qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 18:38:16

‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكى لائىكلىق چۈشەنچىسى

‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكى لائىكلىق چۈشەنچىسى
يۈسۈپجان ياسىن


    قاراخانىيلار دەۋرىدە يۈسۈف خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› داستانى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ شەرتلىرى ۋە ھۆكۈمدار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان، بولۇپمۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ۋىجدانىغا ۋە ئېتىقادىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان بىر سىياسەت-قانۇن كىتابىدۇر. بۇ كىتاب يالغۇز ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ سىياسىي – قانۇنچىلىق تارىخىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر ئەسەر.
     يۈسۈف خاس ھاجىپ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە ھۆكۈمدار كۈن تۇغدىنى ئادىل قانۇنغا، ۋەزىر ئاي تولدىنى بەخت-سائادەتكە، ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشنى ئەقىل-پاراسەتكە، ئودغۇرمىشنى ئاقىۋەتكە سىمۋول قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، قاراخانىيلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىدىئال دۆلىتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان، بولۇپمۇ دۆلەتنى شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىرادىسى ياكى دىنىي يول(شەرىئەت) بىلەن ئەمەس، ئەقىلگە تايانغان ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتەك ئىلغار ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۈگۈنكى ئۇقۇم بويىچە ئېيتقاندا، يۈسۈف خاس ھاجىپ سوتسىيال، دىموكراتىك ۋە لائىك بىر ھاكىمىيەت شەكلىنى تەشەببۇس قىلغان. ئەلۋەتتە، يۈسۈف خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت شەكلى ‹‹قانۇن دۆلىتى›› دۇر.
     ‹‹لائىك››دېگەن نام ئەسلى لاتىنچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ‹‹دىندارلار سىنىپىغا ئائىت بولمىغان››دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى، كېيىن بۇ سۆز فىرانسۇزچىغا قوبۇل قىلىنىپ،‹‹دۆلەت ئىدارە قىلىشتا دىن بىلەن سىياسەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش››، ‹‹كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغداش›› دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، لائىكلىق دۆلەتنى دىنىي پىرىنسىپلارغا ياكى شەرىئەتكە ئاساسەن  ئەمەس، ئەقىلگە تايانغان قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كېرەك دېگەننى تەسەببۇس قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدۇر. بۇ چۈشەنچە ئىنسانلارنىڭ ئەقىل، بىلىم ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنىڭ يۈكسىلىشى نەتىجىسىدە تېئوكراتىك ھاكىمىيەت(دىنىي دۆلەت)تىن دېموكراتىك ھاكىمىيەتكە قاراپ يۈزلىنىشىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، دىن بىلەن سىياسەتنىڭ بىر - بىرىنى كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىنسانلارنىڭ ۋىجدان ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ۋەتەنداشلىق سالاھىيىتىنى قوغداش ۋە قانۇنچىلىق ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى. شۇڭا، بۇ چۈشەنچە دىنىي جەھەتتە دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۇلارنى ئېتىقادىغا قاراپ پەرقلەندۈرمەسلىكنى، ھەر قانداق بىر ئېتىقادنىڭ، بولۇپمۇ بىر جەمئىيەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئېتىقادنىڭ ئاشۇ جەمئىيەتتىكى ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلغان ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىغا بېسىم قىلىشىغا يول قويماسلىقنى، دۆلەتنىڭ  دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋەتەنداشلار بىلەن ھېچقانداق بىر دىنگە ئېتىقاد قىلمايدىغان ۋەتەنداشلارغا باۋارەر ۋە تەرەپسىز مۇئامىلە قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قىسقىسى، لائىكلىق دېگەندە دىن بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىش، ۋەتەنداشلارنىڭ ۋىجدان، ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىنى قوغداش دېگەن مەنە نەزەردە تۇتىلىدۇ. ئەلۋەتتە بىر دۆلەت ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى يولغا قويماي تۇرۇپ، شۇ دۆلەتتە باراۋەرلىكنى ۋە دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى قىيىن.
     شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، لائىكلىقتىن ‹‹دىنسىزلىك›› ياكى ‹‹دىنگە قارشى تۇرۇش››دېگەن مەنە چىقمايدۇ. لائىكلىق دىننى ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن ئايرىش ئارقىلىق، ئۇنى سىياسەتنىڭ، مەنپەئەتنىڭ، زوراۋانلىقنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن خالىي قىلىپ، جەمئىيەتتە ھەقىقىي ئېتىقادنى نامايەن قىلىش، ۋەتەنداشلار ئوتتۇرىسىدا دىنىي زىددىيەت چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىلمىي چۈشەنچىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەخلاقىي ئۆلچەم بىلەن ياشاش، قورۇق ئەقىدىلەردىن يىراق  تۇرۇشتەك ساغلام ۋە زامانىۋى روھىي ھالەتنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، بىر لائىك دۆلەتنىڭ  ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دۆلەتنى ئېتىقاد سىستېمىسى بويىچە ئەمەس،  دىندىن خالىي قانۇن (مەدەنىي قانۇن) بىلەن ئىدارە قىلىش، ھەركىمگە دىنىنى ئەركىن ھالدا تاللاش پۇرسىتى بېرىش، ھېچكىمنى ۋىجدانىنىڭ ئىلھامى بىلەن قوبۇل قىلغان دىنىدىن توسماسلىق، ھېچكىمنى ھېچقانداق بىر دىنگە زورلىماسلىقتۇر.
لائىكلىقنى ھەرگىزمۇ ئىسلامىيەتكە ياكى باشقا ھەر قانداق بىر دىنگە خىلاپ بىر تۈزۈم دەپ قاراشقا بولمايدۇ. لائىكلىق ئىسلامىيەتنىڭ روھىغا تامامەن ئۇيغۇن بولغان بىر ھاكىمىيەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىسلامىيەت مۇقىم ۋە ئۆزگەرمەس بىر ھاكىمىيەت شەكلىنى بېكىتىپ بەرگەن ئەمەس. ئىسلامىيەتتە نەزەرىيە سۈپىتىدە ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ۋە ئېھتىياجغا ئۇيغۇن بىر سىياسىي تەشكىلاتنى بەرپا قىلىشقا ئىمكانىيەت بېرىلگەن. ئىسلامىيەت ۋەھىي، تۇيغۇ ۋە ئەقىلگە تايانغان بىر دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاللانىڭ ھىكمىتىنى، ھاياتلىقنىڭ ۋە ئالەمنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشتە، دۇنياۋىي ھاياتقا ئائىت ئىشلارنى رەتكە سېلىشتا، ئىجتىمائىي بەخت-سائادەت يارىتىشتا، دۆلەت باشقۇرۇشتا ۋە مىللىي ئېھتىياجنى قامداشتا، ئەقىلگە، تەپەككۇرغا، بىلىمگە، ئىزدىنىشكە، ئىجتىھاتقا، ئىسلاھاتقا ۋە ھەمكارلىققا مۇراجىئەت قىلىشنى تەرغىپ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئەقىلنىڭ خاسىيىتىنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ.‹‹ئىنساننىڭ دىنى ئەقلىدۇر، ئەقلى يوقنىڭ دىنىمۇ يوق››،‹‹ھەر نەرسىنىڭ بىر ئاساسى بار، مۆئىمىننىڭ ئاساسى - ئەقىلدۇر››،‹‹بىر سائەتلىك تەپەككۇر بىر كېچىلىك ئىبادەتتىنمۇ خەيرلىكتۇر››، ‹‹ئىنسان ئاخىرەتتە ئەقلىگە لايىق ئورۇنغا ئېرىشىدۇ››دېگەن ھەدىستىمۇ ئەقىل، تەپەككۇرنىڭ ئىسلامىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئەھمىيىتى، يېتەكچىلىك ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇڭا، ئىسلامىيەتتە زامان، ماكان ۋە شارائىتنى نەزەرگە ئالغاندا، دۆلەت ئىدارە قىلىشتا مەشرۇتىيەت(قانۇنىيلىق)، ئادالەت، سالاھىيەت، كېڭىشىش، ئەخلاق ۋە ئىنسانغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مۇھىم پىرىنسىپ قىلىنغان.
ئىسلامىيەت دىنگە ئېتىقاد قىلىشتا ھۆر ئىرادىنى ۋە ۋىجداننىڭ قوبۇل قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. بىر ئىنساننىڭ ئىسلامىيەتنى دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى تامامەن شۇ كىشىنىڭ ھۆر ئىرادىسىگە باغلىقتۇر، گۇناھلىق ئىشلاردىن ساقلىنىشىمۇ يەنە شۇ كىشىنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق بولىدۇ. ‹‹قۇرئان  پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت›› (سۈرە قەلەم، 52- ئايەت)  بولغاچقا، مۇسۇلمانلار بىر-بىرىنى ‹‹قۇرئان كەرىم››دە سۆزلەنگەن ئەقىدە ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەمما بۇ مەسىلىدە ھەرگىزمۇ زورلاش ئۇسۇلى قوللىنىلمايدۇ، كىشىنى زورلاش ئارقىلىق دىن يولىغا باشلىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتتە دىن ھاكىمىيەتنىڭ كۈچى ياكى زورلۇق ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەجبۇرىي تېڭىلسا، ئۇ دۆلەتتە تەبىئىي ھالدا ساختا دىندارلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ھاكىمىيەت نۇرغۇن ۋەتەنداشلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايدۇ، ئىجتىمائىي تەرتىپتە بۇزۇلۇش بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ئەقىل، تەپەككۇر ۋە بىلىمگە تايانمىغان،‹‹دۇنيالىق››بىلەن‹‹ئاخىرەتلىك››نىڭ چەك - چېگراسىنى ئايرىمىغان، ئۆز جەمئىيىتىدە ئىلمىي مۇھىت ياراتمىغان ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد دۇنياسىغىمۇ بىمەنە پىكىرلەر، خوراپىي چۈشەنچىلەر، يات ئامىللار چاپلىشىدۇ، جەمئىيەتتە ساختا پەتىۋالار يامراپ، نادانلىق، جاھالەت ئەۋج ئالىدۇ، پىرقە - مەزھەپلەر پەيدا بولۇپ، بىر پۈتۈن جەمئىيەت، بىر پۈتۈن مىللەت‹‹دىن›› نامىدىكى غەيرى ئەقىدىلەرنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا پارچىلىنىشقا يۈزلىنىدۇ. دىننىڭ ئوبرازىمۇ خۇنۇكلىشىدۇ.   بۇنىڭدىن مەلۇمكى، لائىكلىقنى ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى ‹‹ئەقىل››، ‹‹تەپەككۇر››، ‹‹بىلىم›› ، ‹‹ۋىجدان››،‹‹ئېتىقاد ئەركىنلىكى›› ،‹‹دۇنياۋىي ھايات››، ‹‹ھاكىمىيەت ››،‹‹قانۇن››، ‹‹ئادىللىق››، ‹‹باراۋەرلىك››  ئۇقۇملىرىنىڭ  سىياسىي ساھەدىكى  ھەقىقىي گەۋدىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ.
     لائىكلىق چۈشەنچىسى غەربنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان، 1789-يىلىدىكى فىرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، غەربلىكلەرنىڭ سىياسىي، قانۇن، پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەت پەنلىرىدە مۇھىم بىر ئوقۇمغا ئايلانغان، شۇنىڭدەك يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكىنى تەشكىل قىلغان بىر ھاكىمىيەت شەكلىدۇر. ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە پەقەت تۈركىيە بۈ تۈزۈمنى ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل تەتبىقلىيالىغان بىردىنبىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ لائىكلىقنى كەسكىن تەتبىقلىيالىشى ئەلۋەتتە تۈركلەرنىڭ مىللىي ھاكىمىيەت ئەنئەنىسى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ سىياسىي دانالىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.  
    ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ئادىل قانۇن، بەخت –سائادەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە ئاقىۋەتتىن ئىبارەت تۆت پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ تۆت پېرسوناژنىڭ بەلگىلىك بىر ئىجتىمائىي رولى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقىۋەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىش دىنگە ۋەكىللىك قىلغان بىر ئوبراز بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىسى بۇددىزم ۋە ئىسلامىيەتكە  ئائىت ئەقىدىلەر، ھەتتا تەسەۋۋۇپ پىكىرلىرى بىلەن تولغان. ‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكى ئىدىئال دۆلەتنىڭ مۇھىم بىر خۇسۇسىيىتى لائىكلىقتۇر. بۇ ئەسەردە نورمال دېموكراتىك تۈزۈم ئاستىدا دىن بىلەن سىياسەت بىر - بىرىنى كونترول قىلماسلىقى كېرەك دېگەن چۈشەنچىنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ مۇناسىۋەت تەكىتلەنگەن، لېكىن، پايدىسىز ئەھۋال كۆرۈلگەندە دۆلەت دىنىي مەسىلىلەردە ياردەمگە تەييار بىر كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 6645 بېيىتتىن تەشكىل تاپقان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە ئادىل قانۇن ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇش بىلەن بىرلىكتە، 3232- بېيىتتىن باشلاپ ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېيتىغىچە ئاساسەن دىن بىلەن سىياسەتنىڭ مۇناسىۋىتى مۇھىم تېما سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ 5311-، 5312-، 5312-بېيتلەردە يۈسۈف خاس ھاجىپ لائىك دۆلەتنىڭ پىرىنسىپىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن :‹‹دىن دالى بىلەن دۇنيا دالى بىر - بىرىگە قارىمۇ-قارشىدۇر، ئىككىسىنىڭ يولى بىر - بىرىگە يېقىنلاشمايدۇ، بۇلارنىڭ يولى بىر - بىرىنى كېسىدۇ. دىننىڭ دۇنيا بىلەن بېرىكىشى قىيىن، بۇ ئىككىسى بىر يەرگە كەلمەيدۇ، بۇنى بىلىش يېتەرلىكتۇر. بىرى يېقىنلاشسا يەنە بىرى قاچىدۇ، ئىككىسىنى بىللە تۇتماقچى بولغان كىشى يولدىن ئازىدۇ.››بۇ بېيىتلەردە يۈسۈف خاس ھاجىپ دىن بىلەن سىياسەت بىرلەشكەن تېئوكراتىك دۆلەت قۇرغاندا، ئىنساننىڭ‹‹دۇنيالىق›› بىلەن ‹‹ئاخىرەتلىك››كە ئائىت ئىشلاردا خاتالىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا دىن بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋىتىپ، ئىككىسىنى ئايرىم - ئايرىم ئىككى قولدا تۇتقان چاغدا ھەر ئىككى دۇنيالىق سائادەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ خالىسا بۇ دۇنيالىقنى، خالىسا ئاخىرەتلىكنى تۇتۇشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئەگەر ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› تېئوكراتىك دۆلەت لايىھەسىنى ھىمايە قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا شەرىئەتنى شەرتسىز، مۇنازىرىسىز، سۆزمۇ - سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن بولاتتى. لېكىن، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە‹‹شەرىئەت››،‹‹خىلاپەت›› دېگەنگە ئوخشاش ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۈپ ئامىللىرىدىن،‹‹قۇرئان كەرىم››دىن، ھەدىستىن، ئىسلامىيەتنىڭ دىنىي-قانۇن مۇئەسسەسەلىرىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ، ئاھالە بىر ئىسلام جەمئىيىتىدىن بەكرەك تۈرك جەمئىيىتى خاراكتېرىدە تۇنۇتۇلغان،  بۇ ئەسەردە مەشرۇتىيەت قەدىمكى تۈرك ‹‹قۇت›› ۋە ‹‹تۆرە››(قانۇن) چۈشەنچىسىگە تايانغان. ئەسەردىكى دىيالوگلاردا ‹‹قانۇن تۈزۈش››، بولۇپمۇ ‹‹ئادىل قانۇن تۈزۈش››تىن سۆز ئېچىلىدۇ، يەنى ئۆزگىرىۋاتقان شارائىتقا قاراپ جەمئىيەتنى رەتكە سالىدىغان يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈش سۆز تېمىسى قىلىنىدۇ. ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە ھۆكۈمدار كۈن تۇغدى قانۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر يۈسۈف خاس ھاجىپ تېئوكراتىك دۆلەتنى ھىمايە قىلغان بولسا ئۇ ھالدا ھۆكۈمدارنى دىنگە سىمۋول قىلىنغان بىر ئوبراز سۈپىتىدە تونۇتقان بولاتتى، لېكىن ئەسەردە دىنگە ۋەكىللىك قىلغان ئودغۇرمىش دۆلەتكە خىزمەت قىلىشنى رەت قىلىدۇ.
    ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ لائىك قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال كۈن تۇغدى، ئۆگدۈلمىش ۋە ئودغۇرمىش ئۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكنىڭ جەريانىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمدار كۈن تۇغدى كەلگۈسىنى ئويلاپ ھەر جەھەتتىن ئۆگدۈلمىشكە ئوخشاش ئىشەنچلىك، بىلىملىك ۋە پەزىلەتلىك بىر شەخسكە مۇختاج بولىدۇ. ئۆگدۈلمىش ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادىن، ھاياتنىڭ زوقىدىن قول ئۈزۈپ، ئۆمرۈنى تاغدا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان ئودغۇرمىشنى تونۇشتۇرىدۇ. ھۆكۈمدار ئۆگدۈلمىشتىن مەكتۇپ ئەۋەتىپ ئوغدۇرمىشنى سارايغا كېلىپ دۆلەت خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، لېكىن ئودغۇرمىش سارايغا كەلمەيدۇ. ھۆكۈمدار ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەنە سارايغا تەكلىپ قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتىدۇ. بۇ قېتىممۇ ئودغۇرمىش سارايغا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ يەردە دىققەتنى تارتىدىغان نۇقتا شۇكى، دۆلەتنىڭ رەسمى يازما بۇيرۇق شەكلىدىكى بۇ چاقىرىقىغا دىنگە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىش ماقۇل بولمايدۇ. يەنى بۇ يەردە دۆلەتنىڭ دىننى زورلاشقا ۋە ئۇنىڭغا بېسىم قىلىشقا بولمايدىغانلىقى سۆز تېمىسى قىلىنغان. بۇ تېما ئودغۇرمىشنىڭ سۆزلىرىدىمۇ ناھايىتى ئېنىق گەۋدىلەنگەن. ئۆگدۈلمىش ئودغۇرمىشنى سارايغا ئاپىرىش ئۈچۈن چىڭ تۇرغاندا ئوغدۇرمىش ئۇنىڭغا :‹‹سۆزنى كېسىپ ئېيتتىم، ئۇنى ئاڭلىدىڭ، مېنى زورلاپ نىمىشقىمۇ جاپا تارتىدىغانسەن؟››(3961-بېيىت) دەيدۇ. ئۇ ئۆگدۈلمىشتىن ھۆكۈمدار كۈن تۇغدىغا بىر مەكتۇپ يوللاپ، ھۆكۈمدارغا :‹‹ئەي ئىلىگ، مېنى ئۆز ئەھۋالىمغا قويۇپ بەر، بۇ يەردە تۇرۇپ ساڭا دۇئاگۇي بولاي››(3791-بېيىت) دەپ خىتاپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۆگدۈلمىشكە :‹‹ئۆز تىلىڭ بىلەنمۇ يەتكۈزگىن، ئىلىگ ئاڭلىسۇن، مېنى قۇيۇۋەتسۇن، مەندىن قولىنى ئۈزسۇن››(3813-بېيىت) دەيدۇ. بولۇپمۇ ئودغۇرمىش ھەم ھۆكۈمدارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ‹‹قۇل›› ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بىرىسىنىڭ يەنە بىرىدىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمدارنىڭ كونتروللىقى ئاستىغا كىرىپ ئۇنىڭغا ‹‹قۇللۇق›› قىلالمايدىغانلىقى، پەقەت تەڭرىگىلا ‹‹قۇللۇق›› قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ يەردە ئودغۇرمىش دىننىڭ قانۇندىن ئايرىم يولدا ماڭىدىغانلىقىنى، ھەرىكەتتە ھۆر ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ دىننىڭ سىياسەت بىلەن بىرىكىپ دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كۈن تۇغدى بىلەن ئۆگدۈلمىشمۇ ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى  چۈشىنىپ، ئودغۇرمىشقا بېسىم قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. كۈن تۇغدى ئۆگدۈلمىشكە مۇنداق دەيدۇ :‹‹بۈگۈن بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلماقتىمىز، ئۇنىڭغىمۇ زۇلۇم قىلىپ رەنجىتمەكتىمىز››(4904-بېيىت)، ‹‹ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە قارىسا، ھەممىسى توغرا، ئەمدى ئۇنى زورلاشقىمۇ بولمايدۇ››(4922-بېيىت). بۇ بېيىتلەردە دىننى زورلاشقا بولمايدىغانلىقى گەۋدىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە دىننى مەجبۇرلىغۇچى ۋاسىتە بولغان قانۇننىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولمايدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن.
    ھۆكۈمدار كۈن تۇغدى ئودغۇرمىشنى ئۈچىنچى قېتىم سارايغا تەكلىپ قىلىدۇ. لېكىن، بۇ قېتىم كۈن تۇغدى ئۇنىڭغا مەكتۇپ يوللىمايدۇ، ئۇنىڭ دۆلەت خىزمىتىگە كىرىشنى خالىمىغانلىقىنى توغرا تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ خالىسا سارايغا كېلىپ ئۆزى بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى، خۇسۇسىي تەۋسىيەلەردە بولۇشىنى ئۆتىنىدۇ. ئۆگدۈلمىشكە ئۇنى زورلىماي، سارايغا چىرايلىقچە تەكلىپ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.  نەتىجىدە ئودغۇرمىشمۇ بۇ قېتىم تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، سارايغا بېرىشقا ۋە ھۆكۈمدار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ماقۇل بولىدۇ. لائىك دۆلەت دىننى سىياسەتكە ۋاسىتە قىلىشتىن خالىي تۇرىدۇ. بۇ چۈشەنچىنى ئودغۇرمىش مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : ‹‹بۇنىڭدىن ئاۋۋال مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بارمىدىم ، چۈنكى ئۇ مەندىن ئۆزىگە مەنپەئەت تىلەيتتى. ئەمدى ئۇ بۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، توغرا يولنى تۇتتى، توغرا يولغا مەنمۇ كىرىمەن، ئارزۇسىنى ئورۇندايمەن، خاتىرىجەم بول››(4994-، 4995-بېيىتلەر). بۇ بايانلاردا دىققەتنى تارتىدىغان بىرىنچى نۇقتا، دىننى زورلاشقا، بېسىم ۋە كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقى، ئىختىيارلىقنى شەرت قىلىدىغانلىقىدۇر. يەنە بىر نۇقتا بولسا، سىياسەت(ھۆكۈمدار ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرى) خالىغان بولسىمۇ، دىننىڭ سىياسەتكە خىزمەت قىلىشنى خالىمىغانلىقى، ئۇنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا كىرىشنى رەت قىلغانلىقىدۇر.  
    ھۆكۈمدار كۈن تۇغدى بىلەن زاھىد ئوغدۇرمىش كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان مۇئامىلىسىدە ۋە قىلىشقان سۆھبىتىدە دىن بىلەن سىياسەتنىڭ بىر – بىرىگە ئارىلاشماسلىقىنىڭ  لازىملىقى ھەققىدە بىر مۇنچە دەرس بار. بۇ دىيالوگلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، دۆلەت دىننىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن، سىياسەتنىڭ دىننى كونترول قىلىشى سۆز تېمىسى بولمىغىنىدەك، دىنمۇ سىياسەتكە كېپىللىك بېرەلمەيدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، دىننىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئورنىغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتنى تېئوكراتىك بىر ھاكىمىيەت شەكلىگە باشلىشى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە رەت قىلىنغان بىر چۈشەنچىدۇر.
    بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، دىن ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش بولغاچقا، ۋەھىيگە تايانغان دىن ئىنساننىڭ ۋىجدانىغا، خۇسۇسىي ھاياتىغا خىتاپ قىلىدۇ. ئىختىيارلىقنى شەرت قىلىدۇ. ئەقىلگە تايانغان قانۇن بولسا، شەخس بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش بولغاچقا، ئۇ بىر دۆلەتتىكى بارلىق ئىنسانلار توپىنىڭ چۈشەنچىسىگە،  بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە خىتاب قىلىدۇ، ئۇنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تۇيغۇ، ۋىجدانغا باغلىق بولغان بىر ئىشتا پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق بىر ھالەتنى ئىپادە قىلىشى ناتايىن، لېكىن ئەقىلگە باغلىق بولغان بىر ئىشتا جەمئىيەت ئەزالىرى ئورتاق بىر چۈشەنچىگە كېلىدۇ. ‹‹پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت›› بولغان ‹‹قۇرئان كەرىم›› ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى، ھۆر ئىرادىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلغاچقا، يەنە كېلىپ دىننىڭ ئەمەللىرىنى ئىنسان چامىسى يەتكەن ۋە شارائىت يار بەرگەن دائىرىدە ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنغاچقا، ئونى مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بىردەك بويسۇنىشىنى شەرت قىلىدىغان قانۇن ئورنىغا قويۇش  ۋە دۆلەت ئىشلىرىدە قوللىنىش توغرا ئەمەس.  شۇڭا، دىننى ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنىڭ، خۇسۇسىي ھاياتىنىڭ بىر مىزانى دەپ بىلگەندە، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىنى، ئىجتىمائىي شارائىتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەقىلگە، تەجرىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن قانۇننى بىر جەمئىيەتنى، بىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق پىرىنسىپى قىلغاندا، يەنى لائىك تۈزۈم يۈرگۈزۈلگەندىلا‹‹دۇنياۋى ھايات›› بىلەن‹‹ئاخىرەتلىك››نىڭ چېك - چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، دىنگە ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسانلار بىلەن دىنگە ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا باراۋەر مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقل بايلىقىنى تولۇق قېزىشقا ۋە  ۋىجدانىنى، ئېتىقاد دۇنياسىنى ئەركىن نامايەن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇ تۈزۈمدە دىنگە ئىشىنىش ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدان مەسىلىسى دەپ قارالغاچقا، بىر مىللەت ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىر قانچە خىل دىنگە ئېتىقاد قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مىللەت چۈشەنچىسى پارچىلانمايدۇ، يەنى دىنىي مەنىدىكى‹‹ئۈممەت›› چۈشەنچىسى بىلەن سىياسىي مەنىدىكى‹‹مىللەت›› چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت شەكىللەنمەيدۇ، ‹‹ئۈممەت›› چۈشەنچىسى ‹‹مىللەت›› چۈشەنچىسىنى زىدىلىمەيدۇ.  
     يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ قارىشىچە، دۆلەت خالىغان تەقدىردىمۇ، دىن سىياسەتتىن ئايرىم  تۇرۇشى، ئۇنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولماسلىقى، بەزىدە دىن دۆلەتنىڭ قوغدىشىنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلسىمۇ، دىن سىياسەتنى كېپىللىك ئاستىغا ئالماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ دىن بىلەن سىياسەت بىر-بىرىگە يول كۆرسىتىشى، لېكىن بىر - بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلماسلىقى كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ  ئاقىۋەتكە، يەنى دىنگە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىش بىلەن قانۇنغا سىمۋول قىلىنغان كۈن تۇغدى كۆرۈشكەندە، ئودغۇرمىش يا قانۇن تۈزۈش، يا قانۇننى ئۆزگەرتىش، يا قانۇن يۈرگۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ، يەنى ئۇ سىياسەتكە ئارىلاشمايدۇ. ئودغۇرمىش بەزى ۋەزىپىگە ئادەم تەيىنلىگەندە ناھايىتى دىققەت قىلىش، خەلققە زۇلۇم قىلماسلىق دېگەنگە ئوخشاش ئومۇمىي تېمىلار ھەققىدە توختالسىمۇ، ھۆكۈمدارغا ئومۇمەن خۇسۇسىي ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ. ھۆكۈمدارنىڭ نەزىرىدە ئالىم، كامىل ئەر، دېگىنىنى قىلدۇرالايدىغان ئېتىبارلىق بىر شەخس بولغان ئودغۇرمىش ھۆكۈمدار بىلەن ئۇچراشقاندا دۆلەت باشقۇرۇشقا، دۆلەت ئىشلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنمايدۇ، پەقەت ھۆكۈمدارنى ياخشى ئىنسان بولۇش، ئاچ كۆز بولماسلىق، مال–دۇنيا يىغماسلىق، ئىنسانلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىي دىنى- ئەخلاقىي تېمىلاردا ئاگاھلاندۇرىدۇ. يەنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە دىن بىلەن سىياسەت بىر - بىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ، دەل ئەكسىچە بۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە تەسىر قىلىپ، ئىنساننىڭ ھەر ئىككى دۇنيادا سائادەتكە ئېرىشىشىگە ياردەمچى بولىدۇ.
     ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ لائىك قۇرۇلمىسى ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىشنىڭ  ئالاقىسىدە يەنە بىر قېتىم گەۋدىلىنىدۇ. ئۇزۇن ۋاقتىنى دۇنيا ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۆگدۈلمىش يېشى خېلى بىر يەرگە بارغاندا دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۆزۈپ، ئۆمرۈنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ. بۇ خىيالىنى بېرىپ ئودغۇرمىشقا ئېيتىدۇ. لېكىن، ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى تاشلاپ ئىنسانلاردىن يىراقلىشىشىغا ۋە ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئىبادەتكە ئاتىۋىتىشىگە قارشى چىقىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، دۆلەت (سىياسەت) خالىغان تەقدىردىمۇ، دىن دۆلەتنىڭ ئۆزىگە بويسۇنىشىغا، ياكى دۆلەتنىڭ دىننىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا كېرىشىگە يەنە بىر قېتىم قارشى تۇرىدۇ. ئودغۇرمىشنىڭ قارىشىچە،   ئۆگدۈلمىشتەك بىلىملىك بىر دۆلەت خادىمى ۋەزىپىگە قويۇلىشى بىلەن ‹‹قانۇن - قائىدىلەر ياخشى، مۇكەممەل تۇرغۇزۇلدى، يامانلار ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى تاشلاپ، ئەلدىن يۇقالدى››(5735-بېيىت).  شۇڭا، ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشكە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ بۇلارنى تاشلاپ، سەن بۇ يەرگە كەلسەڭ، ئۇ ئىشلار بۇزۇلىدۇ، ئۆزۈڭ پۇشايمان قىلىسەن››(5736-بېيىت)، ‹‹بۇ قانۇن – قائىدىلەر يەنە ئۆزگىرىدۇ، مەملىكەتمۇ بۇزۇلۇپ، قىلغان ئىشلىرىڭدىن ھىچ ئەسەر قالمايدۇ››(5738-بېيىت). ئودغۇرمىشنىڭ قارىشىچە، ئۆگدۈلمىش ۋەزىپىسىدىن ۋاز كەچسە، يەنى دۆلەت دىنگە تەسلىم بولسا جەمئىيەت تەرتىۋى بوزۇلۇپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەتەرگە ئۇچرايدۇ.
بۇ بېيىتلەردىنمۇ مەلۇمكى، يۈسۈف خاس ھاجىپ  سىياسەت بىلەن مەشغۇل بولغانلار  سىياسەت بىلەن، ئۆزىنى ئىبادەتكە ئاتىغانلار ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولۇشنى، بىر - بىرىنىڭ ساھەسىگە ئارىلاشماسلىقنى تەكىتلىگەن. ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى رەت قىلغىنىدەك، ئۆزىنىڭمۇ تاغدىكى ئىبادەتنى تاشلاپ، شەھەرگە بېرىپ دۆلەت خىزمىتىگە ئارىلىشىشىنى رەت قىلغان. ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشكە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹دۆلەت كۆرمىگەن ئادەم سائادەتكە ئېرىشسە، ئۇنىڭ تەبىئىتى بارغانسېرى بۇزۇلۇپ، ئەلگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ›› (5757-بېيىت)،‹‹ھۆكۈمدار بولمىغان ئادەم ئەلگە باش بولسا، ھەم قولى ھەم تىلى خەلققە زۇلۇم قىلىدۇ››(5758). ئەلۋەتتە، بۇ زۇلۇم ئاخىرى بېرىپ دۆلەتنى ھالاكەتكە باشلايدۇ. ئودغۇرمىشنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلاپ ئۆگدۈلمىش ئىنسانلاردىن يىراقلىشىپ ، ئۆدغۇرمىشغا قوشۇلۇپ ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ ۋە ھۆكۈمدارنىڭ يېنىغا قايتىپ دۆلەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
    قىسقىسى، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە دىن بىلەن سىياسەت بىر - بىرىدىن ئايرىلغان ۋە بىر - بىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالمىغان ئىككى ئەركىن ساھە سۈپىتىدە ئوچرايدۇ. لېكىن، بۇلار بىر - بىرىنى نۇرلاندۇرۇپ، بىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. ئەسەردە بىر تەرەپتە ھۆكۈمدار كۈندى تۇغدى، ۋەزىر ئۆگدۈلمىش، يەنە بىر تەرەپتە دىندار ئودغۇرمىش ۋە ئۇنىڭ مۇرىتى قۇمارۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئۆز يولىدا ياخشى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە بىر گۇرۇپپىنىڭ يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىشىغا قول ئۇزىتىشى بىر تەرەپتىن ئۆز ئىشىنى ئاخسىتىپ قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشىنىمۇ بۇزىدۇ. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، ئۆگدۈلمىشنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىشكە ئۇرۇنىشى ھەم دۆلەت ئىشلىرىنى بوزۇلۇشقا دۇچار قىلسا، ھەم ئودغۇرمىشتەك تەجرىبىسىز بىر كىشىنىڭ دۆلەت خىزمىتىگە قويۇلۇشى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى تەلتۈكۈس بوزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىشى بولغان ئىبادەتكىمۇ ۋاقىت چىقمايدۇ. شۇڭا، ئودغۇرمىش ئۆگدۈلمىشكە :‹‹بۈگۈن ئۇ يەردە تۇرۇش سەن ئۈچۈن ياخشى، مەن ئۈچۈن بولسا بۇ يەردە تۇرۇش ياخشى››(5725-بېيىت) دەيدۇ. بۇ بېيىتتىمۇ دىن بىلەن سىياسەتنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشى،  ھەر ئىككى ساھەنىڭ ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشىنىڭ لازىملىقى ئالغا سۈرۈلگەن. لېكىن، تامامەن مۇستەقىل بولغان بۇ ئىككى ساھەنى بىر - بىرى بىلەن زادى مۇناسىۋىتى يوق دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە ئودغۇرمىشنىڭ ئۆگدۈلمىشكە ۋە كۈن تۇغدىغا نەسىھەت قىلغىنىغا ئوخشاش لائىك دۆلەتتە دۆلەت خادىملىرى ئىجتىمائىي قىممەت سىستېمىسىنىڭ، دىننىڭ ھەر خىل ئەمەل – قائىدىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە دۆلەت خادىملىرى دىنسىز بولمىسىلا دىننىڭ ئەمەل -قائىدىلىرىنى ئۆز ھاياتىغا بىر مىزان قىلىشقا تىرىشىدۇ. يۈسۈف خاس ھاجىپ دىندارلانىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ، ئىجتىمائىي قىممەت سىستېمىسىنىڭ بەزى ئەھۋاللاردا پايدىلىق چۈشەنچىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن ھىتىرقىمايدۇ، ھەتتا ئۇنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. لائىك دۆلەتتە دىننىڭ سىياسەتكە بىۋاسىتە ئارىلاشماي، ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ ۋىجدانىغا خىتاپ قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي قىممەت سىستېمىسىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتا ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ جانلىق بىر شەكىلدە ياردەمچى بولىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. دۆلەتمۇ ھەر خىل ئېتىقادتىكى كشىلەرگە ئۆز دىنىنى ئەركىن ئۆگىنىشكە، تارقىتىشقا، ئىبادەت ۋە مۇراسىملىرىنى ئەركىن ئىجرا قىلىشىغا، ئەمەل - قائىدىلىرىنى ئۆز چامىسى يەتكەن دائىرىدە ئورۇندىشىغا شارائىت ھازىرلاپ، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەركىن، ساغلام بىر شەكىلدە داۋاملىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. دىن تەھلىكىلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، دۆلەت دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنى توسىدۇ. دىنىي زىددىيەت يۈز بېرىشننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ نۇقتا ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە ئودغۇرمىش ئاغرىپ قالغاندا، ئۆگدۈلمىش ئۇنى يوقلاپ كەلگەن، كۈن تۇغدى ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن شەكىلدە تىلغا ئېلىنغان.
     قىسقىىسى، يۈسۈف خاس ھاجىپ،‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە ھەر ئىشنى‹‹ئەقىل›› ۋە ‹‹بىلىم›› بىلەن قىلىشنى، دۆلەتنىمۇ ئەقىل ۋە بىلىمگە تايانغان ‹‹ئادىل قانۇن›› بىلەن ئىدارە قىلىشنى، ئىنساننىڭ ھەم بۇ دۇنيانىڭ لەززىتىدىن ھەم ئاخىرەتنىڭ سائادىتىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن دىن يولى بىلەن دۇنيا يولىنى، يەنى دىن بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىر - بىرىدىن ئايرىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى بۈيۈك تۈركولوگ رەشىد رەھمەتى ئارات مۇنداق سۈرەتلىگەن :‹‹مۇئەللىپنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، دىن يولى بىلەن دۇنيا يولىنىڭ بىر -بىرى بىلەن تۇتۇشىشىنىڭ جانلىق سەھىپىلىرىگە ئەگەشكەن ئوقۇرمەن تۈركنىڭ ئەمەلىي ۋە ئەقلىي دەپ خاراكتېرلەندۈرۈشكە بولىدىغان دۇنيا قارىشىغا شاھىت بولىدۇ.››  ئەمەلىيەتتىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىتابىدىكى لائىكلىق چۈشەنچىسى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەقىلچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولغان مىللىي خاراكتېرىدىن، زامانغا، ماكانغا ۋە شارائىتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولغان ئىدارە قىلىش شەكلىنى قوبۇل قىلغان قانۇنىي ھاكىمىيەت تەجرىسىدىن كەلگەن. تارىختا ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، ھازار ۋە ئوغۇز قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ قۇرغان خانلىقلىرى لائىك دۆلەتلەر ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىدە ھەر خىل دىنلار تارقىلىپ، ھەر خىل دىن مۇرىتلىرى ئۆز دىنىنى ئەركىن ئۆگىنىش ۋە تارقىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەلۋەتتە، بىر قانچە خىل دىننىڭ بىر ئورۇندا بىللە مەۋجۇت بولۇشى شۇ ئورۇندا ھۆكۈم سۈرگەن ھاكىمىيەتنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق بولۇپ، بۇ ھۆكۈمدار گۇرۇھىنىڭ دېموكراتىيە چۈشەنچىسىگە، تەڭرى، ئىنسان، دۇنياۋىي ئىشلار ۋە ئاخىرەتلىكنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش  سەۋىيەسىگە، يەنى دۇنياۋىي مەسىلىلەردە دىن بىلەن سىياسەتنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋىتىش چۈشەنچىسىگە باغلىنىدۇ.  بۇ ھەقتە ئەرەب ۋە پارس ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ مەلۇمات بار. ‹‹بۇ ئاپتورلارنىڭ يېزىشىچە، دەسلەپكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن بولغان قاراخانىيلار، غەزنەۋىلەر ۋە سەلجۇقلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىۋەتكەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى دۆلەت ئىشلىرىدا ‹‹نەقىل››(شەرىئەت)نىڭ ئورنىغا‹‹ئەقىل››(قانۇن)نى، پەيغەمبەرنىڭ ئورنىغا يۇنان پەيلاسوپلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان دۇنياۋىي ئىنسانلار ئىدى.›› قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىرىدىن مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ ئۆزىنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئورۇندىمىدى دەپ ئەيىپلىگەن بەزى دىنىي زاتلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكۈنى مۇسادىرە قىلغانلىقى ۋە بۇ جازانىڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكى بۇ تۈزۈمگە بىر مىسالدۇر. دېمەك، 11-ئەسىردە يېزىلغان مەشھۇر سىياسەت – قانۇن كىتابى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› يالغۇز يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ زېھنىدىكى مەۋجۇت نەزەرىيەنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي قەۋملەرنىڭ جەمئىيىتىدە تەتبىقلىنىپ كەلگەم  دۆلەت، ھەق، ئادالەت، قانۇن، دىن ئۇقۇملىرىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي شەرھىيسىدۇر. تارىختىكى مەشھۇر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭمۇ لائىكلىق خاراكتېرى بار ئىدى. بۇ دۆلەتتە ئىككى خىل قانۇن بولغان. بۇنىڭ بىرى، ئەقىلگە تايانغان ئۆرپ – ئادەت قانۇنى ياكى سۇلتانلارنىڭ قانۇنلار توپلىمى، يەنە بىرى بولسا شەرىئەت قانۇنى ئىدى. ئالدىنقىسى دۆلەت ئىشلىرىدا، كېيىنكىسى دىنىي ئىشلاردا تەتبىقلانغان. نوپۇز جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆرپ-ئادەت قانۇنى ياكى سۇلتانلارنىڭ قانۇنلار توپلىمى شەرىئەت قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرغان. دېمەك، ئوسمانلىلار شەرىئەت قانۇنىدىن ھالقىغان بىر قانۇن سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. 1923- يىلى قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە لائىكلىقنى ئۈزۈل-كېسىل يولغا قويالىشى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر يولدا مېڭىشى مانا شۇنداق بىر تارىخىي تەجرىبىنىڭ ۋە مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ كەسكىن ھالدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
(مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 2014 يىلى 27 -دېكابىردىكى سانى)

President يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 15:43:19

«قۇتادغۇبىلىك»نى سو******لىزمغا ماسلاشتۇرۇشنى باشلىۋەتتۇق دەيلى.
بىز نېمە دېگەن كاتتا خەلق!...:lol

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 18:18:20

بىزدە ھازىر ئەڭ بىخەتەر ئىش نىمە-دىيىلسە، ئۆزى ئەھلى بولمىغان ئىشتا باشقىلارغا يول كۆرسىتىش، ۋائىزلىق قىلىش. شۇڭا، ئۆزى دىندا بولمىغان مۇئاۋېن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق ۋەز-تەبلىغلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇش ئانچە يېڭىلىق ئەمەس بوپقالدى ھازىر.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 18:44:48

ن ق ھ ر م د ن ب ل غ ن ئ ت ن ڭ ك چ ك … .

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 19:00:28

ئاپتور قۇرئان-ھەدىسلەرنى ماسلاشتۇرالىغان يەردە قۇتادغۇبىلىكتەك كىتابلار ئالدىدا تۈزۈت  قىلىپ ئولتۇرمايدۇدە.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 20:41:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 21:13  

‏قۇتادغۇبىلىك قازسا-قازسا تۈگىمەيدىغان بىر جاۋاھىراتلار كانىكەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 21:24:11

قۇتادغۇ بىلىكنىڭ نەزمى يەشمىسى، 20 يىل بۇرۇن 7 سومغا سېتىلغان.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 00:02:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 00:05  


ماۋۇگەپلەرنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،ناۋادا دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىمىغان بولسا، دۆلىتىمىزدە دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى بولمايتتى.يەنە بىر جەھەتتىن، ھازىر غىچىلىك دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىمىغان دۆلەتلەرمۇ بار.

qoghun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 00:06:39

شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ماركىسىزىمچىلارنىڭ پىشىۋاسىلىقى ئ‍ېنىق بولدىما؟

qoghun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 00:06:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 02:04  

............

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 10:53:29

بۇ لائىكلىق دىگەن تۈركچە گەپتۇ باللا ؟
ئۇيغۇرچە دەھىرلىك ( كىرمە سۆز بولۇشى مۈمكىن) دەپ ئاتامىز .

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 12:26:02

يا ئاللاھ!  قاراخانىلار ۋاقتىدىكى قانۇن بىلەن شەرىئەتنى بىر بىرىدىن قانداقمۇ ئايرىپ بولغاندۇ؟
بەت: [1]
: ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىكى لائىكلىق چۈشەنچىسى