Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 19:41:42

دۇنيا كەسپىي چېلىشىش تاماشاسى(wwe)ھەققىدە


دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى (World Wrestling Entertainment) پېيى بازارغا سېلىنغان  ئامېرىكىدىكى داڭلىق كەسپىي چېلىشىش شىركىتىدۇر، كىرىمى كەسپىي چېلىشى مۇسابىقىلىرىدىن باشقا، كىنو-فىلىم، مۇزىكا، نەشىر ھوقۇقى ۋە سېتىپ چىقىرىش قاتارلىق تۈرلەردىن كېلىدۇ. دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى كەسپىي چېلىشىشنى ئاساس قىلىپ، دراماتىك يوسۇندا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدىغان، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي چېلىشىش كارخانىسىدۇر. نۆۋەتتە دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى بايرىقى ئاستىدا نۇرغۇن پروگراممىلار بولۇپ، RAW ،SmackDown قاتارلىق پروگراممىلىرى ئەڭ داڭلىقتۇر. WWE بىر چېلىشىش بىرلەشمىسى بولۇپ، WWE دېگەنلىك چېلىشىش دېگەنلىك ئەمەس (NBA ۋە ۋاسكىتبول دېگەندەك ئۇقۇمغا ئوخشاش).
WWE نىڭ ئەسلى ئىسمى (World Wrestling Federation «دۇنيا چېلىشىش جەمئىيىتى») WWF بولۇپ، ئامېرىكىلىق كەسپىي تەنھەركەتچىVince McMahon ، -1982يىلى ئاتىسى بىر قوللۇق قۇرغان (World Wide Wrestling Federation «يەرشارى چېلىشىش جەمئىيىتى») WWWF نى سېتىۋېلىپ WWF گە ئۆزگەرتكەن. 1999-يىلى يەنە بىر (WWF «دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار جەمئىيىتى») WWF دەپ قىسقارتىلما نام بىلەن بولغان پاتېنت دەۋا دېلوسىدا مەغلۇب بولۇپ، 20 نەچچە يىل ئىشلەتكەن ئىسىمنى  (World Wrestling Entertainment «دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى») WWE غا ئۆزگەرتكەن. 2002-يىلى 2 چوڭ چېلىشىش گورۇھى (Wrestling World Champion «دۇنيا چىمپيون چېلىشىشى») WCW بىلەن (Extreme Champion Wrestling «دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپيون چېلىشىشى») ECW نى سېتىۋېلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى غايەت زور WWE غا ئايلانغان.

WWE نىڭ بايرىقى ئاستىدىكى پروگراممىلار:

Raw
Raw نىڭ پۈتۈن نامى WWE Monday Night Raw بولۇپ، ئامېرىكا دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى شىركىتىنىڭ داڭلىق ۋە مۇھىم پروگراممىسىدۇر، بۇ پروگرامما 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 135 دۆلەتتە قويۇلىدۇ. Raw دېگەن ئىسىم WAR نى تەتۈر ئۆرۈپ قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرگەندە RAW IS WAR (ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشتۇر) بولىدۇ. كېيىن بىر قىسىم سىياسى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، RAW IS WAR دېگەن نام RAW غا ئۆزگەرتىلگەن.

SmackDown
WWE SmackDown ئەسلىدە يەنە بىر كەسپىي چېلىشىش شىركىتى بولغان دۇنيا چىمپىيون چېلىشىشى (World Champion Wrestling) نىڭ پروگراممىسى ئېدى. 1994-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇنجى قويۇلغان، دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى شىركىتىنىڭ باشقا پروگراممىلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ بىر بىۋاستە تارقىتىلىدىغان پروگرامما بولماستىن، بەلكى سىنغا ئېلىپ تارقىتىلىدىغان پروگراممىدۇر.

NXT
NXT ئەڭ دەسلەپتە WWE نىڭ «بىرلەشمە ئۈچۈن يېڭى خادىملارنى تەربىيلەش» نى باش تېما قىلىپ، ھەرخىل كومىدىيەلىك ئېلمېنتلار قوشۇلغان كەسپىي چېلىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ، ئادەتتە دىيىلىدىغان كەسپىي چېلىشىشنى ئاساس قىلغان كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئېدى. NXT 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى syfy تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۇنجى قويۇلغان، 5 پەسىللىك مۇسابىقىغىچە، بۇ پروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن WWE بۇ پروگراممىنى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى قاتارىدىن قالدۇرۇپ، ئورگان تور بېكىتىدە قويۇلىدىغان ھەمدە ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا قويۇلىدىغان پروگرامماغا ئۆزگەرتكەن. 2012-يىلى 8-ئايدا WWE تەرەققىيات بىرلەشمىسى FCW نى تاقاپ، NXT بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن NXT رەسمىي ھالدا ھالدا WWE نىڭ تەرەققىيات بىرلەشمىسى بولۇپ قورۇلغان.

SLAM
SLAM نىڭ پۈتۈن نامى WWE Saturday Morning SLAM بولۇپ، ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە ھەر شەنبە كۈنى ئەتتىگەندە قويۇلىدىغان بالىلار پروگراممىسىدۇر، پروگراممىدىكى چېلىشىش ماھارەتلىرىدە كومىدىيەلىك خارەكتېرى بولۇپ، قەبىھ ھەرىكەتلەر يوق.

Main Event
WWE ئىشلىگەن، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلىشقا باشلىغان چېلىشىش پروگراممىسىدۇر.

Vintage Collection
WWE Vintage Collection بىر تۈرلۈك كەسپىي چېلىشىش مۇسابىقىسى ئىشلىرى تەۋسىيە پروگراممىسىدۇر، 2008-يىلىدىن باشلاپ قويۇلغان بولۇپ، WWE نىڭ بىر يۈرۈش تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئىچىدىكى بىرسىدۇر. 2013-يىلغىچە بۇ پروگرامما كانادا، ئاۋسترالىيە، فىلىپىن، ھىندىستان، پاكىستان، مالايسىيا قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا قەرەللىك قويۇلغان.

WWE نىڭ تەسىر كۈچى

WWE نىڭ مەستانىلىرى WWE UNIVERSE دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا تاماشا سەھەسىدە يولباشچىلىق ئورنىغا ئىگە، تۆۋەندىكىلىرى WWE غا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئۇچۇرلار:
WWE نىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى 30 نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 145 دىن كۆپ دۆلەتلەردە قويۇلىدۇ، پەقەت ئامېرىكىدىلا ھەر ھەپتىلىك كۆرۈرمەنلىرى 35 مىلىيوندىن ئاشىدۇ، پۈتۈن يەرشارىدىكى كۆرۈرمەنلىرى بولسا 600 مىلىيوندىن ئاشىدۇ.
WWE نىڭ پۈتۈن دۇنيادا 20 نەچچە خىل تىلدىكى ئورگان تور بېكىتى بار، كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 6 مىلىيون قېتىمدىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىكى 10 چوڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تور بېكەتلەرنىڭ بىرىدۇر، 2007-يىلى بىر كۈندىكى زىيارەت مىقدارى 20 مىلىيوندىن ئاشقان.
WWE ھەر يىلى 300 مەيداندىن كۆپ چېلىشىش ماھارىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 دىن كۆپىرەكى خەلقئارادا سەييارە قويۇلىدۇ.
2012-يىلى WWE نىڭ YouTube دىكى فىلىملىرىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 1 مىلىيارد 700 مىلىيون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى WWE بايانات ئېلان قىلىپ facebook دىكى ئورگان بېتىدا 100 مىلىيوندىن كۆپ مەستانىلىرىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىغان، بۇ ئامېرىكا كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمىسىدىكى 30 توپ كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ.
فوربىس باھالاپ چىققان دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلار قاتارىدا 14-ئورۇندا تۇرغان.
WWE نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنى كېلىپ ماھارەت كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلغان، مەسىلەن شىۋاشىنگىر، تەيسىن، O'Neill قاتارلىقلار بار،  ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى كىلنتون، كىچىك بوش ۋە ھازىرقى ۋەزىپىدە بولۇۋاتقان زۇڭتۇڭ ئوبامالاردىن تارتىپ WWE گە كېلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن.
WWE نىڭ twitter دىكى مەستانىلىرى 40 مىلىيوندىن، YouTube دىكى زاكاز قىلغان ئەزلار 1 مىلىيوندىن ئېشىپ، hbp، ئالما، ps، ufc، espn ۋە lady Gaga قاتارلىق ماركىلاردىن ئېشىپ كەتكەن.
ئورگان تەرەپ چىقارغان ژۇرنالنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى 5.1 مىلىيوندىن كۆپ بولۇپ، ھەر سان ژۇرنىلىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ESPN ،Rolling Stone، Maxim لارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ.
ئامېرىكىدا سېتىلغان ئالدىنقى 10 تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئىشلىرىنىڭ DVD لىرى ئىچىدە 8-ئورۇندا بولۇپ، (ئەسكەرتىش: WWE تەنتەربىيە تەنھەركەت تۈرى ئەمەس، تەپسىلاتى تۆۋەندە بېرىلىدۇ) 1999-يىلى WWE تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئويۇن يۇمشاق دېتالىنىڭ ياراتقان قىممىتى 1 مىلىيارد 400 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
20013-يىلىغىچە WWE تىلەك فوندى جەمئىيىتىنىڭ چىمپيونلار ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش چەمبىرىكى تۈرى ئارقىلىق 5 مىڭدىن كۆپ ئېغىر كېسەل بالىلارغا ياردەم بەرگەن.

چېلىشىش تەنتەربىيە ماھارەت مۇسابىقىسىمۇ؟

80-يىللاردىن ئىلگىرى چېلىشىش، بوكسىيورلۇققا ئوخشاش بىر خىل تەنھەركەت تۈرى ئېدى، ئەمما ئەزەلدىن ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بولۇپ باقمىغان، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. 1982-يىلدىن كېيىن بۇ تۈرلۈك تەنھەركەتنىڭ خارەكتېرى كۆڭۈل ئېچىش خارەكتېرىدىكى مۇسابىقىگە ئايلانغان، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا WWE بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىدۇر، WWE مۇ شەخىسكە تەۋە بولغان شىركەت، تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
WWE دا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدەك سىنارىيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، WWE دىكى ھەربىر چولپاننىڭ بېكىتىلگەن رولى بار، ئەمما بۇ روللار مۇقىم ئەمەس، بەزىدە قەھرىمان ئوبرازلار سەلبىي ئوبرازلارغا ئايلىنىدۇ، سەلبىي ئوبرازلارمۇ قەھرىمان ئوبرازلارغا ئايلىنىدۇ.

PAY-PER-VIEW

WWE ھەر ئايدا ئالاھىدە مۇسابىقە (PPV (PAY-PER-VIEW نى ئۆتكۈزىدۇ، PAY-PER-VIEW بولسا تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى ھەر قېتىم PPV پروگراممىلىرىنى قويغاندا ئۇنىڭ قويۇش ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ. مەسىلەن، تېلېۋىزىيە ئىستانىسى PPV نىڭ بىر يىللىق تارقىتىپ قويۇش ھوقۇقىنى سېتىۋالسا، ھەر بىر پروگراممىنى ئايرىم-ئايرىم سېتىۋالىدۇ، ھەرقايسى PPV پروگراممىلىرىنىڭ باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ، PPV دىكى ئەڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن WrestleMania نىڭ قويۇش ھوقۇقى ئاجايىپ قىممەت.
WWE نىڭ نۇرغۇن ماھىرلىرى بار، ئەمما ئاز بىر قىسىملىرىلا دائىم مۇسابىقىلەرگە چىقالايدۇ، بۇ ئاساسلىقى ماھىرنىڭ ئەمىلىي كۈچى، ئاۋاتلىقى ھەمدە WWE نىڭ سىنارىيە ئورۇنلاشتۇرىشىغا باغلىق.

PPV

2013-يىل( ئىسىملار مۇقىم ئەمەس، ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ)
1-ئاي Royal Rumble خان جەمەتى جېڭى
2-ئاي Elimination Chamber تۆمۈر قەپەس شاللىنىش مۇسابىقىسى
4-ئاي WrestleMania ئەسەبىي چېلىشىش
5-ئاي Extreme Rules ئەشەددىي قائىدە
6-ئاي Payback قانغا قان، جانغا جان
7-ئاي Money in the Bank چاماداندىكى پۇل
8-ئاي SummerSlam يازدىكى جەڭ
9-ئاي Night Of Champions چىمپيونلۇق كېچىسى
10-ئاينىڭ بېشى Battleground جەڭ مەيدانى
10-ئاينىڭ ئاخىرى Hell in a Cell كىچىك دوزاخ
11-ئاي Survivor Series يەڭگەن بەگ بولۇر
12-ئاي Tables, Ladders & Chairs (TLC) چەكلىمىسىز جەڭ

ئاساسى قائىدىلىرى

ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنىڭ ئايرىلىشى
قارشى تەرەپنىڭ ئىككى يەلكىسىدىن چېلىشىش سەھنىسىدە 3 سېكونت بېسىپ تۇرۇش (ئالاھىدە مۇسابىقىلەردە غەلبە قىلغانغا ھېساب ئەمەس)
قارشى تەرەپ مۇسابىقىدە ئەل بولۇش (قارشى تەرەپنى باش ئەگدۈرگەندە يەرنى ئۇرۇپ رەھىم قىلىشنى ئۆتۈنسە)
قارشى تەرەپنى ئۇرۇپ مۇسابىقىلىشالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسا (قارشى تەرەپنى ئۇرۇپ يىقىتقاندىن كېيىن، رېپىر ماھىرنىڭ قولىنى كۆتۈرىدۇ، 3 قېتىم ئەركىن چۈشسە شاللىنىدۇ)
قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەتسە، رېپىر 5 سېكونت  ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئەگەر قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت يەنە توختىمىسا، رېپىر مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. (بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسىمىغا ھۇجۇم قىلسا بىۋاستە شاللىنىدۇ)
قارشى تەرەپنى چېلىشىش سەھنىسىدىن ئۇرۇپ چۈشۈرۋەتسە ياكى چېلىشىش سەھنىسىدىن ئايرىلغاندا، رېپىر 10 سېكونت قايتىپ كېلىش ۋاقتى بېرىدۇ، بۇ ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلمىدە، رېپىر مۇسابىقىنى توختاتسا بولىدۇ. (يەرگە يىقىتىپ 10 سېكونتىن ئاشسىمۇ ھېساپ)
مۇسابىقە قوڭغىرىقى چېلىنىغانغاندىن كېيىن مۇسابىقە باشلانمىسا، رېپىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى مۇسابىقىنى بىكار قىلىدۇ.
رېپىرنىڭ بۇيرۇقىغا قارشىلىق قىلىنغاندا، رېپىر ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرش بېرىدۇ ياكى مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.
تاق كىشىلىك مۇسابىقىلەردە باشقا ماھىرلار بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىنسا، رېپىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.
مۇسابىقىدە قورال ئىشلەتسە رېپىر مۇسابىقىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرىدۇ. (چەكلىمىسىز مۇسابىقىلەردە ئۇنداق ئەمەس)

5 سېكونتلۇق قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئاگاھلاندۇرۇشى
پۇتى ۋە تىزى بىلەن قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
قۇلىقىنى، چېچىنى ۋە يۈزىنى مۇجىۋالغاندا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
بارماقنى كۆزىگە سانچىغاندا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
چېلىشىش سەھنىڭ تۈۋرىكىگە چىقىپ قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
مۇشتۇمى ياكى پۇتى بىلەن قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
قارشى تەرەپ ماھىرنى چىشلىسە رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
گېلىغا ھۇجۇم قىلسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
چېلىشىش سەھنىسى ئارغامچىسىنى تۇتۇۋالغاندا ھەرقانداق ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت توختىمىسا، رېپىر مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرسا بولىدۇ.

10 سېكونت چېلىشىش سەھنىسىدىن ئايرىلسا ئۇتتۇرغانغا ھېساب.
قورال ئىشلەتسە ياكى باشقا ماھىرلار مۇسابىقىگە ئارىلاشسا رېپىر ئۇتتۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
ئەگەر مەلۇم بىر مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ماھىر، يەڭگىل ھالدا مۇسابىقىگە ئارىلاشسا، رېپىر مەيداندىن ئايرىلىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ.
قارشى تەرەپنىڭ ئىككى يەلكىسى ھەرقانداق شەكىلدە چېلىشىش سەھنىسىگە بېسىلغاندا رېپىر ساناشقا باشلايدۇ.
بېسىلغان ۋاقىتتا، ھەر قانداق بىر ماھىرنىڭ بەدىنى چېلىشىش مەيدانى ئارغامچىسىغا تېگىشسە، ساناش توختايدۇ.
قەستەن كۆزگە سانچىپ ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن رېپىر بايقاپ قالسا ھەمدە بۇ خىل ھەرىكەتنى قايتا قىلسا ئۇتتۇرىدۇ.
قورال ئىشلەتكەن ياكى مۇسابىقىگە ئارىلاشقان ماھىرلار ئۇتتۇرغان تەرەپ بولىدۇ، ئەمما چىمپىيونلۇق بەلبېغى قورال ئىشلەتكەن ياكى مۇسابىقىگە ئارىلاشقان ماھىردا بولسا، چىمپىيونلۇق بەلبىغى قارشى تەرەپكە ئۆتمەيدۇ، چىمپىيونلۇق بەلبېغى مۇسابىقىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۇتتۇرغاندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ، شۇڭىلاشقا نۇرغۇن سەلبىي ئوبرازدىكى ماھىرلار ياكى چىمپىيونلۇق بەلبېغى بار ماھىرلار قەستەن كېلىپ مۇسابىقىگە ئارىلىشىدۇ.

باشقا ئۇچۇرلار

ماھىرلار شۇنچە تاياق يېسىمۇ نېمىشقا ئۆلۈپ قالمايدۇ؟
مەلۇم بىر ماھىرلارنىڭ دائىم قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز، ھەتتا بەزى ماھىرلار ئۇرۇلۇپ ئاغىز بۇرنىدىن قان كېتىدۇ، ئەمما ئۆلۈپ قالمايدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تەربىيلەشتىن ئۆتكەن بولۇپ، زەربىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، قارشى تەرەپنى ئۇرغاندىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرمايدۇ، چېلىشىش سەھىنىسىمۇ ئالاھىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ماھىرلار سەھنىگە قاتتىق يىقىلسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر WWE نى پۈتۈنلەي ساختا دەپ قارايدۇ، گەرچە ماھىرلارنىڭ ماھارەت ئورۇنلاش سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بەزى بىر قىسىملىرى راس، چېلىشىش سەھنىسى ئالاھىدە ياسالغان بولسىمۇ، ماھىرلارنىڭ ئېغىرلىقى نەچچە يۈز كىلوغا يېتىدۇ، ئېغىرلىقىنىڭ زەربە كۈچىنى كونترول قىلىش تەس، ھەمدە سەكرەپ ئۇرغاندىكى ھۇجۇم كۈچىنىمۇ كونترول قىلىش تەس،ھېچ بولمىغاندا ماھىرنىڭ تىزى بىلەن بىلىكى ئاۋال يەرگە چۈشتى دېگەندىمۇ، ماھىرنىڭ پۇت قولى چوقۇم ئاغرىيدۇ.

WWE مەستانىلىرىدا بولۇشقا تىگىشلىك پوزىتسىيە
WWE نىڭ تولۇق نامى World Wrestling Entertainment، يەنى دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى بولۇپ، تاماشا دىگەن ئىسىمدىنلا مەنىسىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ، يەنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىدىغان پروگرامما، شۇڭىلاشقا ھەر بىر ماھىر بىر ئاكتىيوردۇر، ئاتالمىش دۇنيا چىمپيونىمۇ پەقەتلا بىر نام خالاس، دۇنيا چېلىشىش تەشكىلاتىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشمىگەن.

ھەر ھەپتىلىك پروگراممىلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى(ئامېرىكا ۋاقتى)

WWE Monday Night Raw ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. (نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ)
WWE Tough Enough ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. (سىنغا ئېلىپ تارقىتىلىدۇ)
WWE NXT ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. (توردا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ)
WWE Superstars ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچتە قويۇلىدۇ (سىنغا ئېلىپ تارقىتىلىدۇ)
WWE Friday Night SmackDown ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتە قويۇلىدۇ (سىنغا ئېلىپ تارقىتىلىدۇ)
WWE SLAM ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى ئەتتىگەندە قويۇلىدۇ (سىنغا ئېلىپ تارقىتىلىدۇ)

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:28:19

مەنمۇ بۇنىڭغا ھەيران قالىمەن.  راسمۇ يالغانمۇ بىلەلمىگەنتىم.  بەك كۆرىدىكەن بۇ پىروگراممىنى.  مەن ياقتۇرمايدىكەنمەن.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:36:07

پەقەتلا خۇشۇم يوق، بىرچاغدا دوستۇم كۆرۈپ ۋاي جون سىنا ، ئ‍اندىر تايكىر دەپ كۆر دىگەنتى ، قاراپ كۈلۈپ كەتىم بۇ ئ‍اكتىيورلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سەۋىيەسى بەك تۆۋەنكەن ، كۆتۈرۈپ ئ‍اتماقچى بولسا رەقىبى سەكرەپ قولىغا چىقىپ بىرىدىكەن ، مۇش پەشۋالىرى بەك سۈنئ‍ي ، تاياق يىگەندىكى ئىپادىسى تېخىمۇ سۈنئ‍ي ، يەر نوچىكەن قاڭقىتىشى بولىدىكەن ماھىرلار جىق ئ‍ېغىر يىگەندىمۇ ئ‍ىككى كىلو ئەتراپىدا يسىمۇ ، چىرايىغا تېخىمۇ بوش سالىدىكەن . مىنى قىزىقتۇرشى ئ‍ۈچۈن ئ‍اكتىيورلارنىڭ سەۋىيەسى ئ‍ۆسسۇن ، ماھارەتلىرى سازلاشسۇن ، تېككىن 3ئ‍ويۇنىدىكى قاپلاننىڭ تۇتىشىدەك ، ۋە شۇنىڭدىكى ئ‍اكتىيورلاردەك سەۋىيەگە ئ‍ىگە بولغاندا كۆرۈپ قويىمەن .

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:41:44

بۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاركەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:55:07

مەن ئاساسەن كۆرىمەن بۇنى.
تولۇق ئۇچۇرىنى يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت.

Adam0308 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 22:08:32

مەنمۇ بەك كۆرەتتىم بۇنى،لىكىن ساختىلىقىنى ئاڭلاپ {:99:}{:99:}{:99:}

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 23:11:06

    بۇنى كۆرسەم ھىندىستان فىلىمىنى كۆرگەندەك ھىسسىياتتا بولمەن، يەنە ئويلايمەن ھەر قانچە بولسا بىرەر سائەت توختىماي ھەركەت قىلىشقىمۇ كۈچ كىرەك دەپ.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 23:21:48

كىچىگىمدە ئاندىر تايكېر دېگەن نىمىگە ئالدىنىپ يۇرۈپتىكەنمەن :lol

karam يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 00:31:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 00:33  

بۇ خەخنىڭ كۆپىنچىسى ئىشتىنى يوق چېغىۋا ....  كۆپىنچىسى كۇسەر بىلەنلا مەندانغا كىردۇ ...

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 16:52:19

بەزى ھەركەتلىرى بولىدۇ.لىكىن بەكلا چىنىپ قالىدىكەن.بەزىدە ھەقىقەتەن قان چىقىرىۋىتىپمۇ قۇيىدىكەن.ئىشقىلىپ بوپ قۇيىدىغان تاماششا سەھنىسىكەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 17:18:35

ئورۇندۇقنى پىرقىرتىپ ئۇرغان يەرلىرىگە قاراپ ھەيران قالاتتىم

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 18:19:07

  بەك ماز :lol

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 19:24:12

gold berg , austin , the rock , brock , hbk , hhh   digenlerning musabiqisi heli bup qaldu

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 20:07:03

مەن بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقانلادىن مەندىن باشقىسى كۆرەمدىكى بۇنى.. شۇنچە ئۆزەمنى زورلاپ بىقىپ ھىچ باش ئاخىرىنى چۇشەنمەي كۆرمەسلا بولدۇم،تالىشىپ كىتىمە تىخى خىزمەتداشلىرىم بىلەن راس ئۇرىدۇ ئۇرمايدۇ دەپ

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 23:11:40

تۇمۇزدىن بۇرۇن مەنمۇ بەك كۈرەتتىم ،ھازىر كورمەيمەن

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 09:04:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 09:07  

ئالى مەكتەپتىكى چاغلاردا ئوت مەستانىسىتىم بۇنىڭ....باشتا %100  راس دەپ كۆرىتۇق،  DX  بىلەن  ئېيج -رەندى  گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭلەرنى قالدۇرماي كۆرەتتۇق، ناچار گۇيلار ساختىلىق قىلىپ يېڭىۋالسا ۋىجدانلىرىمىز قايناپ ، ئۇيقىلىرىمىز كەلمەي.....:lol كېيىن كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ۋەقەلىك قوغلىشىپ كۆرىدىغان بولغان، ھازىر بېسىپ ئولتۇرۇپ بىر مەيدان كۆرۈپ باقمىغىلىمۇ 6-5 يىل بوپتۇ.  
بەت: [1]
: دۇنيا كەسپىي چېلىشىش تاماشاسى(wwe)ھەققىدە