uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 17:51:57

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 05-01

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.4  دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى   1210.7   دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1167.77 دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى  1188.64  دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى   91.69  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1194.47   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     
دوللارنىڭ  كۈچلۈك بولۇش سەۋەبىدىن دوللاردىن باشقا دۆلەت پۇللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازاردا ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ 1178 دوللار ئەتراپىدا بۇلۇپ،  بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا بانكىسىنىڭ كەڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇش سىگنالنى بېرىشى ھەمدە گرېتسىيە سىياسىتىنىڭ  مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئاۋسترالىيە ئېلان قىلىدىغان ياساش كەسپى سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە 12 - ئايلىق CPI سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگلىيە بىناكارلىق كەسپى PMI ، ئەگەر ئەنگلىيە بىناكارلىق كەسپى PMI نەتىجىسى ناچار چىقسا ، ئۇھالدا دوللار كۆرسەتكۈچ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق ISM نيۇيورك  فېدېراتسىيە كارخانا پائالىيەت كۆرسەتكۈچى ۋە 12 - ئايلىق سودا مەسلىھەت بىرلەشمىسى كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .


مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1194-1178  دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى . چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا بىرىنىجى قىتىم 1200-1198 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1195-1190 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .   

2. ياۋرۇپا  بازىرىدا 1200 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە بازارغا كىرمەي تۇرۇپ 1210 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1200-1195   دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .  

3.ئالدىنقى ھەپتىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر يىڭى يىللىق دەم ئىلىشىنى تۈگۈتۇپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممتىنى ئېلان قىلىشنى بۇ جۈمە كۈنى ئۆزگەرتتى ، پەيشەنبە كۈنى كىچىدە ئامېرىكا فىدىراتسىيە يىغىنى ئىچىلىدۇ ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مۇھىم سانلىق ئۇچۇرلار كۆپ شۇڭا سودا قىلغاندا ئىھتىيات بىلەن سودا قىلىش كىرەك .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1200 1210
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1180 1173

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1178-1208
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1168
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1200

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

     بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ   91.55  ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1178 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، دوللارنىڭ  كۈچلۈك بولىشى دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىمۇ تۆۋەنلىگەن ،  بۇندىن باشقا ياۋروپا بانكىسىنىڭ كەڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇش سىگنالنى بېرىشى ھەمدە گرېتسىيە سىياسىتىنىڭ  مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئاۋسترالىيە ئېلان قىلىدىغان ياساش كەسپى سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە 12 - ئايلىق CPI سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگلىيە بىناكارلىق كەسپى PMI ، ئەگەر ئەنگلىيە بىناكارلىق كەسپى PMI نەتىجىسى ناچار چىقسا ، ئۇھالدا دوللار كۆرسەتكۈچ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق ISM نيۇيورك  فېدېراتسىيە كارخانا پائالىيەت كۆرسەتكۈچى ۋە 12 - ئايلىق سودا مەسلىھەت بىرلەشمىسى كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .


ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 234.80 يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.13  يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





2015-يىلدا ھىندىستان ئالتۇن ئېھتىياجى10% ئاشىدىكەن

        دەرىجە باھالاش ئورگىنى Icra نىڭ بىر پارچە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستىمالچىلار كەيپىياتى ياخشىلانغانلىقتىن ،2015- يىلدا ھىندىستان ئالتۇن زىببۇ- زىنننەت ئېھتىياجى 10% ئېشىپ 32000 مىليون دوللارغىچە بولىدىكەن.
        2013- يىل 4- پەسىلدىن بۇيان ،ھىندىستاننىڭ ئالتۇن زىببۇ-زىننەت ئېھتىياجى بىر ئاز تۇراقلىق بولغان، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىگەن، ئىمپورت چەكلىمىسىنى بوشاشتۇرۇش ۋە ئىستىمالچىلار كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشى بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە ئايدا ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
       دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئورگانلارنىڭ ئېھتىياج ئېشىشى 20% كە يەتكەن بولۇپ، پارچە سېتىلىش ئېھتىياجى 11% ئاشقان.
       لېكىن ھىندىستان ئالتۇن زىببۇ- زىننەت ساھەسى ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن  يەنىلا ئەندىشىدە بولغان، ھەمدە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا ئالتۇن ئىمپورت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش ياكى كۈچەيتمەسلىك ھەققىدە ئوخشاشلا ئەندىشە پەيدا بولدى.
        Icra دوكلاتتا ئېيىتىلىشىچە، پۈتكۈل ساھە كەيپىياتى ياخشىلانغانلىقتىن ، كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە زىببۇ- زىننەت ئېھتىياجىدا ،كۆپ مىقداردا ئېشىشى كۆرۈلىشى مۇمكىن.
        ئۇنىڭدىن باشقا ،Icra نىڭ تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە،ئالتۇن بازار مۆلچەرىدە ،بۇندىن كېيىنكى ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتىكى تەۋرىنىش رايونىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ ، دوللارنىڭ كۈچلۈك بولىشى سەۋەبىدىن، خام نېفىت باھاسى تۆۋەن بولۇش پۇل پاخاللىق مۆلچەرى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. لېكىن جۇڭگو ۋە ھىندىستان نەق مال ئېھتىياجى بەلكىم دۆلەت ئىچىدىكى باھانىڭ ئۆسىشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.





2015- يىلدا پۇل پاخاللىقى كۆتۈرۈلۈپ، ئالتۇن باھاسى 1300 دوللار ئەتراپىدا بولىدىكەن

        كانادا خان جەمەت بانكىسى كاپىتال بازىرى (RBC Capital) نىڭ قىممەتلىك مېتال تاكتىكىچىسى George Gero يېقىندا پېڭبو 彭博) ( نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ،) 2014- يىلدا ئالتۇن يولۇققان ئەڭ چوڭ مەسىلە بولسا ،دوللارنىڭ كۈچلۈك بولىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاجىز بولىشى "  دەپ ئېيتقان.
       " پۇل پاخاللىقى يوق، كۈچلۈك بولغان پاي چېكى بازىرى ۋە زايوم بازىرى ، ئالتۇن بازىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئېلىپ كەتتى، مەبلەغلەرمۇ ئالتۇن بازىرىدىن ئايرىلدى." Gero كۆرسەتمە بېرىپ، Comex قەرەللىك ئالتۇنمۇ روشەن بولغان چۈشۈشنى كۆرسەتتى.
        Gero ئىپادە بىلدۈرۈپ ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبلىك ، ئالتۇن ئېھتىياجى ئاز بولغان.
         لېكىن 2015- يىلدا ، Gero نىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە ، پۇل پاخاللىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن. " كۈچلۈك بولغان دوللار ئامېرىكا ئېكىسپورتىغا پايدىسىز بولۇپ، پۇل پاخاللىقى ئاستا - ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، لېكىن ئۆرلەش سۈرئىتى كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىگىنىدىن ئاستا بولىدۇ. " دەپ كۆرسەتتى.
        ئاسىيا رايوننىڭ نەق مال ئېھتىياجىغا نىسبەتەن ،  Gero نىڭ قارىشىچە ، 2014 - يىلدا، جۇڭگو ئېھتىياجىنىڭ سۇس بولىشى بازارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغان.
كۈمۈشكە نىسبەتەن ،Gero ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلنىشىغا ئەگىشىپ، كۈمۈش ئېھتىياجىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ھەمدە باھاسىمۇ ئالتۇن باھاسىغا ئوخشاش يۇقىرى ئۆرلەيدۇ،ئەمما بۇنىڭغا ئاساس جەھەتتىن خام نېفىت باھا يۆلىنىشىگە قاراش كېرەك.
Gero نىڭ مۆلچەرىچە،2015- يىلدا ئالتۇن باھاسى 2014- يىلنىڭ يىل ئاخىرىدىكى ھالىتىدىن ياخشى بولۇپ، 1300 دوللار ئەتراپىدا بولىدىكەن.





ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى مۆلچەرىدىكىدەك ياخشى بولامدۇ ؟

       كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ياساش كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن ، ھەم نېفىت باھاسى ئۇدا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن باركلاي بانكىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 2015 - يىللىق پۇل پاخاللىقى مۆلچەرنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن 2015 - يىلدىكى ئىقتىساد ئاساسىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشى تەسىرىدە بازاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى ، ھەم ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى 2015 - يىلى يىل ئوتتۇرىسىدا ئۆسۈم قوشۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئۈستىدە بەس مۇنازىرە ئېلىپ باردى .
       ئامېرىكا بانكىسى (BofA) ۋە ئالدىنقى ئىككى قاتاردىكى يۇقىرى قاتلاملىق باشقۇرۇلدىغان ، كونترول قىلىندىغان  پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى(Merrill Lynch) ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق  غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىنى ئالدىنقىسىغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرىراق مۆلچەرلىگەن بولۇپ ، سانلىق مەلۇماتلاردا مۆلچەرلىنىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق  غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىشى 250000 ئادەمدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالى بولسا 5.7% تىن تېخىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن ؛  باركلاي بانكىسى باشلىقى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناس Michael Gapen مۇ ئوخشاش كۆز قاراشتا بولغان ؛ نۆۋەتتە بازاردىكىلەرمۇ ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالىنى 5.7% تىن تېخىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق  غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى 240000 ئادەم كۆپىيىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .






ئامېرىكا 12 - ئايلىق ياساش كەسپى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى ؟

        1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، يېڭى يىل بىلەن تەڭ دوللار تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ ، ياۋرو ۋە فوندستېرلىڭ بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە گېرمانىيە پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
        كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا 12 - ئايلىق ياساش كەسپى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقمىغاچقا ، نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا ئۆرلىدى ؛
      ئىراق ۋە روسسىيە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىدى .





دوللار كۆرسەتكۈچى ھازىرغىچە 5 چوڭ دولقۇننى بېسىپ ئۆتتى

         دوللار كۆرسەتكۈچى 2015 - يىلدىكى 1 - سودا كۈنى يۇقىرى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ ، بۆسۈش نۇقتىسى 90.50 ئەتىراپىدا بولدى ؛ 2015 - يىلدىكى دەسلەپكى ئىككى سودا كۈندە 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىسىنى كۆرسەتتى ، ھەم يۇقىرى نۇقتىسى 91.70 بولدى ؛ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ 2012 - يىلى 10  - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى تۆۋەن نۇقتىسى 78.93 بولۇپ ، 2014 - يىلى 5 ئايدا ئىككىنچى قېتىم تۆۋەنلەپ 78.93 بولغاندىن كېيىن دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يۆنىلىشى ھازىرغىچە 5 دولقۇننى شەكىللەندۈردى ؛
       1 - دولقۇن ، 2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈندىكى تۆۋەن نۇقتىسى 78.91 ، ئاخىرقى نۇقتىسى 81.01 بولغان ؛ 2 - دولقۇن ، 81.01 نۇقتىدىن تۆۋەنلەپ ، ئاخىرقى نۇقتىسى 79.74 بولغان ؛ 3 - دولقۇن ، 79.74 نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلەپ ، ئاخىرقى نۇقتىسى 86.75 بولغان ؛ 4 - دولقۇن ، 86.70 نۇقتىدىن تۆۋەنلەپ ، ئاخىرقى نۇقتىسى 84.47 بولغان ؛ 5 - دولقۇنى 84.47 نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، ئاخىرقى نۇقتىسى قەيەردە توختايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ؛ مۆلچەرلىنىشىچە ، 2005 - يىلى 11 - ئايدا يۇقىرى نۇقتىسى 92.63 بولغان ؛
        2015 - يىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە  5 - دولقۇن يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن ، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۆۋەنلەش يۆنىلىشىدە بولۇپ ، بۇ قېتىمقى تۆۋەنلەش 5-6 ئاي داۋاملىشىدىكەن ،  يەنە بىر دولقۇن ئۆرلىسىمۇ ، لېكىن بۇ قېتىمقى ئۆرلەشنىڭ تەۋرىنىش ئەھۋالى ئاستا بولىدىكەن .






2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

            2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دوللارنى خەلق پۇلغا ئالماشتۇرۇش ئوتتۇرچە باھاسى 6.1248 يۈەن بولدى ؛ 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئوتتۇرچە باھاسى  6.1190 يۈەن ، بازار يېپىلىش باھاسى 6.2040 يۈەن بولدى ؛
           جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 1 دوللار 6.1248 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.3461 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 100 يېن 5.1160 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78965 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.3989 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9717 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7174 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.6084 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.2013 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.57102 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 9.5292 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6601 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3759 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .


ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى




                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                   

                                                         
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 05-01