دىيارىمىزدىكى ئەڭ يىڭى تىببى يىڭىلىق
بۇۋاق 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى باشقا دوختۇرخانىدا ئوپراتىسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇلغان.قان بېسىم سەۋەبىدىن،بۇۋاقنىڭ ئانىسى ياتاققا ئېلىنغان،شۇ ۋاقىتتا بالىلار بۈلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇۋاقنى تەكشۈرۈپ،ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ،ئانىسىنىڭ يېنىدا كۈزىتىشكە بۇيرىغان.تۇغۇلۇپ 3-كۈنى ، بۇۋاققا سېرىقلىق چىققانلىقىنى بايقاپ،سېرىقلىقنى ئۆلچىگەندە،700 چىققان ھەمدە شۇ دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر كۈرۈپ،قان ئىرىش كىسىلىدىن گۇمانلىنىپ،دەرھال ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئالماشتۇرۇش كىرەكلىكىنى ئېيىتقان.لېكىن،ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن،يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا بارالمىغان.4-كۈنى لوقمان دوختۇرخانىسى بالىلار كىسەللىكلىرى بۈلۈمىگە كەلگەن ، دوختۇرلارنىڭ جىددىي ۋە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ،دىئاگنۇز قۇيۇشى ئارقىلىق،يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنى كۈزىتىش ئۈيىگە ياتاققا ئېلىنغان.ياتاققا ئېلىنغان چاغدىكى سېرىقلىقى 623.ياتاققا ئېلىنىپ،مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تەييارلىقلارنى جىددىي پۈتتۈرۈپ،ئابلەت دوكتۇرنىڭ يىتە كچىلىكىدە،قان ئالماشتۇرۇش ئوپراتىسىيەسى ئېلىپ بېرىلدى . بۇۋاققا ئالدى – كەينى بۇلۇپ جەمئىي 300 مىللىگىرام قان ئالماشتۇرۇلدى.ئوپراتىسىيە جەريانىدا،باشقا ئالاھىدە ئەھۋال كۈرۈلمەي،ناھايىتى ئۇڭۇشلۇق بولدى.
مانا بۈگۈن ئوپراتىسىيەنىڭ 3-كۈنى،بۇۋاقنىڭ يۈرەك،نەپەس ۋە ئىمىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى ناھايىتى ياخشى. داۋاملىق كۈزىتىش ئاستىدا ، نۇر بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
بۇ خەۋەر بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا بىرقېتم يوللانغانمۇ قانداق ؟ قايسى كۈنى بىر خەۋەردە مۇشۇنداق ئوپىراتسىيە خانىدىن رىسىمگە تارتىپ تورغا يوللىغۇچىغا جازا بەرگەن. دىققەت قىلىڭلا. لوقماندىكى يېڭىلىق دىسە بولغىدەك قەيەردىكى دوختۇرخانا بۇ؟ قانچە پۇل كەتتى؟ باشقا يۇرتتىن كەلگەن كېسەللەر دوختۇرخاناڭلاردا يېتىپ داۋالانسا «ھەمكارلىق داۋالىنىش» كېنىشكىسىنى ئىتراپ قىلامسىلەر؟ ئەگەر ئىتراپ قىلىدىغان ئەھۋال بولسا باشقا قوشۇمچە ئىسپات ۋە رەسمىيەت تەلەپ قىلامسىلەر؟ قانداق-قانداق ئىسپات كىتىدۇ...؟ كېسەل قەشقەردىن، قاغىلىقتىن، يەكەن پوسكامدىن:( ھازىر ئوپراتسىيە مەشخۇلاتىلىرىنى نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىدۇ ، بۇ نۇرمال ئىش ، ئوپراتسىيە تۈگىگەندىن كىيىن سۈرەتلەرنى تارقاتسا بولاۋىرە ، مەن پاراكتىكا قىلىۋاتقاندا ئوپراتسىيەگە كىرىپ سۈرئەتكە تارتىپ بەرگەنتىم لوقمان دىسە بىر مۇنبەر ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ ، بىلگەجاننىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالغان بۇ يېڭىچە بىر تەشۋىقات ئۇسۇلىكەندە 300 مىللىگىرام ئەمەس 300 مىللىلىتىردۇ؟ كوناگەپ بىرەر ئاينىڭ ئالدىدا يوللانغان يائاللاھ ئا بالنى قاراپ تۇرۇپ مارۇدا قىپتا بىر ساقلاپتۇ جۇمۇ juxkun يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 17:00 static/image/common/back.gif
قەيەردىكى دوختۇرخانا بۇ؟
خەتەندە بارغۇ لوقمان دوختۇرخانىسى دەپ باش دوختۇرخانىسى قاراقاش ناھىيىسىدە ئىككىنچى دوختۇرخانىسى خوتەن چوڭ جەمەنىڭ يېنىدا! لوقماننىڭ باشقا بۆلۈملىرىدە داۋالانغانلار ھەقىقەتەن رازى بولىدىكەن، بىراق ما باللا بۆلۈمىدە بالىلىرىنى داۋالىغانلىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى قاقشايتتى. ما بۇۋاققىمۇ بولسا ھەنىم بولسا جىددىراق قارىغان چېغىۋا. ھەجەپ كۆڭلۈم ئېلەشتا ئاۋۇ قاننى كۆرەپ، دوختۇر دوختۇرلىقىنى قىلسىمۇ يېڭىلىق دەپ تەشۋىق قىلىدىغان گەپما؟ ئەڭ يىڭى تىببى يىڭىلىق؟؟؟ self يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 17:38 static/image/common/back.gif
لوقمان دىسە بىر مۇنبەر ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ ، بىلگەجانن ...
بىلگەجاننىڭ سوئالىنى جاۋابسىز قويغىنى لوقمان ھەكىم شىركىتى. بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغىنى لوقمان دوختۇرخانىسى. ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئورۇن! self يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 17:38 static/image/common/back.gif
لوقمان دىسە بىر مۇنبەر ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ ، بىلگەجانن ...
قايسى مۇنبەرنى دەيسىز؟ مۇشۇ دىيارىمىزدىكى تىببى يېڭىلىقما؟
دەرىجىسىنى چۈشۈرۈۋەتمەڭلا يېڭىلىقنىڭ،سىلىگە يېڭىلىق بولغان بىلەن بىزگە ئون يىلنىڭمۇ ئالدىدىكى كونا گەپلەركەن
بەت:
[1]
2