saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 11:25:29

سەپەر ئايروپىلان بىلتى بىۋاستە سېتىش تورى رەسمى ئېلان قىلىندى !


ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلىشىنجاڭ يۇرتۇم تور پەن تېخنىكا شىركىتىدىن سىلەرگە سالام

شىركىتىمىز باشقۇرۇشدىكى سەپەر ئايروپىلان بىلتى بىۋاستە سېتىش تورى رەسمى ئېلان قىلىندى !

تور بىكتىمىزنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى :
دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرنىڭ تىزلىتىپ ساتىدىغان ئالاھىدە ئورۇن ۋە ئالاھىدە ئەرزان بىلەتلىرنىڭ ھەممىسنى زاكاس قىلغىلى بولىدۇ !
ئۆزىڭىز ماڭدىغان لىنيەنى تاللاپ زاكاس قىلغاندىن كېيىن ئورۇن رەسمى كۈچگە ئىگە بولۇپ يېرىم سائەتكىچە پۇل تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ !
مەخسۇس مۇلازىمەتچى خادىم سىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت پۇل تۆلەش ۋە باشقا ئىشلاردا ئۇچىرغان مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىپ بىرىدۇ!
پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن بىلەت ئاپتۇماتىك چىقىدۇ ! بىلەتنىڭ چقىش ۋاقتى 5 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ !
بىلەتنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش ، قايتۇرۇش مەشغۇلاتلىرنى قولايلىق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ!
بىلەت چىقىپ بولغاندىن كىيىن تېلفۇنىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ !
ئەگەر بىلەتنى ئاتچوت قىلىمەن دىسىڭىز رەسمى تالون ئەۋەتىپ بېرىمىز !
2014 - يىلدىكى ئەڭ يېڭى ئىزدەش تېخنىكىسى قوللىنلغان ،
تور بانكىسى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ قولايلىق ئۇسۇل ئارقىلىق پۇل قاچىلاش مۇلازىمتى تەمىنلەنگەن ،
سەپەر ئايروپىلان بىلتى سېتىش تورى ئەرزان باھا ، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ، تور بىكتمىزگە كۆرۈنگەن بىلەت باھاسى ۋە ئورۇن سانى 100% توغرا ، بىلەتنى سېتۋىلىپ 2 سائەتكىچە بىلەتنى قايتۇرسا پەقەت 10 يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئېلىنپ قالغان پۇل قايتۇرلۇپ بېرىلدۇ ( ئالاھىدە ۋاقىتلاردا بەلگىلمەيېىڭلنىپ تۇرشى مۇمكىن ئەلۋەتتە بۇنى ھەرقايسى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان بەلگىلمىسى بولىدۇ )
تور بىكتىمىزدىن سېتىۋالغان ھەرقانداق بىلەت 100% كۈچگە ئىگە ، شىركىتىمىز جۇڭگۇ ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورت بىرلەشمىسى   
(CATA) نىڭ ھوقۇق بىرلگەن ۋاكالەتچىسى ھەم ئەزاسى
تور بىكتمىز يېڭى ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم بىر قىسىم سەۋەنلىكلەر بۇلشى مۇمكىن ، بىز سىلەرنىڭ ھەرۋاقىت پىكىر تەكلىپ بېرشىڭىزلارنى قارشى ئالىمىز .

تور بىكتىمىز ئادىرسى : www.sapar.cn

تور بىكتىمىزنىڭ مۇلازىمەت تېلفۇنى : 2223334 - 0991
                                                          3333323 - 0991
نازارەت تېلفۇنى : 18999994534
مۇلازىمەتQQ نومۇرى : 99737343                                                                              

abdukerim11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:11:08


ئاۋۇ ئىككى خەتتە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. «ئەزالىق كېلىشىمنامىسى»نى چەكسە، ھېچنېمە ئېچىلمايدىكەن.

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:12:21

تەكلىپ بەرگىڭنىزگە رەخمەت ، بىز تىز سۈرئەتتە ھەل قىلىمىز ،

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:40:10

بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ئىزدەش ئىقتىدارى ياخشى ئىشلىدى، بىلەتلەرمۇ ئەرزان ئىكەن، ئىشەنچ تىكلىۋالساڭلار تىجارىتىڭلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
بىلەتنى كىيىن چىقىرۋالساقمۇ بولامدۇ ؟ مەسىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىرەر ئايلاردىن كىين ؟
ئەمەلىي دۇككان ئادرىسىڭلارنى ئېنىق ،چوڭ قىلىپ چىقىرىپ قويساڭلار بولغۇدەك.كۆرمەي تۇرۇپ پۇل سالىمىز ئەمەسمۇ.

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:09:19

yollugh يوللىغان ۋاقتى2015-1-5 15:40 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ئىزدەش ئىقتىدارى ياخشى ئىشلىدى، ب ...

قوللىغىنڭىزغا رەھمەت، جۇڭگۇ خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە ئايرۇپىلان ئۇچۇپ 27 كۈنگىچە بىلەتنى ئۇرۇپ چىقارساق بولىدۇ ، پات يېقىندا ھەرقايسى جايلاردىكى بىلەتنى ئېلىۋىلىش ئورۇنلىرنى تەسىس قىلمىز ، ھازىر تەييارلىق باسقۇچىدا !

شىركىتىمىز جۇڭگۇ ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورت بىرلەشمىسى   (CATA) نىڭ ھوقۇق بىرلگەن ۋاكالەتچىسى ھەم ئەزاسى، خەلىقئارا تىرانسپورت بىرلەشمىسى ( IATA ) نىڭ ھوقۇق بىرلگەن ۋاكالەتچىسى ھەم ئەزاسىشۇڭا خاتىرجەم بىلەت سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ ، سىز پۇل تۆلىگەن پۇل بىلەن بىلەت باھاسى بىردەك چىقىدۇ ، بىلەتنى جۇڭگۇ خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ مەخسۇس تېلفۇنىغا تېلفۇن قىلىپ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ !ھەرقايسىڭىزلارنىڭ قوللاپ بېرىشى بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدىكى ئاچقۇچ

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 18:17:07

مەنمۇ بېكىتىڭلارغا كىرىپ ئايلىنىپ چىقتىم،ماڭا يارىدى،بىلەت تەپسىلاتى ئۆزگەرتىش قايتۇرۇش ئۇچۇرى ئۇچۇرىدىكى بىر قىسىم خەنزۇچە خەتلەرنى ئىمكان بولسا تۇلۇق ئۇيغۇرچە قىلىۋەتسەڭلار بولغۇدەك،مەن دائىمئاكامغا ،تۇققانلارغا بىلەت زاكاس قىلىمەن، سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلارنى ياقتۇردۇم،قوللايمىز، تىرىشىڭلار، بېكەتمۇ بەك سىپتا پاكىز لاھىيەلەىنىپتۇ.

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 18:36:18

پىكىرڭىزغا رەھمەت ، بىزمۇ ئۇيغۇرچە قىلۋىتىشنى ئويلاشقان ، ئەمما ئۇ يەردىكى ئۇچۇر بىۋاستە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئامبىردىن كىلىدۇ ، يېڭىلنىش سۈرئىتىمۇ بەك تىز ، شۇڭا ئازراق خاتالىقلار يۈز بەرگەن ، بىكتىمىزنى داۋاملىق يېڭىلاپ ۋە ئۇچىرغان مەسىللەرنى بايقاپ تۇرۋاتىمىز ، سىلەرنىڭ داۋاملىق دىققەت قىلپ تۇرشىلارنى ئۈمىد قىلىمىز !

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:48:25

تور بىكىتىڭلار كۆركەم چىقىپتۇ. قوللايمىز.
لېكىن، مەن بىر قاراپلا مۇنداق بىر نەرسىگە دىققەت قىلىپ قالدىم:
بارىدىغان شەھەر، ماڭىدىغان شەھەر، دەپ ئالغىنىڭلا تازا مۇۋاپىق بولمىدىمۇ قانداق؟
بارىدىغان شەھەرنىڭ ئورنىغا ئىلىش ئۈچۈن تىلىمىزدا ئاللىقاچان مەخسۇس ئاتالغۇ بار. مەسىلەن: مەنزىل، قايان ياكى قاياق. مەنچە مەنزىل بىرئاز مۇۋاپىق بولارمىكىن. مەنزىلىڭ قايان؟ دېگەندەك.
ئەمدى، ماڭىدىغان شەھەرنىڭ ئورنىدىكى ئاتالغۇ دەماللىققا ئېسىمگە كەلمىدى، لېكىن چۇقۇم بار.
ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي!

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:52:20

يەنە بىرى
ئەرزان باھالىق بېلەتلەر، دېگەننى ئەرزان بېلەتلەر، دەپلا ئالساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولارمىكىن. ئەرزانلا دېسە باھانى كۆرسىتىدۇ ئەمەسمۇ...

Firdaws يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:58:34

يانفۇن ئەپ دىتالىدا تۇرۇپمۇ بىۋاستە بىلەت سېتىۋالغىلى بولامدۇ؟يانفۇن دېتالىنى چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ؟

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:00:25

ئايفۇن ئەپ دىتالىنى قايەردىن چۈشۈرىمىز ، چۈشۈرۈشنى باسسام جىملا .......؟

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:08:27

tursunn يوللىغان ۋاقتى2015-1-5 19:48 static/image/common/back.gif
تور بىكىتىڭلار كۆركەم چىقىپتۇ. قوللايمىز.
لېكىن، مەن ب ...

بولىدۇ بىز تۈزتەيلى ، يەنە بىر ئاتالغۇنى مۇمكىن بولسا بىر ئىزدىنىپ باقسىڭىز، بىز داۋاملىق تىرشىپ ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرشىمىز

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:10:51

AAA يوللىغان ۋاقتى2015-1-5 20:00 static/image/common/back.gif
ئايفۇن ئەپ دىتالىنى قايەردىن چۈشۈرىمىز ، چۈشۈرۈشنى با ...

ئەپ دىتالىنى پات ئارىدا يوللايمىز ، ئاخىرقى خىزمەتلىرى تۈگەي دىدى

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:13:02

Firdaws يوللىغان ۋاقتى2015-1-5 19:58 static/image/common/back.gif
يانفۇن ئەپ دىتالىدا تۇرۇپمۇ بىۋاستە بىلەت سېتىۋالغىلى ...

شۇنداق ، يانفۇن ئەپ دىتالى ۋە تور بەت بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ ، ھازىر تور بەتكە ئەزا بولسىڭىز ئەپ دىتالىدىمۇ شۇ ئەزالىق نامى بىلەن كىرەلەيسىز ! ئەپ دىتالىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىمىز ،

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:33:22

قارىغاندا كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىز بىر گەپنى سورىۋالاي.گاھىدا ئايرۇپىلان بېلىتى شۇنداق ئەرزانلىشىپ كېتىدۇكى شاپاقنىڭ ھەققى.شۇ ۋاقتىدا گاچچىدە خوتۇن ۋە ئىككى بالامنى ئېلىپ ساياھەتكە چاپاي دەيمەن.لېكىن قارىسام بىلەت باھاسى چۈشۈرۈلگەندە چوڭلارغا ئەرزان توختىغان بىلەن بالىلارغا ئالغان بېلەت يەنىلا چوڭلارغا ئالغان بىلەتتىن خېلى قىممەت بولىدىكەن.بالىلارغا چوڭلارنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ ئايرۇپىلانغا چىقسا كاشىلا بولمايدىغاندۇ؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:39:39

{:112:}{:112:}{:112:}سەخسەن ماڭا يارىدى ،ئىشلىتىلىشىمۇ قۇلايلىق ،ئۈزىمۇ پاكىزە تور بوپتۇ .مۇۋاپىقيەتلەر يار بولسۇن:)

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:08:07

atella0997 يوللىغان ۋاقتى2015-1-5 20:33 static/image/common/back.gif
قارىغاندا كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىز بىر گەپنى سورىۋالاي.گا ...


ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە بالىلارغا پۈتۈن بىلەتنىڭ 50% بويىچە ھەق ئېلىندۇ !ئەمما سىز دىگەندەك چوڭلار بىلەن قوشۇپ ئېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ ، لىكىن شاڭخەي ئاۋىئاتسىيەسى ، سچۈەن ئاۋىئاتسىيەسى ، شەرىق ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى بۇنداق ئېلىشنى بىراق چەكلىۋەتتى ، شۇڭا ئامال بار جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى ، تىيەنجىن ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بىلەتلىرنى ئالغىنىڭىز ياخشى باھادىمۇ چوڭلارنىڭكىدىن 100 يۈەن ئەرزان چىقىدۇ ( چوڭلار بىلتى يىتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاسىتدا )، تور بىكتىمىز بالىلار بىلتى ، بوۋاق بالىلار بىلتى زاكاس قىلىشنىمۇ قوللايدۇ ، پات يېقىندا مەخسۇس تىما يوللاپ ئەرزان بىلەت تۇتۇش تەجىربىسنى تونۇشتۇرىمىز ، تورداشلارنىڭ قوللاپ بېرشنى ئۈمىد قىلىمىز .

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:25:25

ئوبدان ئىش بولاپتۇ!يانفوندا چىرىپلا ئەزالىققا تىزىملىنىۋالدىم،بەك قولايلىقكەن،كىيىنچە ئاسمانغا چىقىدىغان بوپقالسام ئىشلىتىپ سىناپ باقىمەن،ئىشىڭلارغا ئۇتۇق يار بولغاي!
يانفون دىتالىنىمۇ مۇشۇنداق ئوماق ھەم قولاي قىلغايسىزلەر!

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:32:16

Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى2015-1-5 21:25 static/image/common/back.gif
ئوبدان ئىش بولاپتۇ!يانفوندا چىرىپلا ئەزالىققا تىزىمل ...

بولىدۇ ، رەھمەت

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 22:34:31

ياخشى چىقىپتۇ، ماڭا ياقتى قوللايمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايروپىلانغا چىقىش بولۇپ قالسا سىلەردىن ئالارمەن. {:112:}
بەت: [1] 2 3 4
: سەپەر ئايروپىلان بىلتى بىۋاستە سېتىش تورى رەسمى ئېلان قىلىندى !