ئالى بابا كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچى؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 15:17ئالى بابا كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچى؟
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
ئالى بابا (阿里巴巴) پېيىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن كۈچلۈك سودا ئىمپېرىيەسىگە ئايلاندى، ئۇنداقتا، ئالى بابا كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىشى مۇمكىن؟ ئالى بابا ئېھتىمال تۆۋەندىكى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن.
1. بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى
دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر تەدرىجىي بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشمەكتە. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەلگۈسىدە ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ بىرلىشىشى تېخىمۇ زىچ، تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولىدىكەن.
2. O2O
2014-يىلى، جۇڭگو ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى 776 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆچمە تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى شەخسىي كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىققۇچىلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. كەلگۈسىدە كۆچمە تور سودىسى بىلەن O2O بىرلەشكەن سودا شەكلى ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشىدىكەن.
3. ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلىسى
كەلگۈسىدىكى ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلىسىدە ئۈچ خىل تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدىكەن: كۆچمە تور ئارقىلىق ھەق تۆلەش ئەنئەنىۋى ھەق تۆلەش كەسپىنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن؛ P2P كىچىك سوممىلىق كىرېدىتى ئەنئەنىۋى ئامانەت-قەرز كەسپىنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن؛ كەڭ دائىرىلىك مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش ئەنئەنىۋى ئاكسىيە كەسپىنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن.
4. ساغلاملىق كەسپى
ساغلاملىق كەسپى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ بولۇپ، داۋالاش مەھسۇلاتلىرى، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى، ئوزۇقلۇق، داۋالاش ئەسۋابلىرى، ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى، ئازادە تەنھەرىكەت، ساغلاملىق باشقۇرۇش، ساغلاملىق مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇلازىمەت ساھەسىنى كۆرسىتىدىكەن.
5. مۇھىت ئاسراش
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىقلار مۇھىت ئاسراشقا دائىر كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېز سۈرئەتتە يۈكسەلدۈرگەن بولۇپ، كەلگۈسىدىكى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراشقا سالغان مەبلىغى ھەر يىلى %10 لىك سۈرئەتتە ئاشىدىكەن.
6. ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى
كەلگۈسىدە، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، تۇرمۇش قارىشىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈرىدىكەن.
مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 05-01-2015
تېخىمۇ سەرخىل خەۋەرلەر ئەرقال تاراتقۇسىدا: www.erqal.com شىنجاڭغا كىلىپ كەتكەن بىرى ھىچ بىر يىڭىلىق يوق ،بىز توردىن مال ئالساق جاھاننىڭ ئۇ چىكىسىگە ئەۋەتىدىغاندەك نىمانداق يىراق دەپ بەزى ماللار ئەۋەتكىنى بولمايدۇ يولدا بۇزلۇپ كىتدۇ دەپ ،بەزىلىرى كىرا پۇلىنى مالنىڭ باھاسدىنمۇ يۇقرى قىلۋىلىپ ئىشقىلىپ بەكلا قۇلايسىزلىق بولدى.
شىنجاڭغا كىلىپ كەتكەن بىرى ھىچ بىر يىڭىلىق يوق
ئۇ كېلىپ بۇلۇت سۇپىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش توغرىسىدا كىلىشىم تۈزىدىغۇ دەيمەن، ئىشقىلپ ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئىشلارمىكىن تاۋباۋنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىىش تەكلىۋىنى قاتلاپ يانچۇقىغا سىىلىپ كىتىپتىكەن بۇ ئاۋاق ، ھىچ بىر ئىس بۇسىمۇ چىقمايدۇ ؟ attir يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 20:06 static/image/common/back.gif
شىنجاڭغا كىلىپ كەتكەن بىرى ھىچ بىر يىڭىلىق يوق ،بىز تو ...
مىنىڭمۇ مۇشۇ ئىشتا ئاچچىقىم كىلىدۇ. تاۋباۋنى قۇرغاندىكىن ھەر قانداق بىر مالنى سىتىۋالساق، نومال يەتكۈزۈپ بىرىش مەجبۇرىيتىنى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك ئىدى.
ھازىر تاۋباۋدا دۇككان ئاچسا ھەقسىزمۇ ياكى ئىجارىسى بارمۇ؟ شۇنى بىر بىلىپ باققۇم بار ئىدى، ئامال بار مەنمۇ بىر تور دۇككىنى ئېچىپ قوياي دىگەن... بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى
بۇ ئاتالغۇنى تەپسىلى چۈشەندۇرۇپ بىرىدىغانلار بارمۇ؟ sahabe يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 21:21 static/image/common/back.gif
ھازىر تاۋباۋدا دۇككان ئاچسا ھەقسىزمۇ ياكى ئىجارىسى ...
淘宝ھەقسىز تىيەنماۋ ھەقلىق لىكىن مەلۇم پۇل 保证金قويۇش كىرەك .
ئالىببانىڭ سەل تەسرەك . kuysoyar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 20:38 static/image/common/back.gif
تاۋباۋنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىىش تەكلىۋىنى قاتلاپ ي ...
:lol KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 21:28 static/image/common/back.gif
بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى
بۇ ئاتالغۇنى تەپسىلى چۈشەن ...
بۇلۇت ھېابلاش تېخنىكىسى دېگەن، سىزنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىڭىز بۇلۇت سۇپسىدا ساقلىنىدۇ، يەنى توردىكى مەلۇم بىر كومپيۇتېردا ساقلىنىدۇ، بۇ كومپيۇتېر بۇلۇتقا تەققاس قىلىنغان بولۇپ، تورلا بولىدىكەن مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇلۇتنى كۆرگىلىلىلا بولىدىكەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇلۇت سۇپىسىدىكى ماتېرىياللىرىڭىزدىن پايدىلىنالايسىز. كەلگۈچىدە تور سۈرىتى يىتەرلىك تىز بولسا بۇلۇت سۇپىسىدىن پايدىلىنالايدىغىنىمىز ئۇنىڭدىكى ماتېرىياللىرىمىزلا بوپ قالماستىن، مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ تاللاپ ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە تورغا ئۇلانغان بىر كومپيۇتېرلا بولىدىكەن، ئۆزىڭىزنىڭ بۇلۇت ھېسابى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ ئۆزىڭىزگە لازىم مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى لازىم ماتېرىيالنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز، كومپيۇتېرىڭىزنى نەمۇ نە كۆتۈرۈپ يۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. مۇشۇنداقراق چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئالى بابا بۇ ساھەگە خېلىلا ئىچكىرلەپ كىرىپ بولدى، ئالى بابا تەمىنلىگەن بۇلۇت مۇلازىمىتىرلىرى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ئىلغار دېسەك ئارتۇق كەتمەس، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىر سىستېمىلىرىنىڭ مۇقىملىقى، باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ مۇكەممەللىكى نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرسىدىكى چىكىت مەسىلسىنى ھەل قىلسىمۇ زور ئشى بولاتتى http://baike.baidu.com/view/1316082.htm
بۇ ئادرېستىن تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېگە بولالايسىز sahabe يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 21:21 static/image/common/back.gif
ھازىر تاۋباۋدا دۇككان ئاچسا ھەقسىزمۇ ياكى ئىجارىسى ...
ھەقسىز ،ئەمما كىملىكنى تۇتۇپ رەسىمگە چۈشۈپ ئىۋەتمىسىڭىز چەكلىمىلىرى بار ،مىنىڭمۇ نورمال مىڭىۋاتقان دۇككاننى تاقاپ قويۇپتۇ ،(كىملىك ۋە نوپۇسنى يوللاپ 7-8 يىلنىڭ ئالدىدا تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن دۇكاندى) تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولغانتىغۇ دەپ قارىسام ئەمدى كىملىكنى كۆكسۈمدەرەپ تۇتۇپ رەسىمگە چۈشۈپ يوللايمىشمە ،شۇنىڭ بىلەن چۈ دەپ تور كۆرگۈچنى تاقىۋەتكەن ،شۇ پىتى قەۋرىسىنى توپا بىسىپ ياتىدۇ . ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى توغرىسىدىكى رادىئو زىيارىتى بۇ يەردە بار، قىزىقىدىغانلار ئاڭلاپ بېقىڭلار.
http://kuai.xunlei.com/d/SnB2BbbEFhl8VAQA7d6 قازاقىستاند مەخسۇس تاۋباۋدىن مال ئېلىپ بېرىدىغانلار بار ئوخشايدۇ. شۇ يەرلىك بىرسى مەخسۇس تاۋباۋدىن مال ئېلىپ بېرىدىغان دۇكانغا كىرىپ كىيىم ئالدىم دەپ يۈرۈيتى. قارىغاندا مەخسۇس رۇس تىللىق تاۋباۋدىن بىرنى ئېچىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، روسىيە بازارلىرىنىمۇ ئاچسا بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم. بىراق بۇنداق بولسا تاموژنىدىن باج ئالىدىغان ئىشتىن چاتاق چىقامدۇ قانداق؟ kuysoyar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 22:16 static/image/common/back.gif
ھەقسىز ،ئەمما كىملىكنى تۇتۇپ رەسىمگە چۈشۈپ ئىۋەتمىسى ...
كىملىكنى تۇتۇپ رەسىمگە چۇشۇپ ۋىيشىندا سالۇن قۇرۋاتقانلارمۇ كۆپ ،
مىنىڭچە سالۇن قۇرغاندىن دۇككان ئاچقان ياخشىراق.
ئۇلار ئاساسىي ئىستىمالچىلاردىن كەلگەن ئەرىزلەپ كۆپ بولۇپ كەتسىلا ئەھۋالغا قاراپ دۇككاننى تاقىۋىتىدىكەن ،
http://bbs.izdinix.com/thread-61088-1-1.html
ماۋۇ تېمىغا ئەڭ بولمىغاندا كۆڭۈل بۆلۈپ باقىدىغانلار كۆپرەك چىققان بولسىدى كاشكى... مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتەرمۇ بىزمۇ تور سودىمىز دەيمىنا...:funk: ساختا مالنىڭ جىقلىقىدىن، تاۋباۋدىن بىرمە ئېلىشتا بەك ھېزى بولىدىغان بولۇپ كەتتىم، كۈندە بىر تەتەي چ چ رىمنى قېتىۋالىدۇ، ئىش با قىلامسە دەپ، نېمە ئىشتى دېسەم، مۇشتا تاۋباۋدىن نەرسىلەرنى يالغاندىن ئېلىپ، بەك ياخشىكەن دەپ يېزىپ بەسەڭ، نەچچە پىرسەنتىنى ساڭا ئايرىپ بېرىمەن دەيدۇ.
خەقنى ئالدامدىمەن دېسەم يوقاپ كېتىدۇ، ئەتىسى يەنە بىرسى كېلىدۇ ئوخشاش پاراڭ قىلىپ.
مايۈن ساختا مالنى توسۇش خىزمىتىگە مەبلەخ سالمىسا، ئۇنىڭ سەلتەنەتى ئۇزۇنغا بارماسمىكى دەيمەن. rock يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 08:08 static/image/common/back.gif
ساختا مالنىڭ جىقلىقىدىن، تاۋباۋدىن بىرمە ئېلىشتا بەك ...
بۇ سەل مەنتەقىسىز بولدىمۇ قانداق،
خۇالىڭ بازىرىدىن مال سېتىۋالسىڭىز ، ساختا چىقىپ قالسا مى ئېنخۇا (خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ باشلىقى )نى ئىزدىمەيسىز، ئىستىمالچىلار جەمىيىتى ياكى سودا باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئىزدەيسىز .
تاۋباۋدىمۇ شۇ . تاۋباۋدا ساختا مال بەك كۆپ. رەسىمدە پوچى مالنىڭ سۈرىتى بار، لىكىنزە مالنى سىتىۋىلىپ بولغاندىن كىيىن، قولغا تەگكىنى ھەقىقەتەن سۈرەتتىكىدەك سۈپەتلىك ئەمەس.
تىيانماۋدىمۇ بامىكىن دەيمەن مالنىڭ ساختىسى