Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 05:01:47

2015- يىلى «خەلقئارا نۇر يىلى»

2015- يىلى خەلقئارا نۇر يىلى



2013- يىلى 20- دېكابىر  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 68- قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىدا 2015- يىلىنى «نۇر ۋە نۇرنى ئاساس قىلغان تېخنىكىلار يىلى» قىلىپ بىكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ خەلقئارالىق يىل «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە كۈلتۈر جەمىيىتى» ( UNESCO) بىلەن بىرلىكتە ئىلىم-پەن ئورۇنلىرىنىڭ چوڭ كۆلەمدە بىرلىشىشىنىڭ باشلىنىش قەدىمى بولۇپ، ئىلىم-پەن جەمىيەتلىرى ۋە بىرلەشمىلىرى، مائارىپ ئورگانلىرى، تېخنولوگىيە سەھنىلىرى ۋە ھەرخىل ساھە ئورۇنلىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن جەمىيەت ۋە ئورگانلارنى بىر يەرگە كەلتۈرىدۇ.

«خەلقئارا نۇر يىلى»نىڭ جاكارلىنىشىدا نۇر ئىلىمى ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىدىكى قوللىنىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرشارىلىشىشقا باشلاۋاتقان نۇر ئېلىمىگە بولغان تونۇشنىڭ قانداق قىلىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئېنىرگىيە، مائارىپ، يېزا-ئىگىلىك ۋە تىببى ساھەدىكى يەرشارى خاراكتېرلىق مۇھىم ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا  زور ئەھمىيەتكە ئېگە بولىدىغانلىقىنى  كۆرسىتىپ ئۆتتى.  21- ئەسىردە نۇر كۆندىلىك تۇرۇمۇشۇمىزدا، زۆرۈر بولغان ئىلىم-پەن مائارىپىدىكى تۇتقان ئورۇنى كەم بولسا بولمايدىغان ھالەتتە بولىدۇ.

نۇر تىببى دورىگەرلىك ساھەسىگە ئىنقىلاپ ئېلىپ كەلدى، خەلقئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا يەرشارى كەنتىنىڭ مەدەنىيەت، ئىختىساد ۋە سىياسىتىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ كەلمەكتە...



تەرجىمە: ئىلىم-پەن تورى

مەنبە: http://www.light2015.org/Home.html

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 11:18:49

ئەركىنكامنىڭ ئوپتىكا ئىلمى تەتقىقاتى نۇقتىلىق بۆسۈشلەرگە ئېرىشىدىغان يىل بولۇپ قالامدۇ نىمە .

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 12:40:22

مەن تېخى سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنى خاتىرلەيدىغان يىل ئوخشايدۇ دەپتىمەن.{:87:}

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 22:20:15

     2015-يىلى خەلقارا نۇر يىلى بولۇشنىڭ نىشانىسى بولۇپ ئىنسانىيەتكە باياشاتلىق ۋە قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغان قۇياش نۇرىغا ئالاقىدار ھەر خىل ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىللىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلسە، ۋە شۇنداقلا ئىنسان نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلايدىغان رادىئاكتىپلىق نۇر تارقاتقۇچى قوراللار تېخىمۇ يوقالسا بولاتتى...
بەت: [1]
: 2015- يىلى «خەلقئارا نۇر يىلى»