ياردەم ؛ كىملىك نۇمىرى بىلەن دىپلۇم ئۇچىرىغا قانداق ئىرىشىدۇ ؟
ياردەم ؛ كىملىك نۇمىرى بىلەن دىپلۇم ئۇچىرىغا قانداق ئىرىشىدۇ ؟توردا ئىنتاھانغا تىزىملىتىپ باققانلارنىڭ بۇنداق ئىشقا كۆپ ئۇچرايدۇ ، يەنى ئىنتھانغا تىزىملىتىش ئۈچۈن رەسىم كىتىدۇ ، بەزىلەر ساقلىغۇچلارغا رەسىمىنىڭ ئىلىكتىرونلۇق ھۆججىتى ساقلىۋالغان بولسا شۇنى ئىشلىتىدۇ ، ئەگەر بولمىسا قانداق قىلىمىز ؟ كومپىيۇتىر ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىنتاھانغا تىزىملاتساق ئۇلار كىملىك نۇمىرىمىزنى ئىشلىتىپلا دىپلۇمغا چۈشكەن رەسىمىمىزنى تىپىپ شۇ رەسىمنى ئىشلىتىپ تىزىملاپ بىرىدۇ ، مەن ھەرقىتىم رەسىمىمنى تاپالماي ئامال يوق شۇلارغا تىزىملىتىمەن ، ئۇلار مەشخۇلاتنى بەك تىز قىلغاچقا قانداق قىلغانلىقىنى زادى بىلەلمىدىم ، ئىسىمدە قالغىنى xjxinhuanews دىگەن تور ئادىرىسى ، ئەمما كىيىن بۇ ئادرىسنى ئىزدىسەم ھىچ نىمە چىقمىدى ، ئۇلار پەقەت كىملىك نۇمىرىمنىلا ئىشلەتتى ، ئۇلار زادى قانداق قىلىپ دىپلومدىكى رەسىمىمىزنى تاپىدۇ ؟ بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار http://bys.xjnews.com/list.asp
ماۋۇ تور بەتنى ئېچىپ مۇناسىپ ئورۇنغا كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. http://www.chsi.com.cn
ماۋۇ ئادىرسقا كىرىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ئاندىن ئوقۇش تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈش دىگەننى باسسىڭىز ،ئوقۇش تارىخى ۋە دىپلومغا چۈشكەن رەسىمىڭىزنى چىقىرىپ بېرىدۇ. UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 18:45 static/image/common/back.gif
http://bys.xjnews.com/list.asp
ماۋۇ تور بەتنى ئېچىپ مۇناسىپ ئورۇنغا ...
رەخمەت سىزگە{:258:} ئاندىن كىملىكنىمۇ تەكشۈردىغان تور بەت باركەنغۇ؟
ئادرېسىنى كىم بىلىدۇ؟ ئادەتتە بانكا كارتا بېجىرگەندە شۇلار نۇمۇرنى كىرگۈزۈپلا تەكشۈرىدۇ؟ بىزغۇ ج خ تورىدىن كىملىك نومۇرنى سىلىپلا ھەممە ئۇچۇرىنى تەكشۈرىمىز :lol ج خ تورى قايسى تور ؟ ساقچىلارنىڭ مەخسۇس تورىمۇ ؟ پۇقرالار ئىشلىتەلەمدۇ ؟ بىرنجى ئىنكاسنى ساقلاپ قويساق بولامدۇ نىمە مەنمۇ چىقىدىكەنمەن يا {:87:} ilter يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 23:00 static/image/common/back.gif
ج خ تورى قايسى تور ؟ ساقچىلارنىڭ مەخسۇس تورىمۇ ؟ پۇقرال ...
نەدە ئۇنداق ئىش با بولىدىغان توربەتكەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تېپىۋالدىم ج خ تورى ساقچىلار ئىشلىتىدىغان تور. ج خ تورىغا سىرىتتىكىلەرنىڭ چىقىشى مومكىن ئەمەس. بۇ توردا سىز كىملىك ئىشلەتكەن بارلىق ئۇچۇرلار، شۇنداقلا سىز يۇشۇرۇشنى خالايدىغان بارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. سىز بىر نومۇر تاختىسى بار توكىىسكىلىتنى ھەيدەپ ساقچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن بولسىڭىز سىزنىڭ كىملىك نومۇرىڭىز، ئادرىسىڭىز، تېلىفۇن نومۇرىڭىز، نەچچە قېتىم توي خېتى بىجىرىش ئورنىغا بارغىنىڭىز، قانچە قېتىم تورخانىدا تۈنىگنىڭىز، نەچچە قېتىم دوختۇردا ئاسما ئاستۇرغىنىڭىز، قەيەردە كىم بىلەن ياتاقتا بىللە تۈنىگىنىڭىز ، قايسى چازىدىن نەچچە قېتىم ئۆتكىنىڭىز .................. ئېنىقلا كۆرىنىدۇ.
شۇڭا ئاغزى پالۋان، خوتۇنى قوغدىمىسا تەرەتكە چىقالمايدىغانلارنى توردا كاسىلدىماسلىققا دەۋەت قىلىمەن. مىنىڭكىنى تاپالمىدىم بىرىنچى ئىنكاستىكى ئادرىستىن ................ gewala يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 18:49 static/image/common/back.gif
http://www.chsi.com.cn
ماۋۇ ئادىرسقا كىرىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ئاندى ...
مەن تىزىملىتىپ كىرسەم دىپلوم ئۇچۇرلۇرۇم يوقيا؟ خەنزۇچە ئىسمىم بىلەن فامىلەمنىڭ ئوتتۇرسىغا چىكىت قويمىغان ،شۇنىڭ ئىشىمۇ يا؟ مىنىڭمۇ چىقمىدى. بىز پۈتتۈرگەن ۋاقىتلاردا تورلاشمىغان بولسا چىقمىغاندۇ دەپ ئويلاپ تەسەللى بەدىم ئۆزەمچە 91-يىلدىن 2001-يىلغىچە بولغان .ارلىقتىكىلەرنىڭ چىقمايدىكەن.
مېنىڭمۇ چىقتى... UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 18:45 static/image/common/back.gif
http://bys.xjnews.com/list.asp
ماۋۇ تور بەتنى ئېچىپ مۇناسىپ ئورۇنغا ...
مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىش بۇرۇن ئېچىلغان، ھازىر ئېچىلمايۋاتىدۇ. قاراپ باقسىڭىز
بەت:
[1]