office2007-2010 ھۆججەتلىرىنى office2003 تە ئېچىش
كونا نۇسخىدىكى Office ئىشلىتىدىغان دوستلار يېڭىOffice ھۆججەتلىرىنى ئېچىشتا قىيىنچىلىققا يولۇقتىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى دېتالدا بولسۇن.
بۇ بولسا مىكروسوفىت شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Office دېتاللىرىدا يەنى Office 2007 ۋە Office 2010 قاتارلىقلاردا يېزىلغان ماتىرىياللارنى كونا نۇسخىدىكى Office ئارقىلىق نورمال ئېچىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دېتال. office2007 سىستېمىسىدىن باشلاپ، مىكروسوفىت شىركىتى Microsoft Office يۇمشاق دېتال يادروسىغا قارىتا ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، word، Powerpoint ۋە Excel قاتارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ خاس فورماتى، يەنى ھۆججەت شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى. كونا نۇسخىدىكى ھۆججەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭىسىنىڭ كەينى قىسمىغا «X» ھەرىپى ئارتۇق قوشۇلغان، مەسىلەن، .Doc ھۆججىتى .Docx گە ئۆزگەرتىلگەن؛ XLS ھۆججىتى XLSX گە ئۆزگەرتىلگەن دىگەندەك. مانا بۇ خىل يېڭى شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى ئېچىش ئۈچۈن، شۇنىڭغا ماس يېڭى نەشىردىكى دېتال بولۇشى كىرەك، ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كونا نۇسخىدىكى Office نى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا بۇ دېتال بولسا، كونا ۋە يېڭى Office ھۆججەتلىرىنى بىمالال ئاچقىلى بولىدۇ.
ئورگان تورى:
http://www.microsoft.com/zh-cn/download/details.aspx?id=3
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://share.weiyun.com/e0c14ae84b10c643ca69d6df71d01151
ھەقىقەتەن چوڭ بىر ئاۋارچىلىقنى يوقىتىپتۇ بۇلار ، سىزنىڭ بىزنى خەۋەرلەندۈرگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.بولسا مۇشۇ ئەلكاتىپ 3.9بىلەن يېڭى نەشىرىدىكى سوقۇشنى بىر تۈگەتسەك بولىتى. رەھمەت،ۋاقتىنچە ساقلىۋېلىپ تۇراي نى زامان چىققىلى بۇ قىستۇرما دېتال،سىز ئەمدى يوللىدىڭىزما؟ئىزدىنىشتىكىلەردىن بۇنى بىلمەيدىغىنى يوقمىكىن
office2003 to 2007دەپ ئىزدىسىلا ساماندەك بۇنى تېما قىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ مۇشۇنداق تېمىمۇ تەستىقلىنىپتۇ دىسە.
پۇل تاپىدۇ ئەمەسمۇ، قوللاپ قويمامدۇق…
بەت:
[1]