huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 09:13:28

ئېھتىياج نەدە، سىز نەدە(پولات ھېۋزۇللا)

ئېھتىياج نەدە، سىز نەدە
(ماقالە)
پولات ھېۋزۇللا



ياشلىق ئۆگىنىشمۇ، ئويۇن-تاماشىمۇ، كۆيۈشمۇ، سۆيۈشمۇ... ھەممىسى يارىشىدىغان، رېئاللىقنىڭ ھېچكىم دەپ بەرمىگەن، دەپ بېرەلمەيدىغان سىرلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ يېتىدىغان، ھاياتنىڭ شېرىن ھەم قىسقا پەسلىدۇر. ياشلىقىڭدا بىر نۇقتىدا جىم تۇرمايسەن، ھەرىكەت قىلىپ ھارمايسەن، چارچىمايسەن، چۈنكى جىسمىڭدىكى قايناپ-تېشىپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ سېنى ئىزچىل ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەپلا تۇرىدۇ. ھەممە ئىشنى ئۆزۈڭ قول سېلىپ قىلىپ باقسام دەيسەن. چوڭلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماي، ئاقىۋەتلەرنى ئۆزۈڭ بىۋاسىتە كۆرۈپ بېقىپ چۈشەنمەكچى بولىسەن. مۇمكىنلىكلىرىڭ دائىرىسىدە پىتىرايسەن، سۆز ھۇجۇمىدىن قورقماي باشقىلارنىڭ ئاغزىنى تاتىلايسەن، قوپال چاقچاقلىشىسەن، مۇنازىرىلىشىسەن، ھەتتا گاھىدا قېنىڭ قىزىپ مۇشت كۆتۈرگۈدەك دەرىجىگە بېرىپ قالىسەن. سېنى قانچىلىك ياقتۇرىدىغىنىنى ئۇقماي گۈزەل قىزلارنى پىنھان مارايسەن، سۆيگۈ تەلىپىنى قويىسەن، بەزىدە شېرىن، رومانتىك مۇھەببەتتىن ئۆز رازىلىقىڭ بىلەن ۋاز كېچىپ، تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزىسەن، خىيالپەرەسلىكلەر بىلەن بىر ئىشلارنى قىلىپ باقىسەن. مانا شۇ تەرىزدە تالاي ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ قاچانلاردا ئەقلىڭنى تېپىپ قالغىنىڭنى بىلمەيلا قالىسەن. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، باشقىلار ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى قىلىۋەرمەي، ئەمدىلىكتە ئۆزۈڭنىڭمۇ مۇستەقىل ئىش تەۋرەتسەڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالىسەن-دە، بىردىن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنىسەن، كاللاڭغا بۇرۇن ئويلىمىغان بىر-بىرىدىن ئېسىل، يېڭى لايىھىلەر كېلىدۇ، بۇ لايىھىلەرنىڭ نېمە بولۇپ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالغانلىقىغا ھەيران قالىسەن ۋە بۇ ئىشلارغا قانچىلىك ئەمەلىي شارائىت، قانچىلىك ۋاقىت، قانچىلىك ئىنچىكە مەشغۇلات كېتىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايسەن، ھېچقايسىسىدىن ۋاز كەچكۈڭ كەلمەيدۇ...
بايلىقلار ئىچىدە پەقەت ياشلىقلا، ياشلىقتا ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاقلارلا بىھېساب بايلىقتۇر. ياشلىق بولىدىكەن، قىلىمەن دېسەڭلا ھەممىنى قىلغىلى، قىلىشقا ئۈلگۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ھاياتىي كۈچى قايناپ-تېشىپ تۇرۇش ياشلىقنىڭ ئەڭ تۈپ، ئەڭ روشەن خاسلىقىدۇر. ياشلىق كۈچ-قۇدرەتتە چەكسىزلىككە تولغان، ئەمما ئۇنى چىڭ تۇتالمىساڭ، ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىسەڭ، ياشلىقىڭدا ئۆزۈڭگە لايىق چىقىش يولى تېپىپ، ئىشلىرىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىساڭ، ئۇنداق ياشلىقنى قىممەتلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئېينىشتېيىن ئۆزىمۇ 26 يېشىدا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ياراتقانىدى. دارۋىن 30 ياشقا كىرمەستىنلا تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى جەھەتتىكى ئۇقۇمنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسا، نيۇتون ئېغىرلىق كۈچىنى شەرھلىگەندە تېخى 24 ياشتا ئىدى. باشقا ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭمۇ ياشلىقىدا كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھازىر پۇرسەتنى كۈتۈش تەلىماتى نۇرغۇن ياشلارنىڭ خىيالپەرەسلىكلەر بىلەن پۇرسەت كۈتۈشىگە باھانە بولماقتا، ئىقتىدارىغا قارىغاندا پۇرسىتى كېلىپ ئۆرلىگەنلەرنىڭ تەييارلىقى پۇختا بولمايدۇ، تەييارلىق پۇختا بولمىسا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. ئادەتتە بالدۇر پۇل تاپقانلارنىڭ كېيىن زىيان تارتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەنە شۇنىڭدىندۇر، مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ باھانىسى ماڭا پۇرسەت بولمىدى دېيىشتىن ئىبارەت. ئۇلار ھەمىشە مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبىنى باشقىلارغا يۈكلەپلا يۈرىدۇ. يەنى ئوبدان ئورۇنلارنى باشقىلار ئىگىلىۋېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تاللىشىغا پۇرسەت بەرمىدى، پالانى ماۋۇ ئىشىمغا ياردەم قىلماي قويدى... دېگەندەك. ئەمما، سىز ھەقىقىي تۈردە پىشىپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن ئىرادىلىك، غالىب كىشىلەردىن بولسىڭىز، مەغلۇپ بولۇشىڭىزغا ھەرگىز باھانە-سەۋەب ئىزدىمەيسىز. پۇرسەتنىڭ كېلىشىگە قاراپ تۇرمايسىز. ئورۇق-تۇغقان ۋە بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا يېلىنىپمۇ يۈرمەيسىز. بەلكى، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن يەنە پۇرسەت يارىتالايسىز.
   ماكېدونىيە شاھى ئالىكساندىر زۇلقەرنەيىن بىر قېتىملىق چوڭ جەڭدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، قول ئاستىدىكى بىرسى ئۇنىڭدىن: «پۇرسەت يېتىپ كەلگەندىكىن، يەنە بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىمىزمۇ قانداق؟» دەپ سورىغىنىدا، ئالىكساندىر: «پۇرسەت؟ پۇرسەت دېگەننى ئۆزىمىز يارىتىمىز!» دەپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كەتكەنىكەن. دېمەك، ئالىكساندىرنىڭ ئۇلۇغ شەخس بولالىشىنىڭ سەۋەبى، دەل ئۇنىڭدا پۇرسەت يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، پۇرسەت ھەرقانداق ئادەمگە كېلىدۇ. ئەمما، ئۇنى چىڭ تۇتالايدىغانلار كۆپ بولمايدۇ. ئادەتتە پۇرسەت كۈتۈپلا ياشايدىغانلارنىڭ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب، ئۇلاردا باشقىلارغا يېتىشىۋېلىشقا بولغان ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىدۇر. دۇنيادا مەڭگۈ قولدىن كېتىپ قالغان پۇرسەت بولمايدۇ، ئۇ يەنە كېلىدۇ، بەلكىم بۇرۇنقىدەك ياخشى ھالەتتە كەلمىسىمۇ ھامان كېلىدۇ. ھەر بىر ئادەمگە بىر قېتىملىق ئۆمۈر بېرىلگەن، رىقابەت بىر ئۆمۈرلۈك بولىدۇ، ھامان يېتىشىۋالىسىز، بۇنىڭدىكى ئالدىنقى شەرت بىكار تۇرماڭ، تىرىشىڭ، ئىزدىنىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ياشلىق باھارىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ. باشقىلار چەت ئەل تىلى بىلىدۇ، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز سىزمۇ بىلىسىز، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتەلەيسىز. باشقىلار پۇل تېپىۋاتىدۇ، سىزدىن باي. ئەمما، بۇ سىزنىڭ مەڭگۈ نامرات ئۆتۈدىغانلىقىڭىزنى كۆرسەتمەيدۇ. نامراتلىق ياشلار ئۈچۈن ئەيىب ئەمەس، بەلكى سىزگە بېسىم ئەكېلىدىغان ياخشى شارائىت ھېسابلىنىشى كېرەك. «قىزىل چىراغ» ئوپېراسىدا «نامراتلارنىڭ بالىلىرى بالدۇر ئىشقا يارايدۇ» دېگەن گەپ بار. سىزمۇ چوقۇم بايلارغا يېتىشىۋالالايسىز. بەلكى، ئۇلاردىن كۆپ پۇل تېپىشىڭىز مۇمكىن. تەلەپ، ئاۋۋال چوقۇم ئۆزىڭىزدە ئىشەنچ ۋە تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى بولۇشى كېرەك. يۈگۈرۈشكە ئاتلىنىش سىزىقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئىزچىللىق، توختاپ قالماسلىق، جاھىللارچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش. ئەلۋەتتە، باشقىلار ئاللىقاچان يولغا چىقىپ بولغان، سىزدىن ئۇزاقلاپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ سىز چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، ئىلگىرىلەڭ، دۇنيادا يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل يوق. قېنى، ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، ھېچبىر قىردىن ئاشالماي يۈرگەندەك قىلغان تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، تەپەككۇرىنى تاۋلاپ سىز يېتىشكۈسىز مۇساپىگە ئۇزاپ كەتكەنلىكىنى بىردىنلا ھېس قىلىپ قالىسىز، مانا بۇ ئىزچىل ئىلگىرىلەشنىڭ، جاپالىق تىرىشىشنىڭ مەھسۇلى. بىزدە كېچىكتىم دەپ نىشانىدىن يالتىيىپ، ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەنلەر، ئىككىلىنىش بىلەن تەڭ يولدا مەغلۇپ بولۇۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ.
شۇنداقمۇ ياشلىرىمىز باركى، بۇلار بىكار تەلەپلىكىنىڭ سەۋەبىنى پەقەت ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ، ھېچنېمىنى ياراتماسلىقنى ئەقىللىقلىق ھېسابلىۋېلىپ ۋاقىتنى، تىرىشچانلىقنى ھەم پۇرسەت يارىتىشنىڭ ھەممسىنى ئىنكار قىلىپ، غايىۋى پۇرسەتلەرنى كۈتىدۇ. نەتىجىدە قانداقلارچە قۇرتتەك يارامسىز، گېپى يوغان بولسىمۇ ئەمەلىيىتى يوق، جەمئىيەتكە يۈك ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.
يەنە بەزى ياشلىرىمىز ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدىن كۆرە پىلانلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ۋە لاپ ئېتىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرىدۇ، ئەمما خېلى مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قارىسىڭىزمۇ ئۇلار يەنە ھېچقانچە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئۆزگىرىش ئۈن-تىنسىز بولىدۇ، نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈن-تىنسىز بارلىققا كېلىدۇ. قىلمىغان ياكى قىلالمايدىغان ئىشنىڭ داۋرىڭىنى قىلىش ئاجىزلىقتۇر. ئىقتىدارلىقلار قىلغانلىرى بىلەن، ئىقتىدارسىزلار قىلماقچى بولغانلىرى بىلەن ماختىنىدۇ، ھازىر خام لايىھىلىرى ئىشنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشلار ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەنلىك بولۇپ قالماقتا. قىلماقچى بولغانلىرىنى خۇددى قىلىپ بولغان ئىشلىرىدەك سۆزلەپ كۆرەڭلىك قىلىش ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ. گەرچە بۇ ئارقىلىق شۇ ئىشنى قىلىشتا ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىش ئارتۇقچىلىقى باردەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ زىيىنى ئىنتايىن كۆپ، ئىشەنچنىڭ قىممىتى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى زاماندا بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز باشقىلار سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سىزگە بىھۇدە كەلگەن بېسىملار ۋە ئويلىغىنىڭىزنىڭ رېئاللىققا ماس بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئويلىغانلىرىڭىزنى سىز داۋراڭ قىلغان مۇددەتتە پۈتتۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. سىز بۇ ئېھتىماللىقنى چەتتە قويغاچقا، كېيىن گاڭگىراپ قېلىپ ئىشنى سۈپىتى بىلەن كارىڭىز بولمىغان ھالدا پۈتتۈرىسىز-دە، ئاخىر زور زىيان يەنىلا ئۆزىڭىزگە بولىدۇ. مەسىلەن، سىز بىر چەت ئەل تىلى كۇرسى ئېچىشنى دوستلىرىڭىز ئالدىدا داۋراڭ قىلدىڭىز دەيلى، ئەمەلىيەتتە بۇنداق كۇرسنى ئېچىش سىز ئويلىغاندەك ئوڭاي بولۇپ چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، كېيىنرەك ئىش باشلاشنىڭ ئورنىغا مەن باشقىلارغا ئاشكارىلاپ، داۋراڭ سېلىپ بولۇپتىمەن، ئېچىۋېرەيچۇ، دەيسىز-دە، كەتكەن ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىي زىيان سىزنى خېلى ئۇزۇنغىچە ئورنىڭىزدىن تۇرالماس قىلىۋېتىدۇ. رىقابەتتە يۈگۈرۈش سىزىقىدىن بالدۇرلا چىقىۋېلىشقا قارىغاندا سىزنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتىڭىز مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى ئىگىلىك تىكلەش ئاددىي ھالدىكى يۈز مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەمەس، بەلكى ئۇزاققا سوزۇلغان مەنزىلدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە چوقۇم ئۆزىڭىزگە خاس مۇستەقىل ئىش تۇتۇش ئېڭى ۋە مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىڭىز بولۇشى زۆرۈر. سىز ياشسىز، سىزگە تەييارلىق قىلىۋېلىشقا تولۇق ۋاقىت بېرىلگەن، لېكىن بۇ ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتمىسىڭىز جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىغا تەڭ تۇرالايدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشتا ئۈلگۈرەلمەيسىز، جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى پىلانلىق ھالدا تەربىيىلىشىڭىز، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ھەر مىنۇت ھالقىپ، ئۆزىڭىزنى تولۇقلاپ تۇرىشىڭىز كېرەك. ئازراقلا بىلىمىڭىز بىلەن پەخىرلىنىپ قالسىڭىز، ئاقىۋەت رىقابەتتە شاللىنىپ قالىسىز.
ئۆزىنى لايىھىلەش خۇددى يۇمشاق دېتال لايىھىلەشكە ئوخشايدۇ. يۇمشاق دېتالمۇ بىرىنچى ئەۋلاد مەيدانغا چىققىنىدىلا قۇسۇرسىز ۋە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ، بىرىنچى نەشرى بارلىققا كېلىپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىشلىگۈچى داۋاملىق كەم يەرلىرىنى بايقاپ، يېتەرسىزلىكنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن ئىككىنچى نەشرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇ خىل يېڭى نەشر قىلىنغان سەپەر بەجايىكى مەڭگۈلۈك سەپەرگە ئوخشايدۇ، بىر نەشرىنى سېتىۋالغان كىشى كېيىنكى نەشرىنى يەنە زارىقىپ كۈتىدۇ، چەت ئەل يۇمشاق دېتال بازىرىدا خېرىدارلار كەمكۈتىسىز يۇمشاق دېتالنى ئەمەس، بەلكى كېيىنكى يېڭى نۇسخىسى ئىزچىل نەشر قىلىنىشى مۇمكىن بولغان يۇمشاق دېتالنى سېتىۋالىدۇ، شۇڭا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ كەمچىلىكى بار مەھسۇلاتلىرى شۇ خىل مەھسۇلاتى بار، لېكىن كېيىنكى نەشرىنىڭ چىقىشى ئىشەنچسىز بولغان شەخسلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ بازىرىنى يېڭەلەيدۇ، كېيىنكى نەشرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش سۈرئىتى تېز ۋە كېيىنكى نەشرىنىڭ مۇكەممەللىشىش كۆلىمى چوڭ بولغان شىركەتلەرنىڭ ئوخشاش مەھسۇلاتلار رىقابىتىدە داۋاملىق ھالدا رىقابەتچىلىرىدىن يېتىشكۈسىز دەرىجىدە ئۇزاپ مونوپوللۇق ھوقۇقىغا ئېرىشىشىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن. شۇڭا، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى لايىھىلىشىڭىزدە كەمچىللىكىڭىزنىڭ بولۇشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس، پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ كېيىنكى نەشرىنى داۋاملىق بارلىققا كەلتۈرۈشىڭىز مۇھىم ھالقا، شۇ ۋاقىتتىلا تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە بەركامماللىق مونوپوللۇقىغا يېتەلەيسىز.
ھازىر جەمئىيەتتە ياخشىراق ياشاش بىلەن ئادەتتىكى ياشاشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھېس قىلالمايدىغانلار خېلى كۆپ، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارىغاندا باشقىلارنىڭ ھەممە جەھەتتە ئۈزۈپ كەتكەنلىكىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ نېمىشقا ئارقىدا قالغانلىقىدىكى سەۋەبنى تاشقى ئامىلدىن ئىزدەيدۇ. ئۇلار ھەتتاكى پايدىنى ئاز ئېلىپ، جاپالىق تىجارەت قىلىۋاتقانلارنى دۆت چاغلىشىدۇ، ئاشۇ خىل ئىش بىلەن تولا شۇغۇللىنىپ، ئېپى-جىپىنى بىلىپ كەتكەنلەرنى مۇتەئەسسىپ، يېڭىلىق يارىتالمايدىغان ھاماقەت ساناپ، ئۇلارنى تەۋەككۈلچى ئەمەس دەپ قارىشىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، ھازىر خېرىدارلار بېيىشقا ئالدىراپ كەتمىگەن تىجارەتچىلەرنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا پۇختا قەدەم بىلەن بېيىغانلارنىڭ خېرىدارى كۆپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن خېرىدارلارنى سىزدەك تېزلا بېيىتىمەن دېگەن يامان نىيەت بار كىشىنىڭ تارتىۋېلىشى ئاسان ئەمەس، خېرىدار ئەقىللىقلىشىپ كەتكەن زامان بۇ.
سەۋرچانلىق ئاخىرقى ھېسابتا كۈچ توپلاش دېمەكتۇر. ھەرخىل بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، سايىسىدە تالاي ئادەم سايىدىيالايدىغان بىر تۈپ دەرەخنى ئالدىراپ يېتىشتۈرۈۋالغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزچىل پەرۋىش قىلىش بىلەن يېتەرلىك ھالدىكى سەۋرچانلىق بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى دەۋردە پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىگە خۇراپاتلارچە چوقۇنۇپ ئالدىراپ كېتىشمۇ ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي كېسىلى بولۇپ قالدى، ئەمما، سىز سەۋر قىلدىم دەپ ئىگىلىگەن بىلىملىرىڭىز بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالسىڭىز، يەنە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز. مەسىلەن، سىزنى كومپيۇتېر ئالدىدا بىر ماشىنىست دەيلى، سىز ئىشخانا باسما ماتېرىياللىرى ياكى شەخسلەرنىڭ دوكلات-ھۆججەتلىرىنى، كىتاب-ژۇرنال بەتلىرىنى ئۇرۇپ بەت ياساپ بېرىپ پۇل تاپىسىز، لېكىن بۇنداقلار ئىنتايىن كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر بارا-بارا ئۆزلىرى ئۇرۇپ ھۆددىسىدىن چىقىشقا يۈزلەنمەكتە. دېمەك، ئادەتتىكى خەت ئۇرغۇچىلىقتىن ھالقىمىسىڭىز ئاچ قالىسىز، كىرىمىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ چوقۇم باشقا ئىقتىدارلارنى، يەنى مۇقاۋا لايىھىلەش، ئېلان ئىشلەش، تور بەت ياساش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆگىنىڭ. چۈنكى، خەت ئۇرىدىغانلارنى تېز ۋە كۆپ تاپقىلى بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك ئىقتىدارى بارلارنى خېلى ئىزدىگەندە ئاندىن تاپقىلى بولىدۇ.
دېمەك، يېڭى مەشغۇلاتنى تېپىش ئىقتىدارى ياشلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ زۆرۈر ئىقتىدار، ياشلار بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى يېڭىلىققا ئۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىدار مەشغۇلات جەريانىدا يېتىلىدۇ، ئىقتىدارلىقلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ قالغان ۋاقتى يېتىشمىگەن مەشغۇلاتلىرى بولسا ئىقتىدارسىزلارنىڭ قىلىدىغان ئىش تاپالماسلىقتەك ھالەتلىرىگە ئوبدان شاپىلاق بولالايدۇ.
سىز ئەگەر ئىگىلىگەن بىلىملەردىن ھالقىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ ماڭالمىسىڭىز، تەبىئىي ھالدىلا مۇۋەپپەقىيەت سەھنىسىدىن شاللىنىپ قالىسىز. ئەگەر سىز ئىشتىن سىرت ئىشلەشنى نوقۇل پۇل تېپىش دەپ چۈشەنسىڭىز ياكى شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلسىڭىز، خاتالاشقان بولىسىز. مەسىلەن، سىز مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا خۇددى رازۋېتچىكلاردەك ئاخباراتلارنى ئىگىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزدە ئاخبارات جۇغلانمىسى توپلىشىڭىز كېرەك، لېكىن بۇ بىلىملەر يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمى بولمايدۇ، شۇڭا ئاشۇ دورامچىلىقتىن ھالقىپ كېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىڭىز بولمىسا يەنە بولمايدۇ. ھازىر ئوخشىمىغان مۇھىتقا ماسلىشىشتا باشقىلارنىڭ ئۆرنەك ئەندىزىلىرى ئاساسىدا يېڭىدىن يارىتىلغان ئۆزىگە خاس ۋە ماس مەشغۇلات قۇرۇلمىسى مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىز ئىشلىگەن كارخانىنىڭ تۈزۈملىرى، مەشغۇلات تەرتىپلىرى، مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخى قانداق دېگەنلەرنى پۇختا بىلگەندىن باشقا، يەنە يېڭى تەرەپلەرنى بايقاشقىمۇ ماھىر بولمىسىڭىز بولمايدۇ. قاراڭ، ئىستېمالنى ئېچىش ئۈچۈن بوز يەرلەر تولۇپ يېتىپتۇ، بۇ بوز يەرلەرنى ئېچىشتا سىزگە ئوخشاش ياشلار، ستۇدېنتلار مۇھىم قوشۇن، ئەلۋەتتە.
مەشغۇلات ئېچىش نوقۇل شۇ مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭلا تىرىكچىلىك مەنبەسى بولۇپ قالمايدۇ، مەسىلەن، تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش بۇرۇن يوق ئىدى، شەخسلەر مەبلەغ سالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى مەيدانغا كېلىۋىدى، ئاشۇ فىلىم ئىشلىگۈچىلەر پۇل تېپىپلا قالماستىن، يەنە شۇ تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سېتىپ تاپاۋەت قىلىدىغان ئۈن-سىن دۇكانلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى، بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي ئەركىن كەسىپ شەكلىدە ناخشا-مۇزىكا ماھارىتى ۋە رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن جان باقىدىغان سەنئەتكارلارمۇ بارلىققا كەلدى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن باشلانغان سەنئەت ئۆمەكلىرىنى بازارغا ئىتتىرىش شامىلىغا شىنجاڭدىكى سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش-بەرمەسلىكى كۆلەملەشكەن سەنئەت بازىرىنىڭ بارلىققا كېلىش-كەلمەسلىكىگە باغلىق بولۇپ قالدى، شۇڭا بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا، يەنە يېڭىچە بازار ئېچىش زۆرۈر بولۇپ تۇرماقتا.
ئۆز ۋاقتىدا ئىنگلىزلار ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى تېپىپ ئالتۇن قېزىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەندە، بىرسى ئالتۇن قېزىشقا كېرەكلىك گۈرجەك سېتىپ ئەڭ ئالدىدا بېيىغانىكەن... دېمەك، دىققەت قىلسىڭىز، نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولىدىغان مەشغۇلاتلار قېزىپ چىقىلىشنى ساقلىماقتا.
شۇڭا، ھەرقانداق بىر ئادەمدە ھەممىدىن مۇھىمى ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. ھازىرقى بىلىم ناھايىتى تېز يېڭىلىنىۋاتقان ۋە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەر ئىنتايىن كۆپ بولغان بۇ زاماندا سىزنىڭ بىلمىگىنىڭىز ئەيىب ئەمەس، ئەيىب بىلمىگىنىڭىزنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشمىغانلىقىڭىز، ئۆز ۋەزىپە، مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بىلىم ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىنى تېز ھەل قىلمىغىنىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر شىركەت ۋە كارخانا دەسلەپكى ئىگىلىك يارىتىش باسقۇچىدىن كېيىن تەرەققىي قىلىش مەنزىلىنى بېكىتىدۇ، ئۇلارغا شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىختىساسلىق خادىملار زۆرۈر بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار قۇرغان كارخانىلاردىمۇ ھازىر گەۋدىلىك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىنچىكە مەشغۇلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى ۋە ئىش ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشكەن باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ كەم بولۇشىدۇر. يەنى كەسپىي باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ياكى سودا باشقۇرغۇچىسى، مالىيە باشقۇرۇش، خادىملارنى ۋەزىپىلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، ئامبار باشقۇرۇش، مەشغۇلات باشقۇرۇش... دېگەندەكلەردە ھەقىقەتەن ئېھتىياج بار. لېكىن، ئىش ئورنىنى يارىتالايدىغان ستۇدېنتلارنىڭ ئازلىقى رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ مائاشى ئىنتايىن تۆۋەن، يۇقىرى مائاشنى ئۆزىڭىز يارىتىسىز. بىلىپ قېلىڭكى، شىركەتلەر پاراۋانلىق ئورنى ئەمەس. ئۇلار داشقازان ئەنئەنىسىنى ئاللىقاچان سۈپۈرۈپ تاشلىغان. سىز بىر مىنۇت توختىغان ھامان ئىش ھەققىدىن قۇرۇق قالىسىز.
سانائەت دەۋرىنىڭ ئىختىرالىرى ۋە بايلىقلىرى 20-ئەسىردىكى ئاتوم دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى ۋە بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنى تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلەشتى. نۇرغۇن نەرسىلەر ئاسانلاشتى. دۇنيا تېخىمۇ كونكرېت، ئەمەلىيلىشىپ كەتتى. يەر شارى كىچىكلەپ بىر كەنتكە ئايلىنىپ قالدى. ئىنتېرنېت تېخنىكىسى ئارقىلىق بىز ھېچنەرسىمىزنى يوشۇرالمايلا قالىدىغان بولدۇق. مانا ئەمدى تەرەققىيات قاينىمىغا ياقىمىزدىن سۆرەلگەن پېتى كىرىپ كەلدۇق. «بىزنى ئارامىمىزدا قويۇڭلار، بىز مۇشۇنداق ياشاۋېرىمىز، بىزگە تەرەققىياتنىڭ كېرىكى يوق!» دەپ توۋلىساقمۇ، يىغلىساقمۇ ھېچكىم قۇلاق سالمايدۇ. بۈگۈنكى تەرەققىيات رەھىمسىز.
ستۇدېنتلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنىڭ جەمئىيەتتە ئىشلىنىش دەرىجىسى بىلەن ھېسابلاشماي، كۆرەڭلەپ كېتىدۇ. كىچىك ئىشنى ياراتمايدۇ، چوڭ ئىشنى قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ، ياكى پۇرسىتى كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۈرۈمچىدە مەدىكارلار ياشىيالايدۇ، ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزلەپ يۈرگەن ستۇدېنتلار ياشىيالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ستۇدېنتلاردا پۇرسىتى كەلگەندە مەدىكارلاردىنمۇ نان تالىشالايدىغان روھ بولسىلا ئاندىن چىقىش يولى تاپالايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ستۇدېنتلىق قالپىقىنى چوڭ بىلمەسلىكى كېرەك. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن باشقىدىن ئۆگىنىشىگە توسقۇن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا مەسىلىلەرنى ئاددىي ھالدا كىتابتىكى نەزەرىيىلەرگە سېلىپ ئۆلچەش، باشقىلارنى ياراتماسلىق، ئېۋەن تېپىش پىسىخىكسى خېلىلا يۇقىرى.
شىددەتلىك ئېقىۋاتقان دەريادىن ئۆتمەكچى بولغان بىر پەيلاسوپ بىر كېمىچىنىڭ ئۆزىنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قۇيۇشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. كېمىچى پەيلاسوپنى كېمىسىگە ئولتۇرغۇزۇپ، پالاق ئۇرۇپ قارشى قىرغاققا مېڭىۋاتقاندا، پەيلاسوپ كېمىچىدىن سوراپتۇ: «سىز تارىخنى بىلەمسىز؟»، «ياق» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ كېمىچى. «ئۇنداقتا سىز،−دەپتۇ پەيلاسوپ، −ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمىدىن مەھروم بوپسىز». بىردەم مېڭىپ پەيلاسوپ يەنە سوراپتۇ: «سىز ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلغانمۇ؟». «ياق» دەپتۇ كېمىچى. «ئۇنداقتا سىز ھاياتىڭىزنىڭ تەڭدىن تولىسىدىن مەھرۇم بوپسىز» دەپتۇ پەيلاسوپ. پەيلاسوپ كېمىچى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز شىددەتلىك بىر دولقۇن كېلىپ كېمىنى ئاغدۇرۇۋېتىپتۇ. پەيلاسوپ بىلەن كېمىچى دەريا دولقۇنىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا كېمىچى ۋارقىراپ پەيلاسوپتىن سوراپتۇ: «سىزسۇ ئۈزۈشنى بىلەمسىز؟»، «ياق» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پەيلاسوپ جىددىيلىشىپ. «ئۇنداقتا سىز،−دەپ توۋلاپتۇ كېمىچى،−پۈتۈن ھاياتىڭىزدىن مەھرۇم بوپسىز!».
ئۇيغۇر كارخانىلىرى گەرچە ئىنتايىن ئاز ساندا ۋە ئەمدىلەتىن گۈللىنىۋاتقان ياش كارخانىلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تالانتلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇلار كارخانىسىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ھەرتەرەپلىمە بىلىمى بارلارنى، يەنى كونكرېت، ئىشەنچلىك، قايىل قىلارلىق لايىھىلەر بىلەن كەلگەنلەرنى قارشى ئالىدۇ، مەسىلەن، مەلۇم ياش بىر شەخسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، كارخانا خوجايىنىنىڭ يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، كارخانىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش خىيالىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلىپ، مۇشۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ كارخانا خوجايىنىنى قايىل قىلماقچى بولۇپتۇ. ئۇ ئاۋۋال نەچچە كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ بۇ كارخانىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپتۇ، كارخانا خوجايىنى بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال قوبۇل قىلىشنى قارار قىلىپ، مۇشۇ ياسىغان تور بېتىنى تورغا تىزىملىتىپ چىقىپ، ئۇنى مۇكەمەللەشتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن تور بېتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ كۆرىدىغان تور بەتكە ئايلاندۇرۇپتۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكىرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلار بىلەن توردا ئالاقىلىشىپ ئىچكىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ مۇئەييەن پايدا يارىتىپتۇ.
دېمەك، سىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشىڭىز ھازىردىنلا بەلگىلىنىدۇ، سىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشىپ كېلىۋاتقان پىلانىڭىز بارمۇ-يوق؟ دەرسلەرنى قارىغۇلارچە ئۆگەنمەي، كىشىلىك ھايات ۋە نىشانلىق باشقۇرۇش ھەققىدە ئويلاندىڭىزمۇ-يوق؟... سىز ئۆزىڭىزمۇ بىر قوشۇن، قوشۇن قوماندانى. ئەقىل، ھېسسىيات، ۋاقىت، مۇناسىۋەت... قاتارلىق بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق تەرەپلەرنى خۇددى سىز ئارمىيىنى ياكى چوڭ كارخانىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرۇشىڭىز، تۈزۈم بېكىتىشىڭىز كېرەك. ئېتىقادنىڭ ئۆزى ئۆزىڭىزنىڭ مەملىكىتىدە قانۇن، سىز جەڭگىۋار قوشۇنمۇ ياكى چىرىك ھاكىمىيەتمۇ؟ پىلانلاش يېتەكچى نەزەرىيىسى شۇكى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. ئادەمدە ئىگىلەش ۋە يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىدار بولىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ياش دەۋر ئۆزگىرىشنىڭ رىتىمىغا، دەۋرنىڭ تومۇرىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇشى، ئۆگەنگەن ئازراق بىلىمى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ئۆزىگە تېڭىلغان قېلىپ ۋە ئۆلچەملەردىنمۇ ھالقىشى كېرەك.
تۆۋەندىكى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ستۇدېنتنىڭ قانداق ئىش باشلايدىغانلىقى ھەققىدىكى پىلانى بولۇپ، بىزنى خېلى چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلىدۇ.
مەكتەپتىكى چېغىمدىمۇ جەمئىيەت مەن ئۈچۈن گويا كەسكىن بىر جەڭگاھتەك تۇيۇلاتتى، ئاشۇ جەڭگە پۇختا تەييارلىق قىلىۋېلىشىم كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتىم. شۇنداقتىمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىقىش يېقىنلاپ كەلگەنسېرى مەن ھودۇقتۇم، قانداق تەييارلىق ۋە قايسى ماھارەتلەرنى ۋە ئاساسلارنى يارىتىۋېلىشىمنى بىلىپ بولغۇچە، يەنى مەكتەپنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، سېھىرلىك تەرەپلىرىنى ھېس قىلغان چاغلىرىمدا ئوقۇشنى پۈتتۈردۈم. ئەمدىكى گەپ خىزمەت ئورنۇمنى ئۆزۈم تېپىش ئىدى. گەرچە تاغام ماڭا مەبلەغ سېلىپ، شىركەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ ھازىرچە دىرېكتورلۇق پەللىسى بويىچە ئىش باشلىغۇم يوق. چۈنكى، ماڭا نۇرغۇن مەشغۇلاتلار ھالقىسى قاراڭغۇ. خۇددى ئەسكەر بولۇپ باقمىغان گېنېرال ئاسان مەغلۇپ بولغىنىدەك، تېزلا ۋەيران بولۇشۇم مۇمكىن. بۇ خۇددى سۇ ئۈزۈشنى بىلمەي تۇرۇپ دېڭىزغا سەكرىگەندەكلا ئىش بولۇپ قالىدۇ، خالاس. مەن ھېچ بولمىسا ئۈچ-تۆت يىلغىچە باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىشىم، تىجارەتنىڭ يوللىرىنى بىلىشىم لازىم. ياللىنىپ ئىشلەش جەريانىدا مەن ئۆگىنىدىغان تەرەپلەر بەك كۆپ بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. باشقىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە ياللىنىپ ئىشلىسىڭىز، يېتەرسىز تەرەپلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلاردىن ئاسانلا كۆڭلىڭىز قالغۇدەك، بۇ مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلەشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى ئىكەن. شۇڭا، مەن بىر مەزگىل ئۇيغۇر شىركەتلىرىدە ئىشلەش قارارىغا كەلدىم. مەن ئۇيغۇر شىركەتلىرىدىلا ئەمەس، يەنە چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى شىركەتلەردىمۇ ياللىنىپ ئىشلەيمەن. ئۆزۈم ئىشلىگەن شىركەتلەرنىڭ مەشغۇلات تۈزۈملىرى، ئادەم ئىشلىتىش يوللىرى، مالىيە باشقۇرۇش ۋە سودا ساھەسىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى بىرمۇبىر بىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى لايىقلاشتۇرۇپ ئاندىن مۇستەقىل ئىش باشلايمەن...
نۆۋەتتە رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوش ۋاقتى بىر قەدەر تولا. ئۇلار شۇ بوش ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك. نۇرغۇن بىلىملەر ئەمەلىيەت سىنىقى ئارقىلىق ئۆگىنىلىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كومپيۇتېر شىركەتلىرىدە، ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شىركەتلەرنىڭ كاتىبات بۆلۈمىدە، قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادۋوكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا، ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار گېزىت-ژۇرناللاردا ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەپ ئۆزىنى چېنىقتۇرسا بۇنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمى چوڭ بولىدۇ. مۇبادا بېلگېيتىسمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ ئىشلىمەي، نوقۇل ئوقۇش بىلەنلا بولغان بولسا ھازىرقى كومپيۇتېر ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مىكروسوفت «ئىمپېرىيىسى»نى قۇرالمىغان بولاتتى.
مەن تونۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى بار، ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئاتا-ئانىسىدىن بىر تىيىنمۇ پۇل ئالماي ئوقۇدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن رۇس تىجارەتچىلەرگە مال تونۇشتۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىدى ھەم بۇ جەرياندا رۇسچىنى ئۆگىنىۋالدى. سودا تىجارەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. پۇل تېپىشنىڭ سىرىنى ئۆگەندى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەشنى رەت قىلىپ، بىر كوللېكتىپ شىركەتتە ئىشلەپ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، مۇستەقىل تاپقان پۇلى بىلەن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقتى. ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارى ئۇنىڭ چەت ئەلدىمۇ ئەلا ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ.
شۇنداق، نامراتلىق ئىقتىدارسىزلىق ۋە يارىماسلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جىنايەتتۇر. سىز ئوقۇۋاتقان بىر ستۇدېنت. پۇلغا بولغان ئېھتىياجىڭىز ھەرگىز تۆۋەن ئەمەس. ئاشۇ يىراق سەھرادا قالغان جاپاكەش ئاتا-ئانىڭىز سىز ئۈچۈن نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟ نېمە جاپالارنى تارتمىدى؟ يېمەي يىغىپ، تاپقان-تەرگىنىنى جەملەپ ئەۋەتىپ بېرىۋېرىشى سىزدە خىجالەتچىلىك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرمىدىمۇ؟ سىزدە ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ پۇل تېپىپ، ئۆز چىقىمىڭىزنى قامداش ئىستىكى ئويغاتمىدىمۇ؟
ناھايىتى چىۋەر بىر كارخانىچى بولۇپ، ئۇ كارخانىسىغا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بىر نەپەر خادىم ئالماقچى ئىكەن. ئۇ ئۆزلىرىنى تىزىملاتقىلى كەلگەن 30 نەپەر بالىغا مۇنداق دەپتۇ: «بۇ بىر بەلگە، ئاۋۇ يەردە بىر توپ بار، ئاشۇ توپنى ئېتىپ مۇشۇ بەلگىگە تەگكۈزۈشۈڭلار كېرەك. سىلەرگە پەقەت يەتتە قېتىملا توپ ئېتىش پۇرسىتى بار. كىم توپنى بەلگىگە ئەڭ كۆپ تەگكۈزەلىسە، شۇنى خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىمەن».
نەتىجىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى توپنى نىشانغا تەگكۈزەلمەپتۇ. ئۇ ئادەم ئوقۇغۇچىلارغا: «ئەتە يەنە كېلىپ قايتا سىناپ بېقىڭلار» دەپتۇ. ئەتىسى ئوقۇغۇچىلاردىن پەقەت بىرسىلا كەپتۇ ۋە توپنى يەتتە قېتىم ئېتىپ ھەممىسىنى نىشانغا تەگكۈزۈپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران قالغان خوجايىن ئوقۇغۇچىدىن: «قانداق قىلىپ توپنى نىشانغا تەگكۈزىدىغان بولدۇڭ؟» دەپ سوراپتىكەن، ئوقۇغۇچى: «مەن سىزگە ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم بىلەن ئانامغا ياردەم بەرمەكچى ئىدىم. شۇڭا، تۈنۈگۈن قايتىپ بېرىپ، كېچىچە مەشىق قىلدىم» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
دېمەك، ئۇ بالىنىڭ بۇ خىزمەتكە ئېرىشكەنلىكىدە گەپ يوق. چۈنكى، ئۇ بىر خىزمەتچى خادىمدا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپانى ھازىرلىغان ھەم ئېسىل پەزىلىتىنى ئىپادىلىگەن.
يېتەرلىك ئۇسسۇزلۇق تەييارلىۋالالمىغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى چۆل سەپىرىنى قىلماڭ، چۈنكى جەمئىيەت كەسكىن جەڭگاھ، شۇڭا ئاتا-ئانىڭىز ۋە جەمئىيەت سىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتىدۇ. لېكىن ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىڭىز جىددىي، رىقابەتلىك رىتىمدە ئۆتمىگەچكە، بۇ يەر سىز ئۈچۈن پەقەت ئېزىلەڭگۈلۈك، غەمسىزلىك، ئۆز شارائىتىغا ماس كەلمىگەن چوڭچىلىق ۋە رېئاللىق بىلەن كارى بولمايدىغان رومانتىكىلىقلارنى بەخش ئەتتى، سىز شۇ تەرىزدە ئوقۇۋاتىسىز. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پۇل ئەۋەتىپ، سىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشى سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك، ئەمما ھازىرچە ئامالسىز قوبۇل قىلغان ھاقارەت بولۇپ تۇيۇلىشى كېرەك ئىدى، ئۆزىڭىزنىڭ جېنىنى ئۆزىڭىز جان ئېتىش، ئەقەللىي ئادەملىكنى ئېسىڭىزگە ئېلىشنىڭ ئورنىغا، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بېقىشىغا ئادەتلىنىپ قالدىڭىز...
شۇنداق، بىزگە نورمال تۇيۇلۇپ، ھەتتا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بەزى ئىشلار ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى بىزدىلا ساقلىنىپ قېلىۋاتقان بىنورمال ھادىسە بولۇپ قالدى. مەسىلەن، خىزمەت تېپىش مەسىلىسىدە كىشىلىرىمىز خىزمەت ئېھتىياجىنىڭ ئۆزىنىلا ئىشلەشكە كۆنۈپ قالغان. ئۇلار چەت ئەللەردىكىلەردەك دائىم ئىشسىز قېلىش خەۋپى بىلەن كىچىكىدىن خىزمەت تېپىش، ئىش تېپىپ قىلىش، پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن. مانا بۇ ئامىل سىزگە ئوخشاش ھەممە ئىشتا باشقىلارغا بېقىنىدىغان ياشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان...
ئەڭ مۇھىمى، سىزدە «ئۆز چىقىمىمنى ئۆزۈم كۆتۈرىمەن» دېگەن نىيەتنىڭ تۇرغۇزۇلىشىدۇر. ئەگەر شۇنداق ئويغا كەلسىڭىزلا، ئەتراپىڭىزدا سىزگە قىلغۇدەك ئىشلار ناھايىتى كۆپ تېپىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىراقلا كۆپ پۇل تېپىش ياكى يۇقىرى مائاش خام خىيالىنى چۆرۈۋېتىشىڭىز كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە باي ھېسابلىنىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇل تېپىشنى ئەڭ كىچىك ئىشلاردىن باشلىغان. ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن. سىزمۇ بۈگۈن پۇل تاپالمىسىڭىز ئەتە، ئەتە تاپالمىسىڭىز ئۆگۈن تېپىشىڭىز مۇمكىن. گەپ ئۆزىڭىزنىڭ پۇل تېپىش ئىرادىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقىدا. چۈنكى، ئىرادە بولمىسا، ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئېدىسوننىڭ بىر ياردەمچىسى: «بىز نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتتۇق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 مىڭ قېتىم تەجرىبە ئېلىپ بېرىپمۇ جۇغلانما لامپۇچكىنىڭ ۋولفىرا سىمىنى ياسىغىلى بولىدىغان ماتېرىيالنى تاپالمىدۇق!» دېگەندە، ئېدىسون: «ياق، بىز ۋولفىرام سىمىنى ياسىغىلى بولمايدىغان 20 مىڭ خىل ماددىنى بىلىۋالدۇق!» دېگەنىكەن. ئېدىسوندا ئەنە شۇنداق ئىرادە ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولغاچقىلا ئاخىر كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلىدى، تارىخنى ئۆزگەرتەلىدى...
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، باشقىلارغا بېقىنىپ ياشاپ كۆنگەن ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئۆز ئالدىغا تاللىشى بولمايدۇ. ئۆز ئالدىغا تاللىشى بولمىغانلارنىڭ تىزگىنى باشقىلارنىڭ قولىدا بولىدۇ. كونىلاردا «ئۆزۈڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغا بەرمە» دېگەن تەمسىل بار. شۇڭا، مەن دەيمەن، ئۆزىڭىز يول تېپىڭ، ئۆزىڭىز پۇل تېپىڭ. مانا بۇ ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، قىممىتىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان بىردىنبىر يول!



(«ياشلىق دەستۇرى» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابتىن)

oko2 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 10:39:51

رەھمەت ،  بەك ياخشى مەزموننى يېزىپسىز ،  بۇ مەزمونلار ماڭا ۋە ماڭا ئوخشاش تىڭىرقاپ قېلىۋاتقانلا غا زور ئىلھام بولغىدەك ،  بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى كۆپىرەك يوللاپ تۇرسڭىز بىزدەك ياشلارغا كۆپ ياردىمى بولغىدەك

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:35:10

بىر كىتاپنى ئوقۇش، بىر فورمۇلانى يېشىش ئۈچۈن بىر تالاي باھانە لازىم: پەلسەپە دىن ئۆگۈنۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، تارىختىن ئۆگەنمىسەك قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىمىزنى، پىداگوكىكا جەھەتتىن قانداق ئۆگۈنۈش كېرەكلىكىنى ... ئېزىپ، ئىچۇرۇپ، قۇيىۋېتىشىمىز كېرەك، تەسىرلىنىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ، قەتئى ئىرادىگە كىلىدۇ. ئەمما ئەتىسى يەنە ئوقۇمىغان، ئىشلىمىگەن. نىمىشقا ؟ ئۇخلاپ قاپتىمەن ...
ئەمما ئاڭلىسا ئالامەت پىلانلىرى بار، ئۈرۈمچىدە كۆرۈشمىگەن داڭلىق ئادەملىرى ئاز قالغان... تۇرۇپ ئۇلاردىن قۇسۇپ تېپىپ كېتىدۇ ...ھەي ياش باللا ...

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 18:53:13

oko2 يوللىغان ۋاقتى  2015-01-05 10:39:51 static/image/common/back.gif
رەھمەت ،  بەك ياخشى مەزموننى يېزىپسىز ،  بۇ مەزمونلار م
توغرا دەيسىز، مۇشۇنداق ياشلىق توغىرىسىدىكى ماقاللەر كۆپرەك يېزىلسا ، بىزدەك  ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ياشلار بۆلەكچىلا روھلىنىپ كېتىدىكەنمىز . :lol

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 18:56:21

پولات ھېۋىزۇللا ھېلىقى « كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش » ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شۇمۇ يا ؟

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:41:54

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 18:56 static/image/common/back.gif
پولات ھېۋىزۇللا ھېلىقى « كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش » ژۇرنىل ...

شۇ!

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:10:02

نىمە يەتسۇن گۇلدەك ياشلىققا

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:46:04

پۇلات ھېۋىزۇللا تەڭرىتارغ ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، قوشۇمچە "بۈگۈن"،"كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش" ژورناللىرىنىمۇ چىقىرىۋاتىدۇ. ئائىلە مۇناسىۋىتىگە كەلسەك؛ دوكتۇر رائىلە داۋۇتنىڭ يولدىشى، كومپىيوتىر كەسپىدىكىلەردىن دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللانىڭ ئاكىسى، تۆھپىكار تەتقىقاتچى ئالىم ئەھەتنىڭ قېينى ئاكىسى. شىنجاڭ داشۇ تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىنىڭ 82 يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 87- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 22:57:47

    ئوقۇۋاتقان ياشلىرىمىز ئەگەر ئۈگەنگەن بىلىمى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ شۇ بىلگەن بىلىملىرى بىلەن قانداقراق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ ئۈگەنسە، بەك كۆپ بىلىمنى بىلىدىغان ئەمما ئۇنى نىمىگە ئىشلەتكىلى بولدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان «كىتاب خالتىسى»غا قارىغاندا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش نىسبىتى كەسكىن يۇقىرى بولىدۇ.
     

tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:08:26

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 21:46 static/image/common/back.gif
پۇلات ھېۋىزۇللا تەڭرىتارغ ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ق ...

قارابەگ ئەپەندى
بىر ئىنكاسىڭىزدا سىز يالقۇن رۇزى ،باتۇررۇزى،راھىلە داۋۇت...قاتارلىقلار بىلەن ساۋاقداش ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتقان،
ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئەسلىمىلەر بولسا ئاڭلاپ باقساق؟بۇلۇپمۇ باتۇر رۇزى مەكتەپتە قانداقراق ئوقۇغان؟
ئۆگىنىش كەيپىياتى،تۇرمۇش.....قاتارلىقلار جەھەتتە سۆلەپ باقسىڭىز؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:09:35

سىلەر ساۋاقداش بولغان باللانىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىدە قېلىپ قالغانمۇ؟سىزگىمۇ شۇنداق پۇرسەت بولغانمۇ؟
بەت: [1]
: ئېھتىياج نەدە، سىز نەدە(پولات ھېۋزۇللا)