mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 16:00:08

بۈگۈنكى مەملىكىتىمىز پاي بازىرى ھەققىدە

بۈگۈن ئاساسلىق بۆلەكتىكى ئاكسيە بانكا ۋە نېفىت ،ئاندىن ئايرىم كۆرسەتكۈچ تەشكىللىگۇچى بۆلەكلەر تەسىرىدىن كۆك گەۋەدە بىلەن يېپىلىپ،يۇقۇرى رايوندا رەتلەندى،بازار ئاخىرى 3351.45دا يېپىلدى،بۈگۈنكى جانلىق بۆلەك قۇرال ياراق بۆلىكى خەۋەرلەر تەسىرىدە يەنى قۇرال ياراق كارخانلىرىنى ئاكسىيەلەرشتۇرۇش پايدىلىق خەۋىرى ۋە 000768باشچىلىغىدىكى ئايرۇپىلان ياساش كارخانلىرى ئارمىيە تەرەپنىڭ زاكىسىنى تاپشۇرۋالغان،شېنجىن ۋە ئىگىلىك ،ئۇتتۇرا .ئۇششاق بۆلىكى بولسا لى زوڭلىنىڭ 深港通 مۇ بولىشى كېرەك دىگەن يۇليۇرىقى تەسىرىدە كۈچلىك قاڭقىدى،دىمەك،ئاساسلىق بۆلەك تەۋرەنگەندە ئىگىلىك بۆلىكى كۈچلۈك قاڭقىپ ئۆچ ئالدى،بازار ئاخىرى 1539دا يېپىلدى.
ئەتىدىكى مەشغۇلات تەكلىۋى:
1-ئاساسلىق بۆلەكتە ئەتە دۆلەت كارخانلىرى ئىسلاھاتى ۋە يىپەك يۇلى ،ئىقىتساد بەلبىغى قاڭقشى مۈمكىن،مەسلەن توپ پېيىمىز  601600     601919
2-قۇرال ياراق كارخانلىرى ئىچىدە  000768بارلىق بېسىم رايونلىرىنى بۆسەپ ئۆتەپ ئاساسلىق قاڭقىش بۆلىكىگە كىردى،بۇ پايدىلىق قاڭقىشتا توپ پايلىرمىزدىن  600118    600316    000901لارمۇ ئەگىشىپ قاڭقىشى مۈمكىن
3-ئىگىلىك بۆلەك:پەقەت ئۇدا چۇشۈشتىن كېيىنكى ئېنىرتسىيەلىك قاڭقىش ھېساپلىنىدۇ،دوسلارنىڭ  300235   300206 دەك پايلارنى يۇقۇرى سېتىپ تۆۋەن ئېلىپ تەننەرخنى چۈشىرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز،يەنە بىرسى ھازىرغىچە ئالماشتۇرمىغانلارغا 601015نى ئېلىش تەكلىۋى بېرىلدى،ئىگىلىك بۆلەك پەقەت  قاتتىق چۇشۇشتىكى بىر قاڭقىش،،،شېجىن شاڭگاڭ سودا تۇنىلى ۋە يېڭى پايلارنى تىزىمىلاش ئسلاھاتى ئىگىلىك بۆلەكنىڭ قاڭقىشىنى شۇنداقلا كارخانا ئىسلاھاتىدىكى پۇرسەت ئىگىلىك بۆلەكنى يەكلەپ تۇرىشى مۈمكىن .
4-ئۇتتۇرا ئۇششاق بۆلەكتىكى قاراش  ئىگىلىكتىكى قاراشقا ئۆخشاپ كېتىدۇ،
5-ئاكسيە بۆلىكى ھازار چۇققا رايۇننى شەكىللەندۇرگەن گۇمان تېخنىكىلىق ھالەتتە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ،ھەر ھالد بۇ بۆلەكتىن ھۇشيار تۇرايلى،بانكا ئاكسيەنىڭ ئۇرنىنى ئېلىپ يەنە داۋاملىق قاڭقىشى مۈمكىن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 00:30:30

موللاممۇ باركەن،،،،،،،ھە .   سودىلىرىغا بەركەت بولسۇن.

بۇقىتىمقى ئۆسۇشنى نىمەدىسەك بۇلا؟ ئاۋال كانچىلىق مىدىردى، ئاندىن پۇلات تۇمۇر يەل سالدى، ئاندىن مەبلەغ ئاكسىيە شىركەتلىرىنى ھاۋىغا ئاتتى، ئەمدى نىفىت قىزىرىۋاتىدۇ. ئىزچىل ياخشى ماڭغانلىرى ھەربىي سانائەت ئايرۇپىلان ياساش بولدى، تىىخى بۇنىڭغا يىڭى سىياسەت چىقىپتۇدەك.
پىقىر پۇلات تۇمۇرنىڭ ئوتىدا قالدىم. بۇسەپە پىقىرنىڭ ئىنكاسى ئاستاكىلىپ قالدى، ئەسلىدە مەن ئاكسىيە شىركەتلىرنىڭ پايلىرىنى بۇنداق ئۆسە دەپ ئويلىمىغان. دۆلىتىمىزدە بەزى نەرسىلەر تەتۇر ماڭىدىكەن. دوللار قاڭقىسا،نىفىت باھاسى چۇشىدۇ. خەلقارادا نىفىت چۇشسە، دۆلىتىمىز نىفىت كارخانلىرى پايدا ئالىدىكەن.بىر ساۋاق بولدى.
دوللار ئۆسسە، پۇلات تۇمۇرنىڭ مىدىرمىغىنى قىززىق، دوللار ئۆسسە، ئىمپورىت مەسھۇلاتلارنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.تۇمۇرمۇ ئىمپورىتقا تەۋە، بۇنداقتا ،،،،،،،،،،،،،،،،،تۇمۇر پايلىرىغىمۇ بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ. لىكىن تەڭشەش تۇزەش پەسلى تۇمۇرنىڭ باھارى دەپ ئويلايتىم.

موللام تۇمۇر پايلىرىنىڭ كەلگۇسىگە قانداق قارايلا.،،‹تادۇ›

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 19:25:12

تۆمۈر ئىمپورتا تەۋە ئەمەستۇ، رودىنى ئەكىرگەن بىلەن تۆمۈرنى چىقىردىغاندىمىز ؟

دۆلىتىمىزدىكى نىفىتلىكلەر ئىشتىن توختىدىغۇ دەيمەن، تەننەرقى خەلقئارانىڭكىدىن يۇقرى دەپ ئاڭلىغان. ھازىر ئۇلار نىفىتنى ئەرزان ئەكىرىپ بىزگە قىممەت سېتىۋاتىدۇ. ئەمما ئىككى تۇڭ نىفىت پېيىنىڭ ئۆسۈشى بۇ پايدا بىلەن مۇناسىۋەتسىزمىكىن، چوڭ مەبلەغلەر ئاشۇنداق مەڭگۈ زىيان تارتمايدىغان چوڭ تاۋاق پايلارنى ئېلىشقا ئامراقكەن.
بۇرۇن شۇنداق كاللا بولغان بولسا بانكىغا قويىدىغان پۇللارغا پايلىرىنى ئېلىپ قويغان بولسام ... {:87:} خەپ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 00:20:03

‏ئامرىكىغا نىسبەتەن، پۇلات تۇمۇر ئىكىسپورىت بۇلىدۇ.دۆلىتىمىز ئاساسەن ئۆزئىچىدە جىقراق ئىشلىتىدۇ. مەسلەن دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنا جاڭزاجى،پارخۇت كىمە،تانكا بىرونىۋىك، يامىنى ئاۋياماتكا ئىمىش، مۇشۇلارنى  خەلقارا بازاردا پۇل قىلالىسا،ياكى مۇشۇ ساھالاردا بازار ئاچالىسا ئاندىن ئىكىسپورىت بۇلالايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن يىراق.لىكىنزەپۇلات تۇمۇرنىڭ بىرنەچچە يىلغىچە پىشانىسى ئوڭ دەپ ئويلايمەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 09:37:58

5-ئاكسيە بۆلىكى ھازار چۇققا رايۇننى شەكىللەندۇرگەن گۇمان تېخنىكىلىق ھالەتتە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ،…………
ھازار چوققا دىگىنى نىمە؟

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 11:56:45

ئاكسىيە شىركەتلىرى  پاي بۇلىكى، يەنى خەنسۇچە  چۇۋەن شاڭ  دەيدۇ. بۇقىتىم ناھايتى ياخشى ماڭغان، ئۆسسەپ بولغان بۇلىشى مۇمكىن. ئەمدى ئۇنىڭ ئورنىغا بانكا پايلىرى ئۆسىشى مۇمكىن دىمەكچى ئوخشايدۇ.
بەت: [1]
: بۈگۈنكى مەملىكىتىمىز پاي بازىرى ھەققىدە