جۇڭگو-رۇسىيە بىرلىشىپ دوللارغا جەڭ ئېلان قىلماقچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 15:43جۇڭگو-رۇسىيە بىرلىشىپ دوللارغا جەڭ ئېلان قىلماقچى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
تېڭشۈن تورى خەۋىرى | يوللىغان ۋاقىت : 02-01-2015
رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو رۇبلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل پۇلنى قەرەللىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سودىدا ئىشلىتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ دوللارغا تايىنىپ قېلىشىنى تۆۋەنلىتىپ، كەلگۈسىدە دوللارغا نىسبەتەن خىرىس ئېلىپ كېلىدىكەن. بىراق، دوللار يەنىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق زاپاس پۇل بولغاچقا، جۇڭگونىڭ بۇ قارارى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوللارغا نىسبەتەن پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلالمايدىكەن.
رۇسىيە شەرق مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى سېرگىي ئېيلىن (Sergei A Lin) نىڭ قارىشىچە، جۇڭگو دوللارنىڭ سودىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىدىكەن. سودىدا خەلق پۇلى ۋە رۇبلى ئارقىلىق ھېسابات قىلىش مەلۇم دەرىجىدە رۇسىيە-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دوللارغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئاجىزلىتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە سودىسىدىكى پەقەت %10 سودا بىۋاسىتە ئىككى دۆلەت پۇلى ئارقىلىق ھېسابات قىلىنىدىكەن.
رۇسىيە «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى گېزىتى» ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىدا دوللارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن. بۇ خىل شارائىتتا، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى كەلگۈسىدە خەلق پۇلىنى مالايسىيانىڭ رېڭگىتى، رۇسىيە رۇبلىسى ۋە يېڭى زېلاندىيە دوللىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قەرەللىك سودىدا ئىشلىتىدىكەن.
مەنبە: http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0102/3005-40.html
ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ ئىقتىسادىي خەۋەرلىرىنى كۈندە كۆرۈڭ، كۈندە ئاڭلاڭ: www.erqal.com
خەۋەرلىرىمىزنى ئاۋازلىق ئاڭىلىيالايسىز، ئەپ دېتالىمىزنى يان تېلفونىڭىزغا قاچىلاشنى ئۇنتۇماڭ!
ئالمىنىڭ نوكىيا بىلەن مىكروسوفتنىڭ بىرلەشكەنلىكىگە بەرگەن باھاسى يادىمغا كەپقالدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KAPITAN39 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 21:03
نۆۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە سودىسىدىكى پەقەت %10 سودا بىۋاسىتە ئىككى دۆلەت پۇلى ئارقىلىق ھېسابات قىلىنىدىكەن.
دۆلىتىمىز بىلەن رۇسىيە سودىدا ئامىركا دوللىرىنى بايقۇت قىلغان ئوخشايدۇ دىسەم:o 2015-2017گىچە تاماششانىڭ پەيزى باردەك تۇيىلىدۇ . ئىكراننىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشكە تەرەددۇتلىۋاتمەن ھازىر تاراتقۇلاردىكى تىلماچلار خەۋەر دېگەننى ئالامەت ئاقسا تەرجىمە قىلىۋىتەمدۇ نېمە، مانداق تەرجىمە خەۋەرلەردە ئۇيغۇر تىلى بەك ئاقسا كۆرۈنىدىكەن. ھازىر تورلاردا مۇشۇنداق ئاقسا تەرجىمە خەۋەرلەر كۆپۈيۈپ قالدى دىسە..... ئالىكساندورۇف ئىنكاس يازمىسا بۇ تىمىا قىزىزىمايدۇ ھەقىچان Alisher يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 22:26 static/image/common/back.gif
ئالىكساندورۇف ئىنكاس يازمىسا بۇ تىمىا قىزىزىمايدۇ ھەق ...
ئۇ ئىنكاس يازسا بۇ تېمىمۇ ئۇزۇنغا بارماي تاقىلىدۇ ياكى ئۆچىرىلىدۇ دېگەندەك ئىشلار بولىدۇ. شۇڭا يازماي تۇرسا سىلەر دېيىشسەڭلار شۇ ياخشىمىكىن. رۇسسيەنى يۆلەپ قۇيىلى دەپتۇدە. بىراق رۇس ئېيىقى بەك ئېغىر، كۈچۇنۇپ كىتەرمىكىن دوللارنى باي قۇت قىلسا ئاچ قالدۇ بۇ خەق {:92:} خەتنىڭ ئۇستى - ئاستىغا يېزىلىشى نىمە مەنە چىقىردۇ ؟ روسيە تاراتقۇلىرى يازغان خەۋەرلەرگە ئۇنچە بەك ئىشىنىپ قايناپ كەتمىگۈلۈك birmoo يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 23:29 static/image/common/back.gif
خەتنىڭ ئۇستى - ئاستىغا يېزىلىشى نىمە مەنە چىقىردۇ ؟
بۇ يىغىننى قايسى مەملىكەتتە ئاچقان بولسا، شۇ خەت (يېزىق) ئۈستىدە بولىىدۇ .
شاڭخەي ھامكارلىق تەشكىلاتىدا ئادەتتە 2 خىل تىل ئىشلىتىدۇ، ***ستانلار روس تىلىنى ئىشلىتىدۇ .
otanqi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 20:43 static/image/common/back.gif
2015-2017گىچە تاماششانىڭ پەيزى باردەك تۇيىلىدۇ . ئىكراننى ...
بۇ تاماشا ئەمەس، سىزمۇ شو رولللارغا چىقىپ قالارسىزمىكىن، :lol بانكىدىكى پۇللىرڭىزنىڭ ياكى مۇئاشىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتسە تاماشا دەپ ئولتۇرامسىز؟ خەنزۇچە چۈشىنەلىسىڭىز ئوقۇپ قۇيۇڭ.
http://bbs.tianya.cn/post-worldlook-1349953-1.shtml ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تورداشلار مەن مىسرانىم مۇنبىرىدىكى دۇران18 يېقىندىن بۇيان ئىزدىنىش مۇنبرىدە روسىيە ۋە رۇبلى كىرزىسى توغرىسىدىكى تىمىلارنىڭ قايناپ كىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ پېقىرمۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ كىردىم. كەمىنىنىڭ شەخسى قارىشىچە پۇتىن دۇنيادىكى ئەڭ قابىلىيەتلىك،ئەڭ قۇۋ،ئەڭ تەجرىبىلىك رەھبەر! كىچىك بوش،چىنى،روبىرت گايتىس،قاتارلىق ئەڭ قابىل ئۇرۇشخۇمار سىياسىيونلاردىن تەشكىللەنگەن ئامرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىمۇ، روسىيەگە 8يىل پۇت ئېتىپ پۇتىننى تېيىلدۇرىمەن دەپ ئۆزلىرى تېيىلىپ كەتتى.ھىچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان ئۇيەربۇ يەردە قاتراپ كاپشىپ پو ئىتىپ خەقكە قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئاۋۇ قارمەدەك پۇتىنغا سەر بولالماسمىكىن... مەنبەسى دەپ ئەرقال توربىتىنىڭ ئادرىسى بېرىلىپتۇ.بۇ خەۋەرنى ئۈزەڭلار يازغانمۇ ياكى تەرجىمە قىلغانمۇ؟ ziyali يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 11:55 static/image/common/back.gif
مەنبەسى دەپ ئەرقال توربىتىنىڭ ئادرىسى بېرىلىپتۇ.بۇ خە ...
بۇ تەرجىمە خەۋەر، شۇڭا «ئەرقال تەرجىمە قىلدى» دەپ يازدۇق، ئەسلى مەنبەسىنى «تېڭشۈن تورى خەۋىرى» دەپ ئەسكەرتتۇق، ماۋۇ ئۇيغۇرچىسى بولغاچ ئۇيغۇرچە مەنبەسىنىمۇ قوشۇپ قويدۇق. :) duran18 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 11:42 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تورداشلار مەن ...
ھەقىقەتەن سىياسىيۇن بۇلۇشقا لايىقكەنسىز.. داۋاملىق كۇز-قاراشلىرىڭىزنى سۇزلەپ باقسىڭىز:handshake ErqalMedia يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 14:05 static/image/common/back.gif
بۇ تەرجىمە خەۋەر، شۇڭا «ئەرقال تەرجىمە قىلدى» دەپ ياز ...
چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
ئەڭ ئۈستىدىكى ئەسكەرتىشىڭىزنى كۆرمەي قاپتىمەن.كەچۈرۈم سورايمەن.
خەۋەر ماۋزۇسى بەك دېققەتنى تارتىدىكەن.شۇڭا قايسى مەنبەدە شۇنداق خەۋەر چىققانلىقىنى بىلگىم كەپ سوراپ باققىنىم ئىدى. Hizir يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 14:38 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىش تور بېتىنىڭ كۈنى ئاخرلاشقان ئوخشىمامدۇ؟ باشق ...
ئىزدىنىش بېكىتىنىڭ كۈنى ئۇنچە ئاسان ئاخىرلاشمايدۇ.
ئەمما خالىسىڭىز سىز ئۈچۈن ئايرىم ئاخىرلاشتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ:handshake بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anw8735 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-3 18:31
ھەر ئىككىلىسى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ھىلىگەر دۆلەتلەر تۇرسا قانداقمۇ بىرلىشەلەيدىغاندۇ؟.