Qaf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 10:37:55

پاتېنت توغرىسىدا پاراڭلاشمامدۇق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك  جامائەت ، كەمىنە فەقىر   ئىزدىنىش مۇنبىرىدا ئىزدىنىپ ،خېلىدىن بېرى بىلەلمىگەن نۇرغۇن مەسىللەرنى مۇشۇ ئېسىل مۇنبەردىن يېشەلىدىم. يېقىننىڭ ياغى كاللامغا مۇشۇ توغرىلىق سۇئاللار كېلىپ سىلەرگە تېما يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.بۇ تېمىنىڭ ماڭا ئوخشاش ئىزدىنىۋاتقان بۇرادەرلەرگە ئازبولسىمۇ ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
  يېقىندا بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ بىر  تېمىسىدا  پاتنىت توغرىلىق  ئوقۇپ قالدىم. ئىلگىرى پاتېنت توغرىلىق  ئازراق  تونۇشقا ئىگە بولساممۇ، يەنىلا يېتەرسىز دەپ ئويلايمەن.
بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ  پاتېنت توغرلىق ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىشىنى ،شۇنداقلا ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى تەپسىلىي دەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.
مېنىڭچە پاتېنت دېگەن بۇ ئۇقۇمنى مەيلى بىلەيلى بىلمەيلى   كۆپرەك كىشلەر بىلىۋالسا چۈشىنىۋالسا ،چوقۇم بىرەرنەپ ئەپ كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

قېنى مەرھەمەت

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 12:34:31

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 13:16:47

ياسىغان نەرسىسىگە پاتىنىت ئالماي بىكاغا سوغا قىلىدىغاندىن نەچچىسى چىقىدۇ.  سىزمىچىلىق لاھىيلەش  مودىلى دىگەندەكلە لازىم بۇلا ھەقىچان.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 16:46:49

پاتىنېت دەيدىكەنغۇ...

پاتېنىت ھوقۇقى دىگەن مەسىلە بولسا بىر نەرسىنى يىڭىدىن بارىلىققا كەلتۈرسە شۇ مەھسۇلات شۇ بارىلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ يەنى ئىشلىگۈچىنىڭ مۇددىئاسى مەقسىدى بىلەن بولغان بولىدۇ....پېقىرنىڭ بېلىشى شۇكەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 17:09:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 17:26  

ئېنگىلىزچىدە patent دەيدىكەن. خاس پايدا ھوقۇقى دىگەن مەنىدە ئىشلىتىلىپ، كەشپىيات، ئەسەر قاتارلىق ئەقلىي مۈلۈكلەرنىڭ پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ پەقەت شۇ ئەقلىي مۈلۈكنىڭ ئىگىسىدە بولۇشىنى قانۇنىي كاپالەتلەندۈرۈشنى بىلدۈرىدىكەن. يەنى بىراۋ بىر يېڭى  نەرسە كەشىپ قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇۋالسا باشقىلار شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادى قىممەت ياراتماقچى بولسا چوقۇم كەشپىيات ئىگىسىنى رازى قىلىپ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك  . مېنىڭ بىلىدىغىنىم شۇنچىلىككەن.
بەت: [1]
: پاتېنت توغرىسىدا پاراڭلاشمامدۇق