pultap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 15:02:42

ساخاۋەتچى قېرىنداشلارغا مۇراجەتنامە



ئەسسالاممۇئەلەيكۇم  قېرىنداشلار؟

شۇ تاپتا بۇ تىمىنى ناھايتىمۇ خىجالەتچىلىك ئىچىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئەسلىدە بولدىلا يازمايلا قۇياي دىگەنىدىم،لىكىن مۇھتاجلىق  ئادەمنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن، ھەركويلارغا باشلايدىكەن،ئادەمنىڭ تىلىنى قىسقا قىلىپ قويىدىكەن.. كۆپ ئويلىنىپ ،مۇقىم بىر قارارغا كىلىش ئارقىلىق ،ساخاۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ قالارمەنمۇ دىگەن ئۈمۈتتە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

يەنىلا گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي تېڭىرقاۋاتىمەن...ئۆزۈم نامرات بىر دىھقاننىڭ پەرزەنتىمەن،ئاتا-ئانام كىچىكىمدىلا ئاجىرشىپ كەتكەن،تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇمىغانىدىم،لىكىن جەمىيەتكە چىقىپ بىر نەچچە يىلدىن كىيىن،ئوقۇشسىز قېلىپ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىققا يول قويغانلىقىمنى،ئۆمۈر بۇيى نادان پېتى ئۆتۈپ كىتىشنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەنىدىم،،ئۆزۈم ئارزۇ قىلغاندەك ئوقۇش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشتىم،لىكىن ئۆزۈم ئىشلەپ يىغققان 3مىڭ سوم پۇل ئوقۇش ھەققى،ياتاق ھەققگە تۆلەپ،ھەم تاماق يەپ تىزلا تۈگەپ كەتتى،دامدىن پۇل سوراشقا يۈزۈم چىدىمايدۇ،ئۆي سالىمەن دەپ خەخكە قەرىز بوپ قالغان دادامنىڭ كۈنىمۇ ناھايتى تەس،ئوقۇشتىن چىكىنەي دەپ نەچچە ئويلىدىم،ئەمما ماڭائاران بىر كەلگەن ئوقۇش پۇرسىتىمدىن ۋاز كەچكىم كەلمىدى،ھەم بىر نەچچە ئايلىق ئوقۇش پۇلىنىمۇ تۈلەپ بوپتىكەنمەن،پەقەت تاماققا كەلگەندە،شۇنچە تىجىسەممۇ پۇل يىتىشتۈرەلمەي قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەۋاتىمەن.بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن،ئۇنى ئوقۇشقا كىلىشتىن بۇرۇنلا ئويلاشقانىدىم،لىكىن سائەتلىك ئىشلەيدىغان مۇۋاپىق بىرەر خىزمەت ئورنى تاپالمىدىم،تاپقان تەقدىردىمۇ ئىشلەيمەن دەپ يۈرۈپ دەرىس كاللىغا كىرمەيدىكەن..ئۈرۈمچىدىكى ساخاۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئەگەر ئىشەنمىگۈچىلەر،ياكى گۇمان قىلغۇچىلار بولسا تىلفۇندا ئالاقىلاشساقمۇ بولىدۇ_يانفۇن نۇمۇرۇم_13899859479...



.

...بۇ مىنىڭ يېزا ئىگلىك بانكا كارتامنىڭ نۇمۇرى_6228480898320491571

pultap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 15:36:51

بۇ تىمامنى تەستىقلاپ تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشتۈرگەن، باشقۇرغۇچى قېرىندىشىمغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن..

ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا،ئۈرۈمچىدىكى ساخاۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئاددىرسىنى،ياكى نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسا تۇلۇمۇ مىننەتدار بولاتتىم.كۆپچىلىككە رەخمەت.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 16:57:59

مېنىڭ 2000-يىللاردىكى ئەھۋالىمدا ئىكەنسىز. مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا بىرەر باي ساخاۋەتچى مەندەك ئوقۇشقا ھىرىسمەن، يۈرىكىدە ئوت كۆيىدىغان تىرىشچان ياشقا ياردەم قىلمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم، ھەتتا بىر-ئىككىسىگە ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ خەت يېزىپ باقتىم. نېمىسىنى دەي، ھېچكىم مېنىڭ كەچ كۇرۇس، شەخسىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىرەر نەتىجە يارىتالىشىمغا ئىشەنمىگەن ئىدى. مەن ھەتتا شۇ يازغان خېتىمدە مېنى قانچە يىل ئوقۇشۇمغا ياردەم قىلغان بولسا ، ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كىيىن شۇنچە يىل ئىشلەپ بىرىشغىمۇ ئېيتقان. بۇنىڭغىمۇ قىزىقمىدى. مەن شۇ ۋاقىتلار بۇ بايلارنىڭ كۆزى نىمانچە كىچىك، يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، ئېغىزىدا بەك كاتتا ، پاساھەتلىك گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەن بىلەن مەندەك بىر كىتابخۇمار ياشنى قوللىمىدى دەپ قاقشاپ، خاپا بولۇپ يۈرگەن ئىدىم. كىيىن ئويلىسام ئۇلار كۆپنى كۆرگەن، تەجىربىلىك بولۇپ كەتكەن كىشىلەر بولغاچقا مېنىڭ ئوقۇپ بىرەر ساھەدە نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەپتىكەنتۇق. :lol
بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقىسا دەرس كاللىغا كىرمەيدىكەن دېگەن گېپىڭىز ئۆزىڭىزگە كۆرسىتىۋاتقان بىر باھانە بولۇپ قالمىسۇن، ئاۋۋال ئوغۇل بالىنىڭ ئەقەللىي قورساق مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ ئوقىغان كىتابلىرىمۇ كاللىسىغا چۈشۈپ كېتىشى ناتايىن. ئوغۇل بالا ئانچە-مۇنچە ئىشلىگەچ ئوقۇسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. كۈندۈزلىرى ئاشخانامدا ئىشلەپ كەچلىك كۇرۇستا ئوقۇڭ، كۈندۈزلىرى ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز ئاشخانىنىڭ كەچلىك بازىرى باشلىنىشتىن بۇرۇن كىلىپ ئىشلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ياتاق-تاماق مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىپ بەرگەندىن سىرت ئايدا 300 كوي ھەق بىرىمەن دېگەن ئىدى شۇ ۋاقىتتىكى ئىزھار تېز تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى. مەن بىر قىش يەنى 6 ئاي ئەتراپىدا شۇ ئاشخانىدا بىر ياقتىن ئىشلەپ تۇرۇپ كەچلىك كۇرۇسلاردا تەمتىلەپ يۈرگەن ئىدىم.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 17:47:02

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 16:57 static/image/common/back.gif
مېنىڭ 2000-يىللاردىكى ئەھۋالىمدا ئىكەنسىز. مەنمۇ شۇ ۋاقى ...

مېنىڭچە ئاۋۇ ئاشخانا خوجايىنى بەك جايىدا گەپ قىپتىكەن. بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇش رايۇنىمىزدىكىلا ھادىسە ئەمەس. چەتئەللەرگە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا چىققان نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئاشۇ ياشلارمۇ شۇنچە جاپالىق ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇپمۇ يەنە ئۆزىگە يات تىلدا ئوقۇپ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يەتتى. ھەتتا دۇنيا ئېتراپ قىلىدىغان كاتتا ئالىملاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.
شۇڭا تېما ئىگىسىگە تەۋسىيە: ئۆزىڭىز ھەققىدە تېخىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىڭ!

pultap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 19:37:32

كونىلاردا ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە،كۈچۈڭنى خار قىل دىگەن گەپ بار.ئەگەر  ئىشلەپ ئازراق ئىختىسادىي قىممەت يارىتىپ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرىشىمغا ئىمكانىيەت بولسىدى،توردا ھەرگىزمۇ قېرىنداشلارغا چىراي سارغايتمىغان بولاتتىم.
بىلىمەن،ئېغىر ئىختىسات كاساتچىلىغى بۇلۋاتىدۇ،ھەممىمىز تەستە كۈن ئېلىۋاتىمىز،بۇنچىلىق قىيىنچىلىق ئۈچۈن ياردەم سوراش كەتمەيتتى،لىكىن قانداق قىلىپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنى راسلا بىلەلمەيۋاتىمەن.

كۈندە ئۇچۇر تورىغا كىرىپ خىزمەت ئىزدەيمەن،تىلفۇن قىلىمەن،ئىرىشىدىغان جاۋابىم،سائەتلىك خىزمەتچى قۇبۇل قىلمايمەن،دىگەندىن ئىبارەت،پەقەت خىزمەت چىقمىدى ئەمەس،چىقتى،شۇ بىر نەچچە كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئالمىشىپ بارغىلى بولىدىغان،ئىشلەش ۋاختى ئۇزۇن شۇنداق خىزمەتلەر چىقۋاتىدۇ،مەسلەن مەن ئەتىگەن 8دىن 10غىچە ئوقۇيمەن،ماڭا ئۇچۇرغان خىزمەتلەر بولسى،10.30دىن كەش سائەت 11.30لەرگىچە ئىكەن،بۇنداق ئىشلىسەم دەرىس تەكرارلاشقا ئازراقمۇ ۋاقىت يىتىشمىسە يەنە ئۆگەنگەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟
قانداق قىلىش كېرەك؟تۇلا ئويلىنىپ مىڭەمنىڭ قېتىقى چىقىپ كىتەي دەپ قالدى..

يۇرتتىكى ۋاختىمدا ،ئۈرۈمچىدە ساخاۋەت ئورۇنلىرى،ۋە ساخاۋەت تەشكىلاتى بار دەپ ئاڭلىغانىدىم،مىنىڭ مۇشۇ ئەھۋالىمدىن قارىغاندا ياردەم بىرىلىش ئوبىيكتى بۇلۇشقا ماس كىلەرمەنمۇ؟

بىلىدىغانلار ماڭا چۈشەنچە بەرسەڭلار؟


  يەنە بىر ئىش،،،،مەندە بىر قىسىم كىتاپلار بار،مەسلەن،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئويغانغان زىمىن،ئىككى قىسىم...ئانا يۇرت 5-نەشىرى 1-قىسىم،جاللات خېنىم بىرىنچى قىسىم،ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە،ئۆزلۈك ۋە كىملىك قاتارلىق كىتاپلار بار....ھازىرقى قىيىنچىلىقتىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن شۇ كىتاپلارنى سېتىۋېتىش قارارىغا كەلدىم،،يۇقارقى كىتاپلاردىن بىرەرىنى ئالسام،دىگۈچىلار تىمىدىكى نۇمۇرغا تىلفۇن قىلساڭلار،ئۈرۈمچىدە بولساڭلار مەن يەتكۈزۈپ بىرىمەن...

كۆپچىلىككە رەخمەت..

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:16:03

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 16:57 static/image/common/back.gif
مېنىڭ 2000-يىللاردىكى ئەھۋالىمدا ئىكەنسىز. مەنمۇ شۇ ۋاقى ...

ئۈرۈمچىدە بىر ئادەم بارغۇ ، سىز شۇنداق ئېناق ئۆتكەن ،ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئېنگىلىزچە دەرىسلەرنى بېرىپ شۇنداق يېقىن ئېدىڭلار، ئەپسۇس ئۇ ئادەم بىر كۈنى قەشقەردە دۇككىنىڭىزغا كىرسە بىر پىيالە چاي قۇيالماي مەن ئالدىراش دەپلا چىكىتىپ قاپسىز. ئۇ ئاكا دوستىڭىزنىڭ قاتتىق كۆڭلىگە كەپتۇ. سىز ھەر قانچە بىرزات بولسىڭىزمۇ لېكىن ھەممىمىز ئىنسان بىز.  بۇ ئىنكاسىم پەقەت ئۆتمۈشنى بىر ئەسلىتىش خالاس. ئىلىم شەيتاندىمۇ بار ئىدى توشاقلا...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:25:16

ئۆزۈڭدە يوق ئالەمدە يوق

بىلىمغا قىززىقسىڭىز ئۇنى قاچان ئۆگىنەي دىسىڭىز ئۆگىنەلەيسىز

سىز ئاۋال يۇرتقا قايتىپ تىرىشىپ ئىشلەپ دادىڭىزنى قەرىزدىن قۇتۇلدۇرۇڭ  ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشمۇ بىر بىلىم

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:27:15

ئىسمىڭىزنى نىمىشقا ‹‹bilim al››  دەپ قويماي ‹‹pultap›› دەپ قويىسىز:lol

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:59:16

ھازىز قۇرۇق گەپ قۇلىقىڭىزغا خوش ياقمايدۇ بىلىمەن . شۇنداقتىمۇ سىز ساخاۋەت تەسكىلاتىدىن ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈڭ . ساخاۋەت تەشكىلاتنىڭ پۇلى ئاقكۆڭۈل ئادەملەرنىڭ ئىئانىسىدىن كىلىدۇ ، شۇڭا ساخاۋەت قىلىشنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشمىگەن ئادەمگە بېرىلمەيدۇ . سىز ئۆزىڭىزنى ئۆلچەمگە چۈشىمەن دەپ ئويلايسىز ، بىراق تەشكىلات ھەيئەتلىرىنىڭ ئىچىدە سىزنى بۇ ئۆلچەمگە چۈشمەيدۇ ، پۇت قولى ساق بولغاندىكىن ئىشلەپ ئوقۇشىنى قامدىسۇن دەيدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ ، چۈنلى ئۇلارغا سىزدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئەھۋالدا قالدىغانلار كۆپ ئۇچىرىغان . پۇلنى نەچچە ھەيئەت بىردەك قوشۇلغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدا قوشۇلمايدىغانلار جىق چىقىشى ئېنىق .
ساخاۋەت ئەترىتى قۇرغۇچى يېنىدىن چىقىرىپ ياكى بىرەر ساخاۋەتچى يېنىدىن چىقىرىپ سىزگە ئىككى يۈز يۇەن بەرسە مىنىڭچە يەتمەيدۇ . شۇڭا سىز يەنىلا ئىشنىڭ يولىنى قىلغاچ تۇرۇڭ ، ۋاقتىنچە قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن مانچىلىك پۇل كېرەكتى دىسىڭىز سانى ئازىراق بولسا مەن ئامالىنى قىلىپ باقساممۇ بولىدۇ . بۇ پەقەت بىر قېتىمغىلا  ئىشلەيدۇ . بولسا ئاشخانىلارغا چۈشلۈك بېسىق ۋاقتىدا ياردەملىشىدىغان ئىشمۇ بولىدىغان ئامال ، ئەھۋالنى خوجايىنغا دىسىڭىز چوقۇم ياق دىمەيدۇ ، تەشۋىق ۋاراق تارقىتىپ بېرىدىغان ، يۈك بېسىش ئورنىدا كەچقۇرۇن يۈك بېسىشىپ بېرىدىغان ئىشمۇ ئىزدىسڭىز چوقۇم تېپپىلىدۇ . تورغا قاراپ ئولتۇرۋالماي چىقىپ ئىزدەپ كۆرۈڭ . تېلېفۇن بېرىپ ئۇقۇشماي دۇكانمۇ ـ دۇكان كىرىپ ئۇقۇشۇڭ بۇ نۇمۇس ئىش ئەمەس . پۇل بولماسلىق قىيىنچىلىق ئەمەس ، ئۆزىنى يېڭەلمەسلىك قىيىنچىلىق .

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:04:05

قېرىندىشىم سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن.سىز باشقىلاردىن بولۇپمۇ بايلاردىن قەتئى قەتئى ئۈمۈت كۈتمەڭ !!ھازىر ئىشەنمىسىڭىز كىيىن چوقۇم ئىشىنىپ قالىسىز.دەنشىدە دىگەن گىزىتتىكى ئويدۇرما ئارلاش گەپلەرگە ئىشەنمەڭ،تەخدىرىڭىزدە ئاللاھنىڭ بىر ھىكمىتى بار رىسقىڭىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدە باشقىلارنىڭكىدە ئەمەس سزىز ئاۋال رىسقىڭىز ئىلكىدە بولغان زاتقا يېىقىنلىشىڭ ،ئۇنداق وقۇشنى تاشلاڭ كەمبەغەللىكتىن يېڭى تەپەككۇر ئەمەس ھۆتەل چىقىدۇ!سىز بەك ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان بولسىڭىز باشقىلار ياردەم قىلاتتى ،ئەمدى سىز يۇرىتقا قايتىپ ياكى رىسقىڭىز كەڭرەك يەرگە بىرىپ رىسقىڭىز ئىلكىدە زاتنى تونۇشنى ئۈگەنگەچ دەرھال نەپ بىرىدىغان خەنسۇچە ئۈگەنگەچ يەنە ئىھتىياجلىق بىلىملەرنى ئۈگەنگەچ دادىڭىزغا ياردەملىشىڭ ئىلىمنى مەكتەپتىنلا ئالمىساقمۇ بولىۋىرىدۇ،يەنە تەكرالاپ دەپ قوياي بايلاردا ئىچ ئاغرىتىش دىگەن ئىلىمىنىت مەۋجۇت ئەمەس مەيلى قايسى قەۋىمدىن بولىشىدىن قەتئى نەزەر

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 21:26:12

قېرىندىشىم، بۇ كۈنلەرمۇ ئوخشاشلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، مەكتەپلەردە ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلار بار، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئالالمىسىڭىزمۇ مەنچە يۇرتىڭىزدىن ئىسپات ئەكەلسىڭىز ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئالالايسىز، ھازىر بىر مەۋسۈمدە 1500 يۈەنغۇ دەيمەن، ئازراق غەيرەت قىلسىڭىز تەتىلمۇ كېلىدۇ، شۇڭا ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ، ئىلگىرى مەنمۇ بەك جاپادا ئوقۇغان، سىزنىڭ ھالىتىڭىزنى چۈشىنىمەن، مەنمۇ ئۈچ تۆت كۈن كۈنىگە ئاران ئۈچ ۋاقلىق ھەر ۋاقلىقىغا بىر نان يەپ ئۆتكۈزگەن، ئاچ قالغانغا ئادەم ئۆلۈپ قالمايدۇ، مۇھىمى ئوغۇلبالىلىق غەيرىتىڭىز ئۆلۈپ قالمىسۇن، بۇ كۈنلەرمۇ ئوخشاشلا ئۆتۈپ كېتىدۇ........

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 23:23:17

بىر چاغلاردا مەنمۇ تىل ئۈگىنىمەن دەپ ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىپ ئۈرۈمچىگە باراتتىم . ئەمما پۇلنى پاك - پاكىز خەجلەپ بۇلۇپ دەرھال ياناتتىم . شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ .
تىماڭلىغا قارىسام خوتەندىن ئوخشايسىلە ، ياخشىسى قايتىپ كىلىپ پۇل تېپىڭلا . ئازراق پۇل تېپىپ بىلىڭلىنى رۇسلىۋېلىپ ئاندىن ئۈگەنسەڭلىمۇ بۇلىدۇ . يانچۇق توم ، قورساق توق بولمىسا تەس .
يېشىڭلا 22 دىن ھالقىغان بولسا بويتاقلىقنى تاشلاپ خۇتۇندىن بىرنى ئېلىپ ئىككىڭلا ئىشلەڭلا شۇنداق قىلغاندا بەلۆىم ئىشلىرىڭلا تىز يۈرۈشىشى مۇمكىن .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 23:24:54

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 11:57 static/image/common/back.gif
مېنىڭ 2000-يىللاردىكى ئەھۋالىمدا ئىكەنسىز. مەنمۇ شۇ ۋاقى ...

ئىنگىلىزچىنىمۇ شۇ ۋاقىتتا كۇرستا ئۈگەنگەنمۇ بىرزاتكا :lol

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 00:04:13

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 11:23:11

parakende يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 23:24 static/image/common/back.gif
ئىنگىلىزچىنىمۇ شۇ ۋاقىتتا كۇرستا ئۈگەنگەنمۇ بىرزاتك ...

شۇنداق. شۇ ۋاقىتلاردا ئۈگەنگەن.

self يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 11:24:36

خەنزۇچىنى راۋان تەرجىمە قىلالىسىڭىز  مىنىڭ ئازىراق ھاجىتىم بار شۇنى قىلىڭ
18709917427

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

pultap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:20:21

anw8735 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 12:01 static/image/common/back.gif
((بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇييدىغان خىزمەت  ...

مۇشۇنداق كۈنلەر بېشىڭىزغا كىلىپ قېلىشتىن خۇدايىم سىزنى ساخلىسۇن.

pultap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:22:55

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 20:25 static/image/common/back.gif
ئۆزۈڭدە يوق ئالەمدە يوق

بىلىمغا قىززىقسىڭىز ئۇنى قاچ ...

بۇنچىلىك قىيىنچىلىقنى دەپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچكىم يوق.

pultap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 14:24:13

self يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 11:24 static/image/common/back.gif
خەنزۇچىنى راۋان تەرجىمە قىلالىسىڭىز  مىنىڭ ئازىراق ھا ...

ھازىرچە تېخى ئۇ سەۋىيەگە بارمىدىم...ھازىرقىدەك تىرىشىدىغانلار بولسام چۇقۇم راۋان تەرجىمە قىلالىغۇدەك سەۋىيەگە بارىمەن ئۇزۇنغا قالماي.
بەت: [1] 2 3
: ساخاۋەتچى قېرىنداشلارغا مۇراجەتنامە