KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 15:00:43

كاتتا باي روكفېللېرنىڭ پۇل تېپىش توغرىسىدىكى ئەقلىيە سۆزلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITAN39 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-7 15:05

كاتتا باي روكفېللېرنىڭ پۇل تېپىش توغرىسىدىكى ئەقلىيە سۆزلىرى

تەلەينى نىشانلاپ پۇرسەتنى چەڭ تۇتۇش

پۇل تاپقىڭىز بولسا روكفىللېردىنئۈگۈنۈڭ،ئۇنىڭ پۇل تېپىش قابىليىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى ! ئۇنىڭپۇل تېپىشتىكى ئەقلىيە سۆزلىرى بىزنىڭ پۇل تېپىپ ئۇتۇق قازىنىشىمىزدىكى بىباھا ئەڭگۈشتەر!
ھەممىگە تۇنۇشلۇق روكفېللىر ئۇلۇغ ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە ساخاۋەتچى ،شۇنداقلا سودا جېڭىدىكى كۈچلۈك قاتىل،ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مەشھۇر قۇرۇق قول ‹‹ ئىگىلىك تىكلىگۈچى ››لەرنىڭ بىرى.تۈۋەندە روكفېللېر ئىدىيەسىنىڭ بەزى جەۋھەرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۈتەيلى.
1.        ئۇچۇق ئاشكارا پۇل تېپىش
-        مېنىڭ بايلىقىم ئۈزلۈكسىز ئايلىنىدۇ،تەڭرى مېنى يۈلەيدۇ ،چۈنكى تەڭرى مېنىڭ پۇلنى جەمئىيەتكە قايتۇرىدىغىمنى بىلىدۇ.
-        بىرنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىككى پۇتىمىزغا تايىنىپ مېڭش ئۈچۈن تەڭرى بىزنىڭ بىر جۈپ پۇتىمىزنى ياراتتى.
-        ئەگەر بىر ئادەم ھەركۈنى ئويغىنىپ ،ۋاقىتنىڭ ھەممىسىنى پۇل تېپىش ئۈچۈن سەرپ قىلسا ،بۇ كىشىدىنمۇ پەسكەش ۋە بىچارە ئادەم يوق.
2.        خىزمەت ئۈچۈن تالىشىش روھى بۇلۇش
-ياخشى بولغان لاھىيە بىر-بىرىگە ئۈتۈنشتىن ئەمەس،تالىشىشتىن كىلىدۇ.
3.بىلىم ۋە ئەقىل پاراسەت
- بىلىم تاشقى ئامىل بۇلۇپ ،بىزنىڭ كۆرگەن شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشىمىزدۇر.ئەقىل –پاراسەت بولسا ئىچكى ئامىل بۇلۇپ ،بىزنىڭ شەكىلسىز شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشىمىزدۇر.پەقەت ئىككىسى تەڭ مەۋجۇت بولغاندىلا سىز ھەممە جەھەتتىن تەڭ تەرەققى قىلغان ئادەم بولسىز.
4.ئىشەنچ ۋە چىڭ تۇرۇش
-سىز بەزىدە ۋاز كەچمىگەچكە ۋايران بۇلاممايسىز.مەن دائىم ھەر قېتىلىق بەخىتسىزلىكنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىمەن.
-ھەربىر ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ لاھىيەلىگۈچىسى ۋە قۇرغۇچىسى.
-نامراتلىقتىن باي بۇلۇش يۇلى ئۇچۇق ،مۇھىمى سىزنىڭ ئشەنچىڭىز،مەن دەل ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ كاپىتالى.
-مېنڭ نەزىرىمدە ھاقارەت سۆزىنىڭ مەنىسى ئاللىقاچان ئۆزگەرگەن،ئۇ غۇرۇرۇمنى يۇقىتىدىغان ئۆتكۈر پىچاق بولماستىن بەلكى بىر كۈچلۈك ھەركەتلەنگۈچ كۈچ.
- نىشاننى بىكىتكەندىلا،بارلىق مۇمكىنچىلىك بىلەن نىشانغا يىتىش تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچىسىزنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
-ئەگەر سىز خىزمەتنى بىرخىل خۇشاللىق دەپ بىلسىڭىز ،ھاياتىڭىز جەننەتكە ئوخشايدۇ،ئەگەر مەجبۇرىيەت دەپ بىلسىڭىز ھاياىڭىز دوزاخقا ئوخشايدۇ.
-مۇھەببەت بىرتال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ ،ۋاختى كەلگەندە ئۆسىدۇ ۋە چىچەكلەيدۇ.بىز قانداق چىچەكلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمىز،بىراق چۇقۇم پورەكلەپ گۈل ئېچىلىدۇ.
5.تىرىشچان ،ئەمىليەتچان بۇلۇش
-ھەرقانداق ئىشتا گەرچە ئۈمىد ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ سىناپ بېقىش كىرەك.
-ئەڭ تۈۋەن قاتلامدىن باشلاپ ئاستا-ئاستا غەلبە قازىنىش كېرەك،مىنىڭچە بۇ سودا ئاساسىنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ياخشى چارىسى.
-ئەقىل پاراسەت كىتاپنىڭ بىرىنجى بابى،شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بابى،بىكارغا ئىش يوق.
-بايلىق تاسادىبىي شەيئى ئەمەس،ئۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشنىڭ قۇشۇمچە مەسئۇلى.ھەرقانداق بىر نىشانغا يىتىش چوڭقۇر ئوي-پىكىر قلىش بىلەن تىرىشپ ھەركەت قىلىشتىن كىلىدۇ ،بايلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش .
-جۇغلانغان بىلىم قانچە كۆپ بولسا ،مۇۋاپىقيەت قازىنىشنىڭ ئۈمىدى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.
-ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشنى ئىنىقلىشىڭىز،ئۆزىڭىز بىرىپ كۆرىشىڭىز كىرەك،قارىغۇلارچە قول سالغان ئادەم ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلمەيدۇ.
6.تەلەينى لايىھەلەش،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش
-تەلەينى لايىھەلەش ھاياتلىقنى لاھىيەلەش دىمەكتۇر.شۇڭا تەلەينى ساقلىغان ۋاقىتتا ،تەلەينى قانداق يىتەكلەشنى بىلىش كىرەك.بۇ:تەڭرى ئاتا قىلغان تەلەي بىلەن ياشىماي ،ئۆزەم لايىھىلىگەن تەلەي بىلەن ياشايمەن ،دىگەنلىكتۇر.
-سەۋرچانلىق ئاچچىق يۇتۇش دىگەنلىك ئەمەس،تىزلىنىپ تەزىم قلىىش دىگەنلىكمۇ ئەمەس ،سەۋرچانلىقبىرخىل تەدبىر ،شۇنداقلا خاراكتىرنىڭ چېنىقىشى ،ئۇنىڭ تەربىيلەپ چىققىدىغىنى غەلبە قازىنىش ئىستىكىدۇر.
-ئالدىدا ماڭغانلار قانداق پو ئاتسۇن،ئۇلار ئەخمەق.ئەكسىچە پۇرسەتنى توغرا نىشانلىغانلار كۆپ پۇل تاپالايدۇ.باشقىلارنى ئالدىغا چىقىرىپ قۇيۇپ پۇرسەتنى توغرا نىشانلاپ ،ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇپ،كىيىن كەلگىنى ئالدىغا ئۈتۈپ كەتسىلا ھەممىدىن دانالىق بۇلىدۇ.
-غەلبە قازىنىش ئۈچۈن خەتەرنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىش ھەمدە تەلەينى يارىتالىغۇدەك ،يىراقنى كۆرەلمىگۈدەك بۇلۇش كىرەك،خەتەر قانچە چوڭ بولسا ،پايدا شۇنچە يۇقىرى بۇلىدۇ.
-بۈگۈنكى مۇۋاپىقىيەتنى قازىنىش ئۈچۈن ،تەربىيە ۋە تىرىششتن باشقا يېڭىلىق يارىتىش روھى بۇلۇش ،ئوي-پىكىر مول بۇلۇش كىرەك.
-ئۇمۇميۈزلۈك بىر قېتىمىلىق تەكشۈرۈشتىن كىيىن،قايسى پىلاننى يۈرگۈزۈش توغرىسىدا قارار چىقىرىش كىرەك.
-ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى تۇتۇپ ،قاتتىق زەربە بەرگەندە دائىم غەلبە قازانغىلى بۇلىدۇ.
7.تۇرمۇشنىڭ كۈچلۈكلىرىدىن بۇلۇش
-تۇرمۇشتا غەلبىمۇ قازانمايدىغان،مەغلۇپمۇ بولمايدىغان ئىزلەڭگۈ،ھەم خۇشال بۇلۇشنى بىلمەيدىغان يۇمشاقباش بولغاندىن مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقماي،يۈرەكلىك ھالدا نىشانغا قاراپ غەلبە قازىنىدىغانلاردىن بۇلۇش كىرەك.
-مەن كۈچلۈكلەرگە مۇھتاج،ئۇ مېنىڭ رەقىبىم بولسىمۇ بۇلىدۇ.
-سىز ئۆزىڭىزنىڭ بولىدىغاندەك ھىس قىلسىڭىز،سىزتېخىمۇ دانا بوپ كىتىسىز ،ئاكتىپ روھى ھالەت بولغاندىلا غەلبە قازانغىلى بۇلىدۇ.
-ھەرقانداق ئىشتا سىزچوڭقۇر كىرەلىسىڭىز،ئاندىن غەلبە قازىنىش يولىغا كىرەلەيسىز،ئۇ بەكمۇ مۇھىم.
-جەسۇر ،كۈچلۈك بولغان شىرىك كەسىپتە غەلبە قازىنىشنىڭ ئۇل تېشى .مەيلى قايسى كەسىپ بولسۇن،سىزنىڭ شىرىكىڭىز سىزنى گۈللەندۈرەلەيدۇ ھەم ھالەك قىلالايدۇ.
-مەن بۇنىڭ جاسارەت ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن.بىر ئادەم پەقەت بىر ئىشنىلا قىلىدىغان ھالەتكە كىرىپ قالسا،تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىسا ،قاچاي دىسە قېچىش يۇلى يوق بولسا ،ئۇ ئالدىدىكى بىرلا يولدا ماڭىدۇ.كىشىلەر ئۇنى جاسارەتلىك دىيىشىدۇ.
-قىزىل گۈل غۇنچىسى ئېچىلاي دىگەندە،پەقەت ئەتراپىدىكى ھارام شاخ،ئارتۇق يۇپۇرماقلىرىنى پۇتىۋەتكەندىلا،كىيىنكى كۈنلەردە كۆزنى چاقنىتىدىغان گۈلى پۇرەكلەپ ئېچىلىدۇ.
-ھەممە ئىشتا يىراقنى كۆزلەش كىرەك،سىز بىرىنجى قەدەمنى ئالغاندا ،كۆڭلىڭىزدە چۇقۇم ئىككىنجى قەدەمنى ئويلاپ قۇيىشىڭىز كىرەك،بۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك تەجرىبە –ساۋىقىم.
-سودا ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان ئالداش سەنئىتى ئالداش ھېساپلانمايدۇ.
-ئىش قىلغاندا ۋاقىت قوغلاشماي،ئېغىر-بېسىق بولغاندا ئاندىن نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ.

ھۆرنىسا نۇرئەخمەت تەييارلىغان.
مەنبە: شىنجاڭ مالىيە بۇغالتىرلىقى
بەت: [1]
: كاتتا باي روكفېللېرنىڭ پۇل تېپىش توغرىسىدىكى ئەقلىيە سۆزلىرى