pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 11:15:09

ئەرۋاھ(كورىيە خاككېرلىق تەسۋىرلىنىدىغان كىنوسى)

فىلىم ئىسمى:ئەرۋاھ(幽灵)
دۆلىتى: كورىيە
ژانىرى: كۆپ قىسىملىق/ جىنايەت/ سىرلىق/ مۇھەببەت/ ھەركەتلىك،
ئىشلەنگەن ۋاقتى:2012-يىلى
باش روللاردا:
苏志燮
李妍熙
崔丹尼尔
严基俊
........................

قىسقىچە چۈشەندۇرۇلىشى:
  ئىنتېرنېتنىڭ زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە نۇرغۇنلىغان يۈكسىلىشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاز بولمىغان سەلبىي تەسىرلىرى داۋاملىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. دەۋرىمىزدە يان تېلېفون، كومپيۇتېر، ھەرخىل تورغا چىقىش ئۈسكۈنىلىرى، شۇنداقلا ھەرخىل ئالاقە يۇمشاق دېتال-ئەپلىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا كورىيەدىكى خاككېرلار تەشكىلاتىنىڭ زەنجىرسىمان بولغان توردىكى خاككېرلىق جىنايەتلىرى ۋە فىلىم باش قەھرىمانى پاك كيوڭنىڭ بۇ خاككېرلىق تەشكىلاتىنى بىچچىت قىلىش ھېكايىسى باش مەزمۇن قىلىنىش بىلەن بىرگە، توردىن توغرا پايدىلىنىش كېرەكلىكىنىمۇ ھەر قايسى ۋايىقەلىرى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
  فىلىمدىكى باش قەھرىمان پاك كيوڭ ئەسلىي مۇشۇ فىلىمدىكى خاككېرلىق تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ، ساقچى ئەمەلدارى كىم مىيوڭنىڭ ساقچى مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن بۇرادىرى. پاك كيوڭ(خاككېرلىق نامى خادېس-HADES) كىنونىڭ تۈگۈننچە ۋايىقەسى بولغان بىر قېتىملىق قەسلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭ سەۋەبكارى قاتارىدا قارلىنىپ قالىدۇ ۋە ساقچى ئەمەلدارى كىم مىئوڭيىنىڭ ئىز قوغلىشى نەتىجىسىدە تۇتۇۋېلىنىدۇ. بىراق ساقچى ئەمەلدارى بىلەن خادېس ئوتتۇرىسىدا بەزى بىر ئىشلار يۈز بېرىپ، ئۇلار بىز خىمىيە-سانائىتى زاۋۇتىدا كۆرۈشۈۋاتقان مەزگىلىدە "ئەرۋاھ"نىڭ قەسلىشگە ئۇچراپ كىم مىيوڭيى ئۆلىدۇ، خادېس ھايات قالىدۇ. لېكىن فىلىمدىكى ئايال ساقچى ھالقىلىق پەيتتە خادېسنى(پارتلاشتا چىرايى كۆيۈپ يارىلانغان بولغاچقا كىم مىيوڭيى بىلەن ئىككىسىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتەلمىگەن) كىم مىيوڭيى ساقچى ئەمەلدارى دەپ بىر قاتار ئىسپاتلارنى ئالماشتۇرۇۋېتىپ، بىر يىلدەك داۋالاش ئارقىلىق خادېسنىڭ چىرايىنى كىم مىيوڭيى ساقچى ئەمەلدارىغا ئوخشاش قىلىپ ھۆسۈن تۈزەتكۈزىدۇ. ھەمدە خادېس ساقچى ئەمەلدارى بولۇپ پەردە ئارقىسىدىكى "ئەرۋاھ" قانۇننىڭ جازاسىغان تارتىشقا قەسەمياد قىلىدۇ. قالغىنىنى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى "ئەرۋاھ"نى كۆرگەندە ئايان بولغۇسىدۇر.
  ئەسكەرتىش: فىلىمدە بەزى خاككېرلىق بىلىملىرى سۆزلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تۇتالمايدىغان قىززىقانلارنىڭ تەلەي سىناپ بېقىشىنى ھەرگىز ئۈمىد قىلمايمىز. بۇ كىنو بىزلەرگە تورنىڭ قايسى دەرىجىدە كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  كىنودىن رەسىملەر:






كىنونىڭ بىر نەچچە قىسىمى:
بىرىنچى قىسىم:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNDA1MjI4ODY4/v.swf

قالغان قىسمىنى يوللاشقا ۋاقىت يەتمىدى. ھەممىسىنى كۆرىمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەك ياكى پىروگراممېرلار مۇنبىرىدىكى مەخسۇس تېمىدىن ھەممە قىسىمىنى كۆرەلەيسىز.
  ھەممە قىسىمىنى كۆرۈش: كۆرىمەن

  پىروگراممېرلار مۇنبىرى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:28:31

تىلۋىزىيە تىياتىرى ئىكەندە.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:34:22

ئۆتكەن يىللىرى ئەلكۈيى مۇنبىردە تونۇشتۇرغان 22قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرغۇ دەيمەن

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:03:52

مۇشۇ كنىونى كۆرگەندىن كېيىن 360نى ئىشلىتىپ باقمىدىم، ھەم ۋىن 8 نى سېتۋىلىپ ئىشلەتتىم...

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:21:56

nur000 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 12:34 static/image/common/back.gif
ئۆتكەن يىللىرى ئەلكۈيى مۇنبىردە تونۇشتۇرغان 22قىسىملى ...

شۇنداق، ئەلكۈيىدە تونۇشتۇرۇپتىكەن. بۇ كىنونى نەچچە كۈندىن بېرى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم، مۇنبەرداشلار مۇشۇنداق كىنولار بولسا تەۋسىيە قىلغان بولسا، بىرلىكتە كۆرسەك.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:21:57

nur000 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 12:34 static/image/common/back.gif
ئۆتكەن يىللىرى ئەلكۈيى مۇنبىردە تونۇشتۇرغان 22قىسىملى ...

توغرا دەيسىز .ئەلكۈيى تورىدا بۇ فىلىمنى تونۇشتۇرۇپ يازغان، خېلى ياخشى  يازما بار.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:25:19

osmanuyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:03 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كنىونى كۆرگەندىن كېيىن 360نى ئىشلىتىپ باقمىدىم، ھە ...

مەنغۇ 360دەكلەرنى ئىشلەتمىگىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ۋىندوۋس ۋىستادىن باشلاپ ۋىرۇسخور قاچىلاشنىڭ ئورنى يوق. ۋىندوۋسنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخورى ئەڭ ياخشى دەپ قاراپ ھازىرغىچە شۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. مۇشۇ كىنودىكى ئاساسلىق تۈگۈن سەف تېچ ۋىرۇسخورىنىڭ كىشىلەرنى قانداق نازارەت قىلغانلىقىنى ئاخىرىدا كۆرسىتىدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:29:11

pirogrammer يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:25 static/image/common/back.gif
مەنغۇ 360دەكلەرنى ئىشلەتمىگىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. ئ ...

金山مۇ شۇنداقمۇ؟

pOison يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:43:07

بولسا مۇشۇ فىلىمنى بىر كۈچ چىقىرىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقساق قانداق بولار ؟

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 14:20:26

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:29 static/image/common/back.gif
金山مۇ شۇنداقمۇ؟

ئالتۇن تاغنى ئىشلەتمىگىلىمۇ ئىككى يېرىم يىل بولاي دەپتۇ. ھازىرقى ئەھۋالى قانداق، بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. كونىلاردا مۇنداق گەپ بارغۇ: «قورسۇقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما»دەپ. شەخسەن ئۆزۈم 360، بەيدۇ، ئالتۇن تاغ دېگەندەك ۋىرۇسخورلارنى ئىشلەتمەيمەن. سەۋەبى بەك ئاددىي: كومپيۇتېرغا بولغان تەلەپ يۇقىرى، قۇشۇمچە قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان يۇمشاق دېتاللىرى كۆپ، كومپيۇتېرغا بىرەر يۇمشاق دېتال قاچىلايمىز دېگەندە ۋىرۇس دەپ ئۆچۈرۈۋېتىدىغان، بولۇپمۇ 360 ئۆزى تونىمىغانلا نەرسە بولسا ۋىرۇس دەپ يۇيۇۋېتىشكە ئامراق. شۇڭا 360نىڭ بۇ تەرىپى ماڭا «لۈكچەك، كۆكەمە»لەرنى ئەسلىتىدۇ. شۇ ۋەجدىن بۇلارنى قاچىلىمايمەن. قالغانلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قاچىلىسا بولۇۋېرىدۇ.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 14:23:51

pOison يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:43 static/image/common/back.gif
بولسا مۇشۇ فىلىمنى بىر كۈچ چىقىرىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىل ...

مەنمۇ شۇ ئۈمىدتە. مەن ئىككى قېتىم كۆرگەن بولدۇم. ھەر كۆرگىنىمدە ھەرخىل ھاسىلاتلار پەيدا بولۇۋاتىدۇ. بىر ياكى بىر قانچە «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرى» بىرلىشىپ، بىر قانچە قىسىمدىن تەقسىملىۋېلىپ تەرجىمە قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. شەخسەن بۇ كىنو بىزگە نۇرغۇنلىغان ئىنتېرنېت-تور بىخەتەرلىكى دەرسلىكى بولالايدۇ.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:02:03

ئەستا، سىلەر بەكمۇ ئارقىدا قاپسىلەر
2 يىلنىڭ ئالدىدا ئىزدىنىشنىڭ پەخىرلىك ئەزاسى باچكا بۇرادىرىمىز بۇ كىنونى تونۇشتۇرۇپ بولغان، بىزلەر بىرقۇر كورەپ ھوزۇرلانغان ئىدۇق.

تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىسمى: ئەرۋاھ

چۇشكەن ئىنكاسلارنىڭ يۇزىنى قىلىپ تىمىنى ئوچۇرمىدىم.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 16:05:33

man_sarang يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 15:02 static/image/common/back.gif
ئەستا، سىلەر بەكمۇ ئارقىدا قاپسىلەر
2 يىلنىڭ ئالدىدا ئ ...

2012-يىللىرى بۇ فىلىمنىڭ قايتا يوللانغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. باچكامۇ ئىنكاسلىرىدا بەلەن گەپلەرنى قىلىپ بېرىپتىكەن، كۆزلىرىم ئېچىلىپ قالدى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 17:12:33

بۇرۇن ھىندىستاننىڭ كىنوسى بىلەن. مىكسىكىنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنوسىغا بەكلا ئۆچ ئىدىم، ھازىر كورىيەنىڭ تۈگىمەس قىسىملىق كىنولىرى بىلەن پەقەتلا خوشام يوق

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 18:05:51

ياخشى كىنو...بۇرۇن كۆرۈپ بەك  ياقتۇرغان ئىدىم.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 22:03:36

pirogrammer يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:25 static/image/common/back.gif
مەنغۇ 360دەكلەرنى ئىشلەتمىگىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. ئ ...

سىز دىگەن ۋىروسخورنىڭ تولۇق ئىسمى نىمىتى؟   مەنمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 01:44:01

تەرجىمە قىلىنسا ماڭا ئەسكەرتىپ قۇياسىلە {:101:}

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 08:41:25

mrdon يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 22:03 static/image/common/back.gif
سىز دىگەن ۋىروسخورنىڭ تولۇق ئىسمى نىمىتى؟   مەنمۇ چۈش ...

ۋىندوۋس 7\8\10 لارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخورى بار. ئىسمى: Windows Defender

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 12:33:23

pirogrammer يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 14:23 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شۇ ئۈمىدتە. مەن ئىككى قېتىم كۆرگەن بولدۇم. ھەر ك ...

مەنمۇ شۇنداق قىلسا دەپ ئويلايمەن  كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى تەرجىمە فىلىم گۈرپپىلىرى بىرلىشىپلا پۈتتۈرۋەتسە بىزلەر ھەقلىق بولسىمۇ سېتىۋىلىپ كۆرۈشكە رازى ئىدۇق .  ياپوننىڭ نارۇتو دىگەن كارتونىنى قۇتياردىن 15 قىسىمىنى چۈشۈرۈپ كۆرگەن مۇشۇ 15 قىسىمدا خېلى نەرسىلەرنى ھىس قىلغان ئىدىم ،   قۇتياردا خېلى بىريەلەرگىچە تەرجىمە قىلىنىپ بوپتۇ ...... تۇلۇق تۈگۈگەندە كۆرسەم بولاتتى .................  بۇنىڭ تەرجىمىسىمۇ بەكلا ئاستا كىتىۋاتىدۇ، پۈتتۈرۋەتسە بەكلا خۇش بولاتتىم

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 12:36:06

مەن ۋىروسخورغا   nod32 نى ئىشلىتىمەن ھەقىقەتەن ياخشى.....  ئۇندىن باشقا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھەرقانداق يۇمشاق دىتالنى لازىم بولغاندا قاچىلايمەن ئىشلىتىپ بولۇپلا يۇيىۋېتىمەن ، يەنە لازىم بولغاندا قاچىلايمەن .... كومپىيۇتېردا تۇرسا ئارقا سەپتە كومپىيۇتېرغا ۋىروس چۈشۈرىدىكەن .....
بەت: [1] 2
: ئەرۋاھ(كورىيە خاككېرلىق تەسۋىرلىنىدىغان كىنوسى)