NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 11:56:09

7-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

7-يانۋار ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1214 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ، يېقىنقى ئۈچ كۈندىكى ئۆسۈشكە تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تۈنۆگۈن ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئۈچىنچى كۈن ئۆسۈشكە ئېرىشىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1222 دوللارغا چىقىپ ئەڭ ئاخىرى 1218 دوللاردا بازار يېپىلدى.گىرىتسىيەدىكى سىياسى كىرزىسنىڭ تەسىرى، ياۋرۇ، روسىيە رۇبلىسى، پايچەك بازىرى ۋە خەلقارا نىفىت باھاسىنىڭ چوڭ چۈشۈشى ئالتۇننىڭ خەتەرلىق ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى ھەمدە ئۆسۈشكە ئېرىشتى.

چارشەنبە كۈنى بازارنىڭ دىققىتى ياۋرۇ رايۇنىنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى، ئامرىكا ئا د پ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ. ياۋرۇ رايۇنىنىڭ 12-ئايلىق مال باھا كۆرسەتكۈچى ئانچە ياخشى چىقمىدى، ئىنىرگىيە باھاسى داۋاملىق چۈشۈشى مومكىن.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  


تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1212 ۋە 1222 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىدىغان تەھلىلدە توغرا چىقتى، ئەڭ ئاز دىگەندە 10 نوقتا پايدا بار.
بۈگۈنكى تەھلىل

1208 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1203،نىشان 1213~1218

1230 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1235،نىشان 1225~1220

1185 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1180،نىشان 1190~1195

1242 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زنيان 1247،نىشان 1237~1222



بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  242   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.23  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 7-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى