ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 10:50:30

شەمشاد

شەمشاد

(لېسسىڭ) گېرمانىيە
ئوغۇزخان ئەنۋەر تەرجىمىسى

بىر كىچىك شەمشاد كۆچىتى ئۆزىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن كاككۇكقا مەھلىيا بولۇپ: «ھەي گۈزەل قۇش! شېخىمغا قونۇپ ئۇۋا سالساڭچۇ؟!» دەپتۇ. كاككۇك بۇگەپلەردىن خۇشال بولۇپ پەسكە قارىسا، بىر كىچىك كۆچەتتىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەپتۇ. كۆچەت كاككۇكنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالغانلىقىدىن ئەجەپلىنىپ: «ھەي گۈزەل قۇش! شېخىمغا قونۇپ ئۇۋا سالساڭچۇ؟!» دەپتۇ...
كاككۇك شۇندىلا بۇ گەپلەرنىڭ بىر كىچىك كۆچەتتىن چىققانلىقنى بايقاپ، ئاۋالقى خوشاللىقى نەلەرگىدۇر غايىپ بولۇپتۇ، لېكىن كاككۇك تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ئىكەن. شۇڭا، كۆچەتنىڭ كۆڭلىنى ئاياش ئۈچۈن قونىدىغان شاخ ئىزدەپ يۈرۈپتۇ.
كۆچەت يەنىلا ئاۋالقى كۆڭۈل ئىزھارىنى تەكرارلاۋېرىپتۇ... چۈنكى ئۇ ئۆزىنى غايەت زور شەمشاد دەرىخى دەپ ئويلىغاچقا كاككۇكنىڭ ئۆزىگە ئېتىبارسىز قارىغانلىقىنى چۈشەنمەپتۇ...
كۈنلەر ئۆتۈۋېرىپتۇ، كىچىك شەمشاد توختىماي ئۆسۈۋېرىپتۇ؛ ئورمانلىقنىڭ ئۈستىدىكىكاككۇك بولسا ھېلى ئۇ شاخنى ھېلى بۇ شاخنى كۆزىتىپ ھېرىپ قاپتۇ، شۇ ئەسنادا «ۋاھ، چىرايلىق قۇشۇم قېنى شېخىمغا قونساڭچۇ» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. كاككۇكنىڭ بۇنداق سادانى ئاڭلىمىغىنىغا ئۇزاق بولغانىكەن، شۇڭا دەررۇ ئۆرۈلۈپ قارىسا كۆزىگە قارىماققا ناھايىتى كۆركەم بىر دەرەخ كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ دەرەخ كاككۇكقا يەنە بىر مۇنچە گۈزەل شېرىن شېرىن سۆزلىرىنى بېغىشلاپ، ئاخىر ئۆزىنىڭ شېخىغا ئۇۋا سالغۇزۇپتۇ، لېكىن ئەپسۇس كاككۇك تولا شاخ كۆزىتىپ ھېرىپ كەتكەنلىكى ۋە شېرىن سۆزلەرگە مەھلىيە بوۇپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ بىر تۈپ قۇرۇتلاپ كەتكەن دەرەخكە قونۇپ قالغانلىقىنى تولىمۇ كېچىكىپ ھېس قىلىپتۇ.
كىچىك شەمشادچۇ، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسىۋېرىپتۇ؛ ئورمانلىقتا ھېچ دەرەخ ئۇنىڭدەك ئېگىز ۋە كۆركەم ئەمەس ئىكەن، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋېرىپتۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى غايەت زور شەمشاد دەرىخى دەپ ئويلايدىكەن.
بىر كۈنى ئورمانلىقنىڭ ئۈستىدە ئۆتىۋاتقان ئاق لەيلەك بۇ شەمشادنى كۆرۈپ مەھلىيا بولۇپ ئۇنىڭدىن ئۆزىگە پاناھلىق شاخ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. شەمشادنىڭ كۆڭلىدە ھېلىھەم كاككۇك بولسىمۇ، لېكىن كاككۇك ئاللىقاچان قۇرۇتلاپ كەتكەن دەرەخكە مەھكۇم بولغاچقا، ئاق لەيلەكنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلىپ، ئەڭ يوغان غول شېخىدىن ئاق لەيلەككە ئورۇن بېرىپتۇ!
كېيىن، شەمشاد ئاق لەيلەكنىڭ گۈزەل ئاۋازى ۋە شېخىنى ئۆز جېنىدەك كۆرگىنى تۈپەيلى ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن مەھلىيا بولۇپتۇ.
كاككۇكچۇ، ئۇ ئۆز خاتالىقىنىڭ بار ئازابىنى تارتسىمۇ، لېكىن چاندۇرماي تۇرۇپتۇ. ئۇ دائىم شەمشادقا قاراپ سالىدىكەن، بەزىدە ئويلاپ، بەزىدە ئامالسىز. چۈنكى، ئورمانلىقتا شەمشادتىن كۆركەم، مەزمۇد، زور دەرەخ يوق ئىكەن.

مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2013-يىللىق 4-سان

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 21:12:59

زادى شەمشادقا چۈشلۇق ھېكايىكەن دېسە.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 23:07:30

يوۇۋ...ماۋۇ زاماندا دەرەخلەرمۇ مابەتلىشدىغان بوپكىتىپتۇ ھە.
بەت: [1]
: شەمشاد