tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 11:43:31

دوللار سودا تەھلىلى 1/7


بۈگۈن دوللارنى 92.00-92.50 ئەتىراپىدا چۈشۈشكە ئېلىپ ياكى كۈنلۈك يۇقۇرى باھا ئورنىدىن چۈشۈشكە كىرىشنى ئاساس قىلىپ، زىياننى 30 نوقتا ئۈستىدە كونتىرول قىلىپ، پايدىنى كونتىرول قىلىش ئورنىنى 91.50-91.20 لەرگە قارىتىش مۇۋاپىق. ئەگەر كۈن ئىچىدە 91.20-91.00 رايۇنىدىكى تىرەكنى ئۈنۈملۈك بۇزۇۋېتەلىسە قولدىكى مالنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

ئۆسۈش-چۈشۈشكە ئېلىش ئۇرۇنلىرىنى ئۆز ۋاختىدا تېخىمۇ ئىنىق بىلمەكچى 506527935 نۇمۇرلۇق QQ ئارقىلىق مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساق بولىدۇ.
سەمىمى ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېمىنىڭ ھېچقانداق شىركەت ياكى گوروھ بىلەن قىلچە مۇناسىۋېتى يوق. پەقەت شەخىسنىڭ خۇسۇسى كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇلۇپ، مۇۋاپىق دەپ پايدىلانماقچى بولسىڭىز مەبلىغىڭىز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مال ئالغاندا مال سانىنى كونتىرول قىلىش ۋە زىياننى كونتىرول قىلىش ئاساسىدا پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
بۈگۈن ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلار ۋە ئېلان قىلىنىش ۋاقتى تۈۋەندىكىچە:
今日关注数据:
15:00 德国11月实际零售销售月率
16:00 英国12月Halifax季调后房价指数月率(1/7-1/10日)
16:55 德国12月季调后失业人数
16:55 德国12月季调后失业率
18:00 欧元区12月CPI年率初值
18:00 欧元区11月失业率
21:15 美国12月ADP就业人数
21:30 美国11月贸易帐
21:30 加拿大11月贸易帐
23:00 加拿大12月Ivey季调后PMI
01/07 英国央行举行货币政策委员会(MPC)会议,第一天(1月7日至8日)。
ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىقتىسادى ئۇچۇرلار ۋە ئېلان قىلىنىش ۋاقتى تۈۋەندىكىچە:
1-8  03:00   美联储公布会议纪要
1-9  21:30   美国12月季调后非农就业人口及12月失业率

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 19:13:15

روسىيە ئاشلىق كەمچىل بولۇش كىرزىسىغا دۇچ كەلدى
مەنبە : wallstreetcn.com






رۇبلى ۋە خام نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ بىر-بىرىگە ئەگىشىپ چۈشۈش ئەھۋالى 2015-يىلىنىڭ بېشىدا قايتا تەكرارلاندى. رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى پۇل پاخاللىقىنى ئاشۇرۇپ روسىيەدە ئاشلىق كىرزىسىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى پەيدا قىلدى. دۈشەنبە كۈنى ۋە سەيشەنبە كۈنى ئىككى سودا كۈنى رۇبلىنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز چۈشكەندىن كېيىن، رۇبلى ئاللىقاچان 63 لىك نۇقتىغىچە چۈشۈپ كەتتى.

نىيويورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە روسىيەنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى 10% ئەتىراپىدىكەن. نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر ئاللىقاچان كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىمۇ چوڭ نىسبەتتە ئۆسكەن. ھىندىستان گۈرۈچى ۋە ئېمپورت ئېرىمچىكنىڭ باھاسى بار سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەڭ كۆپتۈرۋېتىلگىنى بىر قىسىم سودىگەرلەر دەل ۋاقتىدا تاۋارغا باھا قوشۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن ئەكىسچە خېرىدارلارنى كېيىنرەك كەلگۈزگەن. خېرىدارلار قايتا سودا سارايغا كەلگەن ۋاقىتتا، باھا ئاللىقاچان بىر ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەن.









ئالدىنقى يىلى رۇبلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش قىممىتى 80 لىك نۇقتىغىچە چۈشتى، ئارقىدىن مەركىزى بانكا ئارىلىشىپ چوڭ نىسبەتتە ئۆسۈمنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن 50 لىك نۇقتا ئەتىراپىغا قايتىپ كەلدى. ئەمما نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشۈشىگە ئەگىشىپ روسىيە ئىقتىسادى ئەسلىگە قايتىشقا ئامالسىزدەك قىلىدۇ.

رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئېلىپ كەلگەن مالىيە بېسىمىنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولدى. ئەمما روسىيە كارخانىلىرىنىڭ زور مىقداردا تاشقى قەرزى بولغانلىقتىن ھەمدە چەتئەل پۇلىنى قوبۇل قىلىشى چەكلىك بولغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى كارخانىلارنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى.

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتتى، برېنىت نېفىتىنىڭ باھاسى بىراقلا 6% چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەربىر تۇڭى 52.66 دوللارغىچە چۈشۈپ كەتتى، بۇ 2009 -يىلى 5- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 55 دوللاردىن چۈشۈپ كېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىنىك خام نېفىت باھاسى 50 دوللاردىن چۈشۈپ كەتتى. سەيشەنبە كۈنى داۋاملىق چۈشكەندىن كېيىن ئازراق مۇقىملاشتى.
http://www.nur.cn/news/2015/01/202605.shtml
بەت: [1]
: دوللار سودا تەھلىلى 1/7