parxat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:09:51

ئىقتىدارى مۇكەممەل ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتىش قورالى

دەۋىرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېر، يانفون، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق، سىفىرلىق كامېرا...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سېڭىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن، كۆپ ۋاستە مىدىيا ھۆججەتلىرىگە بولغان ئىھتىياجمۇ ئېشىپ باردى، مەسىلەن، بەزى كىنو-فىلىملەرنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن، ئاندىن ئۇنى يانفون ياكى تاختا كومپىيۇتېردا قويۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ، بەزىدە بىز تەييار كىنو-فىلىم قاتارلىق ۋىدىئو ھۆججەتلىرىنى كىسىپ تەھرىرلەش ئارقىلىق يېڭى ۋىدىئو ھاسىل قىلىشقا، ۋە ياكى ئۇنى ئوپتىك دېسكىلارغا كۆچۈرۈشكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ، بەزىدە CD پىلاستىنكىلاردىكى ناخشىلارنى MP3 گە ئايلاندۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولىمىز، قىسقىسى، بىز دائىم دىگۈدەك بۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ماس بولغان ھەرخىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى ئۆز-ئارا ئۆزگەرتىشكە ئىھتىياج بولىمىز، ھەمدە بۇنى ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىمىز.

نۆۋەتتە تور دۇنياسىدا بۇنىڭغا ئائىت يۇمشاق دېتاللار خىلى كۆپ، بىراق، بىزنىڭ ھەممە ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاز دىگەندە نەچچە خىل، ھەتتا بەش-ئالتە خىل يۇمشاق دېتالنى تەڭ ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ. بىراق، بۈگۈن تورداشلارغا ئېلىپ كەلگەن دېتال مانا يۇقارقى بارلىق ئىھتىياجلارنىڭ ھۆددىسىدىن بىر يولىلا چىقالايدىكەن، ھىچبولمىسا دېتالنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە شۇنداق يېزىلىپتۇ، بۇ دېتال DVDVideoSoft تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئىسمى Free Studio ئىكەن. بۇ بىر ھەقسىز بولغان كۆپ ئىقتىدارلىق ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتىش قورالى بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىجرا بولۇش سۈرئىتى تېز شۇنداقلا كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەن. قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ، بۈگۈن ئىشلەتمىسىڭىز، ئەتىلا ئىزدەپ يۈرۈشىڭىز مۇمكىن!

بىر ھەقسىز قورال بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇكەممەل، جەمئىي 6 چوڭ تۈرگە ئايرىلغان، مەسىلەن، توردىكى ۋىدىئولارنى چۈشۈرۈش ۋە يوللاش ئىقتىدارى، ئوپتىك دېسكا ئويۇش ۋە قايتا كۆچۈرۈش ئىقتىدارى، يانفون ۋىدىئولىرىنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىش، ۋىدىئو ۋە ئاۋاز ھۆججەتلىرىنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىش، رەسىم تەھرىرلەش قاتارلىق.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://share.weiyun.com/3d69c177591f999cd36167f0fa14940e
چۈشۈرگەندە چ چ نۇمۇرىڭىز بىلەن تېزىملىتىپ كىرسىڭىزلا بولىدۇ، بەك ئاددىي.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:58:13

فورمات زاۋۇتىدىنمۇ ياخشى ئوخشىمامدۇ؟
مۇشۇ بانادا بىر مەسىلىنى سورىۋالاي، ھەر قانداق سىننى rmwb ۋە AVIغا ئايلاندۇرالايدىغان تورسىز نەشىردىكى دىتال بارمىدۇ؟ فورمات زاۋۇتى(格式工厂) دا ئايلاندۇرماقچى بولسا قىستۇرما قاچىلاش كىرەك كەن، تورسىز ھالەتتە ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:14:45

{:112:}

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:26:43

مۇشۇنداق كۆمۈلۈپ قالغان دىتاللار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.  كۆپ تەشەككۈر.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:09:09

يەنە شۇ پەرخاتنىڭ تىمىسكەنغۇ ...


ئەخلەتمىكى مەنچە

udum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 17:04:09

بۇنى چۈشۈرسەم باشقا بىر نەرسە چىقتىغۇ!قانداق گەپ بۇ؟:o

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 17:19:37

ۋىدىئولىرىنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىش، ۋىدىئو ۋە ئاۋاز ھۆججەتلىرىنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىشـتە FormatFactoryنىڭ ئالدىغا ئۈتىدىغىنى يوقمىكىن دەيمەن ،بۇ دىتالنىڭ ئورگان نۇسقىسى ئۇيغۇرچىنىمۇ قۇشۇپتۇ ،تىل تاللاش رايۇنىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قويساق پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدىكەن ،قاچىلاش ھاجەتسىز خالىغان دىسكىغا پىرىستىن يىشىپ قويساقلا بۇلىدىكەن ،ئۈزى ھەقسىز ،مەن ئىشلىتىۋاتقىلى 5~6 يىل بولدى ،FormatFactory دەپ كىر گۈزۈپ ئىزدىسىڭىز چۈشۈرۈش ئادىرىسلىرى چىقىدۇ ،ئىشلىتىپ باقسىڭىز قانداق ياخشىلىقىنى  بىلىسىز

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:33:08

dvdئاپراتى قانداق شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇيالايدۇ؟بۇ دىتال شۇخىل ھۆججەت شەكلىگە ئايلاندۇرالامدۇ؟

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:54:26

يەنىلا فورمات فاكتورىينى ياقتۇرىمەن……

دەسلاپتا توتال ۋېدىئو كونۋېرتىنىمۇ ئىشلىتىپ يۈرگەن……:lol:P

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 22:34:40

تېما ئىگىسى پەرخات
سىز ماۋۇ نەرسىنى يوللاپ يۈرگىچە فورمات فاكتورى ئىشىلىتىپ بېقىڭە،ئاندىن مۇنۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزدىن نومۇس قىلىسىز
يەنە بىر دەپ قوياي،ئىزدىنىش ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى سەۋىيىلىك كىشىلەر،ئەخلەت دېتاللارنى يوللاۋەرمەڭ

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:11:19

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 16:09 static/image/common/back.gif
يەنە شۇ پەرخاتنىڭ تىمىسكەنغۇ ...




كۆنۈپ كېتىپسىز دە:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:45:25

ئەينا دىمىدىممۇ ... مۇشۇ گۇينىڭ يوللىغىنى ھەممىسى ئەخلەت  ... بۇ بىرىنچى قېتىملىقىسى ئەمەس ...


مۇشۇ پەرھەت دىگەن بىلەن باشقۇرغۇچنىڭ بىرە  مۇناسىۋىتى بار  يە  بولمىسا بىرە  باشقۇرغۇچى كىچىك ئىسىمدا تىما يوللاۋاتىدۇ ...


ئاشۇ ئادىرستىن ھەر  قېتىم چۈشۈرگىنىڭىزدە  جۇغلانما  پۇللار  پەرھاتنىڭ ھىساباتىغا  كىرىپ تۇردۇ ...


پايدا  ئالدىغنى پەرھات  ، سىلەرنىڭ ۋاقتىڭىلار ، تۇكۇڭلار  توروڭلار  ئىسراپ بۇلدۇ شۇ باشقا  ئىش يوق ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:47:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 15:50  

ئىزدنىشتىكىلەرگە غەيرى رەسمى  تەكلىۋىىم ... ئەگەر  ئورگان ئادىرسنى قالدۇرسا  ياكى ئورگان تورنىڭ نامنى قالدۇرسا  شۇ يەردىن چۈشرۈڭلار شۇنداق بولغاندا  مۇنۇ پەرھاتدەك كاززاپلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەيسىلەر  .... ئۈزى قالدۇرغا  ئادىرسلارنىڭ ھەممىسى كودلانغان ئادىرسلار
بەت: [1]
: ئىقتىدارى مۇكەممەل ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتىش قورالى