ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 09:53:36

نېفىت باھاسى چۈشتى، دوللار ئۆستى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 10:31  

خەلقئارا نېفىت باھاسى يەنە چۈشتى

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى


ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا ماي باھاسى 2015-يىلىنىڭ بىرىنچى سودا كۈنىدە يەنە چۈشتى. نيۇيورك خام نېفىتى ۋە بىرېنت (Brent oil) خام نېفىتىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى باھاسى چۈشكەن.

بېيجىڭ ۋاقتى 20:49 دا، بىرېنت خام نېفىتى %2.8 چۈشۈپ، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 55.72 دوللار بولغان؛ نىيۇيورك خام نېفىتى %1.9 چۈشۈپ، ھەر باك نېفىتىنىڭ باھاسى 52.25 دوللار بولغان. ياۋرونى دوللارغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى نۆۋەتتە %0.5371 چۈشۈپ، 1.2038 بولغان.

ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دىرايگى (Mario Draghi) نىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزى بانكا مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان بولۇپ، بۇنىڭ خەتىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. ئۇ يەنە مەركىزى بانكىنىڭ تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى، ئەگەر زۆرۈر بولسا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەنبە: سىنا تورى

ئامېرىكا دوللىرى 8 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى


1-ئاينىڭ 2-كۈنى 2015-يىللىق ئامېرىكا پاي بازىرىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈن بولۇپ، ئۆلچەملىك پۇئېر پاي باھا كۆرسەتكۈچى (Standard and Poor’s Composite Index) ئاشقان، بىراق ئارقىدىنلا ئامېرىكا ياساش كەسپىدىكى سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى (Purchasing Managers' Index) نىڭ تۇيۇقسىز يېرىم يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا پاي بازىرى كاساتلىشىپ، ئۈچ چوڭ پاي باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈپ-چۈشۈشى بىردەك بولمىغان. جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىدىكى سېتىۋېلىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى سەۋەبلىك، ماي باھاسى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. دوللارنىڭ ئۆسۈشى سەككىز يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان. ئامېرىكا غەربىي تېكساس خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 52.69 دوللار بولغان.
مەنبە: سىنا تورى

دوللارنىڭ كۈچىيىشى جۇڭگو، بىرازىلىيەگە كۈچلۈك زەربە بولدى

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى


2014-يىلى دوللارنىڭ قىممىتى %12 ئاشتى، لېكىن 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ياۋرونىڭ قىممىتى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئاساسلىق دوللار قەرز ئالغۇچى دۆلەتلەر بولغانلىقتىن، كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلىدىن بۇيان تارقىتىلغان 1 تىرىليون 300 مىليارد دوللار قەرزنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە كارخانىلىرى ئىگىلەيدىكەن. خەلقئارا راسچوت بانكىسى (Bank for International Settlements)  نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى بانكىدىن باشقا ئەمەلىي كارخانىلارغا تارقاتقان دوللار قەرزىنىڭ ئىچىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قەرزنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ياۋرو رايونىدىكى قەرزدارلارنىڭ دوللار قەرزىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ دوللار قەرزى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بىرازىلىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (Petroleo Brasileiro) نىڭ 2008-يىلىدىن بۇيانقى قەرزى جەمئىي 40 مىليارد دوللارغا، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆتكەن تۆت يىلدىكى قەرزى جەمئىي 14 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

دوللار قىممىتىنىڭ ئېشىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىككى قېتىم ئىقتىسادى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىقى 80-يىللاردىكى لاتىن ئامېرىكا كىرىزىسى، ئىككىنچى قېتىملىقى 90-يىللاردىكى ئاسىيا كىرىزىسى ئىكەن.
مەنبە: سىنا تورى

تېخىمۇ سەرخىل خەۋەرلەر ئەرقال تاراتقۇسىدا: www.erqal.com

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 11:22:42

2015.يىلىمۇ رۇسىيەگە ياخشى كۈن يوقمۇ دەيمەن؟:)
ئەمدى رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن مۇرەسسەلىشەرمۇ ياكى؟؟؟{:101:}

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 12:27:59

دوللارنىڭ قىممىتى ئۆسسە،نىفىت باھاسى تۇۋەنلەيدۇ. دوللارنىڭ ھازىرقى باھاسىنىڭ ئۆسىشىنى تىخى ئۆسۇش دىگىلى بولمايدۇ، بۇندىن كىيىن تىخى دوللارنىڭ كەلگۇسى تىخىمۇ پارلاق بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.ھازىر 91 دىكەن، يەنە ئۆسۇپ 150كۆرسىتىشنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.

دوللارنىڭ ئۆسىشى ئۇچۇن،1. چۇقۇم ئامىركا ئىختىسادى ياخشى بۇلىشى، كۆپلەپ پايدىسى بۇلىشى كىرەك. بۇنىڭدا ئامرىكا ئىختىسادى تۆمۇرگە بەكراق تايىنىدۇ. ياكى قۇرال ياساپ پايدا يارىتىدۇ. دىمەك دەسلەپ قۇرال سىتىشى كىرەك.ھازىر بۇرۇنقىدەك قۇرال مەستانىلىرى جىق قالماغلىق.يەنە قانداق رەڭۋازلىق بۇلىشىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.2. دوللارنى قىسىسش كىرەك، يەنى دوللارنى بازاردىن قىسىسىپ بانكىغا قەغەز جۇغلىساق، بازاردا دوللار قىس بۇلىدۇ، دوللار ئۆسىدۇ.پىقىرنىڭ قارىشىچە، ھازىر دوللارنى يىغىپ بولدى، بىراق تازا كۆڭۇلدىكىدەك قاڭقىمايۋاتىدۇ.3.دوللارنىڭ ئۆسىشى ئۇچۇن، نىفىت باھاسى بىسىمى ئاز بۇلىشى كىرەك. ھازىر شۇنداق نىفىت باھاسى تۇۋەن . مۇشۇنداق شارائىتتا دوللار باھاسىنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك قاڭقىماسلىقى ياكى قاڭقىش سۇرئىتىنىڭ ئاستىلىقى دوللارغا نىسبەتەن يەنىلا بىسىم بارلىقىنىڭ بىر ئالامىتى. ئاساسلىقى نۇرغۇن پۇل تارقىتىلغاچقا، بەلكىم يىغىش كىلەڭسىز بولىۋاتقان بولسا كىرەك.
دوللارنىڭ قىممىتى ئۆسسە، دۆلىتىمىز گە نىسبەتەن تەسىرى ئۇنداق كەسكىن بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق نىفىت ئىشلەيدىغان ئەرەپ ئەللىرى، روس ئىرانلارغا خىلى بالا بۇلۇپ قۇيىدۇ. بەلكىم شۇلارنىڭ ناچار ئىختىسادى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەرزان ماللىرىغا پۇرسەت ئىلىپ كىلىشىمۇ مۇمكىن.دوللارنى جۇڭگۇغا قەرىز دەپ ئاڭلىغان، ئەمدى جۇڭگۇ دوللارغا قەرىز دىيىشىۋاتىدۇ. نۇرغۇن زاييۇم بار دىشكەندەك قىلۋاتاتتى،،،،،،،،،،،،،،ناۋادا شۇنداق بولسا، جۇڭگۇنىڭ قەرىز بىسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.

Aqnur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 12:33:10

بۇرۇن دوللارنىڭ باھاسى چۈشسە جۇڭگۇ ئىقتىسادىغا زەربە بولىدۇ دەپ مۇنازىرىلەر بولغان ئەمدى دوللارنىڭ باھاسى ئۆسسە يەنە جۇڭگۇ غا زەربە بولدى دىيىلىۋاتىدۇ قايسىسى راسىت بۇ گەپلەرنىڭ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 12:42:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Berdem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 12:45  

2015 -يىلى  خەلق پۇلىنىڭ كورسى چۈشىدۇ دەۋاتقان . ما يەردە دوللارنىڭ قىممىتى ئۆسىدۇ دەپتۇ. قارىغاندا دوللار ئېلىپ قويساق بولامدۇ نىمە .

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 12:58:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 12:59  

قىپقىزىل خەتكە نىمانداق ئامىراق سىلەر
كۆزگە بەك پايدىسى باردەك ، ما مۇنبەرنىڭمۇ تەگ رەڭگى كۈلرەڭ،خەت رەڭگى قارا يىشىل چىقسا بولاتتى

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 13:15:12

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 12:58 static/image/common/back.gif
قىپقىزىل خەتكە نىمانداق ئامىراق سىلەر
كۆزگە بەك پايدى ...

توغرا دىدىڭىز، كۆزگە ئارام بولسا بۇلاتتى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:40:52

1. نېفىت باھاسى چۈشمىدى، بەلكى ئامرىكا دوللىرنىڭ قىممىتى ئاشتى، شۇڭا ئامرىكا دوللىرى ئارقىلىق ھىساۋات قىلىنىدىغان بارلىق ماللارنىڭ 'باھاسى چۈشىدۇ'، مەسىلەن نېفىت، ئالتۇن.

2. بىر ناننىڭ باھاسى ئەسلى 2 دوللار دەپ تۇرايلى. ناۋاي ھەر بىر ناننى ياققاندا بازاردا بىر نان كۆپىيدۇ ، مېنىڭ بۇ ناننى سېتىۋېلىشىم ئۈچۈن بانكا 2 دوللار پۇلنى كۆپ تارقىتىشى(بېسىشى) كېرەك. ئەگەر بانكا بۇ پۇلنى تارقاتقىلى ئۇنىمىسا پۇل قىسلىقى يۈز بېرىپ بازاردا نان كۆپ، دوللار ئاز ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بۇ چاغدا بۇرۇنقى بار پۇللار ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىمەن،بولمىسا ناۋاي نېنىنى ساتالمايدۇ، شۇڭا ناۋاي ئامالسىز ناننىڭ باھاسىنى 1 دوللارغا چۈشۈردى. ئامرىكا دوللىرىنى ئامرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومتىتى تارقىتىدۇ، ئۇلار ھازىر پۇل باسقىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ، ئەھۋال مۇشۇنداق.
ئۈستىدىكى 1-جىسى جۇڭگۇدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆز قارىشى، 2- ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسىنى زاغرا تىلدا ئىپادىلەش. بىلىدىغان ئۇستازلار تەلىم بەرگەيسىلەر.

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:46:54

پۇتكىل دۇنيا بىرلىككە كەلگەن پۇل ئشلەتسە قانداق بۇلا  مىسالغا ھەممە دۆلەت ھازىرقى دوللارنى بىۋاست ئشلەتسە ھېچكىم ھېچكىمنى بۇزەك قىلالمىغان بۇلامدىكى دەيمە  بۇغۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئش

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 17:39:48

ئۇنداقتا چايناغا ئامېرىكا بىرىدىغان بىر تىرلىيون مانچە يۈز مىلىياردلىق زايوم مەسىلىسىچۇ،بىر كېچىدە كۆپۈككە ئايلىنىپ كىتەمدا.؟

Hizir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 17:48:52

جوڭگو مەنچە ئامېرىكاغا ئۇ پۇل توغرىسىدا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ. سىز ئەنسىرمەڭ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 18:31:35

دوللارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىل نىفىت. نىفىتقا بولغان ئىھتىياج دوللار باھاسىنى تەڭشىيەلەيدۇ.ئۇندىن باشقا سەۋەپلەر مۇ مۇھىم بىراق ، نىفىتتەك رۇشەن بولمايدۇ. دوللار باھاسىغا كەلسەك، گەپنى ئىراق ئۇرىشىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ. ئۆز ۋاختىدا ياۋرۇ پادىكى كۇچلەر ئامىركا بىلەن بىر بۇلۇپ ئىراقنى بۇزەك ئەتكەن. بۇنى ئىختىساد بۇيىچە قارساق، دوللار بىلەن ئالتۇن بىر بۇلۇپ. نىفىتنى جايلىغان. بۇ ئۇرۇشتا ئامىركا نىفىتنىڭ ھۇقۇقىنى ئالدى. ھازىر مانا روسيە بىلەن ئىراندىن باشقا ھىچ قانداق دۆلەتنىڭ نىفىت باھاسىغا تاڭ تاڭ قىلىشقا قۇبرى يەتمەيدۇ. نىفىتنى شۇ ئىككى دۆلەتتىن قالسا ئامرىكا ئاساسلىق كونتۇرول قىلىدۇ.بۇنداق بولغاندا يەنى دوللار نىفىت باھاسىنى كونتۇرۇل قىلغان بۇنداق ۋەزىيەتتە دوللارنىڭ كۇشەندىسىز قاڭقىشى كۆز ئالدىمىزدىكى گەپ.روسيە غەمدە بولسا ، نىفىتننىڭ قارشىلىق كۇچى زور بولمايدۇ.
ئىككىسى بىر بۇلۇپ، يەنى ياۋرۇپا بىلەن ئامرىكا بىر بۇلۇپ، نىفىتقا زەربە بەردى. نەتىجىدە دوللار زۇرۇيۇپ، ياۋرۇپالىقلارنىمۇ ياۋشىتىپ قويدى، يەنى گىرتسىيە كىرزىسى تۇپەيلى دوللار بىلەن ئۇزەڭگە سوقۇشتۇرغان ياۋرۇغا ئەجەللىك زەربە بىرىلدى. ھازىر ياۋرۇنىڭ ئۆزلۇكسىز چۇشىشى، يەنى ئايرىۋاشلاشنىڭ تۇۋەنگە چۇشۇشى بۇ دوللارنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق بولماقتا، دىمەك ئۇنىڭغا كەلگەن كۇن بۇنىڭغىمۇ كەلدى. بۇنىڭغا قاراپ بۇندىن كىيىن دوللار ئىمپىريىسى تىخىمۇ زورىيدىغانلىقىنى تىخمۇ پارلاق بۇلدىغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.
دىمەك بۇنداق شارائىتتا دوللارغا تاڭ تاڭ قىلىش ئاخماقلىق.
يەنە بىر جەھەتتە، ئۆتكەندە ئالتۇن قاتلاپ ئۆستى، بۇنىڭ ئىچكىي مەنىسى، ئامىركا ئالتۇننى قىسسىپ، نۇرغۇن پۇل تارقاتقاچقا ئالتۇن ئۆستى. دوللارغا ئالتۇن ئالسا، نۇرغۇن پۇل بازارغا كىرىدۇ،ئالتۇن بانكىغا يىغىلىدۇ، كەڭرى سىياسەت دىگەن شۇ. ئاندىن قىممەت باھادا ئالتۇن ساتسا، ھازىرقىدەك پۇل بانكىغا يىغىلىدۇ، ئالتۇن بازارغا چىقىدۇ. پۇل قىسىۋىلىنغان بولغاچ پۇل دوللار ئۆسىدۇ. بۇمۇ دوللارنىڭ ئۆسۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ.

دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن، دوللار ئۆسىشىدىن ئالتۇننىڭ ئۆسىشى خەتەرلىك، چۇنكى ئالتۇن ئاش باھاسىنى چۇشۇرۋىتىدۇ.ئاش باھاسى تۇۋەن بولسا ئىچكىي ئىھتىياج تۇۋەنلەيدۇ.
نىفىت باھاسىمۇ جىق تەسىر قىلىپ بۇلالمايدۇ. خەلقارادا ئەزان بولسا، خەلقارادىن ئەكىرىپ ئىشلىتىدۇ، خەلقارادا قىممەت بولسا ئۆزىدىكىنى ئىشلىتىدۇ.
روسيە بىلەن جۇڭگۇ ھەنىمىدۇر ئىنتىرناتسىيۇنالىزىم. ھازىرقى بۇ ئىختىسادىي ۋەزىيەتكە بىرنىمە دىيىش قىيىن بۇلىۋاتىدۇ. ئىككى قىيققا تەڭ دەسسەش قىيىن بۇلىۋاتىدۇ. روسلارنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
ھازىرقى رەپتارىدىن روسلارغا مايىلدەك.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 18:48:44

ياخشى مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ .

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 19:54:29

hohayla يوللىغان ۋاقتى  2015-01-04 14:15:43 static/image/common/back.gif
1 دوللار  22  يۈەنگە كىلىدۇ دەيدۇ راسمىدۇ يا  
ۋاي خۇدايىم :funk::funk::dizzy:

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 19:56:35

hohayla يوللىغان ۋاقتى  2015-01-04 14:46:54 static/image/common/back.gif
پۇتكىل دۇنيا بىرلىككە كەلگەن پۇل ئشلەتسە قانداق بۇلا  
ئىنسانلانىڭ ئاچكۆزلۈكى يۇقالمىسا بۇ مۇمكىن بولمايدۇ
بەت: [1]
: نېفىت باھاسى چۈشتى، دوللار ئۆستى