mazargojam يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 01:25:21

ئۇيغۇر ناخشىچىلىقتىكى«ئۆسمە»لەرگە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mazargojam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 01:26  

ئۇيغۇر  ناخشىچىلىقتىكى«ئۆسمە»لەرگە

    مېنىڭچە، ناخشا شائىر ئىچكى ھېسىياتىنى يۇقۇرى بەدئىي ئۇسلوب،شېئىرىي تىل بىلەن ئىپادىلەپ يازغان بىر شېئىر(ناخشا تېكىستى)گە كومپوزىتور ماس ھالدىكى مىلودىيەلەرنى سىڭدۈرۈپ مۇزىكا ئىشلىگەندىن كېيىنكى بىر پۈتۈن سەنئەت ئەسىرى(ژانىرى) بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر پۈتۈپ چىققان بۇ مۇنەۋەر ناخشا ،مۇشۇ ناخشىغا ئاۋازى ماس كېلىدىغان ئۆلچەملىك ناخشىچىنىڭ يېقىملىق ،پۇراقلىق ئاۋازى،يۇقۇرى ئورۇنداش ماھارىتى  ئارقىلىق ئورۇندالسا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ھۈجەيرىسىنى ئويغىتىپ،ھەقىقى ئىستېتىك زوق بەخىش ئېتىدىغان ئۆلمەس ناخشىغا ئايلىنىدۇ.ئەكسىنچە بولغاندا ئۆمۈرى قىسقا ناخشا،ئەخلەت ئەسەر بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك شائىر،كومپوزىتور،ناخشىچى تەڭ ماسلاشقاندا ناخشىنىڭ سېھرى كۈچى ھەقىقى نامايەن بولىدۇ.بۇ خىلدىكى يېقىملىق،نادىر ناخشىلارنى داۋاملىق ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز،زوق ئېلىۋاتىمىز.لېكىن ناخشا ئورۇنلاشتا ئۇزۇندىن بۇيان مۇنداق ئىككى سەۋەنلىككە يول قويۇلۇپ ،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ناخشىدىن ھوزۇر ئېلىشى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماقتا.كۆڭۈلنى غەش قىلماقتا.مەن سەنئەت تەتقىقاتچىسى ئەمەس،بىراق 11يىل كەسپىي سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا سەنئەت مۇتەخەسىسلىرىدىن دەرىس ئاڭلاش،ئەمەلىي تەجىربە توپلاش جەريانىدىكى ھېس قىلغانلىرىمنى سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.
                                             ‹‹يارىم››نى بۇزماڭ!!
    يولدا كېتىۋاتىمەن،تاكسىدا ئولتۇرىۋاتىمەن.كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تورغا كىرىۋاتىمەن....نەگىلا بارسام قۇلىقىمغا بۇزۇلغان‹‹يارىم››ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ.بۇ پەقەت ناخشىلاردىكى بۇزۇلغان‹‹يارىم››ئىدى.ناخشىنىڭ تېكىستى ،مۇزىكىسى،ئورۇنلىنىشى شۇنداق ياخشى .بىراق،بۇزۇلغان‹‹يارىم››كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ.
‹‹يارىم خۇمالىق››،‹‹يارىم كېتىمەن دەيدۇ››،‹‹يارىم سەن،نىگارىم سەن..››دېگەندەك مۇھەببەت ناخشىللىرىنى ئاڭلىغىنىمدا دىلىم سۆيىنىدۇ.بىراق،‹‹يايرىم سەن،نىگارىم سەن››دەپ ئوقۇلۇپ قالغان ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىمدا ‹‹ھۆ››بولغۇم كېلىدۇ.چۈنكى؛ناخشا ئوقۇغاندا تېكىستىكى سۆزلەرنى توغرا ،ئېنىق دېيىشنى بەك ياقتۇرىمەن.ھازىر مۇھەببەت تېمىسىدىكى (‹‹يارىم››سۆزى ئىشلىتىلگەن)ناخشىلاردا ‹‹يارىم››بوزۇلۇپ،‹‹يايرىم››دەپ خاتا ئوقۇلىۋاتىدۇ.ئويلاپ باقايلى،سۆيگەن،كۆيگەن قىز-يىگىتىنى‹‹ يار››دەمدۇ ياكى‹‹ياير››دەمدۇ؟ ‹‹يارىم ››دېگەن سۆزنىڭ تۇمۇرى‹‹يار››تۇرسا،نىمىشقا ‹‹يارىم ››دېيىلمەي،‹‹يايرىم››دېيىلىپ قالىدۇ.خېلى تونۇلغان كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرىتقى ناخشىچىلارمۇ ،ناخشا پىلاستىنكىسى ئىشلەيدىغانلارمۇ،سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ رىژىسور،نازارەتچىللىرىمۇ مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ.لېكىن «يېڭى ناۋا»پىروگراممىسىدا باھالىغۇچىلار «يارىم»دېيىش ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىپ مېنى سۆيۈندۈردى.مېنىڭ بۇ قىسقا تەكلىپنى يېزىشىمدىكى مەقسەت،ناخشىچى ياكى يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىم،بولۇپمۇ ھەۋەسكارلارنىڭ ‹‹يارىم››نى بۇزماي،توغرا يېزىشىنى،دېيىشىنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. خوش بوپ كېتەي،‹‹يارىم››نى بۇزماڭ!!
                              
                                      ناخشىنىڭمۇ «جىنس»ئايرىمىسى بار
     مەن ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان يەنە بىر مەسىلە ناخشىنىڭ«جىنسى»نى ئايرىماسلىق مەسىلىسى.ھەر قانداق ئۇسلوبتىكى ناخشا تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن چوقۇم ئەرەنچە ناخشا ،ئايالچە ناخشا ياكى ئۇنىۋېرسال مەزمۇندىكى ناخشا(ئەرمۇ،ئايالمۇ ئورۇنلىسا بولىدىغان ناخشا) دەپ ئايرىلىدۇ.بىزنىڭ ناخشىچىلىقىمىزدا بۇ مەسىلىگە ئىزچىل سەل قارىلىپ كەلدى.بۇنداق «جىنسى»ئارلاشتۇرىۋېتىلگەن ناخشىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ غىدىقى كېلىدۇ،بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.ئالايلۇق،قەشقەر خەلق ناخشىللىرىدىن «ئايشەمگۈل»،«ئاسىيگۈل»،«لەيلىگۈل»ئاتۇش خەلق ناخشىسى«گۈلمەرەم»،«سەيدىگۈل»،«خالىدەم»،كۇچا خەلق ناخشىسى«مۇراجىخان»،«گۈليارىخان»،ئىلى خەلق ناخشىسى«قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم»،ئىجادىي ناخشىلاردىن«ئاي زوھرە»،«دىلبەر»...قاتارلىق قىز-ئاياللار مەدىھلەنگەن ناخشىلارنى چوقۇم ئەر ناخشىچىلار ئورۇنلىشى كېرەك.قۇمۇل خەلق ناخشىسى«ئەر بارمۇ؟»،بۇرۇن شىنجاڭدا كۆپ ئېيتىلغان ئەزەربەيجان خەلق ناخشىسى«موللا مەھەمەتجان»،ئىجادىي ناخشا«ئەللەي بالام»...دېگەنگە ئوخشاش ناخشىلارنى ئايال ناخشىچىلار ئورۇنلىسا مۇۋاپىق.ئەر ياكى ئايالنىڭ ئىسمى  يوق ئۇنۋېرسال تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن سۆيگۈ-مۇھەببەت ناخشىللىرى،ۋەتەن،يۇرت،ئاتا-ئانا،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى،دوستلۇق،ئىتتىپاقلىق كۈيلەنگەن،قەھرىمانلار،ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىكارلار،دېھقانلار مەدىھلەنگەن «يارو»،«تېرەك بوستان»،«ئەخلاق ئادەم زىننىتى»،«ئايدىڭ كېچە»،«تاغ سۈيى»،«كۆركەم تەڭرى تاغلىرى»،«گۈھەر زېمىن»«تۇرپانغا كەل»،«دېھقان ئاكا»...قاتارلىق ناخشىلارنى ئەرلەرمۇ،ئاياللارمۇ ئورۇنلىسا بولىۋېرىدۇ.بىراق بىر قىسىم ئەرلەرگە خاس ناخشىلارنى ئاياللار ئورۇنلايدىغان،ئاياللارغا خاس ناخشىلارنى ئەرلەر ئورۇنلايدىغان ئىش تا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.يۇقارقىلارنى ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىمىزدىكى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتمىسە بولمايدىغان بىر «ئۆسمە» دەپ قارايمەن.
مەنبە:ئۆزۈم

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 11:13:59

ناخشىنىڭ جىنسى بار دىسە تازا ئىشەنمەس بولۇپ قالدىم،
خەنزۇچە بىر ناخشا بار : 明天我要嫁给你啦( ئەتە ساڭا تىگىمەن)
ئۇنى ئەركەك ناخشىچىلار بەك ئېيتىدىكەنغۇ ؟ :lol

eltabir9 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:09:15

ئەمما مىنىڭ ئەڭ غەزىپىمنى كەلتۈردىغىنى، جاپپى جاپپى دەپ تىتىقسقزلارچە تاخشا ئېتىپ،ھەم ئاز كىلىپ قالغاندەك تورلاردا سازايى قىلۋاتقان تىتىقسقزلىقلار.تۆۋەەەەە.بىرقانچىلىغان غىلجىڭ.نايناقلارنىڭ شۇ سورۇنلاردا ئوينىغان ئاتالمىش ئۇيغۇرچە ئۇسۇللىرى تۆۋەەەەەە،

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:22:23

بىر ۋاقىتتا رادىيولدىمۇ مۇشۇ ناخشىنىڭ بەزى يىتەرسىزلىكلىكىنى ئىيتىپ ئۆتكەن .
ئاق كەپتەرمۇ موللاقچى،
كۆك كەپتەرمۇ موللاقچى
مىنىڭ ئاكام قاراقچى،
سەن يارىمنى ئالماقچى.

ئاي تاش ،ئالا خوجۇنغا ماش ،
سىنىڭكى يارىڭدىن بالخان،
مىنىڭ يارىم ياش ،
مۇشۇ 2ناخشىنى مىسال قىلىغان.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:24:55

مۇشۇ تېمىدا سوراپ باقسام قايسى تورداشلار مۇنۇ ناخشىنى بىلىدۇ ئىسمىنى دەپ بەرسىمۇ بولاتتى،نەچچە يىل بولدى تاپالمىدىم .
نىمە ئۇچۇن ئەزىز ئەتىرگۇل،
يات ئۇزسە ئۆزىنى قوغداركەن،
نىمە بىلەن خار بولۇر ئۇ،
ئايرىلسا ئۆزىدىن تېكەن.'

alpha11918 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:49:58

شىرئەلى ئىمىننىڭ «ئەتتىرگۈل» دېگەن ناخشىسى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:11:40

alpha11918 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 12:49 static/image/common/back.gif
شىرئەلى ئىمىننىڭ «ئەتتىرگۈل» دېگەن ناخشىسى

رەخمەت سىزگە ،شىرئەلىنىڭ جانان دىگەن ناخشىسىكەن ، شۇ ناخشىچىنىڭ ئىسمىنى تاپالماي بەك ئاۋارە بولغان .

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:19:25

{:112:} ئاۋۇ  «يايرىم» نى ئابلىز رەھىم ئەركال ئاكىمىز ناۋادا تولا دەپ  ئاڭلىتالمىدى ساۋاتسىز ناخشىچىلارغا، ئىككىنچى مەسىلە ھەققىدە مەنمۇ بىرقانچە ھەۋەسكار ناخشىچى بىلەن مۇنازىرىلىشپ قالغان، ھەقىقەتەن مۇھەببەت ناخشىلىرىنىڭ جىنىس ئايرىمىسى ئىنىق بولىدىغۇ، شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلمىغان ! قىسقىسى بۇ پەقەت ئاۋازىدىن باشقا نېمىسىنىڭ تاينى يوق ( ساپاسىز) ناخشىچىنىڭ تولىلىقىدىن بولىۋاتقان گەپ..
يەنە بىرى  ناخشىنىڭ ئىدىيىسى، كەيپىياتى بىر يەردە، ناخشىنىڭ چىراي ئىپادىسى باشقا يەردە بولىدىغان مەسىلىمۇ بەك ئېغىر بىزدە . «ئانام سەن يوق» دېگەن ناخشىنى كۈلۈمسىرەپ ئېيتىدىغان ناخشىچىلارنى كۆردۇققۇ، خۇددى كۈلگۈنچەك چىراي قونچاققا ئازابلىق ناخشىنى قاچىلاپ قويغاندەك !

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 19:09:34

ئ.ارى،  ئارى

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 19:34:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 19:41  

قارغاندا  ئاۋۇ ساڭا  تىگىمەن  ناخشا  تەرجىمە ناخشا  ئوخشايدۇ جۇما ...

بىلىشمىچە  ، مەسلەن مەرى ( ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى  نىكاھلىنىش دىگەنگە يىقىنراق   ) ،  يەنە  فاك (مانى دىمەي ، ئىنگىلىسچە  بىلمەيدىغانلارمۇ بىلدۇ بۇ گەپنى )... :lol   دىگەندەك سۆزلەرنىڭ جىنىس  ئايرىمىسى بولمايتى ...


ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 19:39:24

تىمنى جېق ئۇقۇش  خوشياقماۋاتىدۇ ... يارىڭىزغا  ي  قېتلىپ قاسا  ئاھ  ئۇرۇپ كەتمەڭ ... سۇغا  م  نى  قۇشۇپ سۈيۈم دەپ ئۇقۇش  بىزدە  ئازالدىن بار  ئىش  ....

يېزىق تىلنى ئامال بار  بىرلككە  قېلىپقا  سېلىش  كىرەك ، ئۇچۇر يېزىق دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ھەم كىينكىلەرنىڭ ئۇقۇپ چۈشنەلىشى ئۈچۈن  ....

ئەمما  ئېغىز تىلنى قانداق ئىشلەتكۈمۈز  كەلسە  شۇنداق  ئىشلىتمىز  ، چۈنكى بۇ جانلىق تىل  ، بەزى خەقنىڭ تىلىدەك چۈشنۈكسىز ئەمەس ... يارىم دىگەندىن كۈرە  يايرىم دىسە  ئۇدارغا  بەك كىلدۇ شۇڭا  ئاسانلا  ئۆزلۈشۈپ كىتىدۇ ... بۇنى سىز  تۇسۇپ قالالمايمىز ...


ماقا  ئەمسە

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 19:40:58

ئەسكەرتىپ قۇياي راس  ... ئىزدىنىشتىكى ئىنكاسىم ، يا  بىر  ئىلمى ماقالە  ئەمەس  ، ياكى تىما ئەمەس شۇڭا  جانلىق تىلىمنى ئىشلىتىپ قۇيمەن ... ئىملا خاتالقى ئىزدەپ ئاۋارە  بولماڭلا  ... ھې ھې   ...

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 20:05:10

ھېلىقى بىر ناخشىنى تازا سۆكۈپتىكەنغۇ« كەتمە ،كەتمە ، كەتمە  كەتمە ،ۋاپادار» دەپ ئېيتىدۇ. ۋاپادار بولسا كېتەمتى؟ دەپ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 21:04:15

106 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 20:05 static/image/common/back.gif
ھېلىقى بىر ناخشىنى تازا سۆكۈپتىكەنغۇ« كەتمە ،كەتمە ، ك ...

ئىككىمىز تۇنۇشقىلى خېلى ۋاق بولدى،
گەپ سۆزىمىز يامان ئەمەس ، ھەم ياخشى بولدى.
نىمە ئۈچۈن تەلىۋىمنى دائىم رەت قىلىسەن،
........................
دىگەن مىسرالارنى  دائىم رەت قىلسا گەپ سۆزى ياخشى بولامدا ساراڭ ؟! دەپ تىللىغاندەكما :lol

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 12:23:23

ناخشىچىلىقىمىزدا بۇنداق «ئۆسمە»لەر بەك كۆپ ، سىز ئىككىنى مىسال كەلتۈرۈپسىز . يەنە مىسال كەلتۈردىغانلار بارمۇ ؟

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 22:38:52

مىراجىخان بىر ئانىنىڭ قىزىغا ئاتاپ ئېيتقان ناخشىسى.شۇڭا ئۇنى ئاياللارنىڭ ئېيتقىنى توغرا.

mazargojam يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:14:36

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 22:38 static/image/common/back.gif
مىراجىخان بىر ئانىنىڭ قىزىغا ئاتاپ ئېيتقان ناخشىسى.شۇ ...

شۇنداقمۇ؟ مەن بۇ جەھەتتە كەتتۈرۈپ قويۇپتىمەن. رەھمەت سىزگە.

mazargojam يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:20:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mazargojam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 18:29  

يارىم دېگەن سۆزمۇ ئوخشاشلا ئىككى بوغۇم. ئۇدارغا ئوخشاشلا چۈشىۋېرىدۇ. ئۇيغۇرچە ناخشا  ئۆلچەملىك سەھنە،تاراتقۇلاردا ئورۇنلانغاندا چوقۇم ئورتاق قېلىپلاشقان تەلەپپۇزدا ئېيتىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئېتىزلىق،ئۆستەڭ بويى،ئۇششاق-چۈششەك سورۇنلاردا قانداق ئېيتالىسا مەيلى دەيلى بوپتۇ.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 00:53:21

بىر ئوبدان خوشال خورام توي بولىۋاتسا ، ناخشىچى گۇيلىنىڭ ئاھ مەھەببىتىم نەدە سەن ، مېنى تاشلاپ كەتتىڭ ……دىگەندەك ناخشىلارنى ئوقۇپ كىتىشى با

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 08:41:21

مىنكوخەن ناخشىچىلىغا يارىم دېگەن سۆز خاتا ھەم قوپالدەك تۇيۇلۇپ، يايرىم دەپ سەل سىلىقلاشتۇرىۋالامدىكى دەيمىنا{:87:}
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر ناخشىچىلىقتىكى«ئۆسمە»لەرگە