attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 19:50:01

ئامۇرخاننىڭ يىڭى فىلىمى (Pk)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 19:52  

فىلىم ئىسمى PK
IMDB دەرىجىسى 8.7
ئاساسلىق روللارچى :ئامۇرخان ئانۇشا شارما،سانجاي دۇت
فىلىم تۇرى :كومدىيلىك
تىلى :ھىندى


بۇفىلىم كومىدىيلىك دىرامما  بولۇپ، فىلىمدە تاشقى پىلانېت ئادىمىنىڭ يەرشارىدىكى قىزىقارلىق، خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى
سۆزلەنگەن.ئۇچ ئەخمەق فىلىمىنى ئىشلىگەن رىژىسور بىلەن قايتا بىر قىتىملىق ھەمكارلاشقان فىلىمى ھىساپلىنىدۇ .
ھازىرغىچە فىىلىمدىن كىرگەن بىلەت كىرىمى 21.4مىليارىت دوللار.


فىلىمنىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى: فىلىمدە ئامىرخان تەقى-تۇرقى ئادەمگە ئوخشاپ قالىدىغان يەرشارىغا تاشقى پىلانت ئادىمى بولۇپ ئۇ يەرشارىغا تەتقىقات مەقسىتىدە كېلىدۇ. لېكىن ئۇ  ھىندىستان راجاستانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ تىزگىنىكىنى كىشىلەر ئوغرىلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز پىلانتىغا قايتالماي شۇ ئەسۋابنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ كىيىم كىيىشنى، سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ ۋە دوست تۇتىدۇ. كېيىن ئۇ دېھلىغا ئەسۋابىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كېلىدۇ، لېكىن بۇ چوڭ شەھەردە ھەرخىل كىشىلەر، ھەرخىل دىنلار ئارىسىدا قايمۇقۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە كىشىلەر ئۇنى PK دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. ئۇ كېيىنچە مۇخبىر قىزچاق جاگۇنى ئۇچۇرتىدۇ جاگۇ PKنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. .



يۇكۇدىكى كۆرۇش ئادرىسى
http://v.youku.com/v_show/id_XODU4NTYyOTE2.html?firsttime=3

http://v.youku.com/v_show/id_XODU4NTYyOTE2.html?firsttime=3

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:24:42

مەن كۆردۈم.  لېكىن دىگەندەك قىززىق تۇيۇلمىدى.  ئۆز تىلىدا بولغاچقا چۈشىنەلمىدىممۇ يا...

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:29:04

خەتلىك قىلىپنىپتۇمۇ-يا؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قانداق چۈشىنىمىز دەيمەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:36:45

abdukayyum يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 20:29 static/image/common/back.gif
خەتلىك قىلىپنىپتۇمۇ-يا؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قانداق چ ...

خەنزۇچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلنىۋىتىپتۇ ،نەچچە كۇنگە قالماي چىقىدۇ ،

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:06:09

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 20:36 static/image/common/back.gif
خەنزۇچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلنىۋىتىپتۇ ،نەچچە كۇن ...

«ھەيدەر»دىن باش سۈرەت قىلىۋاپسىز ھە؟ئۆتكەندە تاساددىپى كۆرۈپ قېلىپ بەك تەسىر قىلغانىدى.گۈزەل ئەمما ئازاپلىق كەشمىر....

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:10:10

يۇكۇدىكى ئادىرىسىدا ھېچقانداق خەت يوقكەن. كۆرۈپ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:34:45

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 21:06 static/image/common/back.gif
«ھەيدەر»دىن باش سۈرەت قىلىۋاپسىز ھە؟ئۆتكەندە تاسادد ...

شۇنداق .

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:56:32

بېلەت كىرىمى  21.4 مىليارىت دوللار؟؟؟:o

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 22:13:10

مەنمۇ كۆرۈپ تازا قىزىقمىدىيا؟ چۈشەنمىدىممۇ يا؟:P:P

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 22:34:46

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 21:34 static/image/common/back.gif
شۇنداق .

بىزمۇ كۆرۈپباقمامدۇق شۇ (ھەيدەر ) نى

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 22:51:37

dadash يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 21:56 static/image/common/back.gif
بېلەت كىرىمى  21.4 مىليارىت دوللار؟؟؟

مەنمۇ تازا ھەيران قالدىم بەلكىم ئامۇرخاننىڭ نام شەرپىدىن كۆرۇش سانى ئىشىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن .

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 22:59:38

asalam يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 22:34 static/image/common/back.gif
بىزمۇ كۆرۈپباقمامدۇق شۇ (ھەيدەر ) نى

http://v.youku.com/v_show/id_XODYyMTYzODc2.html

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 23:00:05

asalam يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 22:34 static/image/common/back.gif
بىزمۇ كۆرۈپباقمامدۇق شۇ (ھەيدەر ) نى

مانا ئەمما خەنزۇچە خېتى يوق.
http://www.bttiantang.com/subject/26376.html

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 00:00:51

مىنىڭچە بۇ فىلىم شاھرۇلنىڭ يىڭى يىل دىگەن فىلىمدىن ياخشىكەن ،
ئۇ فىلىمىڭ مەزمۇنى ماڭا ئانچە يارىمىدى.

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 00:11:47

ئامىر دەيلى.
ئانۇشا ئەمەس ئانۇشكا.

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 00:18:49

بۇ ئامىرجان كالۋاسىمان خاراكتېرگە ئامراق بوپقالدىمۇ قانداق. ئالدىنقى فىلىمدىمۇ ئىنىسىنى يامانمۇ دەلدۈش قىپ قوياپتىكەن، سەل پەل چارچاپ قالىدىكەن كىشى...
شاھرۇكنىڭ كىنوسىنى قانداقمۇ ئامىرنىڭىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟:lol

تەۋسىيە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئەتتىر.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 01:46:21

yiltizim يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 00:11 static/image/common/back.gif
ئامىر دەيلى.
ئانۇشا ئەمەس ئانۇشكا.

小安دەپلا ئاتىغاچقا تولۇق ئىسمىنى خاتا يىزىپتىمەن.
ئامىرخاننىڭ فىلىمنى تاللاپ قوبۇل قىلدىغان ئادىتى بارئىكەن ،فىلىم ۋەقەلىكى ياخشى شۇڭلاشقا داڭ قازىنىپ كەتتى،لىكىن شاھرۇلخان مەيلى قانداق فىلىمدا رول ئالسۇن ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئورۇندايدۇ.
ئامۇرخان رەت قىلغان كۆپ فىلىملارغا شاھرۇل رول ئالغان لىكىن يەنىلا فىلىم ناھايىتى قالتىس مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى.

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 09:55:58

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!ماڭا بۆرىلەر جىلغىسى فىلمىنىڭ ئۆزبىكچىسى لازىم بوپ قالغان كىم بىلدۇ كۆرۈش ئادرىسنى!تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى ،ئۆزۈرلەر

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 14:20:57

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 22:51 static/image/common/back.gif
مەنمۇ تازا ھەيران قالدىم بەلكىم ئامۇرخاننىڭ نام شەرپ ...

خاتا ئوقۇۋاپسىز
بىلەت كىرىمى 5 مىلىيون 125مىڭ دوللار ئىكەن.
ھازىرغىچە بىلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كىنو ئاۋاتارنىڭ بىلەت كىرىمى ئىككى مىلىيارد 700مىلىيون دوللار ئەتراپىدا.
lists of highest-grossing films دەپ ئىزدىسەڭلا بىلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كىنولارنىڭ تىزىملىكىنى بىلەلەيسىلەر.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 15:27:37

قېنى مەنمۇ بىر كۆرۈپ باقاي.دوستلار ھىندىلارنىڭ ياخشى فىلىملىرى بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار. مەن بىر فىلىم تەۋسىيە قىلاي.يەنى يېڭى فىلىم    gunday
بەت: [1] 2 3 4
: ئامۇرخاننىڭ يىڭى فىلىمى (Pk)