GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 20:35:40

Linuxk تا MySQL ۋە باشقا پروگراممىلارنى ۋاقىت بەلگىلەپ قايتا قوزغىتىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GoodLuck تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 20:37  

      ئۆيدە بىر ئوبدان ئارام ئېلىپ ئولتۇرغىنىمدا بىر تېلېفون كېلىپ سىستېما قوزغىلالمىغانلىقىنى ئۇقۇپ، چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ ئىشخانىغا ماڭدىم. بىر قانچە سىستېما بىر MySQL ساندانغا ئۇلىنىدىغانلىقى ۋە گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتقاندا مەن يازغان پروگراممىنىڭ ساندان ئۇلانمىسىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلانمىنى بىكار قىلىدىغان يېرى سەل مۇكەممەل ئەمەس بولغانلىقى ئۈچۈن، ساندان ئۇلانمىسى يېتىشمەي چاتاق چىقاتتى. ئىشنىڭ جىقلىقىدا پروگراممىنى ئەلالاشتۇرۇش خوش ياقماي پات پات سانداننى قايتا قوزغىتىپ قويىۋاتقانتىم.
     بۈگۈنكى بۇ ئاۋارىچىلىقتىن كېيىنمۇ پروگراممىنى ئۆزگەرتىش يەنە خوش ياقمىدى، شۇنىڭ بىلەن Linux نىڭ crontab ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئاددى بىرنەچچە قۇر كود يېزىپ، سانداننى ۋاقىت بەلگىلەپ تۇرۇپ قايتا قوزغىتىدىغان قىپ قويۇپ، مەسىلىنى دەمال ھەل قىلىپ تۇردۇم. سەل قولۇم بېسىققاندا پروگراممامنى ياسىۋالارمەن.  قايتىشتىن بۇرۇن بۇ تەجىربەمنى تاشلاپ قويۇپ ماڭاي دېدىم.

root ھوقوقى بىلەن سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن opt مۇندەرىجىسىگە كىرىپ reboot.txt ھۆججەتتىن بىرنى قۇرىمىز.# cd /opt/
# vim reboot.txtبۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز:0 8 * * * service mysqld restart
18 22 * * * service mysqld restartبۇنىڭ مەنىسى سەھەر سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 8 دە(مۇلازىمىتىر ۋاقتىنى ئاساس قىلىدۇ) ۋە كەچ 22 دا سانداننى قايتا قوزغىتىمەن دېگەنلىكتۇر.
بۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن بۇ ھۆججەتنى crontab تىزىملىكىگە قوشىمىز.crontab reboot.txtقوشۇپ بولغاندىن كېيىنcrontab -lبۇ بۇيرۇقنى ئىشلىتىپ crontab ئىجرا قىلىۋاتقان پروگراممىلارنى كۆرەلەيمىز، تۆۋەندىكىدەك:# crontab -l
0 8 * * * service mysqld restart
18 22 * * * service mysqld restart
#
ئاندىن/sbin/service crond restartcrond نى قايتا قوزغىتىۋەتسەكلا بولىدۇ.
قىسقىچە يېزىپ قويدۇم، لازىم بولغانلارغا لازىم بوپ قالار.

crond  نىڭ پارامىتىرلىرىنىڭ تەپسىلى تونۇشتۇرىلىشىنى توردىن تاپتىم، تەجىمە قىلىشقا ۋاقتىم يوق، كۆرۈپ چۈشىنەلمىگۈدەك نەرسىمۇ ئەمەس، چاپلاپ قوياي.30 21 * * * /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
上面的例子表示每晚的21:30重启lighttpd 。
45 4 1,10,22 * * /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
上面的例子表示每月1、10、22日的4 : 45重启lighttpd 。
10 1 * * 6,0 /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
上面的例子表示每周六、周日的1 : 10重启lighttpd 。
0,30 18-23 * * * /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
上面的例子表示在每天18 : 00至23 : 00之间每隔30分钟重启lighttpd 。
0 23 * * 6 /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
上面的例子表示每星期六的11 : 00 pm重启lighttpd 。
* */1 * * * /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
每一小时重启lighttpd
* 23-7/1 * * * /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
晚上11点到早上7点之间,每隔一小时重启lighttpd
0 11 4 * mon-wed /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
每月的4号与每周一到周三的11点重启lighttpd
0 4 1 jan * /usr/local/etc/rc.d/lighttpd restart
一月一号的4点重启lighttpdخوش ئەمسە.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 08:24:29

بۇمۇ بولىدىغان چارە ئىكەن.

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 11:01:03

لىنۇكىسنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نۇسخسى قايسىدۇر ؟ دۇستۇم ماڭا لىنۇكىس ئۇيغۇنتۇ(Ubuntu)نى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ.مەنمۇ بەكلا قىزىقىۋاتىمەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 11:07:25

ئوبۇنتۇنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. مەن redhat بىلەن senOs نى ئىشلىتىپ باققان.  ئوبۇنتۇ ھەققىدىكى ماتېرىياللامۇ خېلى جىققۇ دەيمەن.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 13:38:25

crontab ئارقىلىق مۇلازىمىتېردىكى MySQL ساندان ۋە تور بىكەتنى ۋاقىت بەلگىلەپ زاپاسلاپ چىقىرىپ، ئاندىن قوشنا مۇلازىمىتېرغا تاشلايدىغان قىلۋالغان ئىدىم. {:92:}

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 16:41:13

ھاشارغا بىكارلىق مەدىكار ساپسىزدە :lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: Linuxk تا MySQL ۋە باشقا پروگراممىلارنى ۋاقىت بەلگىلەپ قايتا قوزغىتىش