dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 08:53:02

كىشىلىك ھاياتتىكى بىردىنبىر تىللا

     ئەقىل-پاراسەت ئىشىكىنى ئاستا ئاچ

ئەقىل-پاراسەت روھىنى يىتىلدۈرىدىغان مەنبە.

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە مەشھۇر بىر ئۆسۈملۈك باغچىسى بار، ھەركۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر بۇ باغچىغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىپ، رەڭمۇرەڭ گۈللەر ۋە شەكلى ئۆزگىچە تەشتەك مەنزىرلىرىنى تاماشا قىلىدۇ. ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ باشقا باغچىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر يېرى، باغچا دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تاختا ئېسىلغان، ئۇنىڭغا:«گۈل-گىياھلارنى ئوغرىلىغانلارنى پاش قىلغانلارغا 30دوللار ئىنئام قىلىنىدۇ»دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. مەن ئىلگىرى باشقۇرغۇچىدىن:«نېمە ئۈچۈن بۇرۇنقى ئادەت بويىچە‹گۈل-گىياھ ئوغرىلىغانلارغا ئۈچ دوللار جەرىمانە قۇيۇلىدۇ›دەپ يازمىدىڭلار ؟»دەپ سورىسام، باشقۇرغۇچى ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا شۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى:«ئەگەر ئۇنداق دەپ يازساق، پەقەت مېنىڭ ئىككى كۈزۈمگە تاينىپلا نازارەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن ھازىر بولسا نەچچە يۈز جۈپ كۆزلەر سەگەكلىك بىلەن نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئۈسۈملۈك باغچىلىرى بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشنى ئويلشىپ باقسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدى.» مانا بۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ نامايەندىسى. ئەقىل-پاراسەت بىر خىل قابىلىيەت، بىر خىل كىشىلىك ھايات ئېڭى، بىرخىل دەريادەك كەڭ كۆڭۈل ۋە ئۆتكۈر كۆز. ئادەمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ھەممە ئىشقا ماھىر بولىدۇ، جاھاندىكى پۈتۈن مەسىلىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنى بولالايدۇ.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يەھۇدىي ئائىلىسىدە بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەربىيىسىگە مەسئۇل بولغان ئانا بالىلارنى تەربىيىلەش جەريانىدا ئۇلاردىن مۇنداق بىر تېپىشماققا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن:«ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە، سېنىڭ مال-دۇنيايىڭنى باشقىلار بۇلاپ كەتمەكچى بولسا، سەن قانداق نەرسىنى ئېلىپ قېچىپ چىقىپ كېتىسەن؟» تەبىئىيكى، نۇرغۇن بالىلار بىرىنچى بولۇپ پۇلنى ئويلايدۇ، ئائىلىسىدە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان بىباھا ئالماسلارنى ئويلايدۇ. ئېنىقكى، بۇلار ئانا ئېرىشمەكچى بولغان جاۋاب ئەمەس.

ئانا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ سۇئال قويىدۇ:«شەكىلسىز، رەڭسىز، پۇراقسىز بىر قىممەتلىك نەرسە بار، ئۇنىڭ نىمىلكىنى بىلەمسەن؟» ئەگەر بالا يەنىلا جاۋاب بېرەلمىسە، ئانا ئۆزى يېشىپ بېرىدۇ:« بالام بۇ قىممەتلىك نەرسە، يەنى ئۆيگە ئوت كەتكەندە سەن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە تىگىشلىك نەرسە پۇل ئەمەس، ئالماسمۇ ئەمەس، بەلكى ئەقىل-پاراسەت. چۈنكى، ئەقىل-پاراسەتنى ھەرقانداق ئادەم بۇلاپ كېتەلمەيدۇ، سەن ھاياتلا بولساڭ، ئەقىل-پاراسەت ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.»

ئەقىل-پاراسەتلىك زېرەك يەھيۇدىيلارنىڭ نەزىرىدە ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىممىتى بار، قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىلەرنى يەنە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ، پەقەت ئەقىل-پاراسەتلا ۋۇجۇدۇڭدىن ئايرىلمايدىغان بىباھا گۆھەر، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى بىردىنبىر تىللا، ئۇ بولغاندىلا ئاندىن باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يەھۇدىيلار تۇغۇلغاندىلا ئۇ تىللانى بىللە ئېلىپ چۈشكەن ئەمەس، لېكىن ئۇلار بۇ تىللانى قانداق ياساپ چىقىشنى بەكرەك بىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئەمدىلەتىن ئىش ئۇقۇشقا باشلىغاندا، ئانىلار كىتاب بەتلىرىگە ھەسەل تېمىتىپ، ئۇنى بالىلىرىغا يالىتىدىكەن، ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق بالىلىرىغا ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئەڭ تاتلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. يەھۇدىيلار ئەقىل-پاراسەتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەقىل-پاراسەت دېڭىزىدا چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇلارنى پۈتمەس-تۈگىمەس ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئەقىل-پاراسەت بولغاندا، قىيىنچىلىق ئىچىدە پارلاق قارشى قىرغاققا ئۇلىشىدىغان كۆۋرۈك قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قەسىرىگە تۇتىشىدىغان پەلەمپەي تۇرغۇزغىلى بولىدۇ،ئالغا ئىلگىرلەش يولىدىكى توسالغۇ ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، مۇۋەپپەقىيەت، بايلىق ۋە شان-شەرەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەقىل-پاراسەت بولغاندا ھەممىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

قېنى، ھەممىمىز بىرلىكتە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئىشىكىنى ئاچايلى!

ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:44:03

مەن ئ‍ىنتايىن ياخشى كۆرۈپ ئ‍وقۇپ چىققانتىم بۇ كىتاپنى ، ياخشى كىتاپ جۇمۇ !

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:54:09

بىر ئ‍انا بالسىنى ئ‍ەگەشتۈرۈپ تاللا بازىرىغا كېرىپتۇ،دۇكاندار بالىغا ئ‍ىچى كۆيۈپ :بالام كەمپۈتتىن بىر سىقىم ئ‍ېلۋالە دەپتۇ. بالا باشمالتىقىنى شۈمگىنچە قاراپ تۇرۇپتۇ. دۇكاندار:نىمىشقا ئ‍المايسەن بالام دەپ ئ‍ۆزى بىر سىقىم كەمپۈتنى ئ‍ىلىپ بىرىپتۇ. ئ‍ۆيىگە كەلگەندە ئ‍انىسى نىمىشقا ئ‍ۆزى ئ‍المىغانلىقىنى سورىسا ،بالىسى:چۈنكى مېنىڭ قولۇم كىچىك تۇرسا ، دۇكاندار ئ‍ىلىپ بەرسە جىق ئ‍ىلىپ بىرىدۇ ئ‍ەمەسمۇ دەپتۇ.:lol:lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 18:01:42

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 20:02:04

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-01-04 14:54:09 static/image/common/back.gif
بىر ئ‍انا بالسىنى ئ‍ەگەشتۈرۈپ تاللا بازىرىغا كېرىپتۇ،
ئەقىللىق بالىكەن
بەت: [1]
: كىشىلىك ھاياتتىكى بىردىنبىر تىللا