ugwolf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 18:25:01

2014-يىلى IT ساھەسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار

2014-يىلى IT ساھەسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار


1.        ئالى بابا گۇرۇھى قارمىقىدىكى "ئېشىنچا پۇل گۆھىرى"نىڭ يىللىق ئۇمۇمىي سوممىسى 578.9 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.




2.        دۆلىتىمىزدىكى تورىدىن مال سېتىۋالغانلارنىڭ ئىچىدە كۆچمە ئۈسكۈنىدە مال سېتىۋېلىش ئۇمۇمىي سوممىسى 800مىلياردلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.





3.        "شياۋمى"(گۈرۈچفون)نىڭ يىللىق مەھسۇلات چىقىرىش سانى 61مىليون 120مىڭغا يەتكەن بولۇپ ،بازار قىممىتى 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.



4.        جۇڭگودىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئۇمۇمىي يانفۇن ئابونتىنىڭ 49.1 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن.



5.        Chromebook  نىڭ يىللىق مال چىقىرىش مىقدارى(مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتلىدىغىنى)  715مىڭ دانە بولۇپ ئالما شىركىتىنىڭ تاختا كومپۇتېرنىڭ سېتىش مىقتىدارىدىن  ئېشىپ چۈشكەن. Chromebook  نىبڭ پارچە سېتىلىشى  

باھاسى  199 دوللار بولۇپ،ئالما شىركىتىنىڭكىدىن  خېلىلا تۆۋەن بولغاچقا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالقىشىغا

ئېرىشكەن. مائارىپ ساھەسىدە باشلامچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى يانىلا مىكروسوفت شىركىتى بولۇپ،پۈتۈن مائارىپ بازىرىنىڭ 40 پىرسەنتىدىن يۇقىرى بولغان.


6.ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ تورسودا سۇپىسى تاۋارىم تورىنىڭ يىللىق سېتىش ئۇمۇمىي سوممىسى بىر مىليون 500مىڭ يۈەنلىك  ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.

تاۋارىم تورى يازمىسى

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 11:22:40

تاۋارىم راسلا مىليون يۈۋەنلىك سودا قىلدىما ؟ تازا ئىشنەلمەيۋاتىمەن جىما ماۋۇ گەپكە ، ئەمما مەن تاۋارىمنىڭ يەنىمۇ بەك تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىر تاۋارىمدا مال تۈرى تازا تولوق ئەمەس .

Mexmutjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 18:23:17

لىكىن مەن تاۋارىمدا بىر نەچچە قىتىم سودا قىپ باققان خىلىلا رازى بولغانتىم

ugwolf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 12:34:28

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 11:22 static/image/common/back.gif
تاۋارىم راسلا مىليون يۈۋەنلىك سودا قىلدىما ؟ تازا ئىشن ...

بىز يالغان مەلۇمات بەرمىدۇق،قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلار شۇ ...ھازىر كۈنلۈك سودا 5000-6000 يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ،بۇ يىل 10 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 15:37:14

يەنىمۇ ئالغا بېسىشىڭلارغا تىلەكداشمەن. يەنە بىرگە مال تۈرى تولۇق ئەمەسكەن ، يەنىمۇ كۆپ دۇكان ئېچىلسا بولىتى ?

ugwolf يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 20:41:41

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 15:37 static/image/common/back.gif
يەنىمۇ ئالغا بېسىشىڭلارغا تىلەكداشمەن. يەنە بىرگە مال  ...

بىزمۇ تېخىمۇ كۆپ دۇكانلارنى ئەكىرىش ھەم مال تۈرىنى تولۇقلاش خىزمەتلىرىنى جىددىي ئىشلەپ شۇنىڭغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز...بۇ تور سودا سۇپىسى سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلغۇسى

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 09:22:17

ياخشى تىما ئىكەن. بۇ ساھەنى ئانچە چۈشەنمىسەممۇ( بەزەنلەردەك توردىكى خەۋەرنى كۆرۋىلىپ ئۆزەمنى ئالىم چاغلىمايمەن:)) بىراق سۈپەتنى يەنىمۇ چىڭ تۇتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن ،ھەر ۋاقىت سۈپەت بىرىنجى قالغىنى قۇرۇق گەپ
بەت: [1]
: 2014-يىلى IT ساھەسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار