ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 18:05:56

يېڭى كېنو



كېنو ئىسىمى: تۈن كېزەر  夜行者 Night Call
IMDB نومۇرى : 8.1
چۈشۈرۈش ئادرىسى:ed2k://|file|%E5%A4%9C%E8%A1%8C%E8%80%85HD%E4%B8%AD%E5%AD%971280%E9%AB%98%E6%B8%85.rmvb|1274725126|AAB4FA671DEF4216D944E9A98D97FC74|h=X27OI552BCRBOXAKD7M5PQA7OZKCTFL4|/كەسمە يۈزى:

باشتىكى 10 مىنوتتا ئازراق زىركىشلىك ھېس قىلىپ ئۇخلاپ قالاي دىگەن ئىدىم، ئاخرىنى كۆرگەنسىرى قىزىقىپ تىك ئولتۇرۇپ كۆرىۋەتتىم. چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تولۇق كۆچۈرۈپ، شۇنلىي غا چاپلاپ چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ. ناۋادا چۈشەرگىلى بولمىسا 6V كېنو تور بېكىتىدىن خەنچە ئىسمى بويىچە ئىزلەپ، شۇ بېكەتتىن چۈشۈرۋېلىڭلار. بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان فىلىم.
كېنودا تەسۋېرلەنگىنى ئامېرىكا لوس-ئانجىلىس شەھىرى، بۇ كېنو ئامېرىكا قانۇن تۈزۈمىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېچىپ بېرىپتۇ دەپ ئويلىدىم.
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئامېرىكا ساقچىلىرى، ئامېرىكا ئەدىلىيەسى نىمە دىگەن  بىچارە! ، قاتىلنى قاتىللىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىسپات بولمىسا قويىۋېتىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بىر ھېكايسى بولىدىغان، ساقچىلار ئەمەت ئىسىملىك بىرسىنى تۇتۇپ كېلىپلا، نىمە قىلغىنىڭنى بىلەمسەن دەپ سورىسا، قەيەردە قىمار ئوينىغانلىقىنى، خوشىنسىنىڭ ئۆيدىن ئىككى تۇخۇم ئوغۇرلىغانلىقىنى ئىقرار قىلىدىغان، ئەتسى ساقچىلار ئادەمنى خاتا تۇتۇپ قويغىنىنى بىلىپ، بۇندىن كىيىن قىمار ئوينىمايسەن، خوشناڭنىڭ تۇخۇمىنى ئوغۇرلىمايسەن دەپ ۋەدە بەرگۈزۈپ قويىۋېتىدىغان. ساقچى دىگەن مانداق بولمامدۇ دەيمەن.:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 12:35:39

ئۇ قوش مەسچىتتتۇ:lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 12:58:59

ئامېرىكىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى ئاجىزمىكەن، ھاھا

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:03:40

ئارىسلانغا مەن قىلمىغان دىسىمۇ مۇشت پەشۋا بىلەن مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن قىلغان دىگۈزۈۋېتىدىغان چىڭ قانۇن تۈزۈملەر لازىمدەك قىلىدۇ
ما كىنونى مەن كۆرۈشتىن ۋاز كەچتىم …

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:23:11

ئۇندا قىلماي بى كۆرەپ قوياڭلا:lol

2014-يىللىق نادىر ئون فىلىم قاتارىدا بار ئىكەن بۇ كېنو. شۇڭا تېما يوللاپ تەۋسىيە قىلىشىم. بۇرۇنلاردا ئامېرىكىنىڭ مۇخپىر، ئاخپاراتچىلىق ئىشلىرىدا ساقلىنىپ تۇرغان مەسىلىلەر توغرۇلۇق بىر خەۋەر كۆرگەن ئېسىمدە،  پۇل ئۈچۈن، تېلۋېزىيە كۆرۈش نېسپىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل رەزىللىكلەردىن باش تارتمايدىغان قەبىھلىكلەر مەۋجۇت دەپ. بۇ كېنو شۇ ئىشنى تەسۋېرلەپ ئىشلىنىپتۇ. بۇ كېنونى ئوسكارغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بار دەپ يېزىپ قويۇپتىغۇ ئېلانىدا، ۋاقتى كەلگەندە بىلىمىز قالغىننى. باھامۇ ياخشى ئىكەن. 8.1 نومۇرغا ئېرىشمەك ئاسان ئەمەس.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:26:28

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 12:35 static/image/common/back.gif
ئۇ قوش مەسچىتتتۇ

مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن سالچىلاردىن باشقىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغاندەك قىلىمەن. ئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر تەسۋېر بار ئىدى. قايسى ئەسەر ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق.
زىيالىنى ياپۇنچىلا ئوقۇمدىكىن دىسەم، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىمۇ خېلى ئوقۇپ قويىدىكەن ھە!.:lol {:112:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:39:50

تېمىدا كېنو مەزمۇنى توغرۇلۇق يازماپتىمەن، ئىنكاس بىلەن تولۇقلاپ قوياي.

بىر ساراڭ(ھازىرچە مۇشۇنداق ئاتاپ تۇرايلى)، لىكىن ئىنتايىن ئەقىللىق ساراڭ، تۆمۈر، توك سىمى، قۇدۇقنىڭ تۇۋاقلىرىنى ئوغۇرلاپ باشلىنىدۇ بۇ كېنو. (تۇۋاق ئوغۇرلايدىغان ئىشنى خېنەنلىكلەرلا قىلامدىكىن دىسەم، ئەمەرىكىدىمۇ باردەك):lol

بۇ ئەقىللىق ساراڭ ئىش ئىزلەپ يۈرۈپ، ماشىنا ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا، تېلۋزىيە ئىستانسىسىغا خەۋەر تەمىنلەيدىغان سىن موخپىرىنى ئۇچىرتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كېنودىكى بايانى بويىچە ئېيتقاندا، پەقەت كۆڭۈل قويۇپ ئۈگەنسىلا، توردىن، گوگۇلدىن ياخشى پايدىلانسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ئىدى. ئوغۇرلاپ كەلگەن ۋېلسپىتنى سېتىپ، پۇلىغا بىر كامېرا ۋە LAPD ساقچىلارنىڭ ئالاقە قانىلىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئەسۋاپ سېتىۋېلىپ، ئىختىيارى موخپىرلىق كەسپىنى باشلايدۇ.
كېنو داۋامى بۇ ساراڭنىڭ مۇخپىرلىق جەريانلىرى.......

مېنىڭ نەزىرىمدە ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس جايلىرى خېلى بار ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەسكىلەر ياخشىلارنىڭ ئەينىكى دەپ قويدىغۇ. بۇ ساراڭنىڭ ئىش ئىزلەش جەريانىدىكى دادىللىقى ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىگۈدەك. كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ قويۇڭلار. بۇ فىلىم ئەرەپچىگە خەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ، شۇ نۇسخىسى خەنچىگە تەرجىمە قىلىنىپتۇ. باشتىن ئاياق ئەرەپچە يېزىقى بار.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:06:04

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 13:26 static/image/common/back.gif
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن سالچىلاردىن باشقىسىن ...

مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «خاسىيەتلىك قار» ناملىق پوۋېستىدا بار.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:06:29

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 12:35 static/image/common/back.gif
ئۇ قوش مەسچىتتتۇ

ئەمەس:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:20:54

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:06 static/image/common/back.gif
ئەمەس

ئۈستىدىكى ئىنكاسقا قارىسام ئەمەسكە:lol

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:17:27

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:20 static/image/common/back.gif
ئۈستىدىكى ئىنكاسقا قارىسام ئەمەسكە

مۇ ياپۇنچىنى قانداق قىلغاندا تىز سۈرئەتتە ئۆگەنگىلى بۇلدۇ ،3ئاي بولدى كۇرىۋاتمەن ھىچ بىر سەۋەيە يوق ،بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىر .

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:42:48

بۇ رولچىنىڭ ھەرقانداق فىلىمى قىززىيدۇ.
كۆرىشكە ئەرزىيدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 17:02:44

Zenjiwiljan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 15:17 static/image/common/back.gif
مۇ ياپۇنچىنى قانداق قىلغاندا تىز سۈرئەتتە ئۆگەنگىلى  ...

نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنۋاتقان بولسىڭىز ئۈچ ئايلاردا سەۋىيە چىقمايدۇ.ھېچقىسى يوق.سەۋرچان بولۇڭ.
كۈندىلىك دەرسلەرنىڭ گىراماتىكىسىدىكى ئۇيغۇرچىغا چۈشىدىغان يەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا چۈشىرىپ ھەزىم قىلىۋېلىڭ.كۈندە ئۈتۈلگەن سۆزلۈكلەرنى كۈندە بىرەر قۇر يادلاپ قويسىڭىز بىر مەزگىل ئۆتكەندە ئوقۇلۇش قانۇنىيىتىنى بايقايسىز.بىرەر مىڭچە سۆزلۈك بىلەن مەكتەپتە ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۈتىلىدىغان گىراماتىكا كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە مۇستەقىل بولۇشقا  يىتىپمۇ قالىدۇ.يىڭى كەلگەندە بەلكىم خىزمەت ئىزدەش باش ئاغرىقى بولسا كېرەك.تىلنى چۈشىنىدىغان بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.ۋاقىت كىتىدۇ.بۇنىڭ ۋاقىت كىتىدىغان يېرىنى ۋاقىتقا تاپشۇرۇپ، بىلىدىغان سۆزلىرىڭىزنى پىششىق دىيەلەيدىغان بولسىڭىز،ئىشىڭىز سەل ئاسانغا توختايدۇ.يىڭى باشلىغاندا جىقنى بىلىشكە ئالدىرىغاندىن بىلىدىغاننى پىشىقلاشقا جىقراق كۈچ سەرپ قىلىڭ.
.يەنە بىر مۇھىم ئىش .قۇلاق كۆنسۇن.چۈشەنسىڭىز چۈشەنمىسىڭىز ئاڭلاشقا تىرىشڭ.ئۆيگە قايتقاندا كۆرسىڭىز كۆرمىسىڭىز تېلىۋزورنى ئېچىپ قويۇڭ.
سۆزلەش ئۈچۈن سۆزلەش كېرەك.باشقا ئامال يوق.بىلىدىغان سۇئاللىرىڭىزنى مەسلەن يولنى،بىكەتنى دىگەندەك،يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەردىن قەستەن سوراپ دىگەندەك:lol

ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن.
ئالاقىلىشىپ تۇرارمىز.:handshake

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:55:34

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 17:02 static/image/common/back.gif
نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنۋاتقان بولسىڭىز ئۈچ ئايلاردا سەۋى ...

ماقۇل ،مەن چوقۇم تىرشىمەن ،رەھمەت سىزگە كۆپ ئاۋارە قىلدىم .پات پات ئالاقە قىلىشىپ تۇرايلى .سىكاي چۇرى تەرەپكە ئۇتۇپ قالسىڭىز ھايىت دەۋتىڭ ئە

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 21:23:15

ئادەمنىڭ ئىسىدىن چىقمىغىدەك كىنۇلاردىن بىرەنى تەۋسىيە قىلمامسىلەر،

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 21:41:54

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:20 static/image/common/back.gif
ئۈستىدىكى ئىنكاسقا قارىسام ئەمەسكە

قوش مەسچىت مۇھەممەت ئېلى زۇنۇن ئاكىمىزنىڭ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 23:45:23

MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 21:41 static/image/common/back.gif
قوش مەسچىت مۇھەممەت ئېلى زۇنۇن ئاكىمىزنىڭ

شۇنداقكەن.
خاسىيەتلىك قار ئىسىمدە قېلىشىچە ئىمتىھان دائىرىسىدە ئەمەستى.شۇڭا ئىسىمدە باردەك بىرخىل…… ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 10:21:35

ئامىركىنىڭ قانداق يىرىدە  قانۇن تۈزۈم ئاجىز بولسا كىنو ئىشلەيدىغانلا شۇنى كىنو قىپ ئىشلەيدۇ ،جۇڭگۇدا قەيەردە قانۇن تۈزۈم كۈچلۈك بولسا شۇنى خىزمەت نەتىجىللىرى سۈپىتىدە كىنو ئىشلەيدۇ ، ئامىركىدا كىنونى ھۆكۈمەت ئىشلمەيدۇ.
بەت: [1]
: يېڭى كېنو