ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 08:47:07

«ئالماس» بىلەن «ئۆتكۈربىز» ھەمكارلاشتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 08:56  

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەرقال تاراتقۇسى خەۋىرى

ئىگىلىشىمىزچە، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنرۇڭ سارىيى 9-قەۋەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇھاكىمە يىغىنىنى شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا شىنجاڭ «ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ئۈچ ئومۇمىي يىغىنى» نىڭ باش مۇدىرى (ياكى باش كاتىپى)، ئىلىم-پەن ساھەسىدىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام، دوكتور خې جيەن، پىروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم ۋە شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ئەلا يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى بىلىگ تور تېخنىكا شىركىتى، شىنجاڭ قارلۇق شىركىتى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى، ئۈرۈمچى ئۆتكۈر بىز يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتى، شىنجاڭ يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىكا شىركىتى، ئۈرۈمچى يەلتاپان شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇچۇر-تېخنىكا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن 120 دىن ئارتۇق كىشى تەكلىپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ساھەدىكى ھەۋەسكارلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىشىغا قارىتا چەكلىمە قويۇلمىغان.

شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مۇھاكىمە جەريانىدا «كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال ئېچىش جەريانى ۋە ئەمەلىيىتى»، «كۆپ تىلنى ئارىلاش كىرگۈزۈش ۋە ئارىلاش كۆرسىتىش تېخنىكىسى»، «كۆپ تىللىق تەبىئىي تىلنى ماشىنىدا تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى» قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات ئېلىپ بېرىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ لىدېرى ئالىم ئەھەت ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەقسىز سىستېمىسى توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.


«ئالماس» بىلەن «ئۆتكۈربىز» ھەمكارلىق كىلىشىمنامىسى ئىمزالىدى

ئەرقال تاراتقۇسى خەۋىرى

ئىگىلىشىمىزچە، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىدا شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئۆتكۈر بىز يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە شىركەت نامى بىۋاسىتە ئېلىنىدۇ) ئىستىراتېگيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىغان.

ئالماس شىركىتى ئىجىرائىيە باش دىرېكتورى تاھىر تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىمزالانغان. كېلىشىمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلەرنى ئىككى شىركەتنىڭ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئالماس شىركىتى تۈر پىلانلاش، تۈر لايىھىلەش جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە، ئۆتكۈر بىز شىركىتىنىڭ تۈر ۋە لايىھىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىى بەلگىلەنگەن.

تاھىر تۇرسۇننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىنىڭ مۆھلىتى بىر يىل بولۇپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋېتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىر يىللىق ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن.

تېخىمۇ سەرخىل خەۋەرلەر ئەرقال تاراتقۇسىدا: www.erqal.com

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:55:54

ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىيات توغى ئاستىدا بىرلىكتە يىڭىلىق يارىتىپ  كىلۇن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن ساقلىنىپ تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ كوپ قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كىلىشىگە تىلەكداشمەن.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 16:29:42

بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. مۇشۇنداق ھەمكارلىق ئارقىلىق  كۈچىمىزتېخىمۇ  زۇرايغۇسى.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 17:41:20

بۇ دىتال شېركەتلىرىمۇ ئەرقال مۇنبىرىگە ئەزاغۇ دەيمەن
بەت: [1]
: «ئالماس» بىلەن «ئۆتكۈربىز» ھەمكارلاشتى