ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 10:49:03

ئەڭ ئاخىرقى سودا

ئەڭ ئاخىرقى سودا

رابىندرات تاگور (ھىندىستان)
پانتېكىن ئەركىن تەرجىمىسى

سەھەر، شېغىل ياتقۇزۇلغان يولدا ماڭغاچ: «كىم مېنى ياللايدۇ؟» دەپ توۋلىدىم.
شاھ قولىدا شەمشەر تۇتۇپ، ئېسىل شاھانە پەيتۇندا يېتىپ كەلدى.
ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ: «مەن ھوقۇقۇمغا تايىنىپ سېنى ياللايمەن» دېدى.
لېكىن، ئۇنىڭ ھوقۇقى مېنىڭ نەزىرىمدە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتتى، شاھ پەيتۇنىغا چىقىپ كېتىپ قالدى.

چۈش، پىژغىرىم ئىسسىق، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى يېپىق.
مەن ئەگرى-بۈگرى تار كوچىلارغا كىردىم.
بىر چال بىر خالتا تىللا ئېلىپ چىقتى.
ئۇ ماڭا زەن سېلىپ قارىۋېتىپ: «سېنى پۇلغا ياللايمەن» دېدى.
ئۇ تىللارلىرىنى بىر-بىرلەپ ساناشقا باشلىدى، لېكىن مەن بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدىم.

گۇگۇم چۈشتى، گۈللۈكنىڭ چىتلىقىدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
بىر گۈزەل چىقىپ: «مەن، كۈلكەم بىلەن سىزنى ياللايمەن» دېدى.
ئۇنىڭ كۈلكىسى خۇنۇكلىشىپ، چېھرى ياش بىلەن يۇيۇلدى؛
گۈزەل تەنھالىق ئىچرە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، تۈن قاراڭغۇىسدا غايىب بولدى.

كۈن نۇرى دېڭىز ساھىلىنى يورۇتۇۋاتاتتى، دېڭىز دولقۇنى ھەدەپ قىرغاققا ئۇرۇلۇۋاتاتتى.

بىر شاكىچىك دېڭىز ساھىلىدا قۇلۇلە قېپى ئويناۋاتاتتى
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، مېنى تونۇيدىغاندەك: «سىزنى ياللاشقا ھېچنىمە ئىشلەتمەيمەن» دېدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەن بىر ئەركىن ئادەمگە ئايلاندىم!

مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتى 2013-يىللىق 5-سان

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 16:50:23

ئەركىن ئادەم بولۇش ئۈچۈنمۇ پۇل كىرەك ئەلۋەتتە.بولمىسا قۇرساق ئاچىدۇ،تاماق كىرەك.ئۇيقۇ باسىدۇ،ياتاق،ئۆي كىرەك بولار...ئىنسان بولغانكىن بىر ھەمراھنى سىغىنىدۇ ئەلۋەتتە.

ئەمدى زادىلا ھەۋىسى يوق ئادەم بولسا ئۇ باشقا گەپكەن.


يازغۇچى ھىندىستانلىقكەن،بىراق باسقۇنچىلىق خەۋەرلىرىگە قارىغاندا بۇ يازغۇچى راھىب بولۇپ كەتكەن بىر زاھېد ئوخشايدۇ.

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 21:11:46

ئادەم ئەسلىگە قايتىش ئۈچۈن بالىلىققا قايىتىش كېرەك ئوخشايدۇ. يوللىغۇچىغا تەشەككۇر{:112:}
بەت: [1]
: ئەڭ ئاخىرقى سودا