ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 07-01
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 18:03ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.4 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1210.7 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1167.77 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1188.64 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 91.81 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1219 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
تۈنۈگۈن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1% يۇقىرى ئۆرلىگەن ، كۈمۈش باھاسى 2% يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، 3 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى ، خەۋپتىن ساقلىنىش سېتىۋېلىش ھالىتى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى . بۈگۈن بۇ ھەپتىلىك بازارنىڭ يۆلىنىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ ، ياۋرو رايونى پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ئېلان قىلىنىدۇ . ئاسىيا ۋاقتىدا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە پارچە سېتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ، ياۋرو رايونى پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئەگەر ئامېرىكا سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكى بىلەن بولغان پەرقى چوڭ بولمىسا ، ئۇھالدا بازارغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1219.5-1215.2 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى كىچىك ئۆرلەپ ئاندىن 1215 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى . ئاسىيا بازىرىنىڭ بىر سائەتلىك سىزىقى چۈشۈش ھالىتىدە بۇلۇپ1218-1220 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1212-1210 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . ئەگەر 1210 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1205 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا 1205 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1215-1225 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1225 1229
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1205 1200
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1229-1200
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1200
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1230
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 91.80 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1216 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، تۈنۈگۈن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 3 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى ، خەۋپتىن ساقلىنىش سېتىۋېلىش ھالىتى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى . بۈگۈن بۇ ھەپتىلىك بازارنىڭ يۆلىنىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ ، ياۋرو رايونى پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ئېلان قىلىنىدۇ . ئاسىيا ۋاقتىدا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە پارچە سېتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ، ياۋرو رايونى پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئەگەر ئامېرىكا سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكى بىلەن بولغان پەرق چوڭ بولمىسا ، ئۇھالدا بازارغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتىكى ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 239.90 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.22 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تەسىرىدە دۇنياۋى بازار بېسىمىغا ئۇچرىدى
1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تەسىرىدە دۇنياۋى بازار بېسىمىغا ئۇچراپ ، ياپونىيە يېنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىدى ، قىممەت مېتاللار باھاسىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا رايونى CPI ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ يىغىن خاتىرىسى قاتارلىق ئاساسى ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى غەم-ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن ، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تۈرتكىسىدە ئالتۇن باھاسى قايتا ئۆرلىشى سەۋەبدىن ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ياخشىلانغانمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .
ئاساسي پۇل ۋە تاۋارلارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
1-ئاينىڭ 6 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1888 بولدى؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5150 بولدى ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.8082 بولدى ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 118.37 بولدى ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.1834 بولدى ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 1.0099 بولدى .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1204.70 دوللار بولدى ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1219.40 دوللار بولدى ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.51 دوللار بولدى ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.637 دوللار بولدى ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 51.10 دوللار بولدى ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 47.93 دوللار بولدى .
بۇ ھەپتىدىكى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى
1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، ئاۋسترالىيە 12 - ئايلىق ANZ تاۋار باھا كۆرسەتكۈچى -4.4% ، ئالدىنقى قىممىتى -1.6% بولدى ، بۇ سانلىق مەلۇمات تەسىرىدە ئاۋسترالىيە دوللىرى يۇقىرى ئۆرلەپ بۆسۈش نۇقتىسى 0.8165、0.8220、0.8275 ئەتىراپىدا بولىدى .
ئەنگلىيە 12 - ئايلىق BRC دۇككان مال باھا كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبىتى -1.7% ، ئالدىنقى قىممىتى -1.9% ، مۆلچەر قىممىتى -1.8% بولدى ، بۇ سانلىق مەلۇمات تەسىرىدە فوندستېرلىڭ تۆۋەنلەپ 1.5300、1.5200 ئەتراپىدا بولدى ، ئۇدا ئاجىزلاپ ، بۆسۈش نۇقتىسى 1.5375、1.5480 ئەتىراپىدا بولىدى .
بۇ ھەپتە بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ يىغىن خاتىرىسى ، ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگلىيە مەركىزى بانكا يىغىن نەتىجىسى قاتارلىق مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار ؛
دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى
1- ئاينىڭ 7 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 91.898 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 91.6132 ، ئوتتۇرچە باھاسى 91.76 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.16% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 91.6196 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا 91.80 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 91.721 ، سېتىلىش باھاسى 91.731 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 91.6158 بولدى .
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
‹‹دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى›› دىگەن ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن shemsi19 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 08:32 static/image/common/back.gif
‹‹دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى›› دىگەن ئۇقۇمنى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ بۇ يەردىكى دوللار كۆرسەتكۈچى بولسا دوللار باھاسىنى يەنى ئامېرىكا پۇلنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىپ بېردىغان كۆرسەتكۈچى گىراف سىزىق ؛ يۇقىرى باھاسى دېگەن دوللارنىڭ يۇقىرى باھاسىنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى دوللار باھاسىنىڭ يۇقىرى باھاسىنى كۆرسەتكۈچى گىراف سىزىقى دېگەننى بىلدۈردۇ ؛
قانداق ، تور بېكىتىمىزنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ؟
بەت:
[1]