yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 19:55:48

يازغۇچى تۇرسۇن مەھمۇتنىڭ «ئۈچىنچى سۆيگۈ» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaxar0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 19:56  

«ئۈچىنچى سۆيگۈ» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى

ئىجتىھاتلىق ياش يازغۇچىسى تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ «ئۈچىنچى سۆيگۈ» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ «گۇگۇم»، «يامغۇرلۇق يەكشەنبە» قاتارلىق رومانلىرى، «تاغامنىڭ شاپتۇللىرى»، «پەرىشتە يامغۇرى»، «يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيۇۋاتقان ئەر» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى، «قوڭۇر ئاتلىق مەپە»  ناملىق پوۋېستلار توپلىمى،  «چەرچەننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى» (غالىپ بارات ئەرك بىلەن بىللە)، «چەرچەننىڭ ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى» قاتارلىق كىتابلىرىدىن كېيىن نەشر قىلىنغان 9- كىتابىدۇر.

«ئۈچىنچى سۆيگۈ» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا پروزا ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ «نەي ئاۋازى»، «قەدىمىي ئورماندىكى قىسسە»، «ئازاب مەيخانىسى»، «ئاق شەھەر»، «توزۇش »، «بورانلىق كېچە»، «ئۈچىنچى سۆيگۈ»، «‹5- ئىيون›چۈشتىن كېيىن»، «مۇڭداش قەبرە»، «نامەلۇم بوشلۇق»، «تاڭ ئاتماس تۈنلەر»، «تىنجىق يانۋار»، «يامان چۈش»، «تۇمجىسى ھەم ئاخىرقىسى» قاتارلىق 14 پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھېكايىلەر تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
بىز تىرىشچان يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ئۈشبۇ ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ھەر قايسى نەشرىياتلاردا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئون پارچىغا يېقىن رومان، ھېكايە -پوۋېستلار توپلىمىنىڭ تېزرەك ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 20:33:10

تەستىقلاش نىمانچە ئاستا...

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 08:36:29

تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يېزىقچىلىق ئالاھىدىلىكلىرى قانداق؟ماڭا بىرخىل ئىچكى دىئالوگنى بەك كۆپ يازىدغاندەك
تۇيغۇ بەردى.
yaxar0996 سىزنىڭ «قايتىلانماس باھار» رومانىم نەشىردىن چىقتى.دېدىڭىز ،ئاڭلىسام سىز بۇرۇن ھېكايىمۇ يازماي
تۇرۇپلا ،رومان يېزىپسىز،بۇنداق قىلسڭىز تەس كەلمىدىمۇ؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 08:38:02

«قايتىلانماس باھار» رومانىڭىزنى نەشىرىياتقا بېرىپ نەچچىلىك ۋاقىتتا چىقتى؟
بولسا كىتابنى نەشىرىياتقا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن باشلاپ باسىدىغان يوللارنى دەپ بەرسىڭىز؟

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 16:38:43

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 08:36 static/image/common/back.gif
تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يېزىقچىلىق ئالاھىدىلىكلىرى قانداق؟ ...

تۇرسۇن مەھمۇت مۇئەللىم ئىچكىي كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق، خاراكتىر يارىتىشنى ئۇسلۇب قىلغان. ئەسەرلىرىدە ئازاپ ئېڭى كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. سەلبىيلىكلەرنى ياپتا تەسۋىرلەر بىلەن ئايىماي سۆكىدۇ.. مېنىڭ چۈشىنىشىم شۇنچىلىك... ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئەسىرى «پەرىشتە، ئالۋاستى ۋە قوياش خاتىرىسى»...
«قايتىلانماس باھار» غا كەلسەك، ئۇنى يېزىۋاتقان چاغلاردا خىزمەت ئىمكانىيىتىم كەڭرىچىلىك، بىكار ۋاقتىم كۆپ بولغاچقا، ئالدىرىماي ئۈچ يىلدا يېزىپ بولدۇم. تەس كەلگەن ياكى ۋەقەلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلالمىغاندا زورۇقماي ھەپتىلەپ ئايلاپ دەم ئېلىۋېتىپ، ئاتالمىش «ئىلھامىم» كەلگەندە يازدىم. بۇ روماننى يېزىپ بولغاندا رومان يېزىش تەس ئىش ئەمەسكەنغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ئەمدى يەنە ئىككى ئۈچ تېمىنى باشلاپ باقتىميۇ داۋاملاشتۇرالمىدىم...

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 16:45:24

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 08:38 static/image/common/back.gif
«قايتىلانماس باھار» رومانىڭىزنى نەشىرىياتقا بېرىپ نە ...

بۇ رومانىمنى 2006- يىلى يېزىشقا باشلاپ، 2009- يىلى يېزىپ پۈتتۈردۈم. تۈنجى قېتىم مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتىغا باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئەۋەتتىم، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى بەكرەك ئېچىۋەتكەن دەپ پىكىر بىلەن قايتۇردى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىكى بىر باشلىق چەرچەن يازغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئىشى بىلەن كېلىپ قالدى. يازغۇچىلار مېنى چاقىرىشتى. ئۇ كىشى مەن ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ماڭا ئەسەرنىڭ باسما نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەر دېدى. ئەۋەتىپ بېرىپ پات- پات تېلفوندا ئەھۋال ئۇقۇشۇپ تۇردۇم. ئىككى يىل بولغاندا يەنى 2011- يىلى كىتاپ پات چىقىدۇ دىيىشتى يوقاپ كەتتى. كېيىن نەشرىياتنىڭ تەكشۈرۈپ ئوقۇيدىغان خادىمى ئالمىشىپتىكەن. كىتاۋىمنى باشتىن ئوقۇش باشلىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ پات- پات سۈيلەپ تېلفون ئۇرۇپ دىگەندەك 2014- يىلى نەشىردىن چىقتى. شۇڭا دىيىشكە بولىدۇكى، داڭلىق، توختاملىق يازغۇچى بولسىڭىز ئەسىرىڭىزنى سۈيلەپ تۇرۇپ ئەكىتىدۇ ياكى ۋەزىپە بېرىپ يازغۇزىدۇ، ئەمما يېڭى ياچى بولسىڭىز سەۋىرچان بولۇشىڭىز نەشرىياتنىڭ پىكىرلىرىگە ماقۇللا دىيىشىڭىز كېرەكتەك. قەلەم ھەققىمۇ تۆۋەنرەك بولۇپ قالىدىغاندەك.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 20:35:52

   تاغامنىڭ شاپتۇللىرى   ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىنى بەك ياقتۇرغان، باشقا ئەسەرلىرىنى ئاز-تولا ئۇقۇدۇم، تولۇق ئۇقۇپ بېقىش نىيىتىم بار.
  ئەسەرلىرىدە ئىچكە تەسۋىر جىق يېزىلىدۇ دەپ قارايمەن، ھەر ئۇقۇسام باشقىچە، بەزى چاغدا خۇددى مېنى يېزىۋاتقاندەك، مېنىڭ ئوي-خىياللىرىمنى دەپ بېرىۋاتقاندەك. ئەسەرلىرى نوقۇل ۋەقەلىكىتىن خالىي.
2015-يىلدىكى كىتاپ ئۇقۇش پىلانىغا قوشۇپ قوياي.

7620565 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 21:57:36

يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ئەسەرلىرى سەل غەيرىراق رەۋىشتە يېزىلىدۇ، يەنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەنئەنىۋىي ئەسەرلەرنىڭ پۇرىقى ناھايىتى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. ئەسەرلىرىنى ئوقۇسا سەل زېرىكىشلىكتەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما ئاددى تۇرمۇش كۈچلۈك پەلسەپىۋىيلىككە تويۇندۇرۇلغان، شۇ سەۋەبتىن بىر ئابزاسنىمۇ خېلى ئويلىنىپ ئاندىن ھەزىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇرسۇن مەخمۇت چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېەىشلىك يازغۇچىدۇر.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 09:19:33

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 12:37:54

چوققىغا يامىشىدىغان ئادەم ناملىق ئەسىرىنى تاپقىلى بولارمۇ؟
بەت: [1]
: يازغۇچى تۇرسۇن مەھمۇتنىڭ «ئۈچىنچى سۆيگۈ» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى...