تور سودا تېخنىكى تەربىيلەش يولغا قويۇلدى
ماساگىت ئېلېكتىرونلۇق سودا تېخنىكىسىدىن تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويدىئەرقال تاراتقۇسى خەۋىرى
شىنجاڭ ماساگىت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەۋلاندىن ئىگىلىشىمىزچە، شىركەت يېقىندا كارخانىلار ئۈچۈن تور دۇكان تىجارىتىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىدىغان باشقۇرغۇچى تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، ھازىر تەربىيەلەشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەن.
مەۋلاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ تۈرگە تەخمىنەن 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ خىل تەربىيەلەش ئارقىلىق كەسپى تور دۇكان باشقۇرغۇچى يېتىشتۈرۈپ، كارخانىلارنى تيەنماۋ (天猫)، جىڭدۇڭ (京东) قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە تور دۇكىنى قۇرۇپ بېرىش ۋە تىجارىتىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھازىر بۇ تۈردە 6 نەپەر خادىم تەربىيەلىنىۋاتقان بولۇپ، تەربىيەلەش ھەقسىز بولغاندىن سىرت، ھەر بىر خادىمغا 1000 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىدىكەن.
تېخىمۇ سەرخىل خەۋەرلەر ئەرقال تاراتقۇسىدا: www.erqal.com قالتىس ئىش دەپ مانى دەيمىز ... ناھايىتىمۇ بەلەن ئىش قىلىپتۇ ، بىلىم ئىگەللۈگۈچى لىكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالسا بولمايدۇ ، ئەڭ تىز يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان ساھە ، شۇڭا ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ماس قەدەمدە يىڭىلاپ تۇرىشى لازىم مەنمۇ مۇشۇ ساھەگە قوشۇلسام بولاتتى، كومپىيۇتېر بىلەن ئېيتىشۋاتقىلى بەش - ئالتە يىلدىن ئېشىپتۇ، بىراق مۇشۇ ساھەگە كىرىپ باقماپتىمە. باشقىلار مۇشۇ تور سودا ساھەسىدە نۇرغۇن پۇللارنى تاپالايدىكەن، بىزمۇ بىر تىرىشىپ باقساق بولاتتى.
بەت:
[1]