Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:51:29

ئەبۇ ئەلى ئبىن ھايزام



ئەبۇ ئەلى ئەل ھەسەن ئىبىن ئەل ھايزام

ئەبۇ ئەلى ئەل ھەسەن ئىبىن ئەل ھايزام (Abu Ali al-Hasan ibn al-Hasan ibn al-Haytham )  بولسا ئىسلامنىڭ ئالتۇن چاغلىرىدا، مۇسۇلمانلار مەدىنىيتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن (965- 1040) داڭلىق ئالىم بولۇپ، بەزىدە تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ئىسمى بىلەن ئەل بەسرى (بەسرى ئىراقنىڭ بىر شەھرى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئبنى ھايزام زامانىۋى ئوپتىكا ئىلمىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئوپتىكا پىرىنسىپلىرىغا، فىزىكا، ئاستىرونومىيە، ماتېماتىكا، كۆز كىسەللىكلىرى ئىلىمى، كۆرۈش سەزگۈسى، پەلسەپە ۋە ئىلمىي مېتود قاتارلىق پەنلەرگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان. شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر ياۋرۇپا تىلىدا «فىزىك» مەنىسىدىكى Ptolemaeus Secundus لەقىمى بىلەن ئاتالغان. ئۇ ئارستوتىل، پتولېمي ۋە ماتىماتىك ئېۋكلىد نىڭ ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن چۇڭقۇر، مول مەزمۇنلۇق باھا ۋە چۈشەنچىلەرنى قالدۇرغان.

ئىنبى ھايزام، 956- يىلى ئەينى ۋاقىتىكى مەدەنىيەت مەركىزى ئىراقنىڭ بەسرا شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى مىسىرنىڭ قاھىرە دە ياشاپ 1040-يىلى 76 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ مول بىلىمى نېل دەرىياسىدىكى كەلكۈن مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ دەپ قارالغان ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى خەلىفە ئەل ھاكىم بى ئەمرۇللاھ تەرىپىدىن مۇشۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. لېكىن ئۇ تېزلا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئىنژىنىرلىق خىزمىتىدىن چېكىنگەن. كىيىن ئۆلۈمدىن قورقۇپ يالغان ساراڭ بولىۋالغان ۋە يەر ئاستى ئۆيگە بەنت قىلىنغان.  شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئىلمى ئەمگەك بىلەن تاماملىغان.

تەرجىمە: ئىلىم-پەن تورى
مەنبە: http://www.ibnalhaytham.net

peleck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 10:11:22

‹1001 ئىجاد› ناملىق كىتابنى سىتىۋالغىلى نەۋاق، ئەمم باشقا كىتابلارنىڭ تىگىدە بىسىلىپ قىلىپ،ا بۇرۇنقى تەرجىمە قىلىش پىلانىم ئۇياقتا تۇرسۇن،ئۇنى تولۇق ئوقۇشمۇ نىسىپ بولمىغان ئىدى.  سىزنىڭ بۇ يازمىڭىز ئۇ ئوتنى قايتا يالقۇنلاتتى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 10:30:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 10:37  

بۇ يىل «دۇنيا يورۇقلۇق يىلى» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ب د ت پەن -مەدىنىيەت جەمىيتى» بۇ ئالىمنىۇڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ تەبرىكلەشنى قارار قىپتۇ.
نىيۇتۇننىڭ ئوپتىكا توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىنىڭ  ئاساسىنى مۇشۇ ئالىمنىڭ خىزمىتىدىن ئۆرنەك ئالغانلىقى يېزىلىپتۇ .
تۇنجى ئالىم دەپ تەرىپلىنىدىكەن .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 11:07:50

جۇڭگۇلۇق ئالىم خې شىننىڭ يېڭدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىتاۋىدا مۇنداق مەزمۇنلار بار:1،قەدىمقى گىرىك مەدەنىيىتى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان مەدەنىيەت.2،غەرپلىكلەرنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەتتە يېڭىلىققا كۆچۈشتىن كىيىنكى خېلى بىر مەزگىلىگىچە  يەنى 15-ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ھەرقايسى پەنلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ھەممسى دىگۈدەك مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ساھەدىكى نەتىجىلىرىنى ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن كەلگەن بولۇپ ئۇلار بىر تەرەپتىن ئوغرىلاپ بىر تەرەپتىن ئىزىنى ئۆچۈرۈپ ماڭغان، ۋە بۇ ئىختىرالارغا قەدىمقى گىرىك مەدەنىيتىدىن ئىلھام ئالدۇق دەپ ئات قويۇپ يالغاندىن گىرىك مەدەنىيتى دەپ بىر مەدەنىيەتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان.

بۇ گەپكە ئانچە ئىشىنىپ كەتمىگەن ئىدىم،ئىزىنى ئۇنچىۋالا بەك ئۆچۈرىۋەتكەندەكمۇ ئەمەس.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 11:21:28

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 11:07 static/image/common/back.gif
جۇڭگۇلۇق ئالىم خې شىننىڭ يېڭدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىت ...

ئىزىنى ئۆچۈرۈۋاتقاندا نېمىشقا ئىزىنى ئۆچۈرىسە دەيدىغان مۇسۇلمانلار جاھالەتتە قالغاچقا بۇ ئىشلار بىلەن كارى بولمىدى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 11:24:19

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 11:07 static/image/common/back.gif
جۇڭگۇلۇق ئالىم خې شىننىڭ يېڭدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىت ...

،قەدىمقى گىرىك مەدەنىيىتى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان مەدەنىيەت
بۇنداق ماقالىلارنى مەنمۇ ئوقۇپ باققان، ئىشقىلىپ ئادەمنى گۇمانغا سالىدۇ .
http://blog.sina.com.cn/s/blog_8a57e6930101bwx6.html

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:02:50

مۇنۇ كىشىنىڭ ئىسىمى «ئىبنى ھەيسەم» دەپ ئېلىنسا مۇۋاپىق بولار ئىدى..:o

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:04:45

خەنزۇچە نەشرى قىلىنغان «پاراسەت قەسىرى» (智慧宫)دەپ بىر كىتاب بولىدىغان، شۇ باھانىدە تەۋسىيە قىپ قوياي...

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:27:40

كەمىنە مەرىفەت ۋە ھەقىقەت تامان تىنىمسىز ئىزدىنىپ كەلدىم. بۇ جەرياندا مەن، ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولۇشۇم ئۈچۈن ھەقىقەت ۋە مەرىفەت تەلەپ قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل يولنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەندىم.
-ئىبن ئەلھەيسەم

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:12:41

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 11:07 static/image/common/back.gif
جۇڭگۇلۇق ئالىم خې شىننىڭ يېڭدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىت ...

2- نۇقتىدا ئاپتورنىڭ «غەربلىكلەر» دەپ مۇتلەقلەشتۈرۋېتىشىدىن مۇبالىغە چىقىپ تۇرسىمۇ، بىراق سۆزىنىڭ  ئورنى بار. ئەمەلىيەتتە غەربلىكلەردىن ئاشۇنداق دەۋالغانلار، ياكى ئاشۇنداق چۈشەنچنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھادىسىلىرى بولغان ھەمدە بۇ ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى «ئالتۇن دەۋر»ىنى «زۇلمەتلىك دەۋر» دەپ ئاتاش تەشۋىقاتى كىڭەيگەن. بىراق، يەنىلا غەربنىڭ ئىنساپلىق تەتقىقاتچىلىرى ئېچىدە بۇنداق دەۋالارغا ئۆز ئېچىدىن رەددىيە ۋە تەنقىدلەرنى بەرگەن ياكى مەسىلىنى ئەينەن يەتكۈزۈشتە سەمىمى بولغان. ئىزىنى ئۆچۈرۈش ئىشىدا ئۇلاردا ئۇرۇنۇش خاراكتىرى بولىشى كېرەك. ئاپتورنىڭ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئالغانلىقىنى تەن ئالماسلىققا، گىرىك ۋە ياكى باشقا مەدەنىيەتتىن ئالغانلىقىنى دەۋا قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى قەيت قىلغانلىقى بۇنىڭ بىر ۋارىيانتى. كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ ئىجادى قىلىۋېلىش تەبىيتى تىپىلىپ تۇرىدۇ. كىينكىلەرنىڭ بۇنى بايقاپ ئىچىپ تاشلىشى ئېھتىمال «ئىزىنى ئۆچۈرۈپ ماڭدى» دېيشنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن. ناۋادا ئاپتورنىڭ سۆزىدە مەسىلە بار دىيىلسە، 1- نۇقتىدا گىرك مەدىنىيتىنى تەلتۆكۈس ئويدۇرمىغا چىقىرىپ تاشلاپ بولۇپ ئارقىدىن بۇنى ئىككىنچى نۇقتىدىكى ئەمەلىيەتلەرگە باغلىغانلىقى بولىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئاپتور شۇ سۆزىدە ھېچقانداق قاراتمىلىقسىز ئاشۇنداق مەنىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىيتقانلا بولسا.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:45:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 14:07  

mevlana يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:12 static/image/common/back.gif
2- نۇقتىدا ئاپتورنىڭ «غەربلىكلەر» دەپ مۇتلەقلەشتۈرۋې ...

مەن بۇنداق گەپلەرنى بۇرۇن توردىن ئانچە - مۇنچە كۆرگەن، ھە دەپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن،لېكىن خې شىننى ھەقىچان بىلىسىز،بۇ ئادەم جۇڭگۇنىڭ مەدەنىيەت  ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدىكى خېلى نوپۇزلۇق ئادەملەرنىڭ بىرى،گەرچە بۇ ئادەمنى باشقا ئىقتىسادشۇناسلار ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆزى ئۈگىنۋالغان دەپ توڭ تاۋۇزنى دۆۋلەپ يەكلىسىمۇ  جىياڭ زىمىن دەۋرىدە بۇ ئادەم  مەركەزدىكى تەدبىر بەلگۈلىگىچىلەر قاتلىمىدىكى ئادەم ئىدى،خې شىننىڭ دۆلەت كاپىتالىزىمىنى مەركەز ئىقتىسادى ئىدىيەلىرى شۇ ۋاقتتىكى ھۆكۈمەتكە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ كىشى بىر گەپلەرنى قوڭىغا ھاپپاقلاپلا تاپىدىغانلاردىن ئەمەس ،شۇڭا سەل ئويلىنىپ قالدىم،يېقىندا كىتاپخانىدا ئۇنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان قېلىن بىر كىتاۋىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم ،شۇنداقلا ۋاراقلىسام يۇقىرىدىكىدەك مەزمۇنلار چىقىپ قالدى،ئەلۋەتتە كىتاپتا يۇقىرىدىكى ئىككى ‹‹گەپ››نىڭ نۇرغۇن ئىسپاتى بولۇشى تۇرغانلا گەپ.قەدىمقى گىرىك مەدەنىيتى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دىگەن گەپ سىز دىگەندەك سەل ئاشۇرىۋېتىلگەن گەپ.لېكىن بۇ يەردە مۇنداق بىر گۇمانلىق نوقتا بار، فرانك تىللى ‹‹غەرپ پەلسەپە تارىخى››دىگەن كىتاۋىدا، ئارسىتوتىلنىڭ ئەسەرلىرىنى ياۋرۇپالىقلار باشتا (13-ئەسىردە)ئەرەپ تىلىدىكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن نۇسقىسىدىن لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلغان،كىيىن ۋىزانتىيە يەنى شەرقى رىم ئىمپىرىيەسىدىن تېپىلغان قەدىمقى گىرىكچە ئەسلى نۇسىقىدىن لاتىن تىلغا تەرجىمە قىلغان دەيدۇ،لېكىن بەزىلەر ئارستوتىل ۋە ئەپلاتوننىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئەسىلى نۇسقىسى غەرپ دۇنياسىدا يوقاپ كەتكەن بولۇپ،بۇنىڭ شۇ ۋاقتتا ئەرەپ تىلدىن باشقا تىلدىكى  نۇسىقىسى  يوق ،ھازىرقى ئەسلىدىكى نۇسىقىسى دەپ ئاتالغىنىمۇ ئەرەپ تىلدىن گىرىك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دەپ قارايدۇ.
خۇددى سىز دىگەندەك خې شىننىڭ گىرىك مەدەنىيتنى ئىنكار قىلىشىدا سىز تىلغا ئالغان مۇددىئا بار.بۇنىڭ سەۋەبى 16- ئەسىردىن كىيىنكى گۈللەنگەن غەرپ مەدەنىيتىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھادىسسىنىڭ سەۋەبى ،غەرپلىكلەرنىڭ يوقىتىپ قويغان قەدىمقى گرىكچە ئىلىم- پەن روھىنى تېپىۋالغانلىقى دەپ قارىلىدۇ، ۋە بارلىق تارىخى كىتاپلىرىغا دىگۈدەك شۇنداق يېزىلىدۇ،خې شىن بەلكىم سەن بۇ روھنى گىرىكتىن تېپىۋالمىدىڭ ،سېنىڭ گىرىك دىگىنىڭ يالغاندىن توقۇپ چىقرىلغان گەپ،سەن پەقەت مۇسۇلمانلار قەدرىنى بىلمەي تاشلىۋەتكەن ئىلىم-پەننى ئوغرىلاپ ئۆزەڭنىڭ قىلۋالدىڭ ۋە ئوغرىلۋالغىنىڭنى تەن ئالىمدىڭ،سەنمۇ تايىنلىق دىمەكچى بولسا كېرەك.
ئىزىنى ئۆچۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ ھەقىقەتەن بار ئىش بولۇشى مومكىن،مەن ئون نەچچە يىل بۇرۇن ئوقۇغان ئەنگىليەلىك بىرى يازغان ئىككى توملۇق ‹‹ئىلم - پەن تارىخى›› دىگەن كىتاپتا غەرپنىڭ 15-ئەسىردىن كىينىكى مۇھىم ئىختىرالىرىنىڭ ھەممسىنى غەرپلىك ئالىملار ئۆزى ئويلاپ تاپقان دىگەن بىر مەركىزى ئىدىيە بار.بىرمۇ يېرىدە ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكى توغرۇلۇق گەپ يوق.
سان ۋە تەجرىبىنى ئاساس قىلغان تەبئى پەن ئېڭى مۇسۇلمانلاردە پەيدا بولۇپ گۈللەنگەندىن كىيىن ئىزچىللاشمىغان،ئۇ مەلۇم بىر رايوندا مەلۇم بىر قىسىم ئادەملەر شۇغۇللىندىغان يەرلىك كۇلتۇرغا ئايلىنىپ قالغاندىن كىيىن يوقاپ كەتكەن،غەرپتە بولسا دىن تۈسىنى ئالغان ئورتاق مەدەنىيەت ھادىسسىگە ئايلانغان.گەپ مۇشۇ يەردە.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:22:52

دۇنيانى ئۆزگەرتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ 5 چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى دەل مۇشۇ ئالىم ئىجات قىلغان ئوپتىك نۇرىدىن پايدىلىنىلغان رەسىم ئاپپاراتىدۇر :
http://adarshaiqrabd.com/5-muslim-inventions-that-changed-the-world/
1- قەھۋە
2- ئالگېبرا
3- ئۇنىۋېرسىتىت
4-ھەربى ئوركېستىر (مارش)
5- رەسىم ئاپپاراتى( ئىبنى ئەل ھەيسەم)
ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ3 قىسىملىق  بىر ھۆججەتلىك فىلىمى بولىدىغان ، ئىسمى : پەن-تېخنىكا ۋە ئىسلام ، بۇنىڭ خەنچە خەتلىك سىنى توردا بار ، ئۇقمىدىم بۇنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى بارمۇ يوق بىلمىدىم، شۇنىڭدا بۇ ئالىمنىڭ  تەتقىقاتى ۋە نەزىرىيىلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ .
http://www.ed2000.com/ShowFile.asp?FileID=184729

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:29:24

رەسىمدىكى ئاپارتنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ يېزىپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن.
مەن قارىسام خەرىتە سىزىدىغان ئەسۋاپتەك قىلدى.:lol

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 16:38:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mevlana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 16:54  

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 13:45 static/image/common/back.gif
مەن بۇنداق گەپلەرنى بۇرۇن توردىن ئانچە - مۇنچە كۆرگەن ...

ئاپتورنىڭ يۇقىرىقى گىرك مەدەنىيتى ھەققىدىكى ئىنكارى مەيدانىنى سىز ئىزاھلىغاندەك چۈشۈنۈشكە بولىدىغان تەرىپى بولسا، (كىتابتا دىيىلگەن مەزمۇنغا ئۆزىڭىز بىۋاستە شاھىت بولغىنىڭىز ئۈچۈن) شۇنداق چۈشۈنۈپ تۇرۇلسىمۇ بولىدۇ. بۇ چاغدا مەسىلە ئاپتورنىڭ گىرك مەدىنىيتىنى ئىنكار قىلىشىدا ئەمەس، پەقەت ئاۋۇ مۇتلەق يوسۇندا ئومۇمىي قاراتقان سۆزىدە بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىمۇ ئوخشاشلا ئاپتورنىڭ ئىيتقانلىرىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكى ئايان بولىدۇ.
گۇمانلىق نۇقتىغا كەلسەك، فرانك تىللىنىڭ قارىشىنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تۆھپىسىنى يۇشۇرۇش ۋە غەربنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگەرتىىپ تەرجىمە قىلغان گىرك مەدەنىي مىراسلىرىدىن كۆرە ئۆزلىرىنىڭ ۋىزانتىيە، روم قاتارلىق ئىمپىراتورلار سايىسىدە ئۆز قوينىدا ساقلىنىپ قالغان ئەسلى نۇسخىلاردىن ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىپ شۇ ئاساستا پايدىلانغانلىقىدەك چىگىت چاقىدىغان قاراشنى ئوتتورىغا قويغانلىقىدىن ئىبارەت «ئۆچۈرۈشكە» ئۇرۇنۇش خاھىشىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، روم ئىمپراتورلىرى قولىدا ساقلىنىپ قالغان نۇسخىلا ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، لاتىنچىغا ئۆرۈپ پايدىلانغانلىرى ناھايىتى ئاز قىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما كۆپ قىسىملىرىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقى روم ئىمپراتورى چۆككەندىن كىينمۇ ياۋرۇپالىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۈتۈپ خانىسىدا ساقلانغان مىڭلارچە گىرك ئەسەرلىرىنى شەرققە ئوقۇغۇچى بولۇپ كېلىپ ۋەياكى باشقا شەكىللەردە ئۇنىڭ بىلىم خەزىنىلىرى بىلەن قوشۇپ ياۋرۇپاغا توشىغانلىقى ئاشكار. بۇنداق ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىپ كەلسەك ئادەتتە 13- ئەسىردىنمۇ بالدۇر، 11- ئەسىرلەردىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتىن مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە ئۆزىنىڭ مەدەنى مىراسلىرىدىن سىرت باشقا مەدەنىيەت ئەھلىنىڭ مىراسلىرىنىمۇ قوغدىغان، پايدىلانغان ۋە ئاسرىغانلىقى مەلۇم. خې شىن ئەپەندىنىڭ كۆزدە تۇتقانلىرىمۇ مۇشۇ نۇقتىلاردا كۆپىنچە ئەھۋالدا غەربنىڭ بۇ مىراسلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىختىرالىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى سەمىمىلىكتىن چىقىپ كەتكەن بولغاچقا، ئاشۇنداق مەيداننى زىيادە ئىنىق قىلغان دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ. كەمىنىچە يېقىنقى زامان ئاكادىمىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇۋاتقىنى بۇ مەسىلىدە ھازىرقى دەۋر غەرب مۇتەپەككۇرلىرى (قىسمەنلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا) ئالدىنقىلاردىن خىلىلا پەرقلىق ۋە بىر قەدەر سەمىمى مەيداندا تۇرۇۋاتقاندەك. خې شىن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمەلىيەتلەرنى ئاچچىق تىل بىلەن ئىپادىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ بىھۇدە بولمىسا كېرەك.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 17:18:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 17:20  

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 11:07 static/image/common/back.gif
جۇڭگۇلۇق ئالىم خې شىننىڭ يېڭدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىت ...

جۇڭگۇلۇق ئالىم خې شىننىڭ يېڭدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىتاۋىدا مۇنداق مەزمۇنلار بار:
سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز مۇشۇ كىتاپمۇ؟

دەسلەپكى قەدەمدە بىلىشىمچە، ماركىس(ھە ، ئاشۇ ساقال شۇ:lol  ) مۇ بۇ يالغانچىلىقنى ياساشقا قاتنىشىپتىكەن .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 17:32:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 17:40  

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 17:18 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز مۇشۇ كىتاپمۇ؟

شۇ كىتاپتەكلا قىلىدۇ،كىتاپخانىدا بۇ كىتاپنى ئارىلاپ يېرىم سائەتچە ئوقىغان،ئەتە كېلىپ ئالىمەن دەپ ئەتىسى تاغ-تۇراغا كەتتۇق.

بۇ بىر نەچچە يىلدا بىر قانچە ئادەم پۈتتۈرگەن ئىش ئەمەس،نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان ،نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان بىر ئىلىم-پەن ئالدامچىلىقى بولۇش ئېھتىمالى بار.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا خې شىن ئەپەندى ھازىر مۇشۇنداق ئىشلارغا قوشۇپ سۇيقەست نەزىرىيەسى،ماسون دىگەندەكلەرنى تەتقىق قىلىپ يۈرۈپتىمىش.
تەرجىمان ئىسىملىك تورداش تىلغا ئالغان 智慧宫 دىگەن كىتاپنى مەن  ئوقۇماستىلا بىرسى سوراپ ئەكېتىپ بېقىۋالدى. بۇ توردىشىمىز مۇشۇ كىتاپتىن  بىزنى ھەمبەھىر قىلسا.بولسا سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 23:11:11

ئەينەك  يەنى  نۇرقايتۇرىدىغان سىن ئەينەك قاچان كەشىپ قىلىنغان ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 00:02:31

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 23:11 static/image/common/back.gif
ئەينەك  يەنى  نۇرقايتۇرىدىغان سىن ئەينەك قاچان كەشىپ ق ...

(قايتۇرغۇچ) ئەينەك بۇنىڭدىن 8000 يىل بۇرۇن ئاناتولىيە (ھازىرقى ئانادولۇ،  تۈركىيە) كىشىلىرىنىڭ ھولقان تاغ ئەينىكىدىن ياسىغانلىقى مەلۇم. كىيىن، يەنى مىلادىدىن بۇرۇن 3000-4000 دا مىس ئەسۋاپتىن ياسالغان ئەينەك ئىراق ۋە مىسىردا ئوتتۇرىغا چىققان. تەخمىنەن 1000 يىلدىن كىيىن ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى ئامېرىكىدا كىشىلەر سىلىقلانغا تاشتىن ئەينەك ياساپ ئىشلەتكەن. مىلادىدىن كىيىنكى بىرىنچى ئەسىردە شىشە ئەينەكنىڭ ياسالغانلىقى خاتىرلەنگەن. ھازىرقى زاماندىكى ئەينەك 1835-يىلى گىرمان خىمىك  Justus von Liebig تەرىپىدىن تەكشى شىشە يۈزىگە كۆمۈش يالىتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ۋە كەڭ-كۆلەمدە ئىشلەپ چىقىرىلىشقا باشلىغان.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 03:26:00

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 10:22 static/image/common/back.gif
دۇنيانى ئۆزگەرتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ 5 چوڭ كەشپىياتىنىڭ  ...

ئۇ سىننىڭ بۆرە تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلىكى مەندە بارئىكەن.
بەت: [1]
: ئەبۇ ئەلى ئبىن ھايزام