىكا بويسۇندۇرۇش يولىغا قايتىپ، تېخىمۇ ئاپتۇماتلاشقان ماشىنىلارنى مۇرەككەپ ئىشچىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەكمۇ؟
فوكىسكىنغا ئوخشاش بۇنداق ئۈلگىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت ئىككىلا خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ كېيىنكىسىنى. گو تەيمىڭنىڭ قارىشىچە، 5 تۈمەن ماشىنا ئادەمنى باشقۇرۇش 5 تۈمەن ياشنى باشقۇرۇشتىن ئاسانراق بولىدىكەن. فلەكسچونىكس باشقىچە تاللىغان. خۇاڭ يىڭچى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن دىدى: «ۋاكالەتچى زاۋۇت تۆت كوچا ئاغزىغا كېلىپ قالدى، يۆتكەش، تېخىمۇ ئاپتۇماتلاشتۇرۇشتىن باشقا، بەلكىم يەنە باشقىچە يول بولۇشى مۇمكىن. »


ۋاكالەتچى زاۋۇتنىڭ گېنى
[ئىزدىنىش تورىدىن باچكا تەرجىمىسى]

يەر شارى ئېلېكترون كەسپى 2012- يىلى بۇرۇنقىدەكلا بوش، تۈۋەن ئېقىمدىكى ۋاكالەتچى زاۋۇت بولۇش سۈپىتى بىلەن، فلەكسچونىكسنىڭ كەسپىي نەتىجىسىنى ئويلاپ بىلىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلگىچە، فلەكسچونىكسنىڭ ساپ سودا كىرىمى 6 مىليارد 175 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %23 چۈشۈپ كەتكەن. ئومۇمىي جەھەتتىن كىرىمى تۈۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق شىركەتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدىن فلەكسچونىكسنىڭ ئېنىق ئۆزگىرىش ئىزىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2011- يىلىدىن باشلاپ، فلەكسچونىكس ئۆز كەسپىنى تۆت چوڭ كەسپىي توپقا رەتلىگەن: توپلاشقان تورلۇق ھەل قىلىش لايىھە بۆلۈمى (INS)، يوقىرى سۈرئەتتە ھەل قىلىش لايىھە بۆلۈمى (HVS)، سانائەت ۋە يېڭى كەسىپ بۆلۈمى (IEI)، يۇقىرى كاپالەتلىك ھەل قىلىش لايىھە بۆلۈمى (HRS). 11- ئايدا ئېلان قىلغان ساننىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت IEI ۋە HRS ئىككى چوڭ كەسپىي توپنىڭ ساپ سودا كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، بىراق فلەكسچونىكسنىڭ ئاساسلىق كەسپى بولغان INS ۋە HVS نىڭ ساپ سودا كىرىمى تەڭلا چۈشۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە HVS نىڭ چۈشۈش مىقدارى %48 كە يەتكەن.
HVS كەسپىي توپى ئېلېكترون ئىستىمالى، چوڭ سېغىملىق كومپيۇتېر ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى ياساش قاتارلىق ۋاكالىتەن ياسايدىغان كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ فلەكسچونىكسنىڭ ئاساسلىق كەسپى، ئۆتكەن تۆت يىلدا، HVS شىركەتنىڭ ئومۇمىي كىرىمىدىكى ئالتە ئۈلۈشتىن، بۈگۈنكى تۆت ئۈلۈشكە چۈشۈپ قالدى، كەلگۈسىدە بۇ نىسبەت بەلكىم ئۈچ ئۈلۈشكە چۈشۈپ قالىدۇ.
خۇاڭ يىڭچى مۇنداق دىدى: «بۇنداق كەسىپ قۇرۇلمىسى نىسبىتى شىركەتنىڭ ئومۇمىي پايدا نىسبىتىنى كۆتىرىشكە پايدىلىق، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يەنە فلەكسچونىكس ئۈمىد قىلغان كەسىپ قۇرۇلما ئۆزگىرىشى». بۇرۇنقى يەر شارىدىكى ۋاكالەتچى زاۋۇتنىڭ غوجىئاكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فلەكسچونىكسنىڭ گېنى ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە شەكىل ئۆزگەرتىش يۆنىلىشىنى، يەنى ئىشچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسىنىڭ بىرىكىش يۈزلىنىشىنى بەلگىلىگەن.
فلەكسچونىكس 1969- يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، شىركەت باشتىلا «ماركا كەينىدىكى ماركا» يولىنى تۇتقان، ئەڭ دەسلەپكى كەسپى بولسا، ئېلېكتر ياساش كارخانىلىرىنىڭ باسما توك يولى تاختىسى (PCB) ئۈچۈن زاپچاس ئورنىتىش بولۇپ، بۇ بىر ساپ ئەمگەك سىجىللىقىدىكى كەسىپ بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەنە «باسما توك يولى قۇراشتۇرغۇچىسى (Board Stuffers)» دەپ ئاتالغان. ئامېرىكىنىڭ يەرلىك ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىگە ۋە IT ياساش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ ئاسىياغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، تۈۋەن ئېقىمغا تەۋە بولغان ۋاكالەتچى زاۋۇت فلەكسچونىكسمۇ ئاسىياغا كۆچكەن. بۇ بىر روشەن ئامېرىكا زاۋۇت ئۇقۇمىدىكى قارار- يەنى زاۋۇت ئىشچىلارغا مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارىسىدا، پەقەت ئىككىدىن بىرنى تاللايدۇ.
1993- يىلى، فلەكسچونىكس سىنگاپوردىكى بىر زاۋۇتنى سېتىۋېلىپ، شۇ جايدا يېڭى باش شىتاپ قۇردى. يېڭى تىپتىكى ئاپتوماتلاشقان زاۋۇت ۋە ئاسىيادىكى نىسبەتەن ئەرزان ئەمگەك كۈچى تەننەرخى فلەكسچونىكسنى دۇنياغا داڭلىق بولغان ئېلېكتىرون توختامى ياسىغۇچى شىركەتكە (EMS) ئايلاندۇردى.
ئىككى يىلدىن كېيىن، باش ئىجرائىيە رەئىسى مايك ماركىس (Mike Marks) نىڭ تۈرتكىسىدە، فلەكسچونىكس جۇخەي دۇمىن رايونىدىكى كۆپ قەۋەتلىك PCB بېسىش بىلەن داڭلىق بولغان ئاسترون شېركىتىنى سېتىۋېلىپ قوشۇۋالدى، بۇ ئۇنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى PCB ياساش بازىسى بولدى، كېيىن فلەكسچونىكس يەنە داۋاملىق باشقا زاۋۇتلارنى، زاۋۇت ئۆيلىرىنى سېتىۋالدى ۋە يېڭىدىن قۇردى. ھازىر جۇخەي دۇمىن سانائەت باغچىسىى شىمال جەنۇپ دەپ ئايرىلىدۇ، جەمئىي 18 بىنا بار، 1- بىنا بولسا ئەينى يىلىدىكى Astron شىركىتى جايلاشقان ئورۇن. بۇ 550 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان رايون بولسا مايك ماركىسنىڭ «دۇنيا دەرىجىلىك ياساش» ئۇقۇمىنى سىناق قىلىدىغان جايى.
جۇڭگوغا كىرىشتىن نەچچە يىل ئىلگىرى، فلەكسچونىكس ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، بۇ يەردە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستىمالچىلار توپى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۈمەنلىگەن قولى ئەپچىل، ياۋاش، زاۋۇتقا كىرىشكە ئىنتىلىۋاتقان يېزا ئەمگەكچىلىرى بار ئىدى. ئەگەر «يەرلەرنى قاشالاش ھەركىتى» 18- ئەسىردە ئەنگلىيە زاۋۇتلىرىغا ياللاشقا بولىدىغان مۈلۈكسىز ئىشچىلارنى تەمىنلىگەن بولسا، 1990- يىلاردا جۇڭگونىڭ شەھەرلەشتۈرۈشى ئوخشاشلا يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۇرتىدىن يىراق باشقا شەھەردىكى زاۋۇت ئىشىكلىرىگە سۈرۈپ ئاپاردى.
فلەكسچونىكس جۇخەي دۇمىن زاۋۇتىنىڭ ھازىرقى ئادەم بايلىقى باش نازارەتچىسى خەي شياۋدى ئېنىق ئەسلىيەلەيدۇ، 2002- يىلىغا كەلگەندە، زاۋۇتنىڭ ئىشچى قۇبۇل قىلىش سىنىقى يەنىلا تەس ئىدى. ئەينى چاغدا فلەكسچونىكس زاۋۇتىغا كىرىپ ئىشلىمەكچى بولغان كىشى شاللاش سىنىقى (UC screening test) ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك، ئىشچىلارنىڭ ئەپچىللىكىنى ئايرىش ئۈچۈن، زاۋۇت قۇبۇل قىلىنغۇچىلارغا نەق مەيداندا بولتا ئورنىتىش قىلدۇرىدۇ، ياكى ئۇلارنى بىر دۆۋە سىرتقى شەكلى ئوخشاش زاپچاسلار ئارىسىدىن لاياقەتسىزلىرىنى تاللاتقۇزىدۇ، بىرلىك ۋاقىتتا كىمنىڭ ئايرىغان سانى كۆپ بولسا، شۇنى ئالدىن قوبۇل قىلىدۇ. «شۇ چاغدىكى سىناش تۈرلىرىنى نۇرغۇن رەسمىي ئىشچىلار قىلسىمۇ بەك تەس ئىدى، شۇڭا، ئاخىرىدىكى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى كۆپىنچە پەقەت %30 بولاتتى.»
ھازىر، ئېلېكتىر قۇراشتۇرۇش كەسپىدە كەڭ قوللىنىلىۋاتقان قاپلاش تېخنىكىسى (SMT) ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بولۇپ، SMT ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى، ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى زور دەرىجىدە كۆتۈردى، ھەمدە تەننەرخىنى چۈشۈردى. يەنە كۆپلىگەن سەپلەش ئىشچىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، قۇراشتۇرۇش ھالقىسىغا كىردى. ۋاكالەتچى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىش سىزىقىدىكى ئىش تەرتىپى بارغانچە ئىنچىكە بۆلۈنۈپ، زاۋۇتنىڭ ئىشچىلارغا بولغان تېخنىكا تەلىپىنى چۈشۈرۈپ، ئاددى ھەركەتنى تەكرارلاشقا پىششىق بولۇش ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپىنى ئۆرلەتتى، بۇ ئىشلەپچىقىرىش سىزىقىدىكى ھەر قانداق بىر ئىشچىنى ئاسانلا ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخنىكا ئىشچىلارنى بويسۇندۇرىدىغان يول يەنە ئىسپاتلاندى.
دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت شۇنىڭ ئۈچۈن پەيدا بولغانكى، ئاساسلىقى جۇڭگودا كۆپلىگەن تۈۋەن تەننەرخلىك ئىشچىنىڭ بولغانلىقىدا. جۇخەي دۇمىن 15- نومۇرلۇق بىنادا، زاۋۇت باش باشقۇرغۇچىسى لىن ليەنسۇڭ SMT ئىشلەپچىقىرش سىزىقى ئۈستىدىكى لىق بىر دۆۋە تۈرگە ئايرىپ قويۇلغان زاپچاسلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دىدى، « بىزنىڭچە ھازىر ئادەم تەننەرخى يەنىلا تۈۋەنرەك، شۇڭا بۇ تىزىش خىزمىتىنى ئادەم قىلىۋاتىدۇ.» SMT ئىشلەپچىقىرىش سىزىقىدىن ئاۋالقى خام تەييارلاش ۋە كېيىنكى پۈتۈن ماشىنا قۇراشتۇرۇش ھالقىسىدا ئادەم تېخىمۇ كۆپ لازىم بولىدۇ. فلەكسچونىكس 17- نومۇرلۇق بىنادا 10 مىڭدىن كۆپ ئىشچى بار، بۇنىڭدا چاپلىغۇچى ئىشچىلار پەقەت 2000 ئەتىراپىدا، قۇراشتۇرغۇچىلار بولسا 6000 دىن ئارتۇق.
«ياۋرۇپا ۋە ياپۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگودا ئوخشاش زاۋۇتتىكى ھەر بىر ئىشلەپچىقىرىش سىزىقىدا ئىشلىتىدىغان ئىشچى سانى ئۇلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە كېلىدۇ ياكى تېخىمۇ كۆپ.» چىڭخۇا- فلەكسچونىكس SMT تەجرىبىخانسىى مەسئۇلى ۋاڭ يۈمىڭ «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» مۇخبىرىغا شۇنداق دىدى.
زور كۆلەمدىكى تۈۋەن تەننەرخلىك، پىششىق ئىشچىلار زاۋۇتنى ئەڭ تۈۋەن تەننەرختە، ئەڭ تېزلىكتە خېرىدارغا مال تاپشۇرغۇزالايدۇ، ئەكسىچە يوقىرى ئېقىمدىكى IT ياساش كارخانىلىرى بولسا پۈتۈن زېھنىنى مەھسۇلات لايىھىلەش ۋە سېتىشقا قارىتالايدۇ، نەتىجىدە 3C ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەۋىر يېڭىلىنىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يوقىرى ئېقىمدىكى خېرىدارلار ۋاكالىتەن ياساش زاۋۇتىغا بېرىدىغان زاكاسمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن زاۋۇت تەڭشەشكە، ئۈسكۈنە يېڭىلاشقا ئۈلگۈرەلمەي، پەقەت داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ ئىشچى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىدۇ.
iPhone نى مىسال قىلساق، بىر فوكىسكىنغا يېقىن كىشى «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» غا مۇنداق دىگەن، «ئالما فوكىسكىندىن ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، يەنە ۋاقتىدا تەڭشەشنى تەلەپ قىلىدۇ.» ئەمەلىيەتتە، iPhone 4 ئىشلەپچىقىرىشقا ئوخشاش، ھەر بىر تۈركۈم زاپچاس ۋە ئىش ھۆنىرى ئانچە مۇنچە ئۆزگىرىدۇ، بىراق ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بولسا ئەگىشىپ ئۆزگىرەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يادرولۇق بۆلەكتىن باشقا، ئالما ۋاكالىتەن ياساش زاۋۇتىنىڭ ماشىنا ئادەم بىلەن ئىشلەپچىقىرىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى ماشىنا قول ئىنچىكىلىكتە ئادەم قولىنىڭ دەرىجىسىگە خېلىلا يېتەلمەيدۇ.
3C ئېلېكتىر مەھسۇلات زاكاسلىرى ئۈزۈلمەيدۇ، زاۋۇت چوڭ زاكاس ئالغاندىن كېيىن، يېتەرلىك ئىشچىنىڭ ئۇلارغا قۇراشتۇرۇپ بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق تەكرار ئايلىنىپ، بىر ۋاكالىتەن ياساش زاۋۇتى تۈۋەن تەننەرخ ۋە قىسقا مۇددەتتە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە «دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت» قا ئۆزگىرىدۇ.
2003- يىلى فلەكسچونىكس جۇخەي زاۋۇتى ئىشچى سانى بۇرۇنقى 5000 ئادەمدىن 40 مىڭ ئادەمگە يەتتى، بۇ شۇ چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئىشچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان يەككە زاۋۇت، فلەكسچونىكسمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرون توختامى ياساش شىركىتىگە بولۇپ قالدى.
شۇندىن كېين، «دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت» نامىنى بارلىققا كەلتۈرگەن جۇڭگو ئىشچىلىرى ئەكسىچە تەرەققىياتنىڭ توسالغۇسىغا ئايلاندى- جۇڭگو ئەمگەك كۈچى خۇاڭ يىڭچى تەرىپىدىن ئېيتىلغان «Y دەۋىر» كە كىردى. «Y دەۋىر» ئاتالغۇسى ئامېرىكىدا 1980- 1995 يىل ئارىسىدا تۇغۇلغان نوپوسنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى چوڭ ئۈمىد باغلاش، ئىشچى ئىشلىتىش ئارىسالدىلىقى ۋە «Y دەۋىر» نىڭ قاتلىنىشى فلەكسچونىكسنىڭ ئىشچى قۇبۇل بېسىمىنى زورايتىۋەتكەن.
2004- يىلى فوكىسكىن بىراقلا موتورولا ۋە نوكىيا ئىككى چوڭ يانفۇن ماگناتتىن زاكاس ئالغان. شۇندىن كېيىن، فوكىسكىن تېزلىكتە فلەكسچونىكسنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ۋاكالەتچى زاۋۇت ئورنىنى ئالغان، دۇنيا 3C ۋاكالىتەن ياساش ساھەسىدە، فوكىسكىن شۇنىڭ بىلەن بىراقلا پەللىسىگە چىققان.
فوكىسكىننىڭ ئىشلەش كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئالدى- كەينىگە سوزۇلغان بىرلەشمە شەكلى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، فلەكسچونىكس PCB ياساش قاتارلىق ئۆزى بىر قەدەر رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسپلىرىدىن سىرت، باشقىلىرى مەسىلەن مىتال پەردە، تۇتاشتۇرغۇچ ۋە ئېلېكترون زاپچاسلارنىڭ ھەممىسى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ. فوكىسكىن ئەۋزەللىكىگە تاينىپ تەننەرخنى ئۆزلۈكسىز چۈشۈرەلەيدۇ، بىراق فلەكسچونىكسنىڭ تەننەرخ ئەۋزەللىكى سەل تۈۋەن.
ماھىيەتتە، «ئامېرىكا ئەنئەنىسىدىكى زاۋۇتلار ئاسىيا زاۋۇتلىرىدەك كۆلەملەشكەن ئىقتىساد بىلەن تەننەرخ چۈشۈرۈشكە ماھىر ئەمەس، ئۇلار تېخنىكا بىلەن پۇل تېپىشقا بەكرەك ئادەتلەنگەن.» چىڭخۇا- فلەكسچونىكس SMT تەجرىبىخانىسى مەسئۇلى پروفىسسور ۋاڭ تيەنشى ژورنىلىمىز مۇخبىرىغا شۇنداق دىدى.
فلەكسچونىكس جۇڭگودىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى تەننەرخىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىپ بازار ئىگىلەش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى، فوكىسكىن بولسا ھەم يوقىرى ئېقىمدىن فلەكسچونىكسنىڭ خېرىدارلىرىنى تارتىپ كەتتى، ھەم تۈۋەن ئېقىمدىن ئىچكىرىدىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىگىلىۋالدى.
فوكىسكىنىڭ شېنجىندىكى كۆلىمى زورىيىۋاتىدۇ، ئىشچىلىرىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. ھەمدە، باشقا ئېلېكترون ۋاكالەتچى زاۋۇتلارنىڭ شېنجىن ۋە دوڭگۈەن قاتارلىق جايلاردىكى رىقابىتىمۇ كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. خەي شياۋدى مۇنداق دىدى، « ئەڭ روشەن بىر ئۆزگىرىش شۇكى، خادىم تاللاش ئۆلچىمىمىز بۇرۇنقىدەك قاتتىق ئەمەس. ئەگەر يەنە screening test ئىشلەتسەك ئادەم تاپالمايمىز.»
2005- يىلدىن باشلاپ، خەي شياۋدى گۇرۇپپا باشلاپ شېنجىن، دۇڭگۈەن قاتارلىق سىرتقى جايلاردىكى ئادەم بايلىقى بازىرىدىن ئادەم ئالدى. خۇاڭ يىڭچى دەل شۇ چاغدا فلەكىسچونىكسقا كەلگەن بولۇپ، شۇ چاغدا شىركەت خۇاڭغا بىر مۈشكۈل ۋەزىپە- چوقۇم 18 ئايدا 60 مىڭ ئىشچى قۇبۇل قىلىشنى تاپشۇردى. «بىز باشتىلا، ئەگەر ئەنئەنىۋى زاۋۇت باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللانساق، 60 مىڭ ئادەمنى يىغالىغان تەغدىردىمۇ، زاۋۇت 18 ئايدا باشقا 60 مىڭ ئادەمنىمۇ تۇتۇپ قالالمايدۇ.» شۇ چاغدا، خۇاڭ يىڭچى كونا ۋاكالىتەن ياساش شەكلىنىڭ ئاخىرقى يولىنى ۋە ئەمگەكچى كەملىكنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.


قوش قىيىنچىلىقتىكى ئاپتوماتلاشتۇرۇش
[ئىزدىنىش تورىدىن باچكا تەرجىمىسى]

2006- يىلى، مايكول ماكنامارا (Michael Mcnamara) فلەكسچونىكسقا يېڭى CEO بولدى. بۇ چاغ فلەكسچونىكسنىڭ «ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ ئاسىياغا كىرگەن» لىكىگە 14- يىل بولغان، شىركەت باشقۇرۇش قاتلىمى كەسپ ئۆزگىرىشىنى كۈزىتىشكە باشلىدى.
ئەينى چاغدا ۋاكالەتچى زاۋۇت كەسپلىرى بەس- بەستە 3C ئېلېكترون تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋاكالەتچى زاۋۇت كەسپىدىكى نىسبەتەن تۈۋەن ئورۇندىكى كەسىپ ئىدى. فلەكسچونىكس 3C بازىرىدا داۋاملىق قىرىشماقچى بولسا، ئۇنداقتا فوكىسكىن بىلەن بازار ئۈلۈشى تالىشىشى، دۇنيادىكى ھەر خىل ۋاكالەتچى زاۋۇتلار بىلەن قانلىق ئېلىشىشى كېرەك، كۆپۈكتەك نېپىز پايدا سەۋىيىسى ۋاكالەتچى ماگناتلارنى پەقەت داۋاملىق ئىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تاينىپ ھايات قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
شۇڭا، فلەكسچونىكس بىر قىسىم كەسپلىرىنى شەرقىي ئاسىيادىن جۇڭگوغا يۆتكىمەكچى بولدى. 2009- يىلى، فلەكسچونىكس خېرىدارلار بىلەن كېلىشكەندىن كېيىن، مالايسىيادىكى پرىنتېر كەسپىنى جۇخەيگە يۆتكىمەكچى بولدى. شۇندىن باشلاپ، جۇخەي دۇمىن سانائەت باغچىسى پىرىنتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىر مىليوندىن 6 مىليونغا ئاشتى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن، گەرچە تەننەرخ تۈۋەنلىگەن بولسىمۇ، خادىم كەملىك ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر بولدى.
«شۇ نەچچە يىلدا، ھەر ئايدا دىگۈدەك خادىم قۇبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغىلى بولمىدى، پەقەت پىلاننى كېيىنكى ئايغا سۈردۇق، قار پومزىكى دومىلىغاندەك، ئەمگەكچى كەملىك بارغانچە ئېغىرلاشتى. » دىدى خەي شياۋدى. گەرچە خۇاڭ يىڭچى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆزگەرتكەن، تېخىمۇ ئىنچىكە ئۇسۇل ۋە تېخىمۇ كۆپ پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئىشچى كېتىپ قىلىش نىسبىتىنى تۈۋەنلەتكەن بولسىمۇ، خادىملاردا تەۋەلىك تۇيغۇسىنى تىكلەشنىڭ تەسلىكىدىن، كىرگىلى 3~6 ئاي بولغان نۇرغۇن ئىشچىلار يەنىلا كېتىشنى تاللىدى. پەقەت زور مىقداردا مال چىقىرىش ئارقىلىقلا پۇل تاپقىلى بولىدىغان ۋاكالىتەن ياساش دەۋرىدە، يېتەرلىك ساندا ئىشچى بولمىسا ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولىدۇ.
بۇ مەسىلىنى مائاش ئۆستۈرۈش ياكى تەمىناتنى ياخشىلاش ئارقىلىقلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. «ھازىر ئىشچىلار بارغانچە بىرلا خىل ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ.» INS (توپلاشقان تورلۇق ھەل قىلىش لايىھە كەسپىي توپى) جۇخەي تىجارەت بۆلۈمى باش باشقۇرغۇچىسى جاڭ سۇيەن «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» غا شۇنداق دىدى. ئەمگەكچى تېپىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، فلەكسچونىكس قايتىدىن ماشىنا بىلەن ئىشچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشنى باشلىدى. «ماشىنا ئادەم» ئىشچىنىڭ ئورنىغا دەسسەش بولسا بىر بىۋاستە خىيال.
شۇڭا فلەكسچونىكس زاۋۇتنىڭ ئاپتوماتلىشىش سەۋىيىسىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كۆتۈرمەكچى بولدى. جۇخەي زاۋۇتى 15- نومۇرلۇق بىنا پىرىنتېر كەسپىنى مىسال قىلساق، فلەكسچونىكس ھازىر يوقىرى ئېقىمدىكى خېرىدارلار بىلەن ماسلىشىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى بەلكىم خادىم قىسقارتىشى مۇمكىن.
ھازىر، فلەكىسچونىكس يېڭى مەھسۇلات كىرگۈزگەندە NPI دەرھال قايسى مەھسۇلاتنى ئاپتوماتىك ئىشلەشكە بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ، تاپقان ھامان دەرھال بەلگە قويۇپ قويىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا، فلەكسچونىكس يوقىرى ئېقىمدىكى خېرىدارغا تەكلىپ بېرىپ، ئۇلارغا قايسى جايلارنى ئاپتوماتىك ئىشلەشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇلار يېڭى مەھسۇلات لايىھە پىلانىنى چىقىرىدۇ.
«بىزنىڭ ئاساسلىق ئويلايدىغىنىمىز، ئەگەر كىرگۈزۈش باسقۇچىدا ئاپتوماتلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلمىساق، ئۇنداقتا مەھسۇلاتنى تۈركۈملەپ ئىشلەيدىغان چاغدا، يېتەرلىك ئىشچى تەكلىپ قىلالمىساق زىيان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.» دىدى لىن ليەنسۇڭ. بۇنىڭدىن سىرت، فلەكسچونىكس قىيىنلىقى ئەڭ چوڭ بولغان پۈتۈن قۇراشتۇرۇش ھالقىسىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلىنىشقا باشلىدى.
ئەلۋەتتە، خېرىدار فلەكسچونىكس بىلەن بىرگە يەنىمۇ بىر قەدەم ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەمدۇ؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن فلەكسچونىكسنىڭمۇ ئىشەنچى مۇتلەق ئەمەس.
3C ئېلېكترون مەھسۇلاتىنىڭ مۇرەككەپ شەكلى ۋە تەكرار يېڭىلىنىشى، پۈتۈن قۇراشتۇرۇشنىڭ ئاپتوماتىك ئىشلەش قىيىنلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. پرىنتېرنى مىسال قىلغاندا، بۇ تۈردىكى مەھسۇلات ھەر 9 ئايدا ياكى بىر يىلدا ياساشتىن توختايدۇ، ئەگەر پۈتۈن قۇراشتۇرۇش باسقۇچىنى پۈتۈنلەي ماشىنا بىلەن ئىشلىگەندە، تېخنىكا مەسىلىسىنى ئويلاشمىغاندىمۇ، ئۈسكۈنىلەرمۇ بۇ تۈركۈم پرىنتېرنىڭ ياساشتىن توختىشىغا ئەگىشىپ شاللىنىدۇ. قىممەت تەننەرخ پۈتۈن قۇراشتۇرۇشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەسلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
نەزەرىيە جەھەتتە، پەقەت يوقىرى ئېقىمدىكى خېرىدار فلەكسچونىكس بىلەن ئورتاق تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن خېرىدار مەھسۇلات لايىھىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئوخشىمىغان تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتتا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق بۆلەك بولىدىغان قىلالايدۇ، مۇشۇنداق بولغاندىلا مەھسۇلاتنى قۇراشتۇرۇشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆتىرىشكە بولىدۇ. «بىراق بەزى خېرىدارلىرىمىز بۇنداق ئويلاپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارغا نىسبەتەن، تېخىمۇ ئەرزان ۋاكالەتچى زاۋۇتنى تاللىسىلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ بىز بىلەن ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ماشىنا ئادەم دىگەنلەرنى ئويلاپ كەتمەيدۇ.» لىن ليەنسۇن بۇنىڭغا ئۈمىدۋار بولمىغان.
چىڭخۇا- فلەكسچونىكس SMT تەجرىبىخانىسى پروفىسسورى ۋاڭ تيەنشىنىڭ تەھلىلىچە، ئۇزۇندىن بېرى، ۋاكالىتەن ياسىغۇچى كارخانىلارنىڭ SMT تەرەپتىكى ئاپتوماتلاشتۇرۇش دەرىجىسى خېلىلا يوقىرى بولغان. پۈتۈن قۇراشتۇرۇش ھالقىسىدا، ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئادەم ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ قېيىنلىقى بىر قەدەر يوقىرى ئىكەن. «ئادەمگە نىسبەتەن، زاپچاسنى جايلاشتۇرۇش بىر ئىنتايىن ئاددى ھەرىكەت،بىراق ماشىنىغا نىسبەتەن، ئۇ بىر يۈرۈش كۆرۈش سېزىم سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق، بۇنى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئاپتوماتلاشقان قۇرۇلمىلا ئورۇنلىيالايدۇ. ماشىنىنىڭ ئادەمگە ئوخشاش يوقىرى ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئېرىشىشى بىر ئۇزۇن جەريان.»
تېخنىكا، تەننەرخ، خېرىدارنىڭ تاللىشى قاتارلىق مەسىلىلەر زاۋۇتنىڭ يەنىمۇ ئاپتوماتلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ چاغدا فلەكسچونىكس باشقا بىر چىقىش يولىنى ئويلىنىشى لازىم.
فوكىسكىن ئوخشاشلا ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونلارغا يۆتكىلىشى، ياكى بىراقلا جۇڭگودىن ئايرىلىپ، پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدە تېخىمۇ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بار، تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى دۆلەت ياكى رايوننى ئىزدىشى مۇمكىن. فلەكىسچونىكس مۇشۇنداق قىلارمۇ؟
«بىز نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ ئىچكىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق،» دىدى خۇاڭ يىڭچى، «بىراق مەڭگۇ ئادەم تەننەرخى تېخىمۇ ئەرزان جاي بولىدۇ، زاۋۇتنى داۋاملىق كۆچۈرۈپ يۈرەلەمسىز؟» خۇاڭ يىڭچى زىيارەت داۋامىدا مۇخبىرغا تۇنجى قېتىم سۇئال قويدى. فلەكسچونىكسقا نىسبەتەن، زاۋۇت ئورنى تاللاشتا شۇ يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى، تېخنىكىغا پىششىق ئىشچىلارنىڭ سانىنى، يەنە بازار كۆلىمى ۋە يۇشۇرۇن كۈچىنى ئويلىشىش لازىم. «ھەممە ئامىللارنى بىرلەشتۈرگەندىمۇ، ھازىرغا قەدەر، فلەكسچونىكسنىڭ زاۋۇت يۆتكىشىگە يېتەرلىك سەۋەپ يوق».


زاۋۇت ئايلانما ھالىتى
[ئىزدىنىش تورىدىن باچكا تەرجىمىسى]

داۋاملىق جۇڭگودا قېلىشنى قارار قىلغانكەن، فلەكسچونىكس چوقۇم كۆلەم، ئىشچى، ئاپتوماتلىشىشنىڭ ئايلانما ھالىتىنى چۈشىنىشنى ئويلىشىشى كېرەك.
ئالدى بىلەن، بىر كۆلەم قوغلاشمايدىغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ۋاكالەتچى زاۋۇتى نىمە ئىش قىلالايدۇ؟ فلەكسچونىكىسنىڭ جاۋابى بولسا، ئىلغار ۋاكالەت كەسپىگە پۈتۈن سەپ بويىچە يۈرۈش قىلىش. ئامېرىكىدىن ئايرىلغان ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، فلەكسچونىكس دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ۋاكالەتچى زاۋۇتى- ئامېرىكا سولېكچون (Solectron) شىركىتىنى سېتىۋالدى.
ئەينى يىلى، فلەكسچونىكسنىڭ سابىق ئىجرائىيە مۇدىرى مايك مەكس (Mike Max) ئامېرىكىنىڭ سىرتىغا ئاتلانغان، چۈنكى ئۇ زور مىقداردىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق تېخنىكىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان جاي تاپقان، ھەمدە سېتىۋېلىش ئارقىلىق جۇڭگودا يىلتىز تارتقان؛ ھازىر بولسا، نۆۋەتتىكى ئىجرائىيە مۇدىرى مايك ماكنامارا (Mike McNamara) ئامېرىكا سولېكچوننى سېتىۋېلىش ئارقىلىق قايتىپ كەتتى، ھەمدە بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇ جۇڭگودا ئۇچرىغان ئەمگەك كۈچى كىرىزىسىنى ھەل قىلماقچى بولدى. خۇاڭ يىڭچى ئېيتقاندەك، بۇ بىر ئىنتايىن «قىزىقارلىق» جەريان.
سولېكچون شىركىتى بولس ئېلېكتىرون ھەمكارلىشىپ ياساش كارخانا ئۆلچىمىنى بېكىتكۈچى. فلەكسچونىكس  تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىشتىن بۇرۇن، سولېكچوننىڭ %35 كەسپى داۋالاش، خەۋەرلىشىش ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن. ئەڭ بۇرۇن، بازار تەھلىلچىلىرى فلەكىسچونىكسنىڭ سېتىۋېلىشى فوكىسكىندىن بازار ئۈلۈشىنى تالىشىش ئۈچۈن دەپ قارىغان.
«بىز سېتىۋېلىش نىشانىنى بېكىتىشتە، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مەھسۇلات ۋە تېخنىكىسى فلەكسچونىكس بىلەن ئۆز ئارا تولۇقلىشالامدۇ دېگەنگە قارايمىز.» فلەكىسچونىكسنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «سولېكچوننىڭ ئۇل قۇرۇلۇش جەھەتتىكى ياساش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇ بۇ ساھەنىڭ %70 تىنى دېگۈدەك ئىگىلىگەن. سېتىۋېلىپ بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، بىز سولېكچوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە خېرىدارىغا ئېرىشىمىز.»
ئېنىقكى، بازار تەھلىلچىلىرى بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىشنىڭ ئومۇمىي رولىنى تۈۋەن مۆلچەرلىگەن. شۇندىن كېيىن، فلەكسچونىكس فوكىسكىنغا ئوخشاش، كەسىپلىرى C3 بازىرىغا بەكلا مەركەزلەشكەن ھەمدە خەتەرمۇ مەركەزلەشكەن بولۇشى ھاجەتسىز بولۇپ قالدى، بەلكى ئوخشىمىغان كەسىپلەر ئارىسىدا ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالايدىغان بولدى.
2007- يىلدىن 2012- يىلىغىچە، فلەكسچونىكسنىڭ HVS كەسپى دۇنيا بازىرىدىكى 2- ئورۇندىن 4- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، بىراق IEI كەسپى بولسا دۇنيا بويىچە 1- ئورۇنغا چىقتى. INS ۋە HRS كەسىپىي توپى ئارىسىدىكى كەسىپلىرى ئوخشىمىغان ئېشىشقا ئېرىشتى، بولۇپمۇ ماشىنا ياساش (%27)، دورىگەرلىك (%38) ۋە مۇلازىمېتىر ۋە ساقلىغۇچ (%36) ئۈچ تۈرلۈك كەسپىنىڭ بىرىكمە ئېشىش نىسبىتى ئەڭ يوقىرى بولدى.
ئايلانما ھالەتنى ھەل قىلىشتىكى يەنە بىر ھالقا بولسا ئاقما لېنىيە ۋە ئىشچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش. بۇنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، فلەكسچونىكس بۇ ئىككىسى زىددىيەتلىك بولغان ئامېرىكا زاۋۇت ئۇقۇمىدىن ھالقىپ، ئىشچى ۋە ئاقما لېنىيىنى ماسلاشتۇرۇش، ئىككسىگىلا ئەھمىيەت بېرىش يولىنى تۇتتى.
ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋاكالەتچى زاۋۇتىدا ئاقما لېنىيە مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: ئەڭ بۇرۇنقىسى «مىقدار كۆپ تۈر ئاز»، يەنى ئاقما لېنىيە تېز سۈرئەتتە زور مىقداردا، ئاددىي تۈردىكى مەھسۇلات ئىشلەش؛ ئىككىنچى باسقۇچ بولسا «مىقدار ئاز تۈر كۆپ»؛ ئاخىرقىسى بولسا «ئۆزگىرىشچان مىقدار ۋە تۈر»، يەنى مەھسۇلات مىقدارى ۋە تۈرى ھەركەتچان بىرىكىپ كېتىش.
«ئۆزگىرىشچان مىقدار ۋە تۈر» دىكى ئاقما لېنىيە فىلەكسچونىكستا «يوقىرى ئارىلاشما» لېنىيە دەپ ئاتىلىدۇ. «يوقىرى ئارىلاشما» ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان فلەكسچونىكس جۇخەي زاۋۇتى 11- بىنادىكى 4000 ئىشچى ھەر 8-10 سائەتتە بىر قېتىم نۆۋەت ئالمىشىدۇ، ئادەم توختىسىمۇ ماشىنا توختىمايدۇ، ھەر بىر ئاقما لېنىيە ھەر كۈنى 20 سائەت ئىشلەيدۇ. بۇ 20 سائەتتە، ئاقما لېنىيە 4-5 قېتىم ئۆزگەرتىلىدۇ. ھەر قېتىملىق ئۆزگىرىشتە، ماتىرىيالدىن تارتىپ كومپيۇتېر تەرتىپىگىچە، يەنە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى بۆلىكىدىكى جابدۇقلارنىڭ ئۆزگىرىشى، ئاقما لېنىيىدىكى ھەر قايسى ھالقىلارغىچە ئىنچىكە تەڭشىلىدۇ. 11-بىنادىكى ھەر بىر لېنىيە ئۆزگەرتىشكە كېتىدىغان ۋاقىت ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 20 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ، يۈرۈشۈش داۋامىدا ماشىنا ۋە ئادەمنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
«فلەكسچونىكسنىڭ <يوقىرى ئارىلاشما> لېنىيىسى بولسا ماسلىشىشچان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر تۈرى، ئاقما لېنىيىنى قايتا ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىغا تەۋە، بىراق تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس.» دېدى پروفېسسور ۋاڭ تىيەنشى چۈشەندۈرۈپ. يوقىرى ئارىلاشما ئىشلەپچىقىرىش لېنىيسىدە بىر قىسىم ئىش ئورنى بىرلىشىپ كېتىدۇ، ئىشچىغا تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا تەلىپى قويۇلىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسىدەك ئادەم ۋە ماشىنا ئايرىۋېتىلىشكە سېلىشتۇرغاندا، يوقىرى ئارىلاشما لېنىيىسىنىڭ يەنە بىر ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئۇ ئىشچىدىن سېخ باشقۇرۇش ۋە ھۆنەر تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاكىتىپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ فىلەكسچونىكسنىڭ ئايلانما ھالەتنى ھەل قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، ئۇ چوقۇم ئىشچى بىلەن ئىشچى، ئىشچى بىلەن زاۋۇت، ئىشچى بىلەن جەمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتا تۇرغۇزۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئىشچىلارنى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار ئىگىلەتكىلى، ئۆز ئارا ماسلاشتۇرغىلى ھەمدە ئاكىتىپلىق بىلەن باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ.
خۇاڭ يىڭچىنىڭ قارىشىچە،ئىشچىلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈزىتىشكە ئاساسەن، نوقۇل ھالدىكى زاۋۇت ئىشچىسىنى خاراكتىرى تولۇق بولغان جەمئىيەت ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. بۇنداق بولغاندا ئىشچىلار زاۋۇت سىرتىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تورىنى قۇرىدۇ ۋە جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، ھەمدە زاۋۇتقا نىسبەتەن تەۋەلىك ھېسىياتىدا بولىدۇ، ئاندىن زاۋۇت رايونى ئىچكى باشقۇرۇشىنى پىلانلاش ئارقىلىق، ئىشچىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىشقا ۋە ئاكىتىپلىق بىلەن يوقىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن، فلەكسچونىكس NGO (غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى) نىڭ ياردىمىگە تاينىپ، جەمئىيەتتىكى ئىشچىلار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ياش ئەمگەكچىلىرى ئۈچۈن ئىجتىمائىي تور قۇرۇپ چىققان. جۇخەيدە، «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» جۇخەي ماسلاشتۇرغۇچىلىرى (CCCF) نى ئۇچراتقان، ئۇ بولسا فلەكسچونىكسنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن 2008- يىلى قۇرۇلغان جەمئىيەت تەشكىلاتى. ئۆتكەن 4 يىلدا، جۇخەي ماسلاشتۇرغۇچىلىرى 110 مىڭ ئادەم قېتىملىق زىيارەتچىلەرنى قۇبۇل قىلغان، ئۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، بۇ ياش ئەمگەكچىلەر ئاستا- ئاستا ئۆزگەرتىلگەن.
جۇخەي ماسلاشتۇرغۇچىلىرىدىن جۇ دەيماۋ مۇنداق دېدى: «بۇ ياشلار خېلى بۇرۇنلا ئىشلەمچىلىككە چىققان، ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى ناھايىتى ئاز، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدە بەلگىلىك توسالغۇ بار، كەلگۈسىگە نىسبەتەنمۇ غۇۋا قارايدۇ.» بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ھەمدە ئىشچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، جۇخەي ماسلاشتۇرغۇچىلىرى تەدرىجىي ھالدا بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆز جەمئىيەت ئالاقە چەمبىرى قۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى تىكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەلگۈسىدە زاۋۇتتىن ئايرىلغاندىمۇ، «تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە مەسىلىگە ئۇچرىغاندا، ئۇلار پاسسىپ بولماستىن ھەل قىلىشنى خالايدۇ.»
زاۋۇت ئىچىدە، فلەكسچونىكس ئىشچىلارغا ئۇلار قىلىۋاتقان خىزمەت ۋە ئاخىرقى ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ، ئىشچىلارنى ياساش ھۆنەر جەريانىنى ياخشىلاشقا  ئاكىتىپلىق بىلەن قاتنىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 11- بىنانىڭ زاۋۇت ئۇقتۇرۇش تاختىسىدا، پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسى خەرىتىسى كۆرسىتىلگەن ئۈستىدە قايسى ھالقىلارنى ياخشىلاشقا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. INS جۇخەي تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى جاڭ سۇيەننىڭ مەزكوز ژورنالغا دېيىشىچە، ئىشچىلار ئۆزگەرتىش قىلغاندىن كېيىن، زاۋۇت رايونى ئىشچىلارغا ياخشىلانغاندىن كېيىنكى نەتىجىنى ئاشكارىلايدىكەن. بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالنى سېلىشتۇرۇش بىلەن، ئىشچىلاردا ئاكىتىپلىق بىلەن قاتنىشىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدىكەن.
ئۇندىن باشقا، فلەكسچونىكس يەنە تەربىيىلەش ۋە كەسپىي پىلانلاشلار ئارقىلىق، ئىشىچىلار ئارا، ئىشچى ۋە باشقۇرۇش قاتلىمى ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىكەن.
«دۇنيا دەرىجىلىك ياساش كارخانىسى ھەرگىزمۇ كىمنىڭ زاۋۇتى چوڭ، ئۈسكۈنىسى كۆپ، ياكى پاتىنىتى كۆپلىكىگە قارىمايدۇ، بەلكى ئىشچى بىلەن زاۋۇتنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارايدۇ» دېدى خۇاڭ يىڭچى، «ئەمەلىيەتتە، فلەكسچونىكىسنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ، كەلگۈسى تېخىمۇ كۆپ يېتەرسىزلىكلەر ئىزدىنىشكە موھتاج.»


[ئىزدىنىش تورىدىن باچكا تەرجىمىسى]
ئەسكەرتىش: تېمىنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەڭ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 08:47:59

     FLEXTRONICS بىلەن  FOXCONN شىركەتلىرىنىڭ ياساش بازىلىرى بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەلگەن بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن تەننەرقلىك ئىشچىلارغا ئېرىشىپ قالاركەن.  ھېلىمۇ ئىچكىرىدىكى خوجايىنلار دىيارىمىزدىن يۆتكەتكۈزۈپ ئاپارغان ئىشچىلار شۇ يەرنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققى سەۋىيىسىدىن خېلىلا تۆۋەن مائاش بىلەن ئىشلەۋاتمامدۇ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 09:16:15

ھېس قىلىشىمچە، بۇ قاتار دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتلار، بۇ «دۇنيا زاۋۇتى» نىڭ كىچىك بىر پارچىسى، نۇرغۇن زاپچاس ياساش كارخانىلىرى ۋە نۇرغۇن پۈتۈن مەھسۇلات ياساش كارخانىلىرى توپلاشقان جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى بىر زور سىستېما، كىم بۇ سىستېمىدىن پايدىلانسا، شۇ پۇل تاپىدۇ. ئەلۋەتتە، يېڭىلىق يارىتىش بولسا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقنىڭ كاپالىتى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 13:51:03

گو تەيمىڭ ئۆتكەن يىلغىچە، بىر مىلىيون ماشىنا ئادەمنى قۇراشتۇرۇش لېنىيىسىگە ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمەلىيەتتە، بۇنى ئورۇنلاپ بولالمىغاندەك قىلىدۇ. مەنچە ئاساسلىق سەۋەبى، پۇل ئەمەس، ماشىنا ئادەم ئېنژىنېرلىرى كەملىكتىن بولغان.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 21:40:44

oem زاۋاتلارنىڭ سائەت 4.0 تەرپىدىن ئومۇمىي يۈزلۈك سۈپۈرلۈپ كېتىشى  مۇقەرەرلىشىپ قالدى. گېرمانلار ئوتتۇرغا قويغان، 输出,出口,生产 بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈچ د پېرىنتىر ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىدە ئەقلىيلەشكەن زاۋۇت سىخلىرى ئوتتۇردىكى ۋاكالەتچى، توپ ساتقۇچىنى بىراقلا قىسقارتماقتا. سائەت 3.0 دا ئاۋۋال مال ئىشلىنىپ ئۇندىن خىرىدار بىلەن ئۇچراشقان بولسا سانائەت 4.0 دا  خىرىدار تەلىپىنى بىۋاستە زاۋۇتقا ئىيتقاندىن كېيىن خىرىدارنىڭ تەلىپى بويىچە ياسىلىپ بىۋاستە خىرىدارنىڭ قولىغا يەتكۈزىلىدۇ. يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقلىيلەشكەن زاۋۇت ئۈسكىنىلىرى ۋە ئۈچ د پېرىنتىر ئەنئەنىۋى بولغان ئاۋۋال لاھىيلەپ، قىلىپ ياساپ، ئاندىن ئىشلەپ چىقىرىپ، ئورالمىغا قاچىلايدىغان ئىش ھالقىسىنى بىراقلا قىسقارتقان بولۇپ گېرمانىيە باشلچىلىق قىلغان تۆتىنچى قىتىملىق سائانەت ئىنقىلابى ئالىي بابا ۋە تاۋباۋنىمۇ كەلگۈسى ئون يىلدا پاچاقلىۋىتىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 22:17:16

گوگلىنىڭ ئۇچقۇسىز ئايۇپىلان ئارقىلىق مال يەتكۈزۈش سىنىقىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى  دەۋەر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە .
http://cn.bing.com/images/search?q=谷歌无人机送货&FORM=HDRSC2#view=detail&id=D196A25419D1397A808B8A120D29F17FC1782376&selectedIndex=3

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 22:22:29

گېرمانىيە سانائەت 4.0 ئۇقۇمىنى، دۆلەتنىڭ يېڭى سىتىراتىگىيىسى قىلىپ، تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى دەۋىرىگە كىردۇق، دەۋەتتى.
سانائەت 4.0 ئۆلچىمى بويىچە ماڭسا، زاۋۇتتىكى بارلىق ئىش ھالقىلىرى، ئۈزەك ۋە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىشىدۇ، بازارنىڭ تەلىپىگە قارىتا، خام ئەشيا تەمىنلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ.

مەھسۇلات لايىھىلىگۈچى، مەھسۇلات لايىھىلەشتىن سىرت، ئۇنىڭ قۇراشتۇرۇش جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىمۇ تەڭ ھەل قىلغاندا، ئاندىن ماشىنا ئادەملىك زاۋۇت، ئادەم كۈچىگە تايىندىغان زاۋۇتنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 22:43:31

كىرىمىني جىلىغىسىدىكى «رىئاللىقتىكى تۆمۈر پالۋان» ئېلون مۇسك بازارغا سېلىۋاتقان ساپ توك كۈچىدە ماڭىدىغان تېسلا ئۈچۈن، ئامېرىكىدا نۇرغۇن توك قاچىلاش پونكىتى قۇردى، بۇ پونكىتلار تېسلاغا ھەقسىز توك قاچىلايدۇ. توك پونكىتى قۇرۇشقا نۇرغۇن چىقىم كېتىدۇ.
گىرمانلار بولسا، ئۆزىنىڭ كوچا چىرىقىنى تۈۋەن تەننەرختە ئازراقلا ئۆزگەرتىپلا، توك ماشىنىلىرىغا توك قاچىلاش نۇقتىسى تەمىنلىدى، بۇنى كېڭەيتمەكچى.
مۇشۇنداق توك قاچىلاش پونكىتلىرى ھەممە جاينى قاپلىغاندا، توك باھاسى يېتەرلىك ئەرزان بولسىلا، گوگىل مال توشۇغۇچىسىغا ئوخشاش ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ۋە ماشىنا ئادەم مال يەتكۈزگۈچىلەر، تېخىمۇ يىراققا مال يەتكۈزەلەيدۇ، مال يەتكۈزۈشنىڭ تەننەرخىنى تۈۋەنلىتەلەيدۇ.
بەت: [1]
: [باچكا] دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاكالەتچى زاۋۇتنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى