waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 20:32:45

تەڭرىتاغ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇردى

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە تۇققىزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  مىھمان مەيدانىدا،  گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ چارەكلىك مۇسابىقىدە ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ نۇمۇر پەرقى قۇغلۇشۇپ تەڭ ماڭغان بۇلسىمۇ، ئاخىرىقى چارەكلىك مۇسابىقىدە مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمدا كۆپ قىتىم سەۋەنلىك كۇرۇلۇپ ئىقتىدارىنى نۇرمال جارى قىلدۇرالمىدى،  بىراق گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم ئۈنۈمى يۇقۇرى بۇلۇپ نۇمۇر پەرقىنى بىردىنلا زۇرايتتى. تەڭرىتاغ كوماندىسى  ئاخىرى 94-111 نەتىجە بىلەن رەقىبى دۇڭگۇەن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. تەڭرىتاغ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككى مەيدان دائىملىق مۇسابىقىدا  گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئۇدا 18 مەيدان غەلبە قىلدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئۇچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 28 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر  29 نومۇر،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لىيۇۋىي 18 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى   قىرانبېك ماقان 2 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 5 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ  6 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 5 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 2 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ؛ سۇۋىي  4 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى .
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى1-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئىككىنچى ساھىپخان مەيدانى بولغان سانجى تەنتەربىيە سارىيدا ئۇيغۇر باش تىرىنىر ئادىلجان سۇلايمان باش مەشقاۋۇللىقىدىكى 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 08:25:01

باشتا بەلەن ئوينىغانتى

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 09:21:56

تۆتنىڭ ئىچىگە كىرىشى تەس ئەمدى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 09:23:53

بوپتۇلا ھەي
بەرىبىر ھەل قىلغۇچقا كىرسىمۇ ئۇتتۇرىدىكەن
بالدۇراراق ئۇتتۇرۇپ بالدۇراراق ئارام ئالسۇن:shutup:
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇردى