tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:55:02

دوللار سودا تەھلىلى


تۈنۈگۈن دوللار شىددەت بىلەن قاڭقىش ھالىتىگە ئۆتۈپ 91.83 تىن ئىبارەت يۇقۇرى نوقتا ياراتقاندىن كىيىن 92.00 رايۇنىدىكى بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلمەي يەنە قايتىپ چۈشتى. نۆۋەتتە دوللارنىڭ 92.00 رايۇنىدىكى بېسىم رايۇنىدا چۇققا نوقتا شەكىللىنىش ئىھتىماللىقى كۈچلۈك. شۇڭا، بۇ ھەپتىدە تۈۋەندىكىدەك مەشخۇلات ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىق:
91.50-91.80 رايۇنىدا چۈشۈشكە كىرىپ، زىياننى 92.00 دىن يۇقۇرى ئۇرۇندا كونتىرول قىلىپ پايدىنى كونتىرول قىلىش ئورنىنى 100-200 نوقتا ئاستىدا كونتىرول قىلىشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر جۈمە كۈنىدىكى ئامىركىنىڭ «غەيرى يېزا ئىگىلىك كۈنى»دە دوللار 92.30-92.50 رايۇنىغا چقالىسىمۇ چۈشۈشكە كىرىپ، زىياننى 92.70 تىن يۇقۇرى ئۇرۇندا كونتىرول قىلىپ سىناپ بېقىشنى ئويلىشىپ باقساق مۇۋاپىق. ئەگەر ئىككى ھەپتە ئىچىدە دوللار 89.50 رايۇنىدىكى تىرەكنى بۇزۇپ داۋاملىق چۈشەلىسە 92.00 رايۇنىدىكى يۇقۇرى نوقتا كەم دىگەندە 1-2 ئايغىچە چۇققا نوقتا بۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى تېخىمۇ زورىيىشى مۇمكىن.
ئۆسۈش-چۈشۈشكە ئېلىش ئۇرۇنلىرىنى ئۆز ۋاختىدا تېخىمۇ ئىنىق بىلمەكچى 506527935 نۇمۇرلۇق QQ ئارقىلىق مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساق بولىدۇ.
سەمىمى ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېمىنىڭ ھېچقانداق شىركەت ياكى گوروھ بىلەن قىلچە مۇناسىۋېتى يوق. پەقەت شەخىسنىڭ خۇسۇسى كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇلۇپ، مۇۋاپىق دەپ پايدىلانماقچى بولسىڭىز مەبلىغىڭىز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مال ئالغاندا مال سانىنى كونتىرول قىلىش ۋە زىياننى كونتىرول قىلىش ئاساسىدا پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
مەنبە:http://www.tahlil.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=117&page=1&extra=#pid118

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:18:36

92 رايونى ... دىگەنلەرنى چۈشىنەلمىدىم . چۈشەندۈرۈپ قويالارسىزمۇ

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 16:54:21

مۇشۇ مۇنبەردە دوللار ئېلىپ قويدۇم ئۆسسە پايدا ئالىمەن دەيدىغانلارغا ھەيران قالىمەندە . دوللارنى ساقلاپ قانداق پايدا ئالغىلى بولىدۇ ؟ يەنە كېلىپ دوللارنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشى ھەپتىدە بىرەر پۇڭ بولىدىغان تۇرسا . نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ساقلاپ قويغانغا چۇشلۇق پايدا كۆرسەتسىغۇ كاشكى . 12يۈەندىن مۇشۇ 6 يۈەنگە كېلىپ قالغىنىمۇ مۇشۇ دوللار شۇ ئاشۇ .
بانكىدىن دوللار ئالىمەن دېيىش تېخىمۇ ئەخمەقلىق . بانكا كەم دېگەندە نەچچە موچەن يۇقىرى ساتىدۇ . دوللار لازىملار . رەسمىي پايدا ئېلىشقا كۆزى يەتكەنلەر بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلىڭلار . نەدىن ئالسا ئەڭ ئارزان باھادا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن . لېكىن ئەسكەرتىپ ىڭياي دوللار ئېلىپ پايدا ئالىمەن دىيىش ئاسان گەپ ئەمەس .

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 16:57:14

مەن يېڭى يىلدىن بۇرۇن 100مىڭ دوللار ئېلىپ ساقلاپ قويغان . بايرامدىن يېنىپ بانكىغا سېتىپ ئاران 2500يۈەن پايدا ئاپتىمەن . 4 كۈن ئىچىدە 100مىڭ دوللارنىڭ پۇلىنى ئۆرۈپ چۆرۈپ 2500يۈەن پايدا ئېلىش ئەرزىمدۇ ئۆزۈڭلار ئويلاپ بېقىڭلار دوللار ئالىدىغانلار مۇشۇ چوڭ بايرام مەزگىلىدە دىققەت قىلىڭلار دوللار چۈشۈپ كېتىدۇ . بايرىمدىن كېيىن يەنە ئەسلى باھاسىغا قايتىدۇ .

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 17:59:23

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 15:18 static/image/common/back.gif
92 رايونى ... دىگەنلەرنى چۈشىنەلمىدىم . چۈشەندۈرۈپ قويال ...

ھە، بولىدۇ. شەنبە كۈنى كەچ تەرەپلەردە ۋاقتىڭىز بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، سىزگە شۇ  ۋاقىتتا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قۇياي. ئالاقىلىشىش QQنۇمۇرۇم: 506527935

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 18:28:04

Qamcha يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 16:54 static/image/common/back.gif
مۇشۇ مۇنبەردە دوللار ئېلىپ قويدۇم ئۆسسە پايدا ئالىمەن  ...

قارىسام سىز تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسىدىكى دوللار سودىسىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيدىغاندەك قىلىسىز. تاشقى پىرۋوت بازىرىدىكى دوللار سودىسى بولسا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكىدەك كىرىم چىقىم ئۇنداق ئاز بولىدىغان سودا ئەمەس. ئادەتتە تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسىدا دوللارنى ھەم ئۆسۈشكە ھەم چۈشۈشكە ئېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن بىز دوللارنى ھازىرقى باھادا يەنى 91.62 نوقتىدا چۈشىدۇ، دەپ قاراپ چۈشۈشكە بىر قول مالنى سېتىۋالغان بولساق ھەم پايدىنى 91.02نوقتىغا چۈشكەندە يىغىۋالساق بىز دەل 60نوقتا پايدا ئالغان بولىمىز. ھەر بىر نوقتىدا 10 دوللار (خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 62.10  يۈۋەن) دىن 60 نوقتىدا 600 دوللار (خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 3726يۈۋەن خەلق پۇلى) پايدا ئالغان بولىمىز.
قېنى تۈۋەندە بۈگۈنكى دوللارنىڭ تەۋرىنىشگە قاراپ باقايلى:

يۇقارقى ئەھۋالدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى دوللارنىڭ بۈگۈنكى تۈۋەن باھا ئورنى 91.25، يۇقۇرى باھا ئورنى 91.65 بولغان، يەنى 40 نوقتا تەۋرەنگەن. قېنى ئۆزىڭىز ھېسابلاپ كۆرۈڭ. ئەگەر بۇ 40 نوقتا تەۋرىنىشنى تۇلۇق تۇتۇۋالالىساق قانچىلىك خەلىق پۇلى پايدا ئالغىلى بولىدىكىن قېىنى؟

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 20:28:46

بۇ سودىنى شۇ پۇل سودىسى قىلىۋاتقانلار بىلمىسە بەزى ئىنچىكە يەرلىرىنى چۇشىنەلمەيدىكەنمەن.
بەت: [1]
: دوللار سودا تەھلىلى