Windows Phone ئۈچۈن پۈتۈك 2.0 ئېلان قىلىندى
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201501/01/160020p3l9l9tgpg17p03a.jpgئەپ نامى: پۈتۈك (Putuk)
خىزمەت مۇھىتى: +Windows Phone 8.0
نەشرى: 2.0.0.0
سىغىمى: 944KB
رولى: Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش
ئەپ چۈشەندۈرۈلۈشى:
«پۈتۈك» پەقەت بىرلا مەقسەت – Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن.
«پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone نىڭ 8.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىلىرىدە ئىشلەيدۇ.
«پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈكنى ئۈندىدار (Wechat) دىكى دوستلارغا، دوستلار چەمبىرىكىگە، قىسقا ئۇچۇرغا ۋە ئېلخەتكە ھەمبەھرىلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
بۇ ئەپنىڭ تۇنجى نەشرى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەزى خاتالىقلار بايقالدى، Windows Phone ئىشلەتكۈچىلىرىمۇ بەزى ياخشى پىكىرلەرنى بەردى.
ئەپنىڭ بۇ قېتىملىق نەشرىدە 1-نەشرىدىكى «پۈتۈك پۈتكەندە نۇر بەلگىسى چىقماسلىق» كاشىلىسىدىن باشقىلىرى ئاساسەن ھەل قىلىندى. بۇ مەسىلىنىمۇ داۋاملىق ھەل قىلىۋاتىمىز.
بۇ ئەپتە بىز ھېس قىلمىغان ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى تەبىئىي. كېيىنكى نەشرىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىشلىتىش جەريانىدا خاتالىق بايقىسىڭىز ياكى ئەپكە نىسبەتەن تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا، master@xjcfan.com غا يوللاپ بەرگەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپىڭىزدىكى Windows Phone ئىشلىتىۋاتقان دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇمىغايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى 1: http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/putuk/9f06eb3e-34f7-403a-a5be-833606e3266f
چۈشۈرۈش ئادرېسى 2: Windows Phone ئەپ بازىرى http://www.windowsphone.com دىن Xjcfan ياكى Putuk دەپ ئىزدەپ، چۈشۈرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تۆۋەندە ئەپتىن كەسمە رەسىملەر بېرىلدى.
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/12/1.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/12/2.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/12/3.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/12/4.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/12/5.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/12/6.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/12/7.png
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى2015-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
مىنىڭ ئۆزىمىزنى چۈكۈرگۈم يوق، نىمىشقا ئۇيغۇرلار تۈزگەن ئەپلەردە داۋاملىق ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلار مەۋجۈت بۇلىدۇ؟ ياكى ئۇنى سىناق نۇسخا دەپ ئەسكەرتىپ قۇيمايدىكەنمىز. مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارغا ئىشەنچىم بەكلا تۈۋەنلەپ كەتتى. ياكى بىز بەك ئالدىراپ ئېلان قىلىشقا ئامراقمۇ؟ begmurad يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 12:30 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئۆزىمىزنى چۈكۈرگۈم يوق، نىمىشقا ئۇيغۇرلار تۈزگە ...
بەك ئۆزىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ، يۇمشاق دېتاللاردا كەمتۈكلۈك بولۇش ئۇيغۇرغا خاس ئىش ئەمەس.
بارا بارا ياخشىلىنىدۇ. پۈتۈكنى ئۈستەل كومپىيۇتىردا ئەپ دۇكىنىدىن ئىزدىسەم چىقمىدىغۇ؟ بەك ياخشى بوپتۇ قېرىندىشىم ئۆزەم بىر تىلفۇن سېستىما ھەۋەسكارى سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن بۇ دىتالنى ئىشلەتسە تۇرۇپلا ئىكراندىكى خەتلە بەك يوغناپ كىتىدىكەن تىلفۇننى ئۈچەگىلى سالىدىكەن يەنە خەت يازغاندا ئاۋاز يوق .لىكىن خەت بەك چىرايلىك كۈرۈندىكەن بۇ ئىنكاسنى مۇشۇ دىتالدا يېزىپ باقتىم
بەت:
[1]