uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 17:44:46

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 06-01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 17:49  

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.4  دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى   1210.7   دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1167.77 دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى  1188.64  دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى   91.45  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1207   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     
     تۈنۈگۈن  ئالتۇن باھاسى  ياۋرو رايونىنىڭ گرېتسىيە ئەندىشىسى، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى قاتارلىق ئۇچ چوڭ ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلەپ 1% كۆپ ئۆسكەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا خۈيفېڭ مۇلازىمەت كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ناچار بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى ۋە پاي چېكى بازىرى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونى ۋە ئەنگلىيە ئېلان قىلىدىغان PMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر  PMI سانلىق مەلۇماتلار يەنە ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن  . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ئېلان قىلىدىغان زاۋۇت زاكاز ۋە ISM غەيرى ياساش كەسپى PMI قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ياخشى چىقسا دوللارنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن .


مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1207.3-1201.7   دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى تەۋرىنىشىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىدى . چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا 1210 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1203-1198 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .   ئەگەر 1210 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1215 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

2. تۆت سائەتلىك  ياۋرۇپا  بازىرىدا دوللاردىن ئىشىپ كەتسە بازارغا كىرمەي تۇرۇپ 1210 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1200-1195   دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .  

3.ئالدىنقى ھەپتىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر يىڭى يىللىق دەم ئىلىشىنى تۈگۈتۇپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممتىنى ئېلان قىلىشنى بۇ جۈمە كۈنى ئۆزگەرتتى ، پەيشەنبە كۈنى كىچىدە ئامېرىكا فىدىراتسىيە يىغىنى ئىچىلىدۇ ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مۇھىم سانلىق ئۇچۇرلار كۆپ شۇڭا سودا قىلغاندا ئىھتىيات بىلەن سودا قىلىش كىرەك .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1215 1210
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1190 1200

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1193-1218
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1190
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1210

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .







ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

      بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 91.40 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى تۈنۈگۈن  ئالتۇن باھاسى  ياۋرو رايونىنىڭ گرېتسىيە ئەندىشىسى، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى قاتارلىق ئۇچ چوڭ ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلەپ 1% كۆپ ئۆسكەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا خۈيفېڭ مۇلازىمەت كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ناچار بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى ۋە پاي چېكى بازىرى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونى ۋە ئەنگلىيە ئېلان قىلىدىغان PMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر  PMI سانلىق مەلۇماتلار يەنە ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن  . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا ئېلان قىلىدىغان زاۋۇت زاكاز ۋە ISM غەيرى ياساش كەسپى PMI قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ياخشى چىقسا دوللارنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 239.43 يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.21 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛






ئالتۇن تاۋارلار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئۆسۈشنى كۆرسىتىدۇ

      The Lindsey Groupنىڭ بازار تەھلىل مەسئولى Peter Boockvar نىڭ ئېيتىشىچە ، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىكى باھاسى چۈشكەن تاۋارلار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ باھاسى ئۆسكەن.
      Boockvar نىڭ قارىشىچە : " ئالتۇن باھاسى بىرىنچى بولۇپ باھا ئۆسىدىغان بولۇپ،2014 يىلدا دوللار ئىپادىسى ياخشى بولغان، لېكىن ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قېتىملىق چۈشۈشنى كۆرسەتمىدى. خام نېفىت باھاسى ئەڭ ئاخىرىدا باھا ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ." دېگەن.
     تاۋار باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، Boockvar نىڭ مۆلچەرلىشىچە، قىممەتلىك مېتال ۋە سانائەت مېتال ھەمدە يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ ئاۋال باھا ئۆسۈشىنى رەتكە تۇرغۇزغاندا،ئېنىرگىيە باھاسى نۆۋەتتىكى ئىككى يىل ئىچىدە داۋاملىق ئاجىز بولىدىكەن.
    Boockvar يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ، 2015- يىلدا دوللار ئالاھىدە بولغان كۈچلۈك ھالەتتە تۇرۇشى ناتايىن، پەقەت بىر قىسىم پۇللارغا قارىغاندا نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ دىگەن.





ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى نېمە سەۋەپتىن تۆۋەنلىدى ؟

       1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، گرېتسىيە ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ ، ياپونىيە يېنىنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش سېتۋىلىش ھالىتىنى پەيدا قىلدى ، دوللار / ياپونىيە يېنى ئامېرىكا قەرزدىن مەنپەئەتلىنىش نىسبىتىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا ISM ۋە چىداشلىق بۇيۇم تالونى سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ياردىمىدە ئالتۇن باھاسى ۋە نەخ مال ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاسىيا قىتئەسى ۋە مەككە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارتا نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .






1 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

       2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى باھاسىنىڭ ئايلىنىشى :
      1دوللار 6.1256 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.3303 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1484 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78985 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.3713 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9774 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7319 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.6024 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.2095 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.57528 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ؛  1 يۈەن خەلق پۇلى 9.7704 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى  ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6684 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3748 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .





دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى

        1- ئاينىڭ 6 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 91.6531 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 91.1179 ، ئوتتۇرچە باھاسى 91.29 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى -0.15% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 91.427 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا  91.45 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 91.5911 ، سېتىلىش باھاسى 91.6011 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  91.4274 بولدى .

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 06-01