waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 20:39:12

تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە دۇڭگۇەن كوماندىسىغا ئۇتتۇردى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  مىھمان مەيدانىدا،  دۇڭگۇەن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمدا كۆپ قىتىم سەۋەنلىك كۇرۇلۇپ ئىقتىدارىنى نۇرمال جارى قىلدۇرالمىدى،  دۇڭگۇەن كوماندىسىنىڭ مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم ئۈنۈمى يۇقۇرى بۇلۇپ نۇمۇر پەرقىنى باشتىن ئاخىرى ساقلىدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى  ئاخىرى 90-110 نەتىجە بىلەن رەقىبى دۇڭگۇەن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. تەڭرىتاغ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككى مەيدان دائىملىق مۇسابىقىدا دۇڭگۇەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئۇچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 30 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر  35 نومۇر،  1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  قىرانبېك ماقان 13 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 5 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ لىيۇۋىي 4 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى .
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى1-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق مىھمان مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ  كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە دۇڭگۇەن كوماندىسىغا ئۇتتۇردى