6-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى
6-يانۋار ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1205 دوللار ئەتراپىدا، دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى گىرىتسىيە ياۋرۇ رايۇنىدىن چىكىنىپ چىقىدىكەن دىگەن خەۋەرنىڭ تەسىرى، ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا پايچەك بازىرىنىڭ چوڭ چۈشۈشى ۋە جۇڭگونىڭ نەق مالغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق ئۈچ چوڭ سەۋەپ تۈپەيلىدىن ئالتۇن %1 ئۆستى. لېكىن دوللارنىڭ ئۆسۈشى ۋە خەلقارا نىفىتنىڭ چۈشۈشى ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىگە چەكلىمە بىسىم پەيدا قىلدى.بۈگۈن جۇڭگو، ياۋرۇ رايۇنىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر، ئەنگىلىيە ۋە ئامرىكىنىڭ مۇلازىمەت كەسپى پ م ئاي كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنىدۇ. گەرچە مۇلازىمەت كەسپى پ م ئاي كۆرسەتكۈچى ياساش كەسپى پ م ئاي كۆرسەتكۈچىدەك تەسىرى چوڭ ئۇچۇر بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۈگۈن يەنە ئامرىكىنىڭ 11-ئايلىق زاۋۇتلارنىڭ زاكاس تالونى ئايلىق نىسپىتى ئېلان قىلىنىدۇ، بازار مۆلچەرى ياخشى بولغاچقا دوللارنى ئۆستۈرۈپ ئالتۇن باھاسىنى بېسىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1205دىن چۈشۈشكە ئېلىش ۋە 1185دىن ئۆسۈشكە ئېلىش تەھلىلى توغرا چىقتى، ئاز دىگەندە 10 دوللار پايدا بار.
بۈگۈنكى تەھلىل
1198 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1193،نىشان 1203~1208
1212 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1217،نىشان 1207~1202
1185 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1180،نىشان 1190~1195
1222 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زنيان 1227،نىشان 1217~1212
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 240 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.23 يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بۇرۇنقىدىن خېلى چۇشۇپـۇ .
بەت:
[1]