uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 15:45:30

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 1-2

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 15:49  

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.9 دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1203.46    دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى1170.78 دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى 1196.1   دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 90.66  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1188    دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     
بۈگۈن 2015 - يىلىنىڭ تۇنجى سودا كۈنى كۆپ ساندىكى سودىگەرلەر سودا بازارلىرى ئارقا -ئارقىدىن  قايتىپ كېلىدۇ ، بۈگۈنكى سانلىق ئۇچۇر ياۋرۇپا ئامېرىكا بازىرىغا مەركەزلەشكەن .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1188-1182    دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى سۇس قىلدى .

2. چۈشلۈك ئاسىيا - ياۋرۇپا  بازىرىدا ئاۋاپ كۆزىتىپ  1192 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1180-1180   دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ئەگەر 1192 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1200 ياكى 1198 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1180-1185 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .  

3. كەچلىك  ياۋرۇپا - ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1178 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1170-1168 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ئەگەر چۈشۈپ كەتمىسە شۇ ئەتراپىدىن قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .  بۈگۈن كەچتە  ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممتى  ئېلان قىلىدۇ ، سودا بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى كۆرۈنەرلىك بۇلىشى مۇمكىن شۇڭا بىخەتەر سودا قىلىش ئۈچۈن نەتىجە ئەھۋالىغا قارىتا سودا قىلىش مۇۋاپىق . ئالتۇن باھاسى 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرمىغىچە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى ئېچىلمايدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1200 1193
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1178 1168

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1200-1173
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1168
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1200

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .





2015 - يىلىنىڭ تۇنجى سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسى قانداق بولدى ؟

      نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن  خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى قوزغاتتى ، 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاسىيا بازىىدا ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا يۇقىرى ئۆرلىگەن ، بىراق يەنىلا 1190 دوللاردىن تۆۋەن نۇقتىدا تۇرغان ، ئاسىيا چۈشلۈك ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى 1185 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى .
      بۈگۈن 2015 - يىلىنىڭ تۇنجى سودا كۈنى ، 2014 - يىلى ئالتۇن باھاسى 2% كە يېقىن چۈشۈش ئاساسى بىلەن ئاياغلاشتۇردى ، 2013 - يىلى 28% بولغان دىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن چوڭ ياخشىلىنىش بولغان .
     كۆپلىگەن تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە 2015 - يىلى ئالتۇن باھاسى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ ، چۈنكى دوللار داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ، شۇنداقلا ئامېرىكا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇشى ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلىنىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .
     Phillip Futures نىڭ تەھلىلچى ئۇستازى Howie Lee قارىشىچە ، دوللارنىڭ كۈچلۈك بولىشى ، پۈتكۈل دۇنيا پۇل قىسلىق بېسىمى ، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .
     دوللار كۆرسەتكۈچ 9 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ئەتراپىدا تەۋرەنگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى


ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 234.30يۈەن ؛
كۈمۈش ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.12 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛






1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنى قاچان ئېلان قىلىدۇ

        ھەر ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ھەر ئاينىڭ 1 - جۈمە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى  )  قىشلىق ۋاقىت:  11 - ئايدىن 3 - ئايغىچە ( 21:30 دە ، ) يازلىق ۋاقىت 4 - ئايدىن 10 - ئايغىچە ( 20:30 دە ئېلان قىلىدۇ .
       ئەسلى بېكىتىلگەن ھەر ئاينىڭ 1 - جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغان  غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى يېڭى يىل بايرىمى دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ .  
       ئەگەر غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ياخشى بولسا ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادى ياخشىلىنىدۇ ، بۇ دوللارغا پايدىلىق .  
       غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئالتۇن كۈمۈش خام نېفىت باھاسى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ .






2015 - يىلى دوللار ھالىتى قانداق بولىدۇ

   نوپۇزلۇق مەبلەغ سالغۇچى گارتمان(Dennis Gartman) نىڭ قارىشىچە ، 2015 - يىلى دوللار داۋاملىق كۈچلۈك ھالىتىنى كۆرسىتىپ ، ئالتۇن باھاسىغا داۋاملىق بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .
    CNBC مۇخبىرلار زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقتىدا ، گارتمان(Dennis Gartman) كۆرسەتمە بېرىپ : دوللار نىڭ ئىتتىك بازار ھالىتى ئەمدى باشلاندى ، ئەلۋەتتە كېيىن ئازراق ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن .
   بۇندىن باشقا (Dennis Gartman) نىڭ قارىشىچە 2015 - يىلى پاي چېكى بازىرى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ، يەنە خام نېفىت باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ 40 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .
    پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆپ مىقداردا خام نېفىت ئېھتىياجى ئېشىشى مۇمكىن بىراق خام نېفىت تەمىنلەش ئېشىشىغا يېتىشەلمەيدۇ .



ياۋرونىڭ دوللارغا بولغان نىسبىتى 2010 - يىلدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى

       شىن لاڭ مالىيە-ئىقتىساد خەۋىرى ، بۈگۈن 2015 - يىلىدىكى بىرنچى سودا كۈنى بولۇپ ، دوللار كۈچىيىشى بىلەن ، دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ كەتتى ، ياۋرونىڭ دوللارغا بولغان نىسبىتى  2012 - يىلدىكى 1.20470 تۆۋەن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، 2010 - يىلدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ، نۆۋەتتىكى باھاسى 1.20461 نۇقتىغىچە بولدى ؛
         شۇنىڭ بىلەن تەڭ ، ئاۋسترالىيە دوللىرى ، فوندستېرلىڭ ، ياپونىيە يېنى ۋە كانادا دوللىرىنىڭ دوللارغا بولغان نىسبىتى ئوخشاشلا تۆۋەنلىدى .
      2014 - يىلى دوللار كۆرسەتكۈچى تەخمىنەن 11.97% ئۆرلىدى ، ھەم دوللارنىڭ باشقا ئاساسى پۇللارغا بولغان نىسبىتى 2014 - يىلى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئاساستا ئىشىش بولدى ؛ ئامېرىكا ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كەتكەچكە ، ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ۋە ياۋروپا ، ياپونىيىنىڭ كەڭ سىياسىتى كېڭىيىپ ياپونىيە يېنى ۋە ياۋرونىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،  بۇ ئەھۋاللارمۇ ئوخشاشلا دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە  تۈرتكە بولدى .





دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى

       1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 92.63 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 90.52 ، ئوتتۇرچە باھاسى 89.97 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.30% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 92.626 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا  90.65 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 90.5499 ، سېتىلىش باھاسى 90.5599 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  90.2849 بولدى .   

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 15:45:26

شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتۇن يەنە ئۆرلەرمۇ ياكى ئۆتكەنكى گىرامى 220 يۈئەنلىك باھاغا يېنىپ كىتەرمۇ؟
پۇلنىڭ قىممىتىنى يوقۇتۇپ قويمايدىغان، ئۇزاق مەزگىللىك ئەڭ بىخەتەر مەبلەغ سىلىش ئۇسۇلى ئالتۇن ئىلىپ قويۇش دەيدىغان قاراش ھازىرمۇ پۇت تېرەپ تۇرالامدۇ؟

hakan1865 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 16:04:47

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-01-03 15:45:26 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتۇن يەنە ئۆرلەرمۇ ياكى ئۆتكەنكى گىر
بۇ ئالتۇن ئۆرلەپ چۇشۇشىنىڭ بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋتى بارمۇ ؟؟؟ئالتۇننڭ باھاسى چۇشكەندە ئىلىپ ئۆرلىگەندە سىتىپ پايدا ئالىدغان ئوخشايدۇ دىسەم, بىر دوستۇممۇ بانكىدىن مەۋھۇم ئالتۇن ئىلىپ ئۆرلىگەندە سىتىپتىكەن تاپقان پۇلىمۇ تايىنلىق. بولسا مۇشۇ جەھەتتە ئوبدانراق تەلىم بەرگەن بولساڭلار ؟؟؟كەچۇرۇڭلار ،ئەجەپ تۆۋەن سەۋيەلىك سۇئال سوراپ قالدىم :(

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 16:26:07

مەنمۇ قىززىقىۋاتىمەن  بۇ  سۇدىغا..

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 16:32:27

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 15:45 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتۇن يەنە ئۆرلەرمۇ ياكى ئۆتكەنكى گىر ...

ئالتۇن دىگەن ھامىنى ئالتۇن (ماۋۇ نەق، ھەقىقى بويۇم ئالتۇن كۆزدە تۇتۇلدى)
ئالتۇن ئوتتا كويمەيدۇ، سۇدا ئاقمايدۇ.
ئالتۇن ئاسانلىقچە ئوزگىرىپ (باشقا نەرسىگە) كەتمەيدۇ.
.....................
نۇرغۇن سۇپەتلىرى بىلەن پۇلغا تەڭداش بولغان بۇ نەرسە ( ئالتۇن) نىڭ باھاسى ئوسۇپ - چۇشۇپ يۇرمەيدۇ.
ئۇسۇپ - چۇشۇپ يۇرىيدىغىنى سىلىنىڭ قوللىرىدىكى ئالتۇن ئالىدىغان ياكى ساتىدىغان پۇل (نىڭ سېتىۋالىش كۈچى)
سىلىنىڭ 10 يىل ئاۋال ئالغان 80گرام ئالتۇنلىرى ھازىرمۇ شۇ 80گرام پېتى، ھەرگىزمۇ ئورلەپ ياكى چۈشۈپ يۇرگىنى يوق.
1گىرام ئالتۇن ساتقان پۇلغا ( دەل شۇ ۋاقىتتا) 1 گرام ئالتۇن كەلمەيدۇ.
بۇ بانكىدىمۇ شۇنداق، زەگەردىمۇ شۇنداق.
شۇنداق بولغاچقىلار ئاۋۇلار پايدا ئېلىپ زىيان تارتمايدۇ.

ئامما بۇ ئالتۇن دىگەن شۇنداق بىر نەرسىكى، دولەت، ھوكۈمەت، پۇل، مەدەنىيەت ئايرىمايدۇ، ھەممىسى ئوخشاشلا قىممىتى بار دەپ قارايدۇ ھەم ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 10:08:48

ئېشنچى پۇل بولسا ئالتۇن ئېلىپ قويسا بۇلامۇ؟ياكې ياۋرۇ ئېلىپ قويسابۇلامۇ؟ياكې دوللار ئېلىپ قويسا بۇلامۇ ؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:37:35

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 15:45 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتۇن يەنە ئۆرلەرمۇ ياكى ئۆتكەنكى گىر ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز؟ بۇ ھەپتە پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇھىم يىغىن ۋە سانلىق ئۇچۇرى ئىلان قىلىندۇ ، ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئىلان قىلىنغان سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ نەتىجىسىدىن كۆرۋىلىشقا بولدۇكى ، بۇ ھەپتە جۈمە كۈندىكى نەتىجە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن ؛ شۇڭا بۇ ھەپتىنىڭ بىردىن چارشەنبە كۈنگىچە ئالتۇن باھاسىدا چوڭ تەۋرىنىش بولمايدۇ ، پەيشەنبە ، جۈمە كۈنى تەۋرىنىش چوڭراق بولىدۇ، يەنى ئاۋال چۈشۈپ ئاندىن ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بار ؛
2015 - يىل 1 - پەسىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئېھتماللىقى يۇقىرى ، شۇڭا بۇ قېتىم ئالتۇن باھاسى چۈشكەن ۋاقىتتا ئېلىپ ساقلاپ قويۇشقا مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن .

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:51:24

hakan1865 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 16:04 static/image/common/back.gif
بۇ ئالتۇن ئۆرلەپ چۇشۇشىنىڭ بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋت ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ چۈششى : بىرنچىدىن ، دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ؛ ئىككىنچىدىن ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك ؛ ئۈچىنچىدىن ، يەرلىك سىياسەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ؛ يەنى ، ھېندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش .
ئادەتتە بانكىلارنىڭ سودا سېستىمىسىدا ئالتۇن سودىسىنى قىلغاندا 1:1 نىسبەت بويىچە سودا قىلىدۇ ؛ مەسلەن : 1كىلو ئالتۇن سودىسى قىلىش ئۈچۈن 240000 يۈەن پۇل بىلەن سودا ئېلىپ بارالايسىز ؛ ھەممە ئادەمنىڭ بۇ باھادا سودا قىلىشقا قۇربى يەتمەسلىكى مۇمكىن ،  ئادەتتە سودا قىلدىغانلار 10گىرام ياكى 100گىرام ئەتىراپىدا ئالتۇن ئېلىپ سودا قىلىدۇ ، شۇڭا بۇنىڭ پايدىسىمۇ چەكلىك بولىدۇ ؛
لېكىن بىزنىڭ سودا سۇپمىزدا بولسا 2500 يۈەن  بىلەن1 كىلو ئالتۇن سودىسىنى قىلالايسىز ، شۇڭا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان پايدىمۇ ئەلۋەتتە بانكىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ .
بۇ سودىنى قىلغاندا سىزنىڭ قايسى سودا سۇپسىنى تاللىشىڭىزغا باغلىق ؛

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:57:41

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 10:08 static/image/common/back.gif
ئېشنچى پۇل بولسا ئالتۇن ئېلىپ قويسا بۇلامۇ؟ياكې ياۋرۇ  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ ئەگەر سىز بۇ سوئالنى 3 ئاي ياكى يېرىم يىل ئىلگىرى  سورىغان بولسىڭىز دوللار ئېلىڭ دەپ تەۋسىيە قىللاتتىم ، ئەمما ھازىر دوللارنىڭ باھاسى يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى ، ھەر ۋاقىت چۈشۈش ئېھتىماللىقى بار ؛ شۇڭا ھازىرقى ئەھۋالدا دوللارنى ئېلىش مۇۋاپىق ئەمەس  .
دوللار چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ياۋرو  ياكى ئالتۇن ئېلىپ قويسىڭىز بولىدۇ ؛

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 11:45:31

uyaltun يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 16:57 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ ئەگەر سىز بۇ سوئال ...
ۋالەيكۇم ئەسسالام
تەكىلپ بەرگىنڭزگە كۆپتىن- كۆپ رھمەت
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 1-2