5-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى
5-يانۋار ئاسىيا بازىرى بازار ئېچىلىپلا ئامرىكا دوللىرى كۈچلۈك ئۆسۈپ باشقا پۇللارنى قاتتىق چۈشۈردى ھەمدە ئالتۇن بۈگۈنكى بازاردىكى ئەڭ تۈۋەن نوقتا 1178 دوللارنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋرۇپا تەرەپ كېڭەيتىلگەن سىياسەتنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئوتتۇرغا قۇيۇشى ۋە گىرىتسىيەدىكى سىياسى كىرزىس ياۋرۇنى بېسىپ ئالتۇننىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. لېكىن يىل بېشىدا نەق ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى ئالتۇننى پەستىكى تىرەككە ئىگە قىلدى.بۇ ھەپتىدە بازارنىڭ دىققىتى ياۋرۇ رايۇنىنىڭ س پ ئاي ۋە ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قارارى، 12-ئايلىق غەيرى يېزا-ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى. بۈگۈن ئاساسلىق ياۋرۇپانىڭ ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ، ئاساسلىق گىرمانىيەنىڭ مال باھاسى كۆرسەتكۈچىگە دىققەت قىلىڭ.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى تەھلىل
1205 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ،زىيان 1210،نىشان 1200~1195
1185 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ، زىيان 1180،نىشان 1190~1195
1217 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ،زىيان 1222،نىشان 1212~1207
1170 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ، زنيان 1165،نىشان 1175~1180
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 238 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.23 يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت:
[1]